قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 5- قىسىم

 قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
    2- بۆلۈم 5- قىسىم   


   مەن سىرتقا ماڭغاچ كارۋاتتا سۇنايلىنىپ ياتقان تېنىمغا قاراپ شۈركىنىپ كەتتىم ، ماڭماي دىسەم بىر خىل كۈچ مېنى مەجبورى ئېلىپ كىتىۋاتاتتى .ھەيران قالارلىغى زۇلىمەت كىچە  كۆزۈمگە كۈندۈزدەك يورۇق كۆرىنىۋاتاتتى . دەسلەپتە تونۇش يوللار ، تونۇش مەھەللىلەردىن ئۆتتۈم ھەم مەھەللە سىرتىغىمۇ چىقتىم ، مېڭىش سۈرئىتىم شۇنداق تىز ئىدى ، تاپىنىم يەرگە تىگىۋاتامدۇ يوق بىلمەيتتىم ، بەدىنىم پەيدەك يەڭگىل ، چارچاشنى ھېس قىلمىدىم پەقەت ۋۇجۇدۇمدا قورقۇش ، يالغۇزسىراشلا بار ئىدى، خۇددى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغاندەك. بۇ چاغدا ھېلقى مەخلوق تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ كىلىپ ماڭا چاڭگال سالدى ، ئۇنىڭ بارماقلىرى ، تىرناقلىرى ئۇزىراپ بەدىنىمنى ئارغامچا كەبى چاڭگاللاپ ئورىۋالدى ، ئۇنىڭ كۈچەپ چاڭگاللىشىدىن بەدەنلىرىم سىقىراپ ، قوۋۇرغىلىرىم بىر - بىرى بىلەن كىرىشىپ كەتتى ، ئۇ مېنى ئېلىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى ،  بۇ ۋاقىتتا ئۆزەمنى خۇددى بورانغا ئۇچۇرغان يۇپۇرماقتەك ھېس قىلدىم ،ئاستىمدا پايانسىز چۆللۈكلەر ، قۇملۇق ، سايلىقلار ، ئېدىرلىقلار قالدى ، شۇنداق ئۇچۇپ بىز بارغان سىرلىق رايون ئاسمىنىدىن ئۆتتۇق ، ئۇنىڭ جەنوبىدا يەنە دوڭلۈكلەر ، قۇملۇقلار كۆز يەتكۈسىز سوزۇلۇپ يېتىپتۇ ، يەنە تېخى كىچىك بىر يېشىللىققا تولغان دوڭلۈكنىڭ ئاستىدا بىر يۇرتنى كۆردۈم ، ئۇ يۇرت ئەتىراپىدا توغراقلىقلار  كۆللەر باركەن ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ بىر يارداڭلىق ئىچىگە كىردۇق ، ئۇ يارداڭلىق ئوتتۇرسى  شۇنداق چوڭ دائىردە يومىلاق ئويمانلىق بولۇپ بىز پەسكە قاراپ شۇڭغۇدۇق ، ئۇ شۇ چاغدا ماڭا قاراپ ئېغىزىدىن قارا ئىس پۈۋلىدى شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىنى كۆرەلمىدىم ، پەقەت قۇلۇقۇمغا كىرىۋاتقان غەيرى ئاۋازلارنىلا ئاڭلىدىم ، بۇ ئاۋازلارنىڭ بەزىلىرى بىر ئاڭلىماققا ئاياللارنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازلىرىغا ئوخشىسا ، بەزىلىرى قاتتىق يىغلىغان ، ئېچىنىشلىق چىقىرغان ئاۋازلارغىمۇ ئوخشايتتى ، يەنە بەزى ئاۋازلار مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ھەم خىرىس قىلغان ، ئىتنىڭ ھاۋشىغان ھەم غىڭشىغان ،ئىشەكنىڭ ھاڭغىرغان ئاۋازلىرىغا ئوخشايتتى . قانداق جايلاردىن ئۆتكىنىمنى بىلمىدىم ئەگىرى - بۈگىرى ، ئىگىز - پەس مېڭىۋاتقىنىمىزنى ھېس قىلدىم ، ھەرخىل خىرقىراش ، ھەرخىل تىللارنى ئاڭلىدىم بۇ خىرقىراشلار ھەرقانداق بىر ھايۋاننىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايتتى ، بۇ غەلىتە تىللاردا سۆزلەنگەن گەپ - سۆزلەر ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭمۇ تىلىغا ئوخشىمايتتى ، تەلەپپۇزىدىن بىر ئاڭلىماققا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشىسا ، بىر ئاڭلىماققا خەنزو تىلىغا ياكى مۇڭغۇل تىلىغا ئوخشاپ كىتەتتى ، مەن شۇنچىلىك دىققەت بىلەن ئاڭلاپمۇ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىدىم ، خۇددى ئۇ تىل ، گەپ - سۆزلەر خۇددى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستەكلا .
قانچىلىك يۈرگىنىمىزنى ، قانداق يەرگە كىرىپ قالغىنىمىزنى بىلمەيمەن ، قانداق غەلىتىلىكلەرنى ئاڭلىغىنىمنى سىلەر ھەرگىز تەسسەۋۇر قىلالمايسىلەر ،بىر چاغدا كۆز ئالدىمدىكى تۇمان تاراپ يۇغان بىر غارنىڭ ئوتتۇرسىدا  تۇرۇپتىمەن، بۇ غار ئادەتتىكى غارلارغا پەقەت ئوخشىمايتتى ،ئەتىراپ  يۇمىلاق شەكىلدە ئۈستى گۈمبەز ، شۇنچىلىك چوڭ بولسىمۇ بىرەر تال تۆۋرۈك قويۇلمىغان ، ئەتىراپقا چىقىدىغان ئىشىكلىرى كۆپ ، لېكىن سىرتتىن بىرەر غۇۋا يورۇقلۇقمۇ كىرمىگۈدەك پۇختا ئىدى ، پەرىزىمچە بۇ غار يەر ئاستىدىكى غاردەك قىلاتتى . يېنىمدا مېنى تۇتۇپ كەلگەن جىن ئاجايىپ بىر ئولجىنى قولغا چۈشۈرگەن ئوۋچىدەك غادىيىپ مەغرورلارچە  ئەتىراپقا قاراپ تۇراتتى . غار ئىچىدە ھېچقانداق ئوت يالقۇنى ياكى يۇرۇقلۇق مەنبەسى بولمىسىمۇ كۈندۈزدەك يورۇق ئىدى . ئەتىراپىمدا نەچچە مىڭدەك غەلىتە، مەخلوق چىراي ئادەم بەدەن ئالۋاستىلار ، بەتبەشىرە ھايۋانلار ، ھەتتا ئادەملەرمۇ بار ئىدى ، دەسلەپتە بۇ ئادەملەرنىڭ قانداقلارچە بۇ مەخلوقلار ئىچىدە قورۇقماي تۇرۋاتقاندۇ دەپ ئويلاپتىمەن كىيىن دىققەت قىلىپ بىلدىمكى ئۇ ئادەملەر جىندىن ئۆزگەركەنكەن .ئۈستۈمدە ئىس تۈتەك ئوراپ تۇرغان ئادەم كاللىلىرى ئۇچۇپ مېنى ئايلىنىشقا باشلىدى ، بۇ چوڭ غاردا نەچچە مىڭدەك  جىن - ئالۋاستى ، ئەرۋاھ بولسىمۇ ھەممىسى ماڭا كۆرۈپ باقمىغان نەرسىنى كۆرىۋاتقاندەك تىكىلىپ تۇرىشاتتى . يېنىمدىكى جىن مەندىن قولىنى بوشاتتى .مەن بورە توپى ئىچىدىكى قوزىدەك غالىلداپ تىتىرەپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، ئەتىراپتىكىلەر ماڭا قارىغىنىچە غالجىرلىغى تۇتقىلى تۇردى ، بايىلا« ئادەم» سىياقىدا كۆرۈنگەن جىنلار ئەمدىلىكتە ھەرخىل قورقۇنۇچلۇق سىياقلارغا ئۆزگۈرۈپ قىلىۋاتاتتى .ئۇلار ھەرخىل شەكىللەردە ، ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىپ مەن تەرەپكە قىستاپ كىلىشكە باشلىدى .ئۇلارنىڭ چىشلىرى ئۇزىرىدى ، ئېغىزلىرى يىرتىلىپ كەتكەندەك يۇغان ئېچىلدى ، كۆزلىرىدىن قىپ - قىزىل نۇرلار چاقناشتى ، بەزىلىرىنىڭ پۇت - قوللىرىدىن تۈكلەر چىقتى ، بەزىلەرنىڭكى بولسا قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئايلاندى ، ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلاشتى ، مەخلوق ھايۋانلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن قان قۇيۇلدى ، ئۇلار شۇ تاپتا ماڭا ئېتىنلىنىشقا تەييارلىنىپ بولىنغانتى .
 ئەقلىم ھەيران بۇنداق ۋەھشى مەنزىرىنى ئۆمۈرىمدە كۆرۈپ باقمىغانكەنمەن ،ئۇ چاغدا يۈرۈگۈمنىڭ يېرىلىپ كەتمىگىنىگە ھەيرانمەن .
مەن ئوتتۇردا بىر تال چىكىتتەك يىگانە ھالدا قورقىنىمدىن تۈگۈلۈپ كىتىۋاتاتتىم ، ئۇلار بولسا   سەلدەك يامىراپ مېنى يۇتۇشقا ئاز قالدى ، شۇ چاغدا يەر جاھاننى زىل - زىلىگە سالغۇدەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى .
 - ئۇنىڭغا تەگمەڭلار!!!
ئاۋاز چىققان ھامان ھېلىلا يۇپۇرلۇپ كەلگەنلەر ئىسقا ئايلىنىپ دەسلەپتىكى ئورنىغا قايتىشتى ، مەن ھەيران بولۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە بويۇندىدىم . ئاۋاز غارنىڭ  بىر تەرپىگە ھەيۋەت سۈپە ياساپ تەخىت ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىن چىققان ئىدى ، دەسلەپتە دىققەت قىلماپتىكەنمەن ئەمدى بىلدىمكىن ، ئۇ جايدا يۇغان ساپسېرىق ئالتۇن تەخىت تۇراتتى ئۇنىڭ يېنىدا بىر پارچە قارا ئىس توپلىنىپ يۇغۇرلىنىپ بىر گەۋدىگە  ، بەستلىك، ئىگىزلىگى   ئىككى يېرىم مىتىر كەلگۈدەك  مەخلۇققىمۇ ، ئىنسانغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىرىگە ئايلاندى  ، ئۇنىڭ بېشىدا ھەرخىل رەڭدىكى جاۋاھىرات ،ئەڭ ئىسىل تاشلار نەقىشلەنگەن ئالتۇن تاج، قوپال قولىدا ياقۇت ،رەڭلىك ئالماس ،يەنە قانداقتۇ ئىسىل گۈھەرلەر نەقىشلەنگەن ھاسسا تۇراتتى ، ئۇ  تەخىتكە چىقىشىغا بارچە مەخلۇق ، جىن - ئالۋاستىلار ئۇنىڭغا تىزلىنىپ باش قويۇپ سالام قىلىشتى ھەممە جاي جىمجىتلىققا چۆمدى .
- سەن بۇياققا كەل !-ۋاقىردى ئۇ ماڭا قاراپ :
مەن ئاستا ئورنىمدىن تۇردۇم ، ئۇ مېنىڭ قورقىنىمدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ماڭالمايۋاتقىنىمغا قاراپ ئاچچىغى كەلدى بولغاي بىر سىلكىنىپلا يوقاپ ئالدىمدا پەيدا بولۇپ بوينىمدىنلا چاڭگاللاپ سىغدىدە:
- ئەبلەخلەر ، قولۇمغا چۈشتىڭلارمۇ ، سىلەردە قان - قەرىزىمىز بار ، سىلەر نەچچىڭلارنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادىڭلارمۇ تۆلەپ بولالمىغۇدەك قەرىزىڭلار بار ،- دەپ ھۆكۈردى .
مەن ئۇنىڭ قولىدا چوڭ ئادەمنىڭ قولىدىكى بۇۋاقتەك جان تالىشىپ تىپىرلاپلا قالدىم ، كۆزۈم ئۇنىڭ چىرايىغا چۈشتى ، ئۇنىڭ چىرايى دەرەخ قوۋزىغىدەك قورۇق بىلەن تولغان بولۇپ ، سۆزلەۋاتقان ئېغىزى گاھى يۈز قىسمىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگۈدەك يۇغان ئېچىلسا ، گاھى شەپەرەڭنىڭ قان شورايدىغان ئېغىزدەك كىچىكلەپ سېسىق بۇس تارقىتاتتى ، كۆزى يۈز قىسمىغا ماس ھالدا يۇغان كاماردەك قاپقارا ھالەتتە كۆرىنەتتى ، قۇلاقلىرى يوق ئورنىدا ئىككى تۈشۈك تۇراتتى .
- ئاڭلا ؟-دىدى ئۇ دەم ئالالماي تىپىرلىغىنمغا پەرۋامۇ قىلماي،- ساڭا ھەم باشقا ئاۋۇ چۈپىرەندىلەرگە بىر پۇرسەت بىرەي ، تىزدىن ئوغۇرلاپ قاچقان قېلىچلارنى قايتۇرۇڭلار ، بولمايدىكەن ئەمدى روھىڭلارنىلا ئەمەس جىسمىڭلارنىمۇ ئېلىپ كىلىپ ،روھىڭلارنى قۇل ، جىسمىڭلارنى يەم قىلىپ تۈگىتىمىز ، ئاڭلا بۇ جازا سىلەرگىلا  ئەمەس، پۈتۈن قەۋمىڭلارغىچە بولىدۇ  ، سىلەر ئەڭ باشتا ، كىيىن قەۋىمىڭلار توختىماي جازالىنىپ ، ئەڭ ئېغىر ئازاپلارغا ،قارغىشقا كىتىسىلەر ! ئاڭلىدىڭمۇ؟؟؟
 ئۇ مېنى سىلكىدى ، گىلىم بوغۇق بولغاچقا ، ئېغىزىمدىن زۇۋان چىقىرالمىدىم، ئۇ مېنى تېخىمۇ قاتتىق سىلكىپ ۋاقىردى :
- سەن چۈپىرەندە قارا سەن كۆرگىنىڭ قوشونىمنىڭ ئاز قىسمى خالاس ،كۆرسەڭ يۈرۈگۈڭ يېرىلىدۇ ، سىلەر ئادەم مەخلوقلىرىدىن كۆپ قوشونۇم بار ، تەلىيىڭ باركەن ، سەن بۈيۈك جىنلار پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىۋالدىڭ ، ئەقلىڭ بولسا قېلىچلارنى تىز تاپشۇر ، مەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولاي ، يوقال !!!
  ئۇ گېپىنى تۈگۈتۈپ مېنى بىر قونچاقنى ئاتقاندەك ئاتتى ، مەن ئۈچۈپ بېرىپ بىر قۇيۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم ،ئەتىراپتىن نۇرغۇنلىغان قوللار مېنى تۇتماق بولدى شۇ چاغدا ، ئىسمىمنى چاقىردىڭلار ، بۇ ئاۋاز مېنى قۇيۇن ئىچىدىن سۆمۈرۈپ چىقتى ، كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى كۈچلۈك يورۇقلۇق بولدى ، تۇيۇقسىز  سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتىمەن  ، بۇ چۈشۈممىدۇ ياكى ئوڭۇممىدۇ؟
 تۇرغۇن بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ قېتىپلا قەپتىمىز ، ئۇنىڭ دىگەنلىرى مەيلى ئوڭى بولسۇن ياكى چۈشى بولسۇن يۈرۈكلىرىمىزنى سىقىپ بولغان ئىدى .
- ھەي گەپ قىلىڭلارچۇ ؟ - دىدى ئۇ قېتىپ ئولتۇرغان تايىر بىلەن تۇرغۇنغا قاراپ .
- توۋۋا ! - دىدى تۇرغۇن ،- بۈگۈن كىچە زادى قانداق كىچە ؟ ھەمىمىزلا بۇنداق ئىشلارغا تەڭ ئۇچۇرغىدەك ، بۇرۇن باشتىن ئۆتكۈزمىگەن بولساق جان بىرەكەنمىزمۇ نىمە؟
ئىسكەندەر بۇ گەپتىن ھەيران قالدى :
- سىلەرگە نىمە ئۇچۇردى ، سىلەرمۇ غەلىتە ئەھۋاللارغا ئۇچۇرغان ئوخشىمامسىلەر؟
 تايىر بىلەن تۇرغۇن ھېلىلا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى بىر ياقتىن ئىسكەندەرگە سۆزلەپ بەردى .
- يائاللا ! ئادەمنى ئەنسىرەتتىڭلارغۇ ئەمدى ،- دەۋەتتى ئىسكەندەر بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن .
-ئەمدى قانداق قىلىمىز؟- سورىدى تۇرغۇن تايىرغا قاراپ .
- ئەتە ھەممىمىز يىغىلىپ ،مۇزاكىرلىشىپ ئاندىن بۇ ئىشنىڭ بىرەر ئامالىنى قىلايلى،- دىدى تايىر ، موشۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىنى نۇرغۇن سۇئاللار قاپلىۋالغان ئىدى .
- ئۇلار قېلىچلارنى قايتۇرۇڭلار دەمدۇ ؟- سورىدى تايىر
- ھەئە ،- باش لېڭشىتقاچ جاۋاپ بەردى ئىسكەندەر .
- بۈگۈن كىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى قېلىچلارغا مۇناسىۋەتلىككەن ، ئىسكەندەر سېنىڭ كۆرگىنىڭ راستىنلا جىنلار شاھى ئوخشايدۇ .
- نىمە دىدىڭ ؟- تۇرغۇن ھەيران بولۇپ سورىدى ،- بۇ چۈشىدە كۆرگەن ئىشىنى دەمسەن ؟
- ياق ! چۈشى ئەمەس ، ئۇلار ئۇنىڭ روھىنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ بېرىپتۇ .
تايىرنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىسكەندەر بىلەن تۇرغۇننىڭ كۆزلىرى يۇغىناپ كەتتى .
- ئادەمنى قورقاتمىغىنە؟- تۇرغۇن ئىشىنەلمەي سورىدى ،- ئۇلار بۇنى تۇتۇپ ئېلىپ بارماي قېلىچلارنى ئېلىپ كەتسىلا بولمىدىمۇ؟
- دۆتكەنسەن ، ئۇلار جىن ، ئالۋاستى تۇرسا ، جىن - ئالۋاستىلارنىڭ تىغدىن قورقىدىغىنىنى بىلمەمسەن ؟
-ئەمىسە ئۇلار ئۇ ئۆزلىرى قورقىدىغان نەرسىنى ئېلىپ نىمە قىلىدۇ ؟- سورىدى ئىسكەندەر .
- مەنمۇ موشۇنى بىلمەكچى ، ئۇلار  بۇنچە قاتتىق ئىزدەپ قېلىچلارنى نىمە قىلىدۇ ؟ قېلىچلارنىڭ قانداق سىرى بار ؟ مەن چۈشۈمدە كۆرگەن بۇۋاي كىم ؟ئۇ نىمىشقا قېلىچلارنى تىلغا ئالىدۇ؟ ماڭا بەرگەن خەرىتە قەيەرنىڭ خەرىتىسى ؟  ئەگەردە قېلىچلارنى ئۇلارغا بەرسەك قانداق ئېلىپ كىتەلەيدۇ؟ ئۇلار ئەجىبا بۇ قېلىچلاردىن قورۇقمامدىغاندۇ؟
ئۇلار بۇ سۇئاللارغا باش قاتۇرۋاتقاندا خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
 بۇ ئۈچ ئاغىنە تاڭ ئاتقاندا ئۇخلاپ قېلىشتى ، كۈن دەرەخ بويى ئۆرلىگەندە سەمەت كىلىپ بۇلارنى مەجبورى ئۇيغاتتى .
- ھەي بەكلا قالماشمىدىڭلار جۇمۇ ، مېنى چاقىرماي كىچىچە ئويناپ چىققان ئوخشىمامسىلەر ؟
 ئۇنىڭ ئالا - تاغىل ۋاقىراشلىرىدىن ئۈچىسى كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئامالسىز تۇرۇپ كىتىشتى .
- پوقنى ئوينامدۇ ؟ - غۇدۇڭشىدى تۇرغۇن .
- ئاخشام سېنى چاقىرماي چاتاق قىپتۇق راس سەنمۇ تازا بىر ئوينىۋالساڭ بوپتىكەن ،- تايىرنىڭ بۇ گېپىدىن ھەممىسى كۈلۈشتى.

ئاخىرى بار…
     





1460 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 15:38:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-19 2:15:09 鬼丫头
2-بۆلۇم14-قىسىمنىڭ ئاخىرىنى يىزىپ بولاممىدڭىزمۇ ئاخىرىنى ئوقۇشقا بەك تەققاززا بوپ كىتىپ بارىمەن ،كۇندە ئۇندىدارغا قارىساملا بىر قىتىمدىن ئىچىپ ئىزدەپ باقىمەن ،بەك ياخشى يىزىپتىكەنسىز دوسلۇرۇمغا ئوقۇپ بەرسەم ئۇلارمۇ ،ۇنداق ياقتۇرۇپ قالدى ئەسەرلىرڭىزنى . جاپا چەكتىڭىز سىزگىمۇ رەھمەت ،مومكىن بولسا بىر كۇندە بىر قىسىم بولمىسمۇ ئىككى كۇندە بىر قىسىمدىن يىزىپ ئۈلگۇرتىپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى .
2017-2-19 13:35:32 راھىلە
مەن بۇ ئەسەرنىڭ 1بۈلىمىنى ئاڭلاپ قىززىقىپ قېلىپ 2كۈن ئىچىدە ئاڭلاپ تۈگەتتىم شۇنىڭ بىلەن مەن نەچچە كۈن كېچىسى تالاغا قورقۇپ چىقاممىدىم ئەمدە مەن بۇ ئەسەرنى قايتا قايتاائاڭلاپلا تۇرۇپ تۇلا كۆرۈپ قورقمايدىغان بۇلۇپ قالدىم ئەمما بەك ياخشى يىزىپسىز ئەسەرنى خۇددى راستەكلا بىر ئاڭلىغان ئادەم ئشىنىپ قالغۇدەك
2017-2-17 6:30:35 گۈزەل
قورقونۇشلۇق سىرلىق رايون دىگەن ئەسەرنى ياختۇرۇپ قالدىم بىراق 5 - قىسىمىغىچە ئوقۇيالدىم ئاخىرنى تاپالمىدىم
2017-2-17 0:37:06 metro
رەھمەت ئەزىزلەر ، ساقلىتىپ قويساممۇ رەنجىمەي ئوقىۋاتىسىلەر ، ئالدىراش بولۇپ كىتىپ ۋاقتىدا يازالمايۋاتىمەن ، كەچۈرگەيسىلەر
2017-2-16 23:45:53 مېترۇ
ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم بەك ياخشى يېزىلىپتۇ قەلىمىزگە دەرت كەلمىسۇن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن رەخمەت جاپا چەكتىڭىز سىرلىق قەلپ مېنى جالاڭ 15894182620
2017-2-16 19:04:51 تۈن ئەرۋاھى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىتروكا ياخشىمۇسىز ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئەسەرنى يېزىپ يوللاپسىز رەھمەت جاپا چەكتىڭىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ