قاراڭغۇ ئورمان 29- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە
قاراڭغۇ ئورمان

ۋەھىمىلىك ھىكايە 29-قىسىم
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)

 - تىز چىكىنەيلى ،- دىدىم ئالدىراپ ،- مەخلوقلار كىلىپ بولغىچە بۇ يەردىن ئايرىلىشىمىز كىرەك !
 قاھارمۇ تىزدىن قورالىنى ئالدى، مەنمۇ قوراللىرىمنى تىرىشتۈرۈپ ماڭىدىغان چاغدا ھامۇت ئاخۇنغا قارىدۇق. ئۇ خۇددى ئەتراپىدا ھېچكىم يوقتەك ئالدىراش قوينىغا ئالتۇن قاچىلاۋاتاتتى .
 - ھامۇت ئاخۇن ئاكا تىز مېڭىڭ ،ھازىر مەخلوقلار يىتىپ كىلىدۇ !
 ئۇ بىزگە لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، ئالتۇنلارنى قوينىغا تىقاتتى، ئالتۇنلار بولسا قوينىغا پاتماي يەرگە چۈشەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئەپتىگە قاراپ ئاچچىغىم كەلدى.
 - ماڭسىلا ،بۇ يەردە جاننى سەپ بىرەي دەپ تۇرساق نىمە بۇ مال - دۇنيا بىلەن ھەپلىشىپ،  جان لازىم ئەمەسمۇ؟
 قاھارمۇ ئۇنىڭ قىلىغىغا چىدىمىدى بولغاي بېرىپلا پىشىدىن تاتتى . 
- ماڭايلى، نىمانداق ئادەم سىلى، ھازىر مەخلوقلار كەلسە مال - دۇنياغا تويغۇزمىغاي ئەمدى!
 ئۇ بىزنىڭ ئەلپازىمىزدىن بىر ئاز قورۇققاندەك قىلاتتى.
 - مانا ، مانا … ماڭايلى ، ماڭايلى ، ئۇ ئېغىزىدا شۇنداق دەپ تۇرسىمۇ ، كۆزى تويماي، قولىغا ئالتۇندىن بولىشىغا كۆتەردى ، بىز ئۇنى سۆرىگەندەك قىلىپ يەر ئاستى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقتۇق - دە چىركاۋ زالى ئىچىگە كىردۇق.
 - قارا ،- دىدى قاھار تۇيۇقسىز توختاپ، ئۇنىڭ چىرايى قورۇققىنىدىن تامدەك تاتىرىپ چىقتى، مەن ئۇ قارىغان جايغا قارىدىم ئالدىمىزدا ھېلقى گۆشخور ھاشارەتلەر توپى تۇراتتى،  ئۇلار يەر يۈزىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ بولغان بولۇپ قارىماققا قارا رەڭلىك سوغا ئوخشاش تەۋرىنىپ تۇراتتى.
 - قانداق قىلىمىز ؟ قېچىپ كىتەلمەيدىغاندەك قىلىمىز !- ئۇ ھەقىقەتەن تەمتىرەپ قالغانتى،  دىمىسىمۇ بۇ ھاشارەتلەرنىڭ ۋەھشىيلىگى ھەممىمىزگە ئايدىڭ ئىدى.
 ھامۇتئاخۇنغا قارىدىم، ئۇ قورقۇپ كەتكەچكە ئەتراپتىن جاننى ئېلىپ قاچقۇدەك جاي ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن قېرىشقاندەك بىز تۇرغان جايدىن سىرتقا چىققۇدەك ھېچقانداق يوچۇق يوق ئىدى. ھاشارەتلەر ئەتراپنى تىمىسقىلاپ بىز تەرەپكە يۇپۇرلىشقا باشلىدى، قاھار بۇ ئەھۋالدىن جىددىيلىشىپ ئۇلارغا قارىتىپ ئوق ئاتتى ، تا … تا … تات قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوق تەككەن جايدىكى ھاشارەتلەر تىتىماتاڭ بولۇپ ئەتىراپقا ئۇچتى، لېكىن شۇنچە كۆپ ھاشارەت ئىچىدىكى نەچچە تال ھاشارەتنىڭ ئۆلىشى، كۆلدىن تامچە سۇنى ئالغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا قولۇمدىكى ئوت يېقىشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكىنە يادىمغا كەلدى - دە ھاشارەتلەرگە قارىتىپ باستىم ، ئۇنىڭدىن بىر پارچە ئوت ئۇچۇپ چىقىپ ئالدىمىزغىلا كىلىپ قالغان ھاشارەتلەرگە تۇتاشتى ، باشقىلىرى ئۆزىنى ئوتتىن تىزلىكتە ئېلىپ قاچتى .
 قاھار قولۇمدىكى ئۈسكۈنىنى كۆرۈپ چىرايى ئېچىلدى .
 - نىمىگە قاراپ تۇرىسەن ئەمىسە، تىز ئۇلارنى كۆيدۈر، بولمىسا ھازىرلا ئىسكىلىتكە ئايلىنىسەن !
 بۇ ئۈسكۈنىنىڭ كىرەككە كەلگىنىدىن خوش بولۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم .
 - جىددىيلىشىپ كىتىپتىكەنمەن ھازىر ئىسىمگە كەلدى.
 بۇ ئۈسكۈنىنىڭ كىرەككە كىلىپ جېنىمىزنى ساقلاپ قېلىشىغا كۆزى يەتكەن ھامۇتئاخۇن ئېغىر يۈك بىلەن يېنىمىزغا قىستاپ كەلدى .
 - ئۇكام، كۆيدۈر بۇ نىجىسلارنى، تىز كۆيدۈر ، يول ئاچساڭ شۇ يەر بىلەن تىز چىقىۋالايلى !
 قارىماققا ئۇنىڭ خىيالى بايلىقىنى بۇ يەردىن تىزاراق ئېلىپ چىقىپ كىتىشتەك قىلاتتى.
 - ئۇكام بۇ يەرگە يەنە كىلەمدۇق ؟
 ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن ئەرۋاھىم ئۇچتى :
 - نىمە دەيسە ئاكا ،- ئاچچىقتا سەنلەپلا قاتتىق تەگدىم ،- بۇ يەردىن چىقىپ كىتەلمەيۋاتساق يەنە كىلەمدۇق دەيسىنا، نىمە قىلىمىز كەپ دەپ باقە نىمە قىلىمىز؟
 ئۇ ئاچچىقلاپ تۇرساممۇ ھېچ يىرىگە كەلمىگەندەك ھىجىيىپ قويدى -دە :
 - ئەمدىچۇ دەيمىنا ئۇكام ، شۇ بايا كۆردۈڭ شۇنچىۋالا ئالتۇن شۇ پېتى قالدى.
 ئۇنىڭ تويماس كۆزلىرىگە قارىدىم ، ئۇ غەزەپ بىلەن تىكىلگەن كۆزۈمدىن قورۇقتىمۇ ياكى ئەيمەندىمۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى :
 - ئۇكام ئەمدى كىرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىغى يوق، شۇ ئالغاچ كەتسەك ئاجىز ، نامىراتلارغا بەرسەك دەيمەن شۇ …
 ئۇنىڭغا شۇنداق بىر گەپلەرنى دىيىشكە تەمشەلدىم لېكىن يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتقان ساناقسىز بۇ ھاشارەتلەرنىڭ قورىشاۋىدا قالغانلىغىمنى سىزىپ ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمىدىم .
 - مەن يول ئېچىپ ماڭىمەن ، سىلەر ماڭا يېققىن ئەگىشىڭلار ! - دىدىم ئۇلارغا .
 قولۇمدىكى كىچىككىنە نەرسە ئۈزۈلدۈرمەي ئۆت پۈركىيىتتى، ئۇنىڭ ئوتى شۇنداق كۈچلۈك بولۇپ غىل - پال تەككەن ئوتمۇ ھاشارەتلەرنىڭ كۈلىنى قوياتتى. مەن ئىشىكنى نىشانلاپ ئوت پۈركىگەچ قەدىمىمنى تىزلەتتىم ، ئۇلارمۇ كەينىدىن يۇپۇرلۇپ كىلىۋاتقان ھاشارەتلەردىن قېچىپ ماڭا چاپلىشىپ دىگۈدەك كىلۋاتاتتى . ئەگەردە موشۇ چاغدا قولۇمدىكى ئۈسكىنىنىڭ ئىنرگىيەسى تۈگەپ ئوت پۈركىيەلمەيدىغان بولۇپ قالسا ، بىز يېرىم مىنۇت ئىچىدە ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئىشىككە يېقىنلاپ قالغانچە قولۇمدىكى نەرسىنىڭ ئوتى سۇزلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ھاشارەتلەرنىڭ كەينى تەرپىدىن ئىس - تۈتەك كۆرۈندى، بۇ ئىس - تۈتەك يەر ئاستى ئۈيىنىڭ ئوت ئىچىدە قالغانلىغىدىن بەلگە بىرىۋاتاتتى.  ھاشارەتلەرنىڭ ھەركىتى بىردىنلا قالايماقلىششقا باشلىدى، قارىماققا ئۇلارمۇ ئاستىدىكى ئوتنىڭ ھارارىتىنى سەزگەن بولسا كىرەك . بۇ چاغدا قولۇمدىكى ئۈسكىنە سىگنال بىرىپ ئوتى تېخىمۇ ئاجىزلىدى.
 - يۈگۈرەيلى ، ئەمدى بولمىدى، ئەڭ تىز سۈرئەتتە بۇلارنى دەسسەپ ئۆتەيلى ،- دىدىم ئۇ ئىككىسىگە ،- بۇلار ھازىر قالايمىقان ھەركەت قىلۋاتىدۇ ، شۇندىمۇ سەللا بىخوتلۇق قىلساق ئۈلىمىز ، مەن سانايمەن ، ئۈچ دىگەندە تەڭلا ئىشىك تەرەپكە يۈگۈرىمىز ! ئۇلار دىگىنىم بويىچە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەييارلىق ھالەتكە كىردى ، مەن ئوتى ئاز قالغان ئۈسكىنىنى ئالدىمغا تاشلىدىم - دە ساناشقا باشلىدىم ، بىر …، ئىككى … ، ئۈچ!!! قانداق يۈگۈرگىنىمنى بىلمەيمەن ، بۇ بەش - ئالتە مىتىر ئارلىق ماڭا مىخ ئۈستىدە يۈگۈرگەندەك بىلىندى ، تاپىنىم ئاستىدا ھاشارەتلەرنىڭ دەسسىلىپ ، غىرىس - غۇرۇس قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ خۇددى نۇرغۇن ئىنچىكە مىخلار ئايىقىمنى تىشىپ كىرىپ گۆشۈمگە سانجىلاتتى، بۇ ئاغرىققا چىدىماي ۋاقىرساممۇ تىخمۇ غەيرەت قىلىپ يۈگەردىم ، ئەگەردە ۋاي دەپلا توختىسام بىردەمدە ھاشارەتلەر پۈتۈن بەدىنىمگە يامىشىپ چىقىپ بولاتتى، شۇ غەيرەتتە ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتىم، تەلىيىمىزگە ئىشىك سىرتىدا ھېچنەرسە كۆرۈنمەيتتى ، مەن دەرھال ئىشىك قانىتى تەرەپكە ئۆتتۈم ، قاھارمۇ كەينىمدىنلا ، ئۇنىڭ كەينىدىن ھامۇتئاخۇن يۈگۈرۈپ چىقتى.
 - تىز ئىشىكنى يېپىڭلار !- ۋاقىردىم ئۇلارغا كۈچەپ، ئىشىكنىڭ يەنە بىر قانىتىنى ئىتەرگەچ ، ئۇلار مەخسىتىمنى بىلدى بولغاي، بۇرۇلۇپلا يەنە بىر قاناتنى ياپتى ، ھاشارەتلەر چىركاۋ ئىچىگە سولاندى . بۇ ۋاقىتتا چىركاۋ ئىس - تۈتەك ئىچىدە قالغانتى .
 - بىر مۇنچە ئالتۇنۇم چۈشۈپ قالدى ، - دىدى ھامۇتئاخۇن ھەسىرەپ - ھۈمۈدەپ، قوينىدىكى ئالتۇنلارنى رەتلىگىنىچە ،- ئىسىت ، بەش - ئالتىسى …
 ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراۋېتىپ پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىنى سەزدىم ، ئىككى ئايىغىم قانغا بويالغان بولۇپ، قان ئاياقنىڭ بايقى گۆشخورلار تىشىۋەتكەن جايلىرىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى ، مەن ھەمراھلىرىمنىڭ پۇتلىرىغا قارىدىم ئۇلارنىڭمۇ ئوخشاش ھالەتتە ئىدى. قاھار بىلەن ئىككىمىز ئاياقنى سېلىپ كۆڭلىگىمىزنىڭ پىشىنى يىرتىپ پۇتلىرىمىزنى تاڭدۇق ، لېكىن ھامۇتئاخۇن جاراھەتلىرىنى ئۇنتۇپ چاپىنىغا ئالتۇنلارنى رەتلەپ تىزىپ مۈرىسىگە ئارتتى، بۇ چاغدا چىركاۋمۇ ئۈستىنكى قەۋەتلىرىگىچە ئوت ئىچىدە قېلىۋاتاتتى، ئەلۋەتتە بايقى ھاشارەتلەرمۇ بۇ ئوتتا ساق قالمايتتى . 
 - ئەركىن… ، ئەركىن ! - قولۇمدىكى ئاپراتتىن پەرىدەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
 - مەن بار !- دەرھال جاۋاپ قايتۇردۇم .
 - خۇداغا شۈكرى، بايا شۇنچە چاقىرسام ئىنكاس يوق قورقۇپ كەتتىم.
 - بايقى جىددىيچىلىكتە ھاشارەتلەر بىلەنلا بولۇپ كەتكەچكە چاقىرغان ئاۋازلارنى ئاڭلىمىغان ئوخشايمىز ،- دىدىم چۈشەندۈرۈپ، راستىنى دىگەندە ئاپىراتلارغا دىققەت قىلمىغان ئىدۇق . 
 - مەخلوقلار يېنىڭلارغا يىتىپ باردى، تىز چىكىنىڭلار! پەقەت يۈز مىتىردەكلا قالدى.
 بىز ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلاپلا تىزدىن كەلگەن يولىمىزغا بۇرۇلدۇق، لېكىن پۇتلىرىمىز يارلانغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھويلىدىكى قويۇق ئوت - چۆپ خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدەك توساپ ئىلگىرلىگىلى قويمايۋاتاتتى. بىز ئالدىراش بىر ئادەم ئاران ماڭالىغۇدەك يول تېپىپ ئەمدى ھويلىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغاندا ، ئالدىدا ماڭغان قاھار تۇيۇقسىز توختاپ قالدى.
 - نىمىگە تۇرىسەن ، يولنى توساپ تۇرۋالماي تىز ماڭ ،- دىدىم ئۇنى ئالدىرتىپ.
 ئۇ يەنىلا قاققان قوزۇقتەك قىمىر قىلماي تۇراتتى، مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىدىن يول ئېچىپ چىقىپ قاھارغا قارىدىم، ئۇ ئىگىز بىر نوقتىغا قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى. مەنمۇ بۇرۇلۇپ، ئۇ قارىغان نوقتىغا ئاستا قارىدىم.
 ئالدىمدا ھېلقى غايەت زور مەخلوق، يەنى جىننى مۈرىسىدە ئېلىپ ماڭىدىغان مەخلوق قاراپ تۇراتتى ، مەن دەرھال ئۇنىڭ كۆزىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغان ئادەم خۇدىنى يوقىتىدۇ، دىگەن گەپ ئىسىمدە ئىدى. مەن دەرھال قاھارنى ئىتەردىم، ئۇ قويۇق ئوت- چۆپ ئىچىگە يىقىلدى، شۇنداق بولغاندىلا ئۇ مەخلوقنىڭ سىھرىدىن، ئالقىنىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتى. مەن ئەمدى بۇرۇلۇپ كەينىمگە قاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇ بىر شاپىلاق سالغاندەك قىلدى، كۈچلۈك زەربىدە ئۇچقان پېتىم تورغا ئوخشاش يېيىلىپ تۇرغان ئوت - چۆپ ئۈسىتىگە چۈشتۈم . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمدا تەلىيىمگە يارلانمىغان ئىدىم، شۇڭا تىزلا ھەركەتكە كەلدىمدە ، ئوت - چۆپ ئىچىگە يوشۇرۇنغان توشقاندەك كىرىپلا ئۆمۈلەپ يۈگەردىم. مەخلوق بىر سەكىرەپلا يېنىمغىلا چۈشتى - دە مېنى كۆرەلمەي قاتتىق ھۆكۈرگىنىچە، ئەتراپتىكى بولۇق ئوتلارنى يۇلۇشقا، قاخشال دەرەخلەرنى سۇندۇرۇپ ئەتراپقا ئېتىشقا باشلىدى، ئۇ ھەقىقەتەن غەزەپكە كەلگەن ئىدى.  مەن ئوت - چۆپلەرنىڭ بولۇقلىغىدىن پايدىلىنىپ توختىماي ئۆمۈلگىنىمچە ئۇنىڭدىن يىراقلىدىم، لېكىن بەك قورقۇپ كەتكەنلىگىمدىنمۇ ئالدىراپ كىتىپ قاخشال دەرەخكە ئۇرۇلۇپ كەتتىم - دە يىقىلىپ چۈشتۈم. كاللامدا « ئاپلا ، ئۇ مېنى ئەمدى تېپىۋالىدىغان بولدى » دەپ ئويلۇدۇم. يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ سوقاتتى، قۇلاقلىرىم ئۈستى تەرەپتىكى شەپىدە ئىدى. لېكىن ئەتراپ بىردىنلا جىمجىتلىققا چۈمگەنتى . « ئورنۇمدىن تۇرايمۇ ، ياق … ياق ئۇ قاراپ تۇرغان بولسىچۇ ، قاھارنى ياكى ھامۇتئاخۇننى تۇتىۋالمىغاندۇ ھە ؟ » چاقماق تىزلىگىدە شۇلارنى ئويلاپ بولدۇم . ئالاھەزەل بىر مىنۇت شەپە بولمىغاندىن كىيىن، ئاستا ئورنىمدىن تۇرۇپ ئوت - چۆپ ئارسىدىن بېشىمنى چىقاردىم - دە يەنە قانداق چىقارغان بولسام شۇنداق تىقىۋالدىم، ئەمىلىيەتتە يېنىمدا ئەمەس دەپ ئويلىغان مەخلوق ماڭا يېقىن جايدا شەپىگە قۇلاق سېلىپ تۇراتتى، بېشىمنى چىقارغاندا ئۇ باشقا ياققا قارىغاچقا تەلىيىم كىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم. ئەمدى چوڭراق نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقۇپ جىمجىت ئولتۇرۋالدىم، ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتىۋاتاتتى. بىر چاغدا تۇيۇقسىز ئۈستى تەرپىمدىن شۇنداق چوڭ ئالغان نەپەس، يەنى پۇشۇلداپ ئېلىنغان نەپەس ئاۋازى كەلدى، يۈرۈگۈم« غۇژژ» قىلىپ قالدى ،« ئۇ ئۈستۈمدىكەن ، ئۇ مېنى كۆرىۋالىدىغان بولدى »، نەپەس تېخىمۇ يېقىنلىدى، « ئۇ بىلىپ قاپتۇ » مەن ئۆزەمنىڭ تۈگەشكەنلىگىمنى ھېس قىلدىم ، ئۇ شۇ يۇغان ئېغىزى بىلەن بىر چىشلىسە مۈشۈكنىڭ ئېغىزىدىكى چاشقاندەك تىپىرلاپلا قېلىشىم چوقۇم ئىدى، مەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەي بېشىمنى ئاستا قۇچاقلىدىم، ھەم كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم « ئەلۋىدا» كاللامدا ئاتا- ئانا قېرىنداشلىرىم ، دوسىت - يارەن ، پەرىدە كەلدى . …
 ئاخىرى بار…




3898 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-12 20:51:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-12 20:16:15 patima
Bak yahxi yiziptu ,adamni bak kizikturdikan bir kisimni tugtup kiyinki kismini kaqan awatidigandu dap talmurup olturgudak boptu ,kunda bir parqidin awatsaglaqu
2016-3-14 21:55:33 نىلوپەرگۇل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم @مېترۇ قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشىمۇ ئ‍ەسەرنى ئوقۇدۇم بەك ياخشى يېزىلىپتۇ رەخمەت جاپا چەكتىڭىز ئاخىرىغا تەققازامەن تېزراق يېزىڭ
2016-3-14 20:44:45 ياسىن مەمەت
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
2016-3-13 17:56:20 خۇمار
بۇ ئ‍ەسەر شۇنداق ياخشى چىقۋاتىدۇ شۇنچىلىك ياختۇرۇپ ئ‍ۇقۇۋاتمەنكى ئ‍ەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە كۇندە ئ‍ىككى قىسىم يوللىيالىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى چۇنكى داۋامىغا بەكلا ئ‍ىنتىزار بۇپكىتۋاتمەن
2016-3-13 17:18:24 arzu
ayal jinnig bira yikayisi badu
2016-3-13 17:07:47 gul arzu
kunda uzuldurmay yizip turxigizni umut kilman likin ayal jinnig yikayisi yokla oldima
2016-3-13 14:34:05 ئايدىل
مۇشۇ بىر قىسىمدىن يازىدىغان ئىش قاچانمۇ تۈگەر ھە ……؟ بەش ئالتە قىسىمدىن يېزىپ كەتسە پوچى ئولتۇرۇپ ئۇقۇسام بۇنداق ئاخىرىغا تەققاززار بۇلۇپ ئولتۇرغاندىن
2016-3-13 14:15:21 nureli
bak yahxi yizipsiz dawamlik tirxig
2016-3-13 11:34:36 شوخ بوۋاي
ئاخىرى قىنە ھەي تىزراق بولسا بولاتتى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ