ئادەم ئۇنىڭدەك بولسا
«ھېكايە» 1-قىسىم
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدىكى بىر ئىش ھېلىمۇ يادىمدا.
يازنىڭ سالقىن شامىلى يۇزلەرگە ئۇرۇلۇپ،كۈچلۈك قۇياش نۇرى جىمى ئالەمنى قىزىلگۇلدەك ئېچىلدۇرغان بىر كۇنى چۇشتە بىرقانچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كىچىك بىر ئاشپۇزۇلدا غىزالانغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.
مەن ئەزەلدىن كىتاپ ئۇقۇش،ھېكايە،شېئىردىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىشقا ھىرىسمەن بولغىنىم ئۇچۇن قايسى يازغۇچى كىتاپنى ياخشى يازىدۇ،قايسى يازغۇچى تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۇرۇشكە ئۇستا،قايسى شائىر ھەقنى سۆزلەيدۇ،قايسى شائىرنىڭ ئاغزىغا كەلگىنىنى جۆيلىدىغىنىنى مەن بىلەن پاراڭلاشقان ھەرقانداق ئادەمگە ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ كىتىدىغان ئادىتىم بار ئىدى.شۇڭا دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرغان شۇ سورۇندىمۇ بىرىنجى بۇلۇپلا گەپ تەشتىم؛ تۇغلۇق دىگەن يازغۇچى ئاجايىپ نەرسىلەرنى يازىدۇ جۇما.ئۇنىڭ كىتابىنى ئۇقۇيدىغان بولساڭلا ،ۋىجدان-غۇرۇر،شەرمى-ھايا،ئىنساپ-ئىمان،ئەدەپ-ئەخلاق بۇلقىغا سەكرەپ چۇشۇپ يۇينىۋاتقاندەك،ئىلىم -ھىكمەت سۇينى قېنىپ ئىچىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلسىلەر،ئۇنىڭ يازغانلىرىدا يانار تاغدەك كۇچلۇك يۇشۇرۇن مەنالار بار،ئازراقلا خەت ساۋادى بار ئادەم بىر ئۇقۇسىلا ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايدۇ.ئۇ ھەقىقەتەن مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ئوغلانى ،يازغۇچىلارنىڭ سەردارى بۇلۇشقا لايىق ئۇغلان.ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى يازىدىغان يازغۇچىلار ھەقىقەتەن كەم ئۇچىرايدۇ.
-تاماق مۇزلاپ قالمىسۇن ئاداش!
يازغۇچىنى ماختاۋەرمەي تامقىڭنى يىسەڭچۇ!؟
مەن ئەنۋەرنىڭ شۇ سۇزى بىلەن تەڭ سۇزۇمنىڭ ئوق ئۇچىنى ئۇنىڭغا قاراتتىم.
-گىپمگە ئىشەنمىگەن ئوخشىمامسەن؟
ئەگەر گىپىمنى يالغان دىمەكچى بولساڭ «ئىبرەت»دىگەن كىتاپنى ئۇقۇپ باق!
-ۋاي بولدى قىلە ئاداش!
يېنىمدا ئولتۇرغان تۇرغۇن تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا سۆزلەشكە باشلىدى؛كىتاپ دىگەن ئادەمنىڭ خىياللىرىنىڭ توپلىمى،ئاغزىدا شە سۇرايدىغان ئەمەلدە بولسا قۇدۇقنى ئالەم دىگەن مۇشۇ دەيدىغانلارمۇ كىتاپ يازارمىش.ناۋادا تۇغلۇق دىگەن ئادەم شۇنداقلارنىڭ ئەھلىدىن بولسا ئۇنى مۇنچە ما ختاپ كەتسەڭ پاختەكنى شۇڭقارغا ئوخشاتقاندەك ئىش بولمىسۇن يەنە؟ ئارتۇق سۆزلىمەي تامقىڭنى يىگىنە.
تۇرغۇننىڭ سۆزلىرى ئاچچىقىمنى كەلتۇردى.ئۇنىڭ مەن ياخشى كۇردىغان يازغۇچىنى پاختەككە ئوخشىتىشىغا چىداپ تۇرالمىدىم.
-تۇرغۇن سەن «ئىبرەت»دىگەن كىتاپنى ئۇقۇپ باققانمۇ؟سوردۇم زەردە بىلەن تۇرغۇنغا ئالىيىپ تۇرۇپ.
-ئازراق ئۇقۇغان
ئۇ پەرۋاسىز ھالدا قىسقىلا جاۋاپ بەردى.
-ئۇقۇغان بولساڭ بىلىسەن،ئۇكىتاپتا ئاجايىپ ھىكمەتلىك سۆزلەر،ئادەمگە ئاق-قارىنى تۇنۇتىدىغان ،ئادەمنى رەزىللىك قۇينىدىن تارتىپ چىقىردىغان ھىكايەتلەر بار .ئەگەر تۇغلۇق سەن دىگەندەك ئۆيىدى يېتىپ شە سۇرايمەن دەيدىغانلاردىن بولسا شۇنداق مەنالىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولغان كىتاپنىڭ ئاپتۇرى بۇلالامتى؟
مەن تۇرغۇننىڭ كۆزىگە «قېنى جاۋاپ بەرمەمسە؟»دىگەندەك مەنالىق تىكىلدىم.
-ئاداش،ھىلى دىدىمغۇ كىتاپ دىگەن خىياللار توپلىمى،خىيالىڭغا ياخشى سۆزلەر كەلگەندە قەغەز ئۇستىگە جىجاپ قۇيساڭلا ئىش پۇتىدۇ.
تۇرغۇن يەنە سەپرايىمنى ئۆرلەتتى.
-خىيالىغا كەلگەننى دىيىش ساراڭنىڭ ئىشى.ساراڭنىڭ سۇزنى كىتاپقا چىقىردىغان ھۇكۇمەتمۇ ساراڭ ئەمەستۇ ئاداش!
-ۋاي نىمسىنى دەيسە؟ھازىر دىگەن پۇل ھەممىگە قادىر،پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا ئاداش؟!
-بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟ تۇغلۇقنى ساراڭ دىمەكچىمۇ سەن؟!
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تازا ئاڭقىرالمىغان ئىدىم.
-شۇنداق دىسەكمۇ بۇلىدۇ.قارىمامسەن بىزنىڭ تارىخ ئۇقۇتقۇچىمىزغا. ئۇ دائىم بىزگە ئەدەپ-ئەخلاق ۋىجدان تۇغرىلۇق سۆزلەپ ھارمايدۇ،ئەمما ھەركۇنى كەچتە قارايدىغان بولساڭ قاۋاقتىن چىقمايدۇ.بىر نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا ئۇنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ شەرىق تەرپىدىكى كۇچەتلىكتە كۆردۇم غەرق مەس ھالدا يېتىپتۇ.ئشتىنى بىلەن ئايغىنى بىرسى سالدۇرۋالغان ئوخشايدۇ.گەپنىڭ قسقىسى ئاداش،ئادەم دىگەن دىگەن گىپىگە ئىگە بۇلىشى كىرەك.سۆزلىيەلەيمەن دەپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۇپ،ئەمىلىيەتتە ئۇزى بىلگەننى قىلىپ يۇرسە«ھەممە ئىشنى موللا بىلەر،موللا قۇپۇپ كۆلگەسىيەر»دىگەندەك ئىش بۇلىدۇ.
بىز شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ مەكتەپكە كىردۇق.چۇشتىن كىيىنكى دەرىسلەر تۇگىگەندىن كىيىن مەن تۇرغۇن بىلەنئۇنىڭ ياتقىغا كىرىپ كۇننىڭ بالدۇرراق كەچ بۇلشىنى تەقەززالىق بىلەن كۇتۇپ ئولتۇردۇم.
مەن ئەسلىدە كۇندە ئۆيگە قايتىپ كىتەتتىم ،بۇگۇن تۇرغۇننىڭ تارىخ مۇئەللىمىمىز توغرىسىدا قىلغان سۇزىنىڭ راست-يالغىنىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكىدە ياتاقتا ياتتىم .
كەچ سائەت 8بولدى.قۇڭغۇراق چېلنىشى بىلەن تەڭ ئۇقۇتقۇچىلار يىغىن زالىدىن چىقىشقا باشلىدى.تۇرغۇن ئىككىمىزز مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى تېلفۇن بوتكىسىدا تارىخ مۇئەللىمىمىزنىڭ ئەپتى-بەشىرسىنى كۇرۇش ئۇچۇن ھازىرلىنىپ تۇردۇق.ئالاھازەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ بىرسى بىلەن ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەرنى قىلشىپ يېزىلىق ھۇكۇمەت بىناسىنىڭ ئشكى ئالدىدىكى قاۋاقخاندىن چىقىپ كەلدى.ئۇلار بوتكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە تارىخ مۇئەللىمىمىزنىڭ يېندىكى ئادەمنىڭ باشقا بىرى ئەمەس دەل بىزگە ئالگبرا دەرسى بىردىغان مەكتەپ بۇيچە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان دولقۇن مۇئەللىم ئىكەنلىكىنى كۇرۇپ لىۋىمنى چىشلىگىنمچە تۇرۇپلا قالدىم.
ئۇئىككىسى شۇ ھالدا مېڭىپ مەكتەپ ئىشكى ئالدىغا كەلگەندە كىسۋىتىلگەن دەرەختەك «پاققىدە»قىلىپلا يەرگەە يىقىلدى.بىز دەرھال يۇگىرەپ بېرىپ ئۇلارنى يۇلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ياتقىغا ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقتۇق.
-ھەي ئىسىت. دىدىم ئىچىمدە،تارىخ مۇئەللىمىمىزنى پاتقاقتىن يۇلەۋېتىپ؛تېخى بۇگۇنلا تارىخ دەرىس ۋاختىداا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىلغان كۇرەشلىرىنى سۆزلەپ ئۇلۇغ ئەجداتلارنىڭ رۇھىنى ئاقلىشىمىز،ئۇلارنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىپ ياراملىق ئىز باسارلاردىن بۇلشىمىز،ۋەتەن خەلق ئۇچۇن بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇشقا تەييار تۇرشىمىز كىرەكلىكىنى ئېيتقان كىشى سىز ئىدىڭىزغۇ مۇئەللىم.بىزنىڭ ۋىجدان سۇيىدە ئېقىشىمىزنى ئۇمۇت قىلاتتىڭىزغۇ؟ئادەم دىگەن ئەخلاقتىن ئايرىلسا ئۇزۇن قۇلاقتىن پەرقى بولمايدۇ دىگەن سۆزنى سىز قىلغان ئىدىڭىزغۇ مۇئەللىم؟!ئەمدى بۇ سىزنىڭ ئەخلاق سۇيىدە يۇيۇنۇپ تارانغىنىڭىزمۇ مۇئەللىم؟!ئېيتىڭا بۇ سىزنىڭ زادى نىمە بولغىنىىز مۇئەللىم؟!
ئۈندىدار؛13699976214
240 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-26 3:58:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|