دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم؟ (1-قىسىم)
مەريەمگۇل تاشمەمەت
ئەتىگەندە تىلفۇنىڭ قاتتىق جىرىڭلىشىدىن چۆچۈپ ئۇيغاندىم،
-ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم مەن ئاپاڭ
-ھە ئاپا ئەتىگەندە تىلفۇن ئۇرۇپ قاپسەنغۇ؟
-جىنىم قىزىم ئۇزڭنى تۇتىۋال دۇستۇڭ مۇھەببەت،،،،ئۇ،،،،ئۇلۇپ كەتتى،،،،
-نىمە ئۇلۇپ كەتتى،،،،تىلفۇن تۇرۇپكىسى قۇلۇمدىن يەرگە چۇشۇپ كەتتى،بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋەر يۇركۇمنى مۇجۇپ مىنى تەسۋۇرلىگسىز ئازاپقا مۇپتلا قىلدى،بىشىم تۇختماي پىرقىرايتى،
ئاپامنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلىمىدمۇ ياكى ئاڭقىرالمىدمۇ دۇستۇمنىڭ ئۇلۇم سەۋەبىنى بىلمىدىم،مەن ئىسىمنى يىغىپ يۇلدشمغا بۇلغان ئەھۋالنى دىدىم ھەم قالغان ئىشلارنى يۇلدشمغا تاپشۇرۇپ ئانچە مۇنچە تەيەرلىقىمنى قىلىپ يۇرتۇمغا قاراپ يۇل ئالدىم.
ئاپتۇبۇستا يىنىك سىلكىنىپ كىتۋاتىمەن،كۆز ياشلىرىمنى ھىچ باشقۇرالايدغاندەك ئەمەس،ياشلىرىم ئۇزۇمگە بۇيسۇنماي تۇكۇلەتتى،تۇختىماي تۇكۇلۋاتقان شۇ ياشلىرىمدادۇستۇمنىڭ گۇزەل سىماسى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى،خىيالىرىم بۇلسا پەرۋاز قىلىپ دۇستۇم بىلەن ئۇتكۇزگەن كۇنلۇرمگە كەتتى.
مۇھەببەت ئۇ مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەڭ ياخشى دۇستۇم ئىدى،بىز بىر سىنىپتا ئۇقۇيتۇق ،بىللە ئۇينايتۇق بىللە دەرس ئۇگۇنەتتۇق،ئۇ يۇزلىرى يۇپ يۇمىلاق ،ئاپپاق دائىم چىچىنى ئىككى ئۇرۋالىدغان ئۇماق بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ ئۇيى مەكتەپكە يىراق بۇلغاچقا كۆپۇنچە بىزنىڭ ئۇيدە قۇنۇپ قاللاتى،ئۇ ئۇيىمزدە قۇنۇپ قالغان كۇنلىرى بەك خۇش بۇللاتتى،ئاتا ئانامۇ ئۇنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى.
ئۇ مەكتەپلەردە بەكلا كەمسۆز،خىيالچان بۇلۇپ ئۇزنىڭ يىشغا ماس كەلمگۇدەك دەرىجىدە جىمغۇر ئىدى، دائىم چۆچۈپ،قۇرقۇمسىراپلا تۇراتتى،مەندىن باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ئارلاشمايتتى،ئۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ مىجەز خاراكتىرى شۇنداق دەپ ئۇيلايتىم ئەمما ھازىر ئۇيلىسام ئۇنىڭ شۇ گۇزەل چىرايىغا نۇرغۇن يىشىمى يۇق سىرلار يۇشۇرنغان ئىكەن.
-مەن چۇڭ بۇلسام داڭلىق مەكتەپلەردە ئۇقۇپ مۇئەللىم بۇلىمەن،دەپ ئارزۇلۇرۇم تۇغۇرىسىدا تۇختماي سۇزلەيتىم،بۇنداق چاغلاردا ئۇ يەنىلا يىراق يىراقلارغا قاراپ خىيالغا چۆمەتتى.
-مۇھەببەت ئارزۇيۇڭنى دەپ باقە-بىر كۇنى سۇردۇم مەن قىزىقىپ،
-مەن چىرايلىق تۇي كۇينىكى كىيىپ ئۆزۇم ياخشى كۇرگەن بىرسى بىلەن تۇي قىلىمەن،مەن ئۇنىڭ جاۋابىغا ھەيران قالدىم بۇ بىزنىڭ ئەمدىلا تۇللۇق ئىككىنجى يىلقتا ئۇقىۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى.
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى ،مەن ئارزۇيۇمدىكىدەك قەشقەر پىداگۇگىكا ئۇنۋىرستىتىدا ئۇقۇپ ئۇقۇتقۇچى بۇلدۇم ھەم ئالىي مەكتەپتكى قەشقەرلىك ساۋاقدىشىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قەشقەردە بەخىتلىك ئائلەمنى قۇرۋالدىم
ئەمما دۇستۇم ئارزۇيىغا يەتىمۇ يەتمىدمۇ بۇنى بىلمەيتىم،ئۇ تۇلۇقسىزنى تاماملاپ ئۇقىمىدى ئارلىقتا بىر نەچچە قىتىم ئاللاقىلاشقان بۇپتۇق،كىيىن مەنمۇ ئۆز ئىشىم بىلەن ئالدىراش بۇپ كەتتىم،بەزى چاغلاردا ئۇنى ئەسلەپ قاللاتىم ھەم سىغىناتىم.
يۇرتۇمنى ئۇسمۇرلۇك چاغلىرىمنى ئۇيلساملا ئەڭ ئاۋال مۇھەببەت ئىسىمگە كىلەتتى،مەن مۇھەببەتنى ھەقىقەتەن سىغىنغان ئىدىم،مانا بۇگۇن ھەممە تامام بۇپتۇ شۇ يىللاردا ئۇنىڭ شۇ مەسۇم چىرايىغا نىمە سىرلار يۇشۇرۇنغان بۇلغىيتى،ئۇ نىمشقا شۇنچە تۇيۇقسىز ئۇلۇپ كەتكەندۇ،ئۇنىڭ ئۆلىمى مىنى ئازاپلىسا بىچارە دۇستۇمنى بىرەر قىتمۇ ئىزدىمگىنىم ۋىجدانىمغا تىكەن بۇلۇپ سانجىلاتتى،ئۇيلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇپكەم ئۇرلۇپ تىخمۇ قاتتىق يىغلىدىم،،،،
دۇستۇم زادى قانداق ئۇلۇپ كەتتى قىزىقسىڭىز ھىكايىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلىڭ!!!!!!
1224 قېتىم كۆرۈلدى | maryamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-19 23:19:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-31 3:26:11 | مەرھابا |
ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن ،قەلەم ئىگىسىگە رەخمەت داۋاملىق تىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|