تەغدىرىم دەيمۇ 1قىسىم- تەسىرلىك ھىكايە
ئالتە ياش ۋاقتىمدا قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى دادامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدىم، شۇ كۈندىن باشلاپ دادامنىڭ ئاپىسى بىچارە ئاپامغا زادىلا ئاراملىق بەرمىدى، ئانام يەكلەشلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىر مېنى موماملارغا تاپشۇرۇپ ئۆزى يىراقلارغا توي قىلىپ كېتىپ قالدى…
موماملارنىڭ ئۆيىدە مومام،مەن،تاغام،تاغامنىڭ ئوغلى تۆتىمىز تۇراتتۇق، تاغام بۇرۇن بىر قىتىم ئۆيلىنىپ بالىلىق بولغان ،لىكىن نەچچە يىلدىن كىيىن چىقىشالماي بالىسنى ئېلىۋىلىپ ئاجىرشىپ كەتتى، بۇ ئۆيدە قىز بالا بولمىغاچقا مومام جاپادا قالدى. تاغامنىڭ ئاچچىقى يامان بولغاچقا مەن زادىلا ئەركىن بولالمايتتىم، خاتا ئىش قىلسام ھەتتا ئۇرۇپمۇ قوياتتى.
نەچچە يىل ئۆتۈپ مەنمۇ ئون نەچچە ياشقا كىرىپ قالدىم ، ئۆيدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىگەچكە بىر خىل مىسكىن يۈرەتتىم، شۇ كۈنلەردە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە دائىم كېلىدىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇ مەندىن بىر ياش چوڭ بولۇپ ئىسمى دانىيە ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مودا ياسىنۋالغان تۇرقى، ساددىلىقى چىقىپ تۇرغان ئوماق چىرايى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى، بارا بارا ئۇنىڭ بىلەن دوسمۇ بولۇپ قالدىم، لىكىن ئۇ مىنى ئىنىسدەكلا كۆرەتتى، نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم ،لىكىن ئۇ رەت قىلدى. 
كۈنلەر سەۋدايىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، بىر كۈنى دانىيە تىلفۇن قىلىپ قالدى.
- ئەزىمەت ، ئەمدى مېنى ئۇنتۇپ كەتكىن، مەن توي قىلىدىغان بولدۇم ، ئاتا ئاناممۇ قوشۇلدى.
- دانىيە، نېمە دەۋاتىسەن، سەن تېخى كىچىكقۇ، ئوقۇشۇڭنى قانداق قىلىسەن.
- ئوقۇشتىن چېكىندىم، ھەممىنى قارار قىلىپ بولدۇم ، بىر گەپ بار ئىدى، دەيمۇ، بولدىلا كېيىن ئۆزۈڭ بىلىپ قالارسەن.
-ئۆتۈنەي مېنى ئۇنداق ئازاپلىما.
-كەچۈر…
كىيىن بىلسەم مەن ھاياتىم دەپ يۈرگەن دانىيە دادام ئورنىدا تۇردىغان شۇ تاغام بىلەن توي قىلىدىكەن ئەمەسمۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرەكلىرىم پارە پارە بولۇپ كەتتى… لىكىن نېمە ئامال ، توسۇشقا ئامال قىلالمىدىم.
مانا ئۇ ئاق پەرىشتىنىڭ ئۆزى بوپتۇ، تاغام ئىككىسى قولتۇقلىشىپ مەرىكە زالىغا كىردى، مەندىن باشقا ھەممىسنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم. 
داۋامى بار.




374 قېتىم كۆرۈلدى ئەزىمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-13 15:06:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ