دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (11-قىسىم)

دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (11-قىسىم)

مەريەمگۇل تاشمەمەت


  بىلسەڭ دوستۇم خۇشاللىق بىلەن خاپىلىقنىڭ ئارىلىقى شۇنچىلىك يېقىن ئى ىكەن، مەن ھەقىقىي بىر مۇھەببەتكە ئېرىشتىم، دەپ ئەخمەقلەرچە شېرىن خىيال قاينىمىغا غەرق بولغان شۇ دەقىقىدە، ئاچچىق قىسمەت مېنى يەنە بىر قېتىم قاراچاڭگىلىغا ئالدى.
بۇ ئىشلار يولدىشىمنىڭ قۇلىقىغا يەت ىكەن چاغدىكى ئىشلارنى ئويلاشتىنمۇ قورقىمەن، ئۇ شۇنچىلىك ۋەھشىيلىشىپ كەتتىكى پۈتۈن بەدىنىم تاياق زەربىسىدىن، تىتما تىتما بولۇپ كەتتى ئەمما يۈرىكىمدە كىچىككىنە بىر ئۈمىد شامى پىلدىرلايتتى، قادىرنىڭ.
-مەن سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىمەن، قوغدايمەن سىزنى ئالىمەن دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭ.لايتى
ۋاقىت ئۆتمەكتە ئازاب داۋاملاشماقتا ئارىدىن قانچە كۈن قانچە ھەپتە ئۆتكىنى نامەلۇم، يولدىشىم يوق ئىدى مەن نېمجان جىسمىمنى كۆتۈرۈپ قادىرنى ئىزدىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى مېنى شۇنچىلىك رەسۋا قىلدىكى بۇ ئىشلارنى ساڭا تىل بىلەن يەتكۈزۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، بۇ ئىشلار ھەممە يەرگە پۇر كەت ىكەن ئىدى مەن كوچىدا پۇتۇم بىلەن ئەمەس يۈزۈم بىلەن يەر دەسسەپ ماڭاتىم كوچىدىكى ئاياللار ماڭا نەپرەت بىلەن قارايتتى تىللايتتى تۈكۈرەتتى.
-مۇھەببەت، كەچۈرۈڭ مەن ھەرگىز ئاىلەمنى بۇزمايمەن بالىلىرىمنى يېتىم قىلمايمەن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
مانا بۇ مەن ئىشەنگەن بارلىقىم دەپ بىلگەن، قادىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ماڭا دېگەن گېپى، جېنىم دوستۇم، ئۇ مېنىڭ ئاجىز ھېسسىياتىمدىن پايدىلىنىپ مېنى ئەخمەق قىپتۇ، مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن نېمىمۇ قىلالايمەن  مەن ئاجىزلىقىمغا تەن بەردىم ئەمما ھازىر دەل ھازىر ئەڭ نەپرەتلىنىدىغىنىم يەنىلا قادىر، بەختلىك بولمىسىمۇ ئۆزۈم مىڭ جاپالاردا تۇتقان ماكانىمنى، ئۇ ۋەيران قىلدى مەن نېمانچىۋالا ئەخمىەق ھە ئۇنىڭ يالغان ياۋىداق، شېرىن شېكەر گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەت ىكەن.
دەل شۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر قەدەمنى خاتا باسقىنىمنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مەن بىر ئاياللىق مەجبۇرىيىتىمنى ئانىلىق مەسۇلىيىتىمنى، پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم قاتتىق ئۆكۈنىمەن، مەن ئالدىنىپ كەتتىم ئەمما بۇنى كىم قوبۇل قىلالايدۇ، كىم ماڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ.
مەن كىشىلەرگىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنياغا يېلىنىش بىلەن قارىدىم ئەمما ئېرىشكىنىم يەكلەش نەپرەت خارلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى، ماڭا ياشاش ھەقىقەتەن تەس كەلدى جېنىم دوستۇم، مەن كېتەي، يالغان بىلەن راست ئارىلىشىپ كەت ىكەن بۇ دۇنيادىن كېتەي، يۈرىكىمگە پاتماي قالغان شۇ ئازابلىرىمنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ كېتەي، ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم يەنىلا ھاياتىمنىڭ خارلىنىش خورلىنىش ئالدىنىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم مېنى كەچۈرۈڭلار
يۈرىكى قان زەردابقا تولغان دوستۇڭ مۇھەببەت.
ئاچچىق ئەلەملەر بىلەن يۇغۇرۇلغان دوستۇمنىڭ خېتى ئاخىرلاشتى، ئەمما قەلبىم قاتتىق بىر ئ‍ىچىنىشتىن پارە پارە بولماقتا، كۆزلىرىمدىن ياش يۈرىكىمدىن قان تامچىلىماقتا.خەت ئاستا قولۇمدىن سىيرىلىپ يەرگە چۈشتى مەن ئەس ھوشۇمنى بىلمەيتتىم، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمەيمەن، ئېسىمگە كەلسەم يىنىمدا مىھىربان ئ‍اپام بىلەن دادام ئ‍ۇلتۇرۇپتۇ ،،،،،،،،
ھەش پەش دېگۈچە يۇرتۇمغا كەلگىلىمۇ بىر ھەپتە بولۇپتۇ، بۈگۈن مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتىم
ئاپتوبۇستا كېتىپ بارىمەن گۈزەل يۇرتۇم ئاتا ئانام دوستۇمنىڭ قەبرىسى، ،،،،،ھەممىلا نەرسە مەندىن ئاستا ئاستا يىراقلاشماقتا ئەمما ئازاب مەندىن يىراقلايدىغاندەك ئەمەس.پۈتۈن جىسمىم ئاچچىقتىن تولغانماقتا كۆڭۈل ئېكرانىمدا نۇرغۇن، سۆزلەر تەۋرەنمەكتە.
دۇنيادا سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ ھەم سەۋەبسىز ئۆلۈممۇ بولمايدۇ، بىرنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئادەم چوقۇم قاتىل.
بىچارە دوستۇمنىڭ ئۆلۈمىگە زادى كىم سەۋەبچى ئادىمى ھايۋان ئۆگەي دادىسىمۇ مەسۇلىيەتسىز ئۆز دادسمۇ ئ‍ۇنى تۇختماي خۇرلىغان شۇ رەزىل يۇلدشمۇ ئۇنىڭ نازۇك ھېسسىياتىنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەن قادىر دېگەن ئىپلاسمۇ، كىم، يۈرىكىم توختىماي نىدا قىلماقتا ئۇنىڭ ھەقىقىي قاتىل زادى كىم، دەڭلارچۇ كىم قاتىل،،،،؟!!!!!!!!

ھېكايە ئاخىرلاشتى مۇشۇ ھېكايەمنى سۆيۈپ ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمىنىمگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ھە م مۇشۇنداق تراگېدىيىلەرنىڭ  يۇز بەرمەسلىكنى ئارزۇ قىلىمەن، ھايات ھەقىقەتەن ئەگرى توقاي، ئەمما ئۆلۈم ئەڭ توغرا تاللاش ئەمەس گۈزەل ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى!!!!!
     





749 قېتىم كۆرۈلدى maryamgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-1 0:20:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-3 1:42:17 AY KOZAM
بەك تەسرلەندىم ئ‍انا دىگەن بالىنىڭ قەھرىمانى بولۇشى ئۈچۈن بىر ئائىلە ئەمەس، ئىسسىق قېنىنى ياكى شىرىن جېنىنىمۇ بالىسى ئۈچۈن تەقدىم قىلالىسا ئاندىن ئانا بولالايدۇ مىنىڭچە ئ‍ۇنىڭ قاتىلى دەل ئانىسى! ۋىژدانسىز ئانا ئىكەن قىزىنى دەپسەندە قىلغان ئ‍ەر بىلەن بىرگەئ‍ۆتۈش شۇنچە ئ‍اسانمۇ ؟!توۋا …🐄خوتۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ