قىش پەسلىنىڭ جۇدۇن كۈنلىرى ئىدى ،ئۇ سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىمۇ قىلماستىن قازان بېشىدىكى ئايالىغا نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بىر ھازا قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن قۇلىغا كەتمەننى ئالدى دە، ئىتتىك مېڭىپ چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭ مۇشۇ چىقىپ كەتكەنچە ئاخىردا نەچچە كۈن ئۈتە -ئۆتمەي ئاخىردا بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ قايتىپ كىلىشى ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ قايتۇرۇپ كىلشىنى ئايالى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى..... ئاينۇر بىلەن سەمى ئىككىسى بىر نەۋرە ئاكا -سىڭىللار بولسىمۇ ئەمما ئۇلار بويىغا يەتكۈچە بولغان نەچچە يىل مابەينىدە تۈزۈك بىر كۈرشۈپ باقمىغان ھەتتا بىر -بىرنىمۇ ئانچە بىلىشىپ كەتمەيتى ،ئاينۇرنىڭ ئاتا -ئانىسى يىراق يېزىدا دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانغاچقا ئاينۇرنى شەھەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇشقا رايى بارمىدى ھەم ئۆي ئىشلىرى ياكى ئېتىز ئېرىق ئىشلىرى بولسۇن ئۇنى بىرگە ئېلىپ چىقاتتى . شۇنداق قىلىپ ئاينۇرمۇ ئېتىزدا ئىشلەپ ئۆيدە تاماق ئىتىپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن بويىغان يىتىپ قالغان بولسىمۇ بىرەر ئەلچى كەلمىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتمۇ پەرىشان بۇلاتتى .چۈنكى ئاينۇر پەقەت بىرلا قىز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كىيىنكى ئىشلىرى توغۇرلۇق كۆپ باش قاتۇراتتى . ئاينۇرنىڭ ئۈيىدىكلەر ئاينۇرنى ياتلىق قىلىپ پەرزنى ئادا قىلۋاساق دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىگە ناتۇنۇش ،پاكار بوي ،قارامتۇل بىر بالا پەيدا بولدى ،بۇ ئاينۇرنىڭ تاغىسنىڭ ئوغلى سەمى ئىدى .سەمىي تاغىسى بىلەن سالاملىشىپ ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ ئاتا ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۇرىتتىكى بالىلار بىلەن ئىچكىردە ئىشلەيمىز دەپ چىقىپ بىر قانچە يىل تۇرۇپ يۇرىتقا قايتارغا پۇلمۇ تاپالماي تۇرغان ۋاختىدا بىر يۇرىتدىشى مەلۇم ئىش بىلەن ئىچكىرگە كىرىپ سەمىنى ئۇچۇرتۇپ ئاتا ئانىسنىڭ قاتناش ھادىسسدە ۋاپات بولغانلىقنى ئېيتىپ يۇرتقا ئەكەپ قويغىنغا بىر قانچە كۈن بولغان ۋاقىت ئىدى ،سەمى بولغان ئىشلارنى تاغىسغا دەپ بىرىپ قايتار ۋاختىدا تاغىسى سەمىنى چاقىرىپ :بالام سەنمۇ يالغۇز بالا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلا يىتىم قالدىڭ شۇڭا ماۋۇ سىڭلىڭ ئاينۇر بىلەن بېشىڭلارنى قېتىپ قۇيايلى دەپ تۇرۋالغان ئىدى .سەمىمۇ ئۈزىنىڭ ئەمدى نەگە بېرىپ نەدە تۇرشىنى بىلمىگەچكە تاغىسنىڭ گىپى قۇلقىغا ياغدەك ياقتى ئۇ ماقۇل بولدى ،شۇنداق قىلىپ ئەتراپتىكى ئۇرۇق تۇققان ،قوشنا قۇلۇملارنى چاقىرىپ ئاينۇر بىلەن سەمىنىڭ تۇيىنى قىپ قويدى . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدى ئۈچ ياش ،كىچىكى تېخى يېشىغا توشمىغان ئىككى پەرزەنتى بولدى ،شۇنچە خۇشال بەخىتلىك بىر تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بۇ ئائىلگە قىشلەرمۇ ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى . مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇئىناق ئائىلگە تەقدىرنىڭ چاقچاق قىلشىنى ئۇلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى .... قىشنىڭ سۇغۇق كۈنلىردە سەمى ئېتىزغا سۇ قۇيۇپ كەچ بىكا بوپ قايتىپ كەلگەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ئاينۇر ئىككى ئۇماق قىزىنى ئۇخۇلتۇپ قۇياي دەپ يېتىپ ئۈزىمۇ تەڭ ئۇخلاپ قالغان ئىدى ،شۇ سەۋەپتىن مەشتىكى ئوتمۇ ئۈچۈپ قالغان بولسا كېرەك ئۆي ئىچىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى ،سەمى ئاينۇرنى ئويغۇتۇپ ئوت قالاپ قوي دىدى شۇنىڭ بىلەن تەتلىق ئۇخلاۋاتقان ئاينۇر ئۈزەڭ قالا ئوتنى دىدى ،سەمىنىڭ ئاچچىقى كەلدى بولغاي ئاينۇرغا ۋارقىردى ،چالا ئۇيقۇ ئاينۇر قورققىندىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى دە : نىمەڭگە ۋاقىرايسەن ،سەن ماڭغا نىم قىپ بەرگەن، ئىچكىردىن ئاچ قېلىپ چىققاندا، ئاتا-ئانام نان بىرىپ قويسا ماڭغا بەك ۋاقىرايسەنغۇ دىدى سەمىنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ گەپ قىلماي ياندىكى مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ياتتى . ئاينۇر بالدۇر ئۇخلىغاچقىمۇ ياكى يولدىشىغا بولمۇغۇر گەپ قىپ قويدۇم دەپ ئويلىدىمۇ سەھەر تۇرۇپلا تاماققا تۇتۇش قىلغان ئىدى .بىراق سەمىگە بۇتاماقنى يىيىش نىسىپ بولمىغىننى ئۇ بىلىپ بۇلالمايتى ئەلۋەتتە . سەمى سۇغۇق ئۆيدە يېتىپ ئۇخلىيالمىدىمۇ ياكى ئاينۇرنىڭ سۈزى ئېغىر كەلدىمۇ كىچىچە ئۇخلىيالمىدى ،ھەم ئورنىدىن تۇرۇپلا سىرىتقا چىقىپ ئاينۇرغا قارىدى ،ئىككى تەرەپنىڭ كۆزلىرى بىر -بىرى بىلەن ئۇچراشتى ،بىر تەرەپ پۇشايمان نۇرلىرنى چاقناتسا ،يەنە بىر تەرەپ غەزەپ نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتاتتى ،سەمى گەپمۇ قىلماي ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ كەتمەننى كۈترۈپ چىقىپ كەتتى .ئاينۇر تولاي دىدىيۇ كەتمەننى ئېلىپ ماڭغىننى كۈرۈپ سۇنى يوقلاپ كىلىدۇ دەپ ئويلدى دە تامىقنى ئىتىۋەردى . كەچ كىرگۈچە سەمىمۇ كەلمىدى ئاينۇر سەل ئەنسىرگەن بولسىمۇ ئىككى بالىنى ئەگەشتۈرۈپ سەمىنى ئىزدەپ نەگىمۇ بارالايتى.كەچ بولدى ئاينۇر سەمىنى كەپ قالار دەپ ئولتۇرۇپ قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىننى ئۈزىمۇ بىلمىدى . شۇ تەرىقىدە ئۈچ كۈن ئۈتۈپ سەمىنىڭ قايتىپ كەلمىگىندىن ئەنسىرگەن ئاينۇر ئاچچىقلاپ ئانىسنىڭ ئۈيىگە كەتمەكچى بولۇپ نەرسىللىرنى يۇغۇشتۇرۋاتاتتى تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى ،سەمى قايتىپ كەلگەن چېغى دەپ خۇشاللىقدا ئىشىكنى ئاچقان ئاينۇر كۆزلىرى پولتىيىپ چىققان يۈزلىرى ئىششىپ كۈكرىپ كەتكەن سەمىنىڭ جەسسىدىنى كۈرۈپ كۆزلىردىن پۇشايمان ياشلىرنى تۈكۈشكە باشلىدى ،ئەمما ئاينۇرنىڭ ئاققان پۇشايمان ياشلىرى ھەرقانچە قىززىق ۋە ئىللىق بولسىمۇ سەمىنىڭ مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن بەدىننى ئىرىتىپ بۇلالمايتتى ،چۈنكى ئۇ ئاشۇ سەھەردە كەتمەننى كۈترۈپ چىقىپ كىتىپ ئېتىزدا ئۇخلاپ قېلىپ ئۇيقىنىڭ تاتلىقلىقدا پەدەنلىرنىڭ قېتىپ كەتكىننىمۇ بىلمەي ئاخىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى ،سۇ يوقلىغلى كەلگەن كىشلەر كۆرمىگەن بولسا ئاينۇرنىڭ كۈردىغنى نەچچە يىللىق ھەمرا ھىنىڭ جەسىتى ئەمەس يۈزىنىمۇ كۈرەلمەس ئىدى بەلكىم .
-ئۇيغۇر بالىسى
589 قېتىم كۆرۈلدى | شاپتۇل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 12:10:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|