ساڭا بەخىت تىلەيمەن (ھىكايە) - قۇتتېكىن

ساڭا بەخىت تىلەيمەن

ئابدۇخېلىل مۇھەممەد قۇتتېكىن


پويىز بىر خىل رېتىمدا ئاۋاز چىقىرىپ ماڭماقتا. مۇساپىگە يېتىپ بېرىشقا پەقەت نەچچە سائەتلە قالغان ئىدى. ئىككى كۈندەك پويىزدا ئولتۇرۇپ خېلىلا بەك زېرىككەن بولغاچقىمىكىن، ئۆيدە ئۇقۇپ ئازلا قالغان كىتابىمنى پەرۋاسىزلارچە ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ ، ئەڭ ئاخىرقى بەتتىكى مۇنۇ بىر جۈملىگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى:" جۇلىتا، بەخىتلىك بولغىن، سېنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرسەممۇ، ياراتقۇچى سېنى ماڭا نىسىپ قىمماپتۇ. خەيىر! ساڭا مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن". كۆزۈم شۇ قۇردا تۇرۇپلا قالدى، خۇددى ئۆز ھېكايەم يېزىلغاندەك، شۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كېتىپ باراتتىم. خىيال قۇشۇم تۇساتتىم ئىككى يىل بۇرۇن ئۇقۇش پۇتتۈرۈش كۈنى يازغان شۇ شېئىرىمنى ئەسكە سالدى:

مەن سېنى شۇ قەدەر سۆيەتتىم گۈلۈم،

ئەپسۇس قەلبىڭدىن بەرمىدىڭ ئۇرۇن.

بەخىتلىك بولغىن سەن قەيەردە بولساڭ،

مۇھەببەت كۈيىمىز بولمىدى ئۇزۇن.

شۇنداق،بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقىي ۋەقە ئىدى. چۈنكى مەنمۇ ئەينى ۋاقتىدا شۇنداق دېگەن ئىدىم، مەن چىن قەلبىمدىن سۆيگەن، ئۈچ يىل كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشقان شۇ گۈزەل قىزنىڭ كۆڭلى باشقىلارغا چۈشكەن ۋاقىتتا، تەقدىرغا تەن بىرىپ چىن قەلبىمدىن ئۇنىڭغا بەخىت تىلىگەن ئىدىم. ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك بەخىت تىلىگەن ئىدىم.

پويىز ئاخىرى بېكەتكە كېرىپ كەلدى. مەكتەپكە تىزرەك بېرۋېلىش ئۈچۈن خىياللىرىمنى تاشلاپ، يۇقتاقلىرىمنى ئالدىمدە ئادەم دېڭىزى بىلەن تۇلغان پايتەخىت ۋوگزالىدىن تالاي رەسمىيەتلەرنى بېجېرىپ چىقىپ، ئاران تەسلىكىتە مەكتەپكە بارىدىغان ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۇھ دېگەن ئىدىم. دېمىسەممۇ يىراق دىيارىمىزدىن ئىچكىرگە كىلىپ ئۇقۇيدىغان ھەر بىر دوسلۇرىمىز بۇ جەرياندا قىلدىغان ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان.

ماشىنىدا ئولتۇرۇپ،بايا قىلغان خىياللىرىم توساتتىن مېنى يەنە چىرمىۋالدى. نا ئىلاج ئۆتكەن ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم بېشىمدىن خىيال دەرىزەمدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم.

تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدا تۈگىمىگەن بالىلىق خىياللىرى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىپ، ياشلىققا پۈتۈنلەي قەدەم قويغان بىزلەر ھەر جاي ھەر  يەرلەردىن كىلىپ، شەھەر مەركىزىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىرادىلىكلەر سىنىپىغا ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن، ئارزۇ ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغىلغان ئىدۇق. يىڭى كىلىپلا بەك تۇنۇشۇپ كېتەلمىگەچكە، بىر قەدەر ياد بىلەنگەن سىنىپ ئېچى ئىككىنچى مەۋسۇم كىلىشى بىلەن شۇنچىلىك جانلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۆز ئارا تۇنۇشۇپ، كۈلۈشۈپ چاقچاق قىلىشپ، خۇددى قېرىندشلاردەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدۇق. كىمنىڭ ئىسمى نېمە؟ قەيەردىن؟ خاراكتېرى قانداق؟ ئۇ قىز ئانداق چىرايلىق، بۇ يىگىت دەرسكە شۇنداق ئۇستا، ئالىم نىڭ گۈلنۇرغا كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ، پاتىگۈل غەيرەتكە بەك دىققەت قىلامدۇ نېمە ..... دېگەندەك سۇئاللار باشقا سىنىپ باللىرى نەزىرىدە ئۇقۇشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، تاجدار سىنىپنىڭ باللىرى بۇلار .. دەپ ئارقىمىزدىن گەپ تاپىدىغان بىزلەرنىڭ دەرستىن سىرت شۇنداق پاراڭلارنى سۇقىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولاتتى، ئەمدى ياشلىقتا بۇ ئىشلار كىمنىڭ بېشىدا بوپ باقمىغان دەيسىز. ھەي لېكىن نەقەدەر گۈزەل، سەبىي ۋاقىتلار ئىدى دە ئاشۇ. ئوغۇللار بىللە توپ تەپكىلى ماڭغاچ، بۈگۈن قايسى قىزنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغانلىقى، كىمنى ياخشى كۆردىغانلىقى ھەققىدە گەپ ئېچىپ بىر –بىرىمىزگە چاقچاق قىلىپ ماڭاتتۇق. بىر بىرىمىزنى مازاق قىلاتتۇق، دەپ قۇيىمەن دەپ جىيلە قىلاتتۇق ئەخماق قىلاتتۇق. كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيتى.

ئادەتتە بەك يېقىن ئۆتىدىغان ئەنۋەر دەپ بىر دوستۇم بار ئىدى، ئىككىمىزنىڭ مىجەزى ئوخشىغاچقىمىكىن داۋام ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولاتتىم، پاراڭ سالاتتىم، ئىچىمدىكى گەپلەرنى دەيتىم. شۇ تەرىقىدە ۋاقىت ئۈتۈپ، ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى مەكتەپ ئوقتۇرۇش چىقىرىپ، كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مەكتەپ يېنىڭ ئاتلېتكا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بارلىق سىنىپلارنىڭ پاراتتىن ئۆتىدىغانلىقىنى، تېزدىن تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيىتتى. بىزمۇ سىنىپ بۇيىچە تېزدىن تەييارلىق قىلىشقا كېرىشىپ كەتتۇق. ھەر كۈنى سەھەردە  ۋە كەچتە دەرستىن كېيىن قاتتىق مەشىق قىلاتتۇق. شۇ ئارىدا سىنىپ مۇدىرىمىز، قاتارنىڭ ئالدىدا بىرىنىڭ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئېسمى يېزىلغان تاختىنى كۈتۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيىتتتى. مۇئەللىمنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىپ تۇرىشىغا، ئادەتتە دەرسلەردە جانلىق جاۋاب بېرىدىغان، ئوتتۇرا بوي، قاشلىرى قارا، قوي كۆز زۆھرە ئىسىملىك بىر قىز ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ سىناپ باققىسى بارلىقىنى ئېىتتى. زۆھرە ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. كۈزۈمگە شۇنچىلىك ئىسسىق كۆرىنەتتى. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۇ قاتارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىللە مەشىق قىلدى، مەن ئۇنىڭ ئارقىدىكى بىرىنچى قاتاردا تۇراتتىم. دەم ئالغان ۋاقىتلاردا پات پات پاراڭلىشىپ قالاتتۇق.

بىر كۈنى يېقىن دوستۇم ئەنۋەر، دەرس ئارلىقىدا، چاقچاق قىلىپ ئاداش زۆھرەگە باشقىچە نەزەردە قاراپ كەتتىڭ ھا بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان... ھە كۆڭلۈم چۈشۈپ قاممىغاندۇ ھە  دەپ چاقچاق قىلدى. مەن دەرھاللا، ماڭا ،ماڭە ۋە نەدىكى يوق گەپنى قىمماي، بىز شۇ پەقەت مانداقلا پاراڭلىشىپ قويدۇق دەپ ئۇنىڭغا چالا ۋاقادىم. ئۇمۇ جىق گەپ قىمماي كېتىپ قالدى، ئەمما ئېچىمدىن سەن ئۆزۈڭنى ئالدىما دەپ سادا كېلۋاتاتتى... چاتاق ئاخىرى چىقتى، ئۇ دەل يېنىك ئاتلېتكا كۈنى ئىدى، پۈتۈن مەكتەپ قاينام تاشقىنلىققا تولغان، ھەممە بالىلار رەتلىك فورما كېيىپ كەلگەن ئىدى. پەقەت زۆھرەلا  چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلىكى بىلەن ياراشقان دوپپىسىنى كېيىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ كۈنى زۆھرە پەرىزاتقىلا ئوخشاش چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. مەن ھەقىقەتەن ھاياجانلانغان ئىدىم. جىدديىلىشىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دەپ تۇرسام، ئەنۋەر ھېجىيىپ كۈلۈپ كەلدى ۋى:" بولدى يۇشۇرمىيە، سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسە، كۆزلىرىڭ ئېتىلىپ كەتمىسۇن يەنە'" دېدى ۋە زۆھرە گە قاراپ كۈلۈپ قويدى.  يىغىنمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بىز يەنە ئۇقۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنى قەيەردە كۆرسەم ھۇدۇقۇپ كېتەتتىم، قىزىرىپ گەپمۇ قىلالمايتىم. باشقا بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنىنى كۆرسەم ئىچىم ئاچچىق بولاتتى،ئەمما نىمىشقىكىن ئېچىمدىكى گەپنى ئۇنىڭغا دېيەلمەيتىم. بىر خىل ئېغىر يۈك ئۈستۈمگە ئارتىلدى. نېمە قىلىشنى بىلەلمىدىم. ئاخىر ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن كۆيۈپ يۈرمەكچى بولدۇم ئېچىمدىكىنى ھېچكىمگە تىنمىدىم.

ۋاقىت شۇ قەدەر تىز ئۆتۈشكە باشلىدى، تۇلۇق بىرىنچى يىللىقتىكى ئۇقۇش تۈگەپ يازلىق تەتىل بولدۇق، ئەمما مەن تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. چۈنكى ئۇقۇش باشلىسىلا ئۇنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرالايتىم. تەتىلمۇ تۈگىدى، ئۇقۇشمۇ باشلىدۇق. ھەممە بالىلار بوي تاتىپ چوڭ بوپ كەتكەندەك ئىدى، زۆھرەمۇ تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كەتكەن ئىدى. ئىككى يانغا چۈشۈرۋالغان چېچى ئۇنى تېخىمۇ ئۇماق كۆرسىتەتتى. ماۋسۇم بېشىدا،  مەن ئەدەنىيات دەرسلىكىدىكى بىر قىسىم پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بوپ كەتتىم. سىنىپتا بىر نەچچە قېتىم پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇردۇم. ئۇنىڭغا زۆھرە ئىككىمىز بىللە رىياسەتچىلىك قىلدۇق. كۆڭلۈم شۇنچىلىك خۇشال ئىدى. لېكىن نىمىشقىكىن ئارىمىزدا يەنىلا باشقىلاردەك يېقىنچىلىك پەيدا بومممىدى. ئۇ بىر نەرسىدىن ئېھتىايت قىلۋاتاتتى.لېكىن مەن ھازىر ئۇنىڭغا گەپ باشلىسام بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، سۈكۈت ئېچىدە ئۆتىۋەردىم. شۇ ئارىدا مەن ئۇنىڭغا ئاتاپ شېئىر يادىم. لېكىن ئويلىمىغان يەردىىن بۇ شېئىر سىنىپ ئىچىدە تاراپ كەتتى. مەن ئىچىمدە يۇشۇرۇپ يۈرگە ئىشلار ئاخىرى سىنىپقا پۇر كەتتى. لېكىن مەن خېلى يېنىكلەپ قالدىم. ئەمما ئىشلار شۇنىڭدىن كېيىن چاتاق چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسېۋىتىم يېرىكلىشىپ كەتتى. مەن ئۇنى خىجىل بۇلۇپ مۇشۇنداق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، يەنە ئىچىمدە ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشتىم، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم. نۇرغۇن يەرلەرگە بىرگە باردۇق، كىنو كۆردۇق، ساياھەت قىلدۇق، بىللە رىياسەتچىلىك قىلدۇق... ئىشقىلىپ بۇ جەرياندا مەن نۇرۇغۇن قۇربانلىقلارنى بەردىم. لېكىن بۇ ئىشلارنى قىلالىغانلىقىم،بىللە بولالىغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدىن خۇشال ئىدىم. ۋاقىتمۇ بىز بىلەن تەڭ چېپىپ كەلدى. بىز مانا تۇلۇق ئۈچكە چىقىپ قالدۇق، ئىمتىھان تەييارلىقى قاتتىق باشلىنىپ كەتتى، زۆھرە دەرسلەردە ئەلاچى ئىدى، نەتىجىسىمۇ يۇقىرى چىقاتتى. مەنمۇ ئۆز ئارزۇيۇم ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىۋاتاتتىم، بۇ جەرياندا پۈتكۈل ئەسيادىم بىلەن تىرىشىپ ئۈگەندىم، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇقۇش ئۈچۈن تىرىشماقچى بولدۇم. لېكىن نەتىجەم ئوتتۇرھال ئىدى. ئەمما ئۇ قەلبىمدە شۇ قەدەر مۇھىم ئىدى. لېكىن مەن چۈجىنى كۈزدە سانىمىغان ئىكەنمەن. مەن پۈتكۈل ئۈمىدىمنى ئۇقۇش پۈتتۇرۇش كۈنى دېمەكچى ئىدىم. ئەمما  ، ئەمما ئۇ ئۇقۇش پۈتتۈۈرۈشتىن بەش كۈن بۇرۇن، ھەممىمىزگە يۈرىۋاتقان بىر يىگىتى بارلىقىنى ئېيىتتتى،،،،،،،،،،،،،،،

مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم، ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق ئىدى. ئەمما نېمە ئامال؟ مەن چىرايلىق ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىمنى ساقلاپ قالدىم. ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدىم. چىن قەلبىمدىن ئۇنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنى تىلىدىم، ۋە خاتىرەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە مۇنۇ بېيىتلارنى پۈتۈپ قويدۇم:

 

مەن سېنى شۇ قەدەر سۆيەتتىم گۈلۈم،

ئەپسۇس قەلبىڭدىن بەرمىدىڭ ئۇرۇن.

بەخىتلىك بولغىن سەن قەيەردە بولساڭ،

مۇھەببەت كۈيىمىز بولمىدى ئۇزۇن.

 

 

                                 2016-يىلى 5-مارت

                                        تىيەنجېن

                               





263 قېتىم كۆرۈلدى kutteken ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-12 20:37:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-18 5:34:14 دىلخۇمار
بەك ياخشى يىزىپسىز ، ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇھەببەتلىك ئەسلىمىلىرى بولىدۇ ، ئەمدى جىق ئويلاپ كەتمەڭ ، كەلگۇسىڭىز ئۇچۇن تىرىشىڭ !!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ