بىر كۆرۈپ كۆيۈش (2)

         بىركۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش (2)
ھېكايە
 شۆھرەت كامىل مېھمان

بەزىلە ھاياتىدا بىرسىنى بىرلا قېتىم كورىدۇ ئۆمۈر بويى ئۇنى ئەسلەيدۇ .يەنە بەزىلە بىر ئىككى يىل بىللە ياشىسىمۇ بىر سائەتتە ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ...  
  - مەن سىلەگە سۆزلەپ بەمەكچى بولغان ھېكايە ،-دېدى مۇئ‍ەللىم بورنى ئۈستەلگە قويۇپ قولىنى بوش سىلكىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى- بۇنڭدىن بەش يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپكە چىققان  تۇنجى يىلى دىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ،مەن ئۇنىڭ بىلەن تورخانا ياكى بىرە ساۋاقداشلا يىغىنى ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ بىر سورۇندا تونۇشقان ،بىر نەچچە قېتىم سورۇنلادا ئۇچۇرشۇپ قالغان بولساق كېرەك ،گېپىمىز بىر يەدىن چىققاشقىمىكىن تېزلا يېققىن دوسلا دىن بولۇپ قالدۇق.مەن قەشقەردىن ئۇ خوتەندىن ئىدى ھەپتە ئارلىقلىرىدا بىزنىڭ مەكتەپ يا بولمىسا ئۇلانىڭ مەكتىپىدە يىغىلشاتتۇق . دائىم ئۇ مېنى باشتا چاقىراتتى چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى باي بولغاچقىمىكىن قىزلا ئۇنىڭ يېنىدىن كېتەلمەيتتى ، مەنمۇ شۇيېرىگە ئامراخ ئىدىم ، مۇنداق دېسەم مۇئەللىممۇ شۆھرەتكە ئوخشاش سۇيۇقكەن دەپ قالماڭلا ...،-سىنىپتا يەنە كۈلكە ئاۋازى ....مەنمۇ بوش كەلمىدىم
- مۇئەللىم بىر ئىككى قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قويغانغا سۇيۇق بولۇپ قالدىمما - دېدىم،مۇئەللىم ھەيران قالغان ھالەتتە
- پاراڭلىشىپ قويغان دە مەكتەپتە قولتۇقلىشىپ كۈندىزى ئادەم يوق جاينى كەچلىگى چىراق يوق جاينى ئىزلەپ پاراڭلىشىسەن ئەمەسمۇ ، بىر ئىككى  مېنىڭ كۆرگۈنۈملە بەش ئالتىگە يېتىدۇ، قانداقمۇ ساددا قىزلا دەيمەن بىر ئىككى كوپلىت شېئىر بىر ئىككى ئېغىز تاتلىق سۆزۈڭگىلا ئىشىندىغان   بولدى شۆھرەت باشقا ساۋاقداشلىرىڭنىمۇ ئويلاپ قوي .سەن كەلگىلى ئەمدى ئككى ئاي بولدى .مۇنداق قىلساڭ مەكتەپ پۈتكەزگىچە مەكتەپتىكى قىزلالا ئەمەس ئۈرۈمچىدىكى قىزلانىڭ ھەممىنى نىمكەش قىلىۋەتمە يەنە ...-سىنىپتا يەنە كۈلكە قىزلا نىڭ ئاچىغى كەلدى بولغاي مۇئەللىمگە سەت قاراپ كېتىشتى ..
ئەلۋەتتە نىمكەش ماشىنا نىمكەش تېلفون نىمكەش كىتاپ دەپ ئاڭلىغان مۇئەللىمنىڭ بۇ گېپى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتى، مۇئەللىم ئۆزىمۇ سەزدى بولغاي
-چاقچاق كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن- دەپ مەندىن كەچۈرۈم سورىغان قىياپەتتە باشقىلادىن كەچۈرۈم سورىۋالدى بولغاي، ھەممەيلەنگە بىر قۇر قاراپ چىقتى ..ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى......
بۇ ئىشلا  ئوقىۋاتقان ۋاختىمدا يۈز بەگەن راس ۋەقەلە بولغاچقا تەھرىرلەپ يۈرمەستىنلا يوللىدىم ،ئوقۇرمەنلەنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۆمۈد قىلىمەن (سۆزلۈگۈچى ئازىدۇ ھەم يېڭىلشىپ قالىدۇ،ئەقىللىقلا تۈزىتىپ ئاڭلايدۇ،سۆز ھىڭگان تۆگىگە ئوخشايدۇ قاياققا يىتلىسە مېڭىۋېرېدۇ.سۆزنى بىلىپ سۆزلىگۈچىلەمۇ كۆپ ،ئۇنى توغرا چۈشىنىپ ئاڭلىيالايدىغانلا مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەزىزدۇر-يۈسۈف خاس ھاجىپ)
     

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589






490 قېتىم كۆرۈلدى xohret ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 10:40:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ