يول خىتى - 2 - قىسىم - ھىكايە

يول خىتى - 2 - قىسىم - ھىكايە

ئابدۇرەشىت

 

...ئۇ بۈگۈن شۇنداق سىپتا كېيىنگەن ئىدىكى بارلىق نوخسانلاردىن خالى،ئىففەتلىك ۋە نۇمۇسلۇق كۆرنەتتى.ئۇ بىشىنى يەردىن كۆتەرمەي كېلەتتى،ئۇ گويا نازۈك خېرىستال شېشىگە ئوخشايتتى.ئۇ چۈشۇپلا كەتسە سۇنۇپ كىتىدىغان خىرىستالدەك نازۈك كۆرنەتتى.كونىلارنىڭ:

«كۆڭىل شېشىسىدەك نازۇك نەرسە دۇنيادا يوق،كۆڭىل-كۆڭىلدىن سۇ ئىچەر»دېگىنى قاسىمنىڭ كوڭلىدىن كەشتى،
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا تىترەك ئولاشتى،ئۇ نىمە ئۈچۈن تىترەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.
جانان بېشىغا ئانچە-مۇنچە يېشىل ئارلاشقان سېرىققا مائىل شاكىلات رەڭ ياغلىقىنى تۈرىك قىزلىرنىڭ پوسۇنىدا كىلىشتۇرۇپ چىرايلىققىنا چىگىۋالغان ئىدى، ياغلىق ئۇنىڭ رۇخسارىغا تولىمۇ ياراشقان بۇلۇپ ئۇنىڭ سۈتتەك ئاق يۈزىگە شۇنداق ئاجايىپ خۇرشىد ئەيلىگەن ئىدىكى ئۇنى تەخىمۇ ئاي پەرىلەردەك گۈزەل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ كىلىشكەن ژىلۋا بويىغا ئۆلچىگەندەك تىكىلگەن يارشىملىق يوپكا-پىلاتىسى ئۇنىڭغا تەخىمۇ يارش قان ئىدى.پۇتىدىكى ئىگىز پاشنىلىق تاڭكىسى ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق نازاكەتلىك، نازۇك، لاتاپەتنى ئاتا قىغان بۇ ھال ئۇنىڭدىكى بايا ئېتقان‹ مومايلىق›سۈپەتتىن بىراقلا خالاس قىلىپ، بۈگۈن ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرلىپ كەتكەنىدى.لىكىن يەنىلا ئۇنىڭ رويى ھالىتىدە قانداقتۇر بىر خىل ئاچچىق تۇمان يۇشۇرۇلغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىمكان بار بۇ ھالىتىنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇشقا ئۇرناتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىكى قەيسەرلىك ئۇچقىنى ۋە ۋۇجۇدىدىكى ئۈمۈتۋارلىقى تەخە ئۆچمىگەن ئىدى ئۇنىڭدىكى ئىشەنچ كۇچى چاقناپ تۇراتتى. ئۇ بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلدى،قاسىم بىلەن ئىككىسى دايىم دىگىدەك مۇشۇ ئۇرۇندا ئۇچۇرۇشۇپ قا لاتتى.شۇ سەۋەپتىنمىكىن بۇلار بارغانسىرى يېقىن كىشىلەردەك تۇيغىلارغا كىلىشىپ قالغان ئىدى.
قاسىم نىمە ئۈچۈندۇر تىترەۋاتاتتى،ئۇ ئۆزىنى ھىچ بىر كونتورول قىلانمايتتى. بۇنى سېسىپ قالغان جانان يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ،ئۇنىڭغا كۇچ-قۇۋەت ئاتا قىلدى ۋە ئۇنى غەپلەتتىن ئويغاتتى.جاناننىڭ قوڭغىراقتەك  سۈزۈك نازۈك،سۆيۈملىك نىداسى ئۇنىڭغا راستىنلا مەدەت بەردى. بۇ سۆيۈملىك نىدا گويا ئۇنىڭغا تاڭ ساباسىنىڭ يېقىملىق كۈيدەك سادا بىرەتتى. قاسىم مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن ئادەمدەك جانانغا تىكىلىپ ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندە ئۇنىڭغا يەنە نازۈك بىر گۈلدۈر ماما ئاڭلانغاندەك بولدى،ئۇ تەخىچە تىترەۋاتاتتى. ـــ بەزگەك كېسىلى بۇلۇپ قالدۇممۇ نىمە دەيتى ئۇ چۇچۇپ،ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ جانانغا قاردى،جانان ئۇنىڭغا قارغانچە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ تۇراتتى.جانان دىمىسىمۇ ئاجايىپ گۈزەللەردىن ئىدى. ـــ ئۆتكەندە بۇ جانان نىمە بۇلۇپ ماڭا مومايلاردەك كۆرۈنگەن بولغىتى؟قاسىم يەنە ئوي لاشقا ئۈلگۈرەلمىدى.
ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپەندىم! يەنىلا بۇ يەردە ئىكەنسىز،يەنىلا ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق، سالامەتمۇ سىز، سىزنىڭمۇ «يول خىتى»ڭىز پۈتمەپتۇ- دە، كۈنلىرىڭىز مۇشۇ يەردىلا ئۆتكەندەك ئۆتتى-دىدى جانان ئارقا-ئارقىدىن سوئال قويۇپ. 
ئاھ، خۇدا! جاناننىڭ جانان چىنىدەك يېقىملىق قوڭغىراق ئەۋازىدىن قاسىم ھۇشۇنى يوقۇتۇپ قويغىنى تاس قالدى.
ـــ ئىشلىرڭىز پۈتمەۋاتامدۇ ؟سورىدى يەنە جانان. قاسىم چۆگۈلىتىپ قويۇپ بەرگەن ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى، ئۇ دەرھال ئىسىگە كىلىپ،ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى:
ـــ ھە، مەرھابا سىڭلىم ، ئۆزىڭىزمۇ كەلگەن ئىكەنسىز، سالامەت تۇرۋاتامسىز، سىزمۇ يەنە كەلگەن ئىكەنسىزدە، بۈگۈن تولىمۇ جۇشقۇن كۆرنىسىز،خىلىلا تۈزۈك تۇرسىزغۇ دىيەلىدى قاسىم.لىكىن ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل تىترەك بار ئىدى.
ـــ شۇنداق ئەپەندىم بىز ھەرقاچان ئۈمۈتۋار بولمىساق بولمايدۇ،ئۈمۈتۋارلىق ئىنسانغا كۇچ-قۇۋەت ئاتا قىلىدۇ ئەمەسمۇ ،غەيرەتسىزلىك ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ مەنمۇ بۇ يولدا ھارماي ماڭدىم ،بىز ئۈچۈن بۇ ئىشلار مۈشكۈنلىك بولسىمۇ يەنىلا بۇ بىزنىڭ ھوقۇقىمىز.بۇ يەرگە مەن قانچىلىغان قېتىم كەلگىنىمنى ئۆزەممۇ بىل مەيمەن،بىر خىل كۇچ ماڭا ئۈمۈت بىغىشلايدۇ.دايىم قارسام سىزمۇ بۇ يەردىن كېتەلمەي قالدىڭىز،شۇڭا سىز بىلەن بىر ئاز پاراڭلىشاي دەپ بۇياققا قاراپ كەلدىم ،شۇڭا غەيرەتلىك بۇلۇڭ! خىلى كۈنلەر بولدى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن،سىزمۇ بۇ يەردىن كېتەلمىدىڭىز ئورتاقلىقىمىز باردەك قىلىدۇ،شۇڭا سىزگە ھىسداشلىق قىلىپ يېنىڭىزغا كەلدىم-دىدى جانان قاسىمغا ئۇ نەزىرىنى يېراقلارغا تاشلىدى.قاسىم مۇنداق ئۈمۈتۋار غايىلىك ئاياللارنى تۈنجى قېتىم كۆرۋاتقاندەك ئۇنىڭدىن كۇچ-قۇۋەت ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزنىڭ كۈتكەن ۋاختىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدى.ئۇنىڭغا بۇ دۇنيا تەخىمۇ گۈزەل،تەخىمۇ ماتانەتلىك تۇيلىپ كەتتى.
دىمىسىمۇ بۇ دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل -دە! ئۇنىڭغا قانداقتۇر يەنە بىر خىل مەنىۋىيەت قوشالغاندەك بولدى.ئۇنىڭ كۆڭلى ئىچىلىپ قالدى،نىمە ئۈچۈندۇر ئۇ خۇشال ئىدى،ئۇ ئۆز قەپىزىگە سىغماۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتاتتى.بۇلۇپمۇ جاناندىكى ئەدەپ ئەخلاق ،ئىففەت،ھايا،نازاكەتلىك ھاللار ئۇنىڭغا  تولىمۇ سۈيۈملىك تۇيۇلدى.ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ جەمىيەتتىكى بىر قىسىم نايناقلارنى ئۇ كۆز ئالدىغا ئەككەلگەندە ئۇنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى.شۇڭا ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ جانانغا بارغانسىرى ھۆرمىتى ئىشىۋاتاتتى.بۇنى سەزگەندەك ئاي پەرى قاسىم بىلەن ياندىشىپ مېڭىپ ئۇنىڭغا كۆڭىل قويغان ھالدا:
ـــ ئەپەندىم كۆڭلىڭىز غەش ئەمەستۇ؟يول خىتى ئىلىش سىزگە بىر ئاز ھار كەلگەندەك تۇردۇ،بۇنىڭغا ئۇنچىلا  ئۇپراپ كىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق! ھاياتنىڭ ئوي-جاڭگاللىرى كۆپ ئۇنىڭدىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتىش ئۈچۈن ئەقىل-ئىدرەك،ۋە سەۋرە-تاقەت كېرەكتە-دە دىدى جانان ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن.
ـــ ياقەي سېڭلىم،بۇنىڭغا مەنمۇ ئانچىلا تاتىشىپ كەتمىدىم،بىراق نىمە ئۈچۈندۇر بۇ ئىشلار بىزگىلا قېيىن بولىدىغانلىقىغا ئىچىم پۇشۇۋاتىدۇ شۇ-دىدى قاسىم. نازىن:
ـــ قويۇڭ ئۇ گەپلەرنى باشقا گەپلىرىڭىز يۇقمۇ، كۆڭىلنى غەش قىلىدىغان مۇنداق گەپلەرنى قىلماي كۆڭىلنى خوش قىلىدىغان ۋە ئادەمگە ئۈمۈت بېغىشلايدىغان گەپلەرنى قىلىشايلى بولامدۇ-دىدى ئايپەرى چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ. جاناننىڭ قوڭغىراقتەك نازۈك ئەۋازى يەنە جىرىڭلىدى، قاسىمنىڭمۇ يۈرەك تارىسى يەنە  چېكىلگەندەك بولدى  قاسىم تەخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇ نازىننىڭ ئۆزىگە مۇنچىلىك مىھرىبانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ بەختىيارلىق ھىس قىلدى.
ــــــ ۋادىرىخا! ئاھ ،خۇدا! جانان يەنە گەپ قىلدى، ئۇنىڭ بۇ سۈزۈك بۇلاقنىڭ سۇيدەك شېرىن ئەۋازى يۈرەكلەرنى سەگىتىپ ئورۇنلىردىن قوزغىۋىتەتتى. جاناننىڭ قائىل قىلارلىق يېقىملىق سۆزلىرى بىلەن گۈزەل سىماسى خۇددى پۈتۈن ئەتراپنى قوشۇپ ئىرىتىپ يەر ئەسراتىغا تاتىپ كىتىۋاتقاندەك سېزىم بىرەتتى. قاسىم بۇ قابائەتلىك چۈشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەشكە ئۇرناتتى.... 
داۋامى بار.....




496 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-15 2:39:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ