يوقالغان قوشۇن - 1- قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن

 (1-قىسىم)

 … metro.....

 چەكسىز كەتكەن بىپايان قۇملۇق پۈتۈن كائىناتتىن ئايرىلغان ھالەتتە كۆڭۈلگە ئۈلۈم ۋەھىمىسى سېلىپ، ئاسماننىڭ يەنە بىر چېتىگە تاقىشقىنىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى، كۈزنىڭ ئىسسىقى ئۇنچۇۋالا كۈچلۈك بولمىسىمۇ ، لېكىن قۇمغا چۈشۈپ يانغان تەپتى ئادەمنى كۆيدۈرۈپ بىئارام قىلاتتى، شۇ چەكسىز قۇم دېڭىزىدا بىر توپ قارا سايىلەر بىلىنەر - بىلىنمەس سۈرىلىۋاتاتتى ، ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپى شۇنداق تۇمانلىق بولۇپ خۇددى بۇ بىر توپلار ئالىۋاستى قەلئەسىگە كىرىپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى، ئاسماندا بىر نەچچە پارچە بۇلۇت قوياشنىڭ چۈشكى ئىسسىقىدىن داجىپ بەزىسى پۇتى يوق توشقاندەك ، بەزىسى كاللىسى ئۈزۈلگەن ئادەمدەك ، بەزىسى سوزۇلۇپ ياتقان يىلاندەك شەكىللەردە ئۆزگۈرۈپ تۇراتتى.

بۇ كۆلەڭگىلەر بىر توپ ئەرۋاھلاردەك قۇم بارخانلىرى ئارسىدىن سۇز ئىز قالدۇرۇپ سەپ تارتىپ ئىلگىرلەۋاتاتتى ،ئۇلار دەل گۇمىنداڭنىڭ ئازاتلىق ئارمىيەگە تەسلىم بولۇشنى خالىمىغان باندىت تۈسىنى ئالغان قوشۇنى بىلەن يەرلىك بەگلەردىن تەشكىل تاپقان قىلمىغان ئەسكىلىگى قالمىغان ،قانخور ، ياۋۇز قاچقۇنلار توپى ئىدى ، بۇلار قىزىل ئارمىيەنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپلا بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ ، سۈپۈردىغاننى سۈپۈرۈپ، قۇملۇقنى ئۇدۇل كىچىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىككى يۈزدەك قوشۇن ئىدى، ئۇلارنىڭ قاتناش قورالى تۆگە ، ئات ، ئىشەك بولۇپ، دەسلەپتە سەپەرگە ئاتلانغاندا ئېلىپ ماڭغان ماشىنىلىرى قۇملۇق ئىچىگە كىرگەنچە قۇمغا پېتىپ ماڭالماي قالغاندا يۈكلەرنى تۆگىلەرگە ئارتىپ تاشلىۋېتىپ موشۇ مەنزىلگە يىتىپ كىلىشكەن ئىدى. كەينىدە كىتىۋاتقانلار ئەسكەرلەر ، ئۇلار دەۋزەخكە ماڭغاندەك باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە ، چىرايىنى توپا - چاڭ باسقان ،كەلپۈكلىرىنى گەز باغلاپ كەتكەن ، چاپانلىرىنىڭ ئالدى ئېچىلغان ھالدا بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى دەسسەپ مىلتىقلىرىنى سۈرىگىنىچە كىتىپ باراتتى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۆگە قوشونى، تۆگىلەردىن كۆپىنچىسىگە ئوزۇق - تۈلۈك ، سۇ ،ئالتۇن - كۆمۈش ، قىممەت باھالىق ئاسارە - ئەتىقە ، بويۇملار ، ھەر خىل مال - دۇنيالار بېسىلغان بولۇپ ئاز بىر قىسمىغا ھەربىي باشلىقلار بىلەن بەگلەرنىڭ خوتۇن - بالىلىرى ئولتۇرغان ئىدى ،ئۇلارنىڭ ئالدىدائات مىنىپ ماڭغانلار ھەربىي باشلىقلار بىلەن بەگلەر ئىدى ،ئەڭ ئالدىدا ئىشەكتىن بەشى بار ئىدى ، بۇلارغا پىلىموت ، مىنامىيوت قاتارلىق قوراللارنى تاڭغاندىن سىرىت ئوق - دورا ئارتىپ قويۇلغان ، ھەر بىر ئىشەكنى بىردىن ئادەم يىتىلگەن ، بۇلاردىن ئۈچىسى تېخىنكىلىق ئوسۇلدا يول باشلايدىغان ھەربىي ئەسكەرلەر بولسا، ئىككىسى قۇملۇق كىزىپ ئۆمۈرىنىڭ يېرمىنى ئۆتكۈزگەن ،پىشقان يول باشلىغۇچى سادىر بۇۋاي بىلەن بەستلىك ، قورۇقماس كىچىك ئوغلى پولات ئىدى ،ئۇلار مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپ ئىشقا سېلىنغان بولۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ سەپ تارتىپ كىتىپ باراتتى ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يۇغان «قارا ئېيىق» ئىتى تىلىنى ساڭگىلاتقىنىچە ھەسىرەپ ئەگىشىپ كىتىۋاتاتتى.

قوشۇن ئالدىدا سىرلىق ئېزىتقۇ سۇ خۇددى بىر دېڭىزدەك كۆزنى بوياۋاتاتتى ،ئاسماندا قەيەردىندۇ پەيدا بولۇپ قالغان بىر سا ئۇلارغا خەتەر بارلىغىنى ئەسكەرتكەندەك غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ ئەگىپ يۈرەتتى. سەپەر داۋام قىلماقتا ئىدى ، ئۇلار بىر قۇم داۋاندىن ئۆتۈشىگە ئۆچ داۋان قورۇشاپ تۇرغان بىر چاتقاللىق ، يۇلغۇنلۇققا دۈچ كەلدى ،بۇ چاتقانلىق شۇنداق سىرلىق ھالەتتە بولۇپ خۇددى مۆجىزىدەك قاقاسلىق ئوتتۇرسىدا پەيدا بولۇپ تۇراتتى ، ئاتلىق غادىيىپ كىتىۋاتقان ئەللىك ياشلاردىكى سوزۇق چىراي ، گازىر كۆز ، قارامتۇل چىراي ھەربىي قۇماندان قوغدۇغۇچى ئەسكىرىگە بۇيرۇق قىلدى:

 - قوشۇن موشۇ چاتقانلىقتا ئارام ئالسۇن .

 قوشۇن جاكارچىنىڭ ئاۋازى بىلەن چاتقانلىق ئەتىراپىغا كىلىپ توختىدى ، ئاتلارنىڭ ھالى ئاران قالغان بولۇپ ئۆستىدىكىلەر چۈشىشىگە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قېلىشتى ، پۇتۇن قوشۇن چاتقانلىق چېتىدىكى تۈزلەڭلىككە توپلاندى.

 - ئاتا ، - دىدى پولات ئاتىسىنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ ،- بۇ يەر ماڭا ئەجەپ غەلىتىلا بىلىنىۋاتىدۇ.

 سادىر بۇۋايمۇ ھەيرانلىق بىلەن ئەتىراپقا نەزەر سالغاچ ئوغلىغا :

 - مەن شۇنچۇۋالا قۇم ، چۆل كىزىپ بۇنداقمۇ جايلار بارلىغىنى كۆرمەپتىمەن ، مەنمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن بالام ، ئۇ ئىككىسى ئەتىراپقا نەزەر تاشلاۋاتقاندا «قارا ئېيىق » تۇيۇقسىز چاتقاللىق ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى …

 بۇ قوشۇننىڭ قورقۇنۇشلۇق، خەتەرلىك ، ۋەھىمىگە تولغان ھايات - ماماتىغا قىزىقسىڭىز كىيىنكى قىسمىغا نەزەر سېلىڭ …

 2015-9-21





3250 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-21 22:33:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-20 0:14:32 ئەمەرجان ئېلى
قورقۇنۇشلۇق سىرلىق رايۇن 2-بۆلۈمنىڭ داۋامى تېزراق چىقسا بۇلاتتى
2016-7-1 15:02:39 مەتقۇربان ئەكرەم
يۇقالگان قۇشۇننىڭ 4،قىسمىنى ئەۋەتىڭلا
2015-10-12 10:39:17 jasur
يۇقالغان قوشۇننڭ 2.قىسمى يوقما
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ