مەھەللىدىكى تىنىقلار (ھىكايە) - مۇختار ئابلىز

مەھەللىدىكى تىنىقلار
مۇختار ئابلىز (كۈنەس ئارالتۆپە)


  ئاتنىڭ قونىقىنى بېرىپ بولۇپ ، لاپاستا بېدە توغراپ ئولتۇرغان ئىدىم. ھاشىم داداملارنىڭ ئۆيىدىن  ئاڭلانغان  غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋاز دىققىتىمىنى چاچتى.دېمىسىمۇ ھاشىم دادام يەتمىشلەردىن ئاشقان يېقىندىن بۇيان ئاغرىقچان بولۇپ قالدى .بەلكىم قېرىلىق يەتكەندۇ، ئالمادىس ھېلىقىدەك كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىغىيدى دەپ ، قولۇمدىكى ئىشىمنى تاشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چاپتىم . دەرۋازىدىن كىرىشىمگە
-ۋاي ۋۇي دادا ناھىيتى كەتسە بىر ئەسكى ئېگەرغۇ، خويمۇ جېدىلىنى قىلدىڭ ! بولدىلا  يەكشەنبە كۈنى بازارغا  جابدۇقچىلار كەلسە يېڭىنى ئېلىپ بېرەي ، ئەمدى جىلە قىلمىساڭچۇ !
دەپ كايىۋېتىپتۇ سالىكام سىيىرلارغا ھەلەپ ئەتكەچ
-ۋۇ كىسپىرۇش نائەھلى ئۇ ئېگەردىچۇ دادام رەخمىتى ئاقسۇ جىڭ،ھەرەمباغلاردا يامغۇردەك ئوقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئات چاپتۇرغان .ئالتۇن ياشلىقىم شۇ ئېگەر تۆپىدە ئۆتكەن ..... ھېيي.......-دېدى ھاشىم دادام قاردەك ئاقارغان ساقاللىرىنى تۇتاملاپ قويۇپ .  سالىكام يەنە بىرنىېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئۈمچەيتىشىگە مەن-تۆكمەمسە ھەلىپىڭنى ۋا !-دېدىم.سالىكام ئىككى تاغارغا ھەلەپنى لىق قاچىلاپ ئېغىلغا دوڭغاسلاپ كىرىپ كەتتى . ھاشىم دادام چاك چاك يېرىلغان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ
-نەبى بالام ، مېلىڭغا قاراپ بولىدىڭمۇ ؟
-نىكەم مېلىمغا قاراپ بولغىلى ، سالىكام ئەمەس مەن چۈشكىچە يوتقانغا چىگىلىپ قالىدىغان -دېگىنىمچە كۈلدىم .ھاشىم داداممۇ خىرقىراپ كۈلگىنىچە
-مۇنۇ سالىكاڭ كېچىچە قوڭۇر غۇنۇجىنغا تۇغۇت ئانىسى بولۇپ چىقتى تاڭغا يېقىن ئۇخلاپ قاپتۇ
-نېمە دەيسەنوي ھاشىم دادا سالىكام چاپاق كۆزلىرىدە موزاينىڭ كىنىدىكىنى كېسىمەن دەپ قولى باشقا يەرىگە ئاۋۇپ كەتمىگەندۇ ؟ جۈرە جۈرە كىرىپ قاراپ باقايلى -دەپ چاقچاق قىلدىم . دېمىسىمۇ سالكامنىڭ لەقىمى «سالى چاپاق» ئىدى .نېمىشقىدۇر سالىكامنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا كۆزىگە لىققىدە چاپاق يىغىلىۋالىدىكەنتۇق تەڭتۇشلىرى «سالى ئاپاڭ بۈگۈن كۆزۈڭدىن قانچە قوشۇق چاپاق ئالدى؟ » دەپ تېرىكتۈردىكەنتۇق .
ھاشىم دادام چاقچىقىمغا قوشۇلۇپ
-سالى كىندىكىنى كېسەمدۇ ، يە باشقا يەرىنى كېسەمدۇ  ئۇنىڭ بىلەن ئىشىمىز بولمىسۇن، جۈرە نەبى ئىككىمىزنىڭ ئىشى بار ئېگەرنى ئىزدەيلى -دېگىنىچە قولۇمدىن يېتلەپ ئامبار ئۆيگە ئەكىردى
   كىچىككىنە ئامبار ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا تامدىكى تۈلكە ، بۆرە ، بورسۇق تېرىلىرى كۆزگە چېلىقىپ ئادەمنى بىر خىل سۈر باستۇراتتى .جاۋەنگە ئاشتاختا   نوغۇچلار ، بىر پاچە بېرىزىنىت  سۇپىر رەتلىك تىزىلغان .بەلكىم بۇلار رەھمەتلىك ھەلىمە
ئاپامنىڭ بۇ ئائىلىگە قالدۇرغان ئاخىرقى مىراسلىرىدۇ . كېلىنلەر كونا كۆرگەچ مۇشۇ يەرگە توپا باستۇرۇپ قويۇپ قويغاندۇر. جاۋەنگە قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرگەن ھاشىم دادام بىرنەپەس سۈكۈت ئىچىدە ئېغىر ئۇھسېرغىنىچە ئۇدۇلىمىزدىكى تۆپىگە ئىككى قەۋەت تاختايلار قويلىغان بېغغىررەڭ ياغاچ ساندۇقنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ،
-نەبى بۇ تاختايلارنى بىرياققا قايرىغىنە  مۇشۇ ساندۇقنىڭ ئىچگە قويغانلىقىم غىل-پال ئېسىمدە تۇرۇپتۇ -دېدى . تاختايلارنى بىر چەتكە قايرىپ ساندۇقنى تاشقىرغا تارتىپ چىقاردىم راسىت دېمەكچى ئىچىنى
ئېچىشىمىزغا قار رەڭلىك بىر رۇسچە ھەربىي ئېگەر چىقتى ساندۇق ئىچىدە يەنە كاللامدەك يوغان تاغ ئۆچكىسى تۇتىدىغان قاپقان ، تېۋىلغا ساپلىق قامچا، تېرىسى تەتۈر ئەيلەنگەن كالتە جۇۋا قاتارلىق نەرسىلەر چىقتى . ھاۋا ئكتۈشمەيدىغان جايدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ خۇرۇملىرى چاك - چاك يېرىلىپ بىرقەۋەت توپا باسقان ئېگەرنى كۆرگەن ھاشىم دادام ھاسسسىنى ئىختىيارسىز تاشلاپ مەڭزىنى ئېگەرگە ياقتى ھاياجاندىن تەنلىرى جاقىلداپ تىتىرەيتتى . ئاللبۇرۇن قاسساپنىڭ دۆشىسىدەك قورۇققا تولغان يۈزلىرى پۈرلىشىپ ، خىرەلەشكەن كۆزلىرىدىن چۈشكەن ئۈنچىلەر مەڭزىنى نەمدەپ سالدى ئىچىدە بىرنېمىلەرنى دېگەچ يانچۇقىدىن ياغلىقىنى چىقىرىپ ئېگەرنى يېنش يېنىشلاپ پۇرىغۇنىچە سۈرتمەكتە . ھاشىم دادامغا داۋاملىق قاراپ تۇرۇشقا  چىدىيالمىدىم .مېنىڭمۇ كۆزلىرىم ياشقا تولدى دە بېشىمنى يەرگە تىككىنىمچە تۇردۇم . بىر ھازادىن كېينى ھاشىم دادام
-نەبى بۈگۈن مەختەپكە بارامسەن-
-ياق بۈگۈن شەنبە بارمايمەن-
-نەبى چاپە لاپاستىن جىرەن قاشقىنى يېشىپ كېلىپ  توقۇ .بولە چاققان ئۈلگۈرەلمەيمىز -دېدى . قارىغاندا ھاشىم دادام مېنى بىريەرگە ئاپىرىدىغان چىراي لېكىن قەتىئىي بارغۇم يوق چۈشتە سىيرىلارنى ئۆستەڭگە ئاپىر سۇغىرىمەن كەچكى ھەلىپىنى ئەتمىسەم بولمايتتى.  ئاتنى ئېرىنچەكلىك بىلەن توقۇدۇم ئۇزۇن مەزگىل توقۇلمىغان ئېگەر ئاتنىڭ تۆپىدە سىيرىلىپ تۇرمايدۇ چىڭ توقۇش ئۈچۈن ئۈچ ئەيىل تارتىپ توقۇپ ھاشىم دادامنىڭ قېشىغا ئەكەلدىم. ھاشىم دادامنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ئەبايقى قايغۇلىرى نەلەرگىدۇر تاراپ كەتكەن ھاسسىسىنى يەرگە توختىماي توكۇلداتقىنىچە قولۇمدىن چىلۋىرىنى ئالدى دە
-يۈگۈر ئېتىڭنى توقۇپ چىق -دېدى . مەنمۇ ئوچىقىنى ئېيتىپ
-ھاشىم دادا چۈشتە سىيرىلارنى سۇغۇرۇپ ،كەچكى ھەلىپىنى ئەتمىسەم ئاپام بىچارە قىينىلىپ قالىدىكەن -دېدىم .
مۇنۇنىڭ دەۋەتقىنىنى قارا   سالىكاڭ قارىماي نېمىش قىلدۇ  -دېگىنىچە ئېغىل تەرەپكە بېشىنى سوزۇپ
-سالى ھوي سالى -دەپ ۋارقىردى .
سالىكام سامان ئارلاشقان قوللىرىنى قاققىنىچە ئېغىلدىن چىقىپ
-ھە دادا -دېدى .
-نەبى مەن بىلەن بىر يەرگە بارىدۇ چۈشتە بۇنىڭ سىيرىلىرىنى سۇغۇرۇپ ھەلىپىنى ئېتىپ قوي -دېدى مېنى ئىشارە قىلىپ .       ھاشىم دادامنىڭ گېىپىدىن خاتىرجەم بولۇپ  ئېتىمنى توقۇپ دەرۋازىدىن ئاتلىشىمغا ھاشىم دادام دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ ئات تۆپىدە مەزمۇت ئولتۇراتتى .بۈگۈن بۆلەكچىلا كىينىگەن بولۇپ  مەخسۇس توي تۆكۈنلەردە كىيىدىغان پەلتويىنى كىيگەن ، ئۆتىكىنى مايلاپ پارقىرتىۋەتكەن . سۆسەر قۇلاقچىسىنى ھېلىقى ساندۇق ئىچىدىن چىققان تېۋىلغا ساپ قامچىسى بىلەن يېنىك كەينىگە ئىتتىرىپ قوياتتى . ھاسسى تېقىمغا مەھكەم قىستۇرۇلغان ، ئۇزۇن ۋاقىت كوچىغا چىقمىغان جىرەن قاشقا جايىدا توختىماي چاپچىماقتا . ھاشىم دادام ماڭا ماڭايلى دېگەننى ئىشارە قىلىپ ئاتنىڭ بېشىنى مەھەللە سىرتىغا بۇرىدى ئاخشام قار خېلىلا قېلىن ياغقان           مەھەللىدىكىلەر  تېخىچە ئىشك ئالدىدىكى قارلارنى تازلاپ بولالمىغان ئىدى . ئۇششاق بالىلار ئۈچۈن قېلىن قار بايرامدە ھە چانىلىرىنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سۆرۈشۈپ پېشانىلىرى تامچە تامچە ئىسسىق تەرگە چۆمۈلگەن پاختىلىق چاپانلىرى ، بەش يۇلتۇز قۇلاقچىلىرى چانىسىغا بېسىلغان .ھاشىم دادامنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەنمەكتە. كۆزلىرى يېقىن ئەتراپتىكى ئاپئاق قار قوينىدا غەرىق ئۇيقۇغا كەتكەن كۈزگۈ بۇغدايلىقلارغا يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى بەللىرى ئېگىلگەن قېرى سۆگەتلەرگە تىكىلگەن . مەھەللە دوقمۇشىدىن قايرىلىپ ئۆستەڭ بويلاپ مېڭىۋاتىمىز .ئۆستەڭ سۈيى قېلىن بىرقەۋەت مۇز تۇتقان . يېقىن ئەتراپتا بىر قارا گەۋدە ھەدەپ مۇز چوقۇۋاتقان ئىدى يېقىلاشقانسېرى تونىدۇق . يېشى ئەللىكلەردىن ئاشقان،ۋىجىك ئاقسېرىق يۈزلىرىنى يول يول قورۇقلار ئىسكەنجىگە ئالغان . سەيپۇلكام ھەدەپ لوم تۆمۈر بىلەن سىير سۇغۇرۇش ئۈچۈن  مۇز چوقۇۋاتاتتى . «سەيپۇلغۇ بۇ»دېگىنىچە ھاشىم دادام ئېتىنى سەيپۇلكام تەرەپكە دېۋىتكەچ
-ۋۇي سامساق نېمىش قىلىۋاتىسەنوي سۇنى بۇلغاپ - چاقچاق قىلدى. سەيپۇلكاممۇ بوش كەلمەي
-تۆگىلە سۇغا پۇتىنى تىقىۋېتىپتىكە تازلاۋاتىمەن. -دېدى ھەممىز پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتۇق. دېمىسىمۇ مەھەللىمىزدىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەقىمى بار لەقەمسىز كىشلەر بۇ مەھەللىدە مەۋجۈد
ئەمەس . سەيپۇلكامنىڭ لەقىمى «سامساق» ھاشىم دادامنىڭ «تۆگە»ئىدى. چاقچاق يەنە باشلاندى
-نەگە ماڭدىڭ بىرلوكاڭنى چۆكتۈرۈپ -دېۋىدى سەيپۇلكام
-سازغا سامساق تىككىلى -دېدى ھاشىم دادام .  سەيپۇلكام قولىدىكىنى يەرگە تاشلاپ
-بوپتۇ ئاكا بېرىپ  كەل قاي زامان سەن ئۇتەرەپلەرگە ئۆتمىگىلى . بۇرۇن شۇيەرگە بىزنى يىغاتتىڭ يازلىقى باققان ئوغلاقلىرىڭنى ھەرقىشلىقى بىزگە تاشلاپ تۈگۈتەتىڭ . كىم ئوغلاققا  مەشرەپكە بارمىسا ئاغىزىڭنى بولىشغا بۇزۇپ بىچارىنى رەسۋا قىلىۋېتەتىڭ. ھەي  ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى مەھەللىنىڭ يۈزىتىڭ . ئۆستەڭ قازغان چاغدا مەھەللىدىكىلەرگە يىگىرمە پاخلىنىڭنى سويۇپ نەزىر بەرگەن ئىدىڭ . خىزىرتىڭ ئاكا -دېگىنىچە گېزىتە موخۇركا تۆكتى. ھاشىم دادام ئۈنسىز ھالدا بېشىنى يەرگە تىككىنىچە ئات تۆپىدە سىڭايان ئولتۇرماقتا .   سەيپۇلكام موخۇركىسىنى ئورۇغاچ
-لەقىمىڭنىڭ قانداق قويۇلۇپ قالغىنىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن -دەپ سورىدى . ھاشىم دادام
-قانداق ئۇنتۇپ قالاي -دېدى
-جۇماباي نەۋرېسىنى ياتقۇزغان چاغدا ئۈچ مەھەللىنىڭ باللىرىغا ئىككى ياشلىق سەركە تاشلاپ بەرگەن ئىدى . ھەممىز ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويساق باشقا مەھەللە ئارسىدا يۈزىمىز چۈشۈپ كىتەتتى دەپ ئويلايتۇق . سەركە تاشلىنىپ ئۈچ مەھەللە باللىرى قاتتىق تىركەشتۇق بىر بىرىمىزنىڭ يۈزلىرىگە قامچىلار تەگمەكتە ، ھېچكىم تېقىمغا باسالمىدى سەركىنىڭ سالمىقى خېلى بار . ساغاتكۆلنىڭ ئىككى بالسى توپقا قانداق كىردىيۇ
ئىككىسى سەركىنى ئىككى ئۇچىدىن يۇلۇپ ئېلىشىغا قارگېرىڭنىڭ باش كۆزىگە ساۋېغىنىڭچە قارشى تەرەپنى سوقۇپ سەركىنى قولىدىن چۈشۈرۋەتتىڭ دە يەردىن سەركىنى شۇنداق بىر سىلىكىپ ئېلىپ تېقىمغا باسقان ئىدىڭ ئەييۇھەنناس ھەممىسى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى . توپتىن چىقىپ قارياغاچلىقنى بويلاپ چېپىپ كەتتىڭ . شۇنىڭدىن كېيىن ھەممىسى سېنىڭ كۈچۈڭنى كۆرۈپ «ھاشىم تۆگە» دەيدىغان بولغان -دېدى سەيپۇلكام دە گېپىنى ئۇلاشتۇرۇپ
-بوپتۇ ئاكا يولۇڭدىن قويماي ماڭغىن . بىزگە ساق تۇرۇپ بەر ،ھەر قېتىم سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ شۇ كۈنلەرگە قايتقىم كېلىپ تۇرىدۇ . ئوماچ ئىچسەكمۇ يىلىكىمىز توق ئىدى . ھەي -موخۇركىغا سەرەڭگە ياقتى
-راسىت دەيسە ئۇكا شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام كۆڭلۈم بىر قىسىم بولىدۇ . يىللار بىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ . مەنمۇ يەتمىشىتىن ئاشتىم يەنە ياشايدىغانغا ھەققىممۇ قالمىدى . يېقىن بۇرادەرلەر ئاللبۇرۇن تۇپراق تېگىدە ئۇيقۇغا كەتتى . يارى، تاي، غۇلام، يەنە تېخى ياپياش تۇرغان ھەبىنىمۇ (مېنىڭ دادام) يەر قوينىغا ئالدى . ھەبى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يېنىمدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ يالغۇزلۇقۇمنى بىلىندۈرمەي ياش ۋاقىتتىلارنى ئەسلىشىپ نەچچە تاڭلارنى پاراڭ سوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى . بۇلتۇر ئۇنىمۇ ئۇزۇتۇپ قويدۇق. جان دېگەن ھامىنى
ئىگىسىگە قايتىدىكەن . خەيىر بىز بېرىپ كېلەيلى - دېگىنىچە ھاشىم دادام ئېتىنىڭ بېشىنى قايرىدى .
   ھاشىم دادامنىڭ كەينىدىن سۈكۈت ئىچىدە كېتىپ بارىمەن . ھەر ئىككىلىمىز بىرەر ئېغىز زۇۋان سۈرمىدۇق . ئاپئاق قار تۆپىدە ئاتلار پۇشقۇرغىنىچە كېتىپ بارىدۇ  . ئارچىلار ئىچىگە يوشۇرۇنغان تورغايلارمۇ بىزگە كۆزىنى تىككىنىچە قاراپ تۇرماقتا ھېچبىر سايراي دېمەيدۇ . بارغانسېىرى دۆڭدىن سازلىققا سوزۇلغان قويۇق تۇمان ئىچىگە شۇڭغىماقتىمىز. يېتىپ كەلدۇق ھاشىم داداملارنىڭ دادامنىڭ ئىزى قالغان ، خۇشاللىقى سىڭگەن ،ئازاپلىرى چۆككەن . ئەسلىمىلىرى لىققىدە قاچىلانغان ھايات كارتىنىلىرى مەھكەم باغلانغان سازغا .
    ھاشىم دادام ھاسىرماقتا يۈرەكلىرى توختاۋسىز سوقماقتا ، ئېتنى كۈچسىز قوللىرى بىلەن قامچىلاپ چاپتۇرماقتا . بوغۇق ئاۋازى بىلەن ھەدەپ
-يارى ، تاي، ھەبى، غۇلام  چىقىشە مەن كەلدىم ....مەن...... ھاشىم تۆگە ....ھېيي! -ۋارقىرغىنىچە تۇمان ئىچىگە كىرىپ كەتمەكتە . ئاتتىن چۈشتۈمدە بۇجانىۋارنىڭ يۈزلىرىگە يۈزۈمنى يېقىپ كۆز ياشلىرىمنى يايللىرىغا سۈرتكىنىمچە ھاشىم دادامنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن .....
     





1084 قېتىم كۆرۈلدى kanan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-14 21:43:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-27 19:54:19 مۇختار . ئابلىز
رەھمەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسىغا
2017-3-26 2:53:01 قەيسەربەگ
ياخشى يىزىپسىز كىشىنى بىرخىل ئىللىق سىزىمغا كەلتۇرىدىكەن
2017-3-20 5:16:58 شامال
ياخشى چىقىپتۇ ھەقىقىەتەن بىر مويسىپىتلارنىڭ ھايات كارتىنىسى كۆرسىتىلىپتۇ
2017-3-18 2:48:33 abduwauit
nahayiti yahxi yezipsan juma adax
2017-3-16 16:54:09 ئىسمائىل
بەك ياختۇردۇم ،تىخىمۇ تىرشقىن يۇرداش ئۇكام
2017-3-16 7:13:09 dilimdikila
Nahayti yahxi yziptu
2017-3-16 7:13:09 dilimdikila
Nahayti yahxi yziptu
2017-3-16 7:12:12 kalbinur
bu assar ni,bak yahxe yezeptu yanna bulup taranqa xewesni wa baze madaniyatla nahayte yahxe,akis atturup tu kulugezha dat kalmesun
2017-3-16 4:50:43 زەينۇرە
ناھايىتى ياخشى يىزىلغان ،مەن بەك ياختۇردۇم داۋاملىق تىرشىڭ .
2017-3-15 23:39:20 阳光天使
bak yahxi yeziliptu
2017-3-15 23:04:24 رەنا
بەك ياخشى يېزپسەن ئۇكام قولۇڭغا دەت كەلمسۇن
2017-3-15 22:16:43 ئەيساجان
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ،يەنى ياخشى نەرسىلەرنى يېزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلمەن.
2017-3-15 22:15:49 مەرھابا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇختەرۇف ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بەك خۇرسەن بولدۇم ، قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن، بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق نادىر ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
2017-3-15 5:02:19 مەريەمگۈل تاشمەمەت
بەك ياخشى يېزىپسىز ماڭىمۇ بەك يارىدى مەنمۇ كۈنەس ئارالتۆپدىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ