بەشىنچى ئالما ( تەسىرلىك بالىلار ئوقۇشلىقى) - نۇرانى

 بەشىنچى ئالما
  نۇرانى
 ( تەسىرلىك بالىلار ئوقۇشلىقى)

微信图片_20170410234456.jpg 1


   بىر ھەپتە بۇرۇن فاڭ مۇئەللىم ساۋاقداشلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇردى.-سىلەر ئالمىنى ياخشى كۆرەمسىلەر- دەپ سورىدى ۋاڭ مۇئەللىم.ساۋاقداشلار بەس بەستە ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمىز دەپ چۇرقىرىشىپ كەتتى.ئاۋازى بوم چىقىدىغان  پەن لىياڭ سومكىسىدىن قىپقىزىل يوغان ئالمىنى چىقىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ مۇئەللىمگە قاراپ پۇلاڭلاتتى.
   بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇق ئالاھىدە ھەم قىزىقارلىق ئىدى.
   فاڭ مۇئەللىم كۆپچىلىككە«ئالمىنى» تېما قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،ئاتا-ئانىسىدىن، ئەتراپىدىكى تونۇش كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ ،ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايە توپلاپ كېلىشنى،بولۇپمۇ ئۆزىگە باغلاپ ھېكايە يېزىپ  كېلەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئورۇنلاشتۇردى.
  فاڭ مۇئەللىم كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ،نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى،ھەتتا دۆلەت ھالقىپ، تارىخ، جەمىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى،ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كەڭ دائىرىدە ئىزدەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.فاڭ مۇئەللىم:
 -  بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى تاپشۇرۇق دەپتەرگە يازمىساقمۇ بولىدۇ.بۇ توغرۇلۇق مەخسۇس سىنىپ يىغىن ئېچىلىدۇ،يىغىندا ساۋاقداشلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىگىلىگەن ماتېرىياللارنى كۆپچىلىككە  ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرسەك بولىدۇ.پەقەت ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايە بولسا ساۋاقداشلار ھەممىمىز سۆزلەيلى، ئۆزىمىزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرايلى، كىم ئالمىنىڭ ھېكايىسىنى  ئەڭ تەسىرلىك سۆزلىيەلەيدىكىن - دىدى


  2


   بىر ھەپتە ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى.
   ئالما توغۇرلۇق سىنىپ يىغىن باشلاندى، ھازىرقى دەۋردىكى ئوقۇغۇچىلار ئەقىللىق ھەم جۇشقۇن بولۇپ نەزەر دائىرىسىمۇ كەڭرى ئىدى.بىر  بىرلەپ ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلىدى.مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلارنى تەقدىرلەش يۈزىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئالما تېمىسىدا ناھايىتى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى قىزغىنلىق بىلەن ماختىدى.ئارقىدىن ساۋاقداشلارنىڭ بايانىنى باھالاپ تەھلىل قىلدى.
   -ساۋاقداشلار بۇ قېتىمقى ئالما توغۇرلۇق تاپشۇرۇقنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاپسىلەر، بەزى ساۋاقداشلاردا تەكرارلىنىشمۇ بولۇپ قاپتۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن تۆت پارچە ئالما توغۇرلۇق ھېكايىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، ئەمىسە قايسى تۆت ئالما ھېكايىسى بار؟، قېنى كىم سۆزلەپ باقىدۇ؟.
- مەن سۆزلەي ،مەن سۆزلەي!-دىگىنىچە ساۋاقداشلار بەس بەس بىلەن قول كۆتۈرۈشتى، ئەمما ئاۋازى بۇم چىقىدىغان پەن لىياڭ جىمجىت ئولتۇراتتى.
 جاڭ شياۋيىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ:-مەن بىرىنچى ئالمىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ باقاي -دىدى.ئۇنىڭ دېيىشىچە،300 نەچچە يىللار ئىلگىرى ئەنگىلىيىدە، بىر دانە ئالما دەرەختىن نيۇتۇن ئىسىملىك ئالىمنىڭ بېشىغا چۈشكەنىكەن، بۇ ئالما نىيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بايقاشقا تۈرتكە بولغان ئىكەن.
   ئاخىرىدا جاڭ شياۋيىڭ بۇ ھېكايىنى دادىسىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تولۇقلاپ قويدى.
   مەن ئىككىنچى ئالمىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ باقاي!
   ۋاڭ مېڭ مېڭ تېخىمۇ مەنىلىك قىلىپ، مۇنبەرنىڭ ئالدىغا كەلدى قولىغا بور ئېلىپ دوسكىغا ئالمىنىڭ سۈرىتىنى سىزدى ،قۇلىدا ئازراق يېرى كەمتۈك ئالما تۇراتتى، خۇددى بىرسى چىشلىۋالغاندەك، كۆپچىلىك كۆرگەنسىلەر، بۇ جوبىنسۇن كەشىپ قىلغان دۇنياغا داڭلىق ئالما، بىز ئىشلىتىۋاتقان كۆپ قىسىم كومپيۇتېر ۋە تېلفونلارنىڭ ھەممىسى ئالما ماركىلىق، جوبىنسۇن كەشىپ قىلغان بۇ ئالما دۇنيا ئىلىم پەن تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ كەلدى.جۇ بىنسۇن گەرچە ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىمەن ھەم ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن -دىدى.
  ۋاڭ مېڭ مېڭغا بۇ ھېكايىنى تور ئالاقە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان تاغىسى سۆزلەپ بەرگەن  ئىكەن .
 ساۋاقداشلار قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ۋاڭ مېڭ مېڭنى ئالقىشلىدى.پەن لىياڭ يەنىلا جىمجىت ئولتۇراتتى، خۇددى بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
    ئالما توغۇرلۇق ئىككى ھېكايە سۆزلىنىپ بولدى، قالغان ئىككى ئالما توغۇرلۇق سۆزلەنگەن ھېكايىلەر تېخىمۇ رەڭدار مول مەزمۇنلۇق ئىدى.بىرى،« ئىنجىل»دا ئىككى ئادەم ئوغرىلىقچە ئالما يەپ قويغانلىق توغرىسىدىكى ھېكايە، يەنە بىرى ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان خەلق مەيدان ئۇسۇلى «كىچىك ئالما »ھېكايىسى ئىدى.تۆتىنچى ئالمىنىڭ ھېكايىسىنى سىنىپنىڭ سەنئەت ھەيئتى ياڭ مېي مېي سۆزلەپ بەردى.ئۇ مومىسىنىڭ خەلق مەيدانىدا، كىچىك ئالما ئۇسسۇلىنى ئويناشقا بەك ئامراق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئويناپ كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈۋەتتى.
              سەن مېنىڭ كىچىككىنە ئالمامسەن،
      قانچە ياخشى كۆرگەنسېرى يىرگىنمەسمەن.


  3


  تۆت ئالما توغۇرلۇق ھېكايە سۆزلىنىپ بولدى، ساۋاقداشلار يەنە تولۇقلاشقا تېگىشلىك جايلار بارمۇ؟- فاڭ مۇئەللىم كۆپچىلىككە كۆز يۈگۈرتكەچ سوئال سورىدى.
  سىنىپنىڭ ئىچى جىمىپ كەتتى، بۇ تۆت ھېكايە بىر بىرسىدىن سەرخىل بولغاچقا كىممۇ بۇنىڭدىن ياخشى ھىكايىنى سۈزلىيەلىسۇن؟.
   مەن.....بەشىنچى ئالمىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ باقسام بولامدۇ؟- پەن لىياڭ پەس ئاۋازدا سورىدى.
   ئۇھۇ ،سەن بەشىنچى ئالما توغرىسىدا ھېكايە سۆزلىمەكچىمىدىڭ؟ قىنى سۆزلىگىن- فاڭ مۇئەللىم چاۋاك چېلىپ پەن لىياڭنى سۆزلەشكە دەۋەت قىلدى.
   پەن  لىياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ سومكىسىدىن قىپقىزىل ئالمىنى چىقاردى.
   - مەن بىر ئادەم توغرۇلۇق سۆزلىمەكچىمەن-  دېدى ئۇ كەسكىن قىياپەتتە.
   بۇ ئادەم ئالما يېيىشكە بەك ئامراق، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە مومىسىمۇ ئالما يىيىشكە بەك ئامراق، ئەمما ئۇلار ئۆزى يېيىشكە كۆزى قىيماي ئەڭ ياخشى ئەڭ چوڭ ئالمىنى ئۇنىڭ يېشىگە بېرىدۇ.ھەر كۈنى مەكتەپكە ماڭغۇچە مومىسى ئۇنىڭ سومكىسىغا ئالما سېلىپ قويىدۇ.بەش كۈن بۇرۇن، مومىسى ئاغرىپ قېلىپ ياتاقتا يېتىپ قالغاچقا، ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ سومكىسىغا ئالما سېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن،بۇ ئادەم ئالما يېيەلمىگەنلىكتىن ئاچچىقى كېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ۋارقىراپ جارقىراپ ئاتا-ئانىسى بىلەن راسا ئۇرۇشۇپتۇ.
 مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ بار ئىكەن ھە!، ساۋاقداشلار بەس بەستە مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.
   -سىلەر مانا مۇشۇنداق ئادەمدىن نەپرەتلىنەمسىلەر -  پەن لىياڭ كۆپچىلىككە تىكىلدى.
  نەپرەتلىنىمىز... كۆپچىلىك بىرلىكتە ۋارقىرىدى.
  بىراق.....سىلەر بۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟.
  بۇ ئادەم باشقا بىرى ئەمەس دەل مەن.
  نېمە؟..- پەن لىياڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ دەۋاتاتتى.
   پەن لىياڭ كۆزىدىكى ياشنى سۈرتىۋېتىپ:-  مەن ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.ئۆز قولۇم بىلەن ئالما ئاقلاپ مومامغا يېگۈزۈپ قويىمەن، بۇ مېنىڭ بەشىنچى ئالما توغرىسىدىكى ھېكايەم .
  قالغان گەپلەرنى ساۋاقداشلارنىڭ ئالقىش سادالىرى بېسىپ كەتتى.
   مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن تەرجىمە قىلىندى .





171 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 18:59:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ