خاتىرە ۋە رېئاللىق 4 - قىسىم ھىكايە

خاتىرە ۋە رىئاللىق

 

 4 - قىسىم ھىكايە

كەترەن

 

7. بەخىتلىك ئادەم

 

مەن سىڭلىمنىڭ يىنىدىن قايتىپ كەلدىم. مەن كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا رىشاتمۇ كەچلىك كۇلۇبتىن يىنىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:

 ـــ رىشات، ئاغىنەمنىڭ ئەھۋالى ياخشىمىكەن؟؟

 ئۇ ماڭا لاپپىدە بىر قاراپ قويۇپ: ـــ ھەئە نىجات.. ئاغىنەڭ ۋەلى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى تۇرۇپتۇ.

ـــ ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشتۈڭما؟؟

 ــ ياق. مەن ئاستىرتتىن ئەھۋال ئىگەللەپ باقتىم . ئۇلار سەن يوقاپ كەتكەندىن كىيىن بەك قايغۇرۇپتۇ. قىز دوستۇڭ زىبامۇ يىغلاپ قاپاقلىرى ئېششىپ كىتىپتۇ.

ـــ ھە ـ دىدىم مەن پەس ئاۋازدا.

ـــ نىجات. سەن ئويلىغاندەك، سېنىڭ يېقىنلىرىڭ ھەممىسى سېنىڭدىن ناھايىتى ئەنسىرەپتۇ. مەنچە بولسا ، بۇ پۈتۈنلەي بىر ئوقۇشماسلىق، بەلكىم سەن ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۋىلىشنى قەتئى ئويلىمىغانسەن.. ئۇ كۈنى يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتاتتى، سەن بىرەر ئىشقا ئالدىراپ كىتىپ ماشىنامغا سوقۇلۇپ كەتكەن بولىشىڭ مۇمكىن.

 ــ شۇنداق رىشات، دېگىنىڭنىڭ ئاساسى بار دوستۇم. دۇنيادا نەدىمۇ ئۇنداق جىق رەزىللىك، ساختىلىق بولسۇن. مەن ھوشۇمغا كەلگەندىن كىيىن ئىشلارنى شۇنداق مۇرەككەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن. بۇرۇن رازۋىتكا ھېكايىلىرىنى بەك جىق ئوقىۋەتكەن ئوخشايمەن. بايا ئۆيدە سىڭلىم ساقچىلارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن تىزلا ئۇخلاپ قالدى. مەن ئوغۇرلۇقچە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كۈندىلىك خاتىرەم بىلەن ئالبومنى كۆردۈم. مەن ۋەقەگە ئۇچراشتىن بىر كۈن بۇرۇنقى خاتىرەمگە شۇنداق يېزىپتىمەن: ـــ بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. تۇغۇلغان كۈنۈمنى ناھايىتى ئاددى ئۆتكۈزدۇق. سىڭلىم، ئاغىنەم ۋەلى، ۋە سۆيگەن ئادىمىم زىبا. ئۇلار دۇنيالىقتىكى ئەڭ يىقىن ئادەملىرىمدۇر. ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بۇ كىشىلىرىمگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە مېھرىمنى بېرىپ ئۇلارنى ئاسرايمەن. مۇشۇ يىقىنلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن دۇنيادا ئەڭ بەخىتلىك ئادەم.

 رىشات سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۆزىگە ياش ئىلىپ كەتتى.

 ـــ ھاھاھا،، ــ مەن قاقاقلاپ كۈلدۈم، ــــ نىمە بولدى؟؟ تەسىرلىنىپ كەتتىڭما؟؟

 ـــ ھەئە، راست ، سەن دىگەندەك، دۇنيا نەقەدەر گۈزەل، نەدىمۇ ئۇنچىلىك كۆپ ساختىلىق بولسۇن. مەن سىنى ئۇلار ئۈچىسى بىلەن كۆرۈشتۈرەي. ئەتىلا كۆرۈشكىن. ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتقىن بۇرادەر، ھەممىسى ياخشى بولۇپ كىتىدۇـــ دىدى رىشات.

مەن رىشاتقا كۈلۈمسىرەپ قارىدىم:

ـــ شۇنداق بولسىدى.

 

8. رېئاللىق (1)

 

ئاخشام ساقچىلار ئاكام نىجاتنىڭ يوقاپ كىتىشى ئىشى توغۇرلۇق ئەھۋال ئىگىلىگىلى كەپتىكەن. مەن كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.بۈگۈن تۇيۇقسىز ئۆيگە ئۇنىڭ قىز دوستى كىرىپ كەلدى. زىبا نىڭ يېشى مەن بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئاكام نىجات بىلەن ئارىلاشقاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇ مىنى ئىزدەپ باقمىغانىدى. لىكىن بۈگۈن ناھايىتى ئالدىراش كىرىپ كەلدى، ھەم جىددى تۈستە:

 ـــ پەرى، ئاكىڭىز نىجات ھېلى كىلىدىكەن!!!

مەن بۇ گەپتىن قېتىپلا قالدىم.

 ـــ ئاكام ئۇ !!!؟؟

 زىبا ئالدىراپ سۆزلەيتتى:

ـــ ئۇ ئەتىگەن تىلىفون قىپتۇ. مەنمۇ ھەيرانلا قالدىم، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بىرھەپتە دوختۇرخانىدا يىتىپتۇ. دوختۇرلار ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بىكىتەلمىگەچكە ھېچكىم بىلەن ئالاقىلىشالماپتۇ. ئۇ نەچچە كۈندىن بۇيان رىشات دىگەن بىرەيلەننىڭ يىنىدا تۇرغانمىش. ئۇ چۈشتە بۇ يەرگە كىلىپ بىز بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇ خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.

ـــ نىمە ؟؟؟ خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ؟؟

 ــ شۇنداق!! خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ.

مەن زىبانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاكام توغۇرلۇق خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم. ئىككى يىل بۇرۇن ئاتا ئانام ئىككىسى قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ تەڭلا ۋاپات بولدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قېرىندىشىم بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ماڭا ناھايىتى كۆيۈنەتتى. قانداقلا قىيىنچىلىققا يولۇقسام ماڭا مەدەت بېرىدىغان، تەسەللى بېرىدىغان كىشى ئىدى. يانفوننىڭ سايرىغان ئاۋازى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى. زىبانىڭ يانفونى سايرىغان ئىدى. زىبا ئالاقىزادىلىك بىلەن ماڭا قاراپ قويۇپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كەتتى. ئادەتتە ئۆيدە ئاكام ئىككىمىزلا تۇرىدىغان ، يەنى كىلىپ كۆپىنچە ھاللاردا ئاكام ئۆيگە كەچ قالىدىغان بولغاچقا ئۆينىڭ بىخەتەرلىك سېستىمىسى خېلى يۇقىرى ئىدى. سىرتتىن كىرگۈچە ئىشىككە مەخپى نومۇر بىكىتىلگەن بولۇپ ئاكام ئىككىمىزلا بىلەتتۇق. ئىشىك ئالدىغىمۇ تىلكامىرا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىشىك سىرتىدىكى ئادەمنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئوچۇق ئاڭلىغىلى بولاتتى. مەن ئاستا كومپىيۇتىر ئالدىغا كىلىپ ئىشىك سىرتىدا پاراڭلىشىۋاتقان زىبانىڭ قىزىرىپ تاتىرىپ سۆزلەۋاتقىنىنى كۆردۈم:

ـــ ۋەلى ... ئاخشام مەستلىكتە ھېلىقى رىشات دىگەن سولتەككە نىمىلەرنى دېگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟؟ ئەمدى نىجات بىز بىلەن كۆرۈشىدىكەن، ئۇ ئۆلمەپتۇ، ئەمدى بىزنى بوش قويمايدۇ؟

ـــ نىمە؟؟ سەن ئاخشام رىشاتنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن نىجاتنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانما؟؟

 مەن تىڭشىغۇچنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە تەڭشىگەندىن كىيىن زىبانىڭ تىلىفونىدىن چىقىۋاتقان ۋەلىنىڭ ئاۋازىمۇ غىل پال ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

ـــ جىنىم زىبا.. سەن ئەنسىرىمە، ئۇ بودەك بەك قورقۇنچاقكەن. ئاخشام مەن ئۇنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ سرتقا ئىلىپ چىققاندىن كىيىن پىچاقنى گېلىغا تىرەپ ئۇنىڭدىن نىمىشقا بۇلارنى سورايدىغانلىقىنى دەپ بېرىشكە قىستىدىم. ئۇ نىجاتنىڭ ھايات ئىكەنلىكنى، لىكىن خاتىرىسىنى يوقاتقانلىقنى ئېيتتى. ئۇ بەكلا كۆڭۈلچەك نىمىكەن، تىخى، نىجات خاتىرىسىنى يوقاتتى، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى. مەن ھەرگىز ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى دىمەيمەن. ئۆتۈنۈپ قالاي. بۇ سىرلار مەڭگۈلۈك ئۇنىڭ خاتىرىسىدىن يوقالسۇن. خۇددى نىجات دىگەندەك دۇنيا گۈزەل پېتى تۇرىۋەرسۇن. سەنمۇ ئۇنىڭ جانجىگەر ئاغىنىسى بولىۋەرگىن.. دەپ تىزلىنىپ يالۋۇردى. مەنچە ئۇنىڭ دىگەنلىرى راستتەك قىلىدۇ. شۇڭا نىجات بىلەن كۆرۈشۈپ قالساقمۇ چوڭ چاتاق يوق، ئۇ پەقەت خاتىرىسىنى يوقاتقان بىچارە خالاس، شۇڭا سىڭلىسى پەرىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىنى چاندۇرمايلى. كىيىن جايلايمىز...

 مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بۇتتەك قېتىپلا قالدىم. ھەتتا زىبانىڭ سىرتتىن كىرىپ نەچچە قىتىم ئىسمىمنى چاقىرىپ جاۋاب ئالالماي ياتاق ئۆيۈمگە كىرگەنلىكنىمۇ سەزمەپتىمەن. ئۇ كومپىيۇتىردىكى تىلكامىراغا، ھەم يولدىكى ماشنىىلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرغان كۆرىنىشكە قاراپ ھەممىنى چۈشەندى بولغاي، دەرھال ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

 

 9. بەخىتسىز ئادەم

 

رىشات تېخىچە خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئاخشام سائەت قانچىدە ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن. لىكىن تاڭ يورىمايلا يەنە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. ئاخشام يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتىدىن ئويلاشقا باشلىدىم: رىشات كېچىلىك كۇلۇبقا مېڭىشتىن بۇرۇن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يانفونىنى ئېلىپ ئۈنگە ئالىدىغان يەرنى بېسىپ قويدۇم. ئەلۋەتتە، ئۇ ئادەتتىكى بىپەرۋالىقى بىلەن تازلىق ئۆيىدىن چىقىپلا يانفوننى يانچۇققا سېلىپ مىڭىپ كەتتى. سېڭلىمنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قايتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرخىل ئېيتىپ بولغىلى بولمايدىغان مەيۈسلىكنى كۆردۈم. ئۇ ئاغىنەم ۋەلىنى كۆرگەنلىكنى، ئۇنىڭ ياخشى تۇرۋاتقانلىقنى، قىز دوستۇم زىبانىڭ يىغلاپ قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەنلىكنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن مىنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىش ئىشىنىڭ بەلكىم ئوقۇشماسلىق ئىكەنلىكنى، دۇنيانىڭ گۈزەل ئىكەنلىكنى ئېيتىپ مىنى ئىشلارنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاشقا، ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندىدى. ئەلۋەتتە.. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن مەن ئاستا ئۇنىڭ يانفونىنى ئالدىم.ئۈن تىخىچە ئېلىنىۋاتاتتى. مەن ئۈن ئېلىشنى توختىتىپ ساقلىۋەتكەندىن كىيىن قۇلىقىمغا نائۇشنىكنى سېلىپ ئاڭلاشقا باشلىدىم. ئاۋاز يوق يەرلىرىنى ئۆتكۈزۋەتكەندىن كىيىن كېچىلىك كۇلۇبتىكى قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ئاۋازلىرى چىقىشقا باشلىدى.مەن زەن سېلىپ ئاڭلاشقا باشلىدىم.

ـــ زىبا ، ۋەلى ئىككىڭلارغا گېپىم بار ئىدى .. بۇ رىشاتنىڭ ئاۋازى ئىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كەلدى. ــ ھەي، ۋەلىنىڭ ئۇ مىجەزىدە رىشاتنىڭ مۇشۇ گېپى ئۈچۈنلا ئۇنى ئۇرۋىتىشى مۇمكىن. مەن داۋاملىق ئاڭلىدىم. ئاڭلىغانسېرى دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاڭلىدىم. خۇددى ئۆزۈمنى ئاشۇ يەردە باردەك ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئاڭلىدىم. ۋەلىنىڭ رىشاتقا: ئۇنى مەن ئۆلتۈردۈم سولتەك، دىگەنلىرى... ئاخىرىدا رىشاتنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ ۋەلىگە يېلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن داۋاملىق مىنىڭ ياخشى ئاغىنەم رولىنى ئېلىشىنى ئۈتۈنگەنلىكى.... مانا مەن ئويلىغان گۈزەل دۇنيا... مەن رىشاتنىڭ نىمىشقا قايتىپ كىلىپ مىنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەسلىككە دەۋەت قىلغانلىقنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .ئۇ مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى گۈزەل دۇنيانى، چىن دوستلۇقنى، پاك مۇھەببەتنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىغان. كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلىرىمنىڭ خاتىرەم بىلەن تەڭ يوقاپ كىتىشىنى ئارزۇ قىلغان. ھەممە يەنە ئۆز پىتى گۈزەل، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن، مەن ئاددى بىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدىم خالاس. نىمىشقا بۇ ئۈن نى ئاڭلىغان بولغىيتىم... ئاڭلىمىغان بولسام، رىشات نەقەدەر ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان. ئاغىينەم مەندىن يۈز ئۆرىمىگەن، قىز دوستۇم ماڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، مىنى يىغلاپ كۆزى ئىششىپ كەتكەن پېتى تۇرىۋىرەتتى ئەمەسمۇ...

 مەن كۆز ياشلىرىمنىڭ ئېقىپ ياستۇقىمنى ھۆل قىلىۋەتكەنلىكنى سەزدىم. مەن نىمانچىۋالا مەغلۇبىيەتلىك ياشىغاندىمەن.. خەير .. ھېلىھەم بۇ پەقەت ئۆتمۈش. مەن ئۇ سىننى يۇيىۋەتتىم، كۆز يىشىمنىمۇ سۈرتىۋەتتىم. ئاندىن ئۆز ئۆزۈمگە دىدىم:

 ــ مەن خاتىرەمنى يوقاتتىم ، مەن ھازىر يىقىن ئاغىنەمنى، سۆيگەن قىز دوستۇمنى، جانجىگەر سىڭلىمنى كۆرگىلى بارىمەن.

ـــ رىشات.. ئورنۇڭدىن تۇرە. ھەممىنى قايتىدىن باشلغىلى ماڭىمەن... كىيىنكى قىسىمدا ۋەقەلىكتە يەنە چوڭ بۇرۇلۇش بولماقچى.. دىققىتىڭىز داۋاملىق تىلىفونىڭىزنىڭ ئىكرانىدا بولسۇن..





1267 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 21:01:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ