قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 9- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 9- قىسىم

 metro

 

بىردەمنىڭ ئىچىدە خارابىلىك تۇمان ئىچىدە قالدى ، ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرشۈپ ساراي ئىچىگە كىرىۋالدى ، يىگىتلەر سارايدىكى ئىسكىلىتلەرنى تازلاشتى، قىزلار چاڭ - توزاڭلارنى سۈرتۈپ پاناھلانغۇدەك ئورۇن راسلاشقا باشلىدى ، ئىشىك ، دەرىزىلەر ئىتىلدى ،ئىش تۈگىگەندىن كىيىن ھەممىسى چوڭ ساراينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىگە چىقىپ دەرىزىلەردىن سىرتىدىكى ئەھۋالنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى. - بۇنىڭدا بىر سىر بار ،- دىدى تايىر غەلىتە پىرامىدا قۇرۇلۇشقا قاراپ ،- نىمىشقا قۇيۇن شۇ يەردىلا چىقىدۇ؟ - مەن ماتىرياللارنى كۆرۈپ باقاي ، چۈشەنگۈدەك بىرەر خاتىرە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ،- دىدى دىلبەرمۇ بۇ ئىشقا قىزىقىپ . - بىزمۇ بىكار تۇرمايلى ،- دىدى تۇرغۇن ،- باشقىلار موشۇ ساراينىڭ ئىچىنى بولسىمۇ ئاختۇرۇپ باقايلى ،بۇ ساراي قارىماققىلا ئەڭ چوڭ ھوقوقدارنىڭ سارىيىدەك قىلىدۇ ، بۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نەرسە تېپىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . ئۇلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلدى ، دىلبەر كۇتۇپخانىدىكى كىتاپ ،ماتىرياللارنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى،باشقىلار ساراي ئىچىدىكى قارىغۇدەكلا جايلار بولسا ئاختۇرۇشقا باشلىدى . بۇ چاغدا قۇيۇن بىر بورانغا ئايلىنىپ پۈتۈن خارابىلىك سۈرلۈك تۈسكە كىردى ، بوران ئاۋازىدىن ھېچ ئوخشىمايدىغانلا قورقۇنۇچلۇق ئاۋازلار كىلىشكە باشلىدى .بۇ ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپلا شۇنداق بوم ھۆكۈرگەن غەلىتە ئاۋازلار ئاڭلانسا ، تۇرۇپلا ئاياللارنىڭ چىقىرغان قورقۇنۇشلۇق ئاۋازلىرى كىلەتتى ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئىت ، مۈشۈكلەرنىڭمۇ ئېچىنىشلىق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ قالاتتى. -تايىر !- دەپ چاقىردى دىلبەر كۇتۇپخانىدىن يۈگۈرەپ دىگۈدەك تايىرنىڭ يېنىغا كىلىپ،- ماڭا ھەمىرا بولىڭە مېنى بىر خىل قورقۇنىچ بېسىۋاتىدۇ . تايىر ماقۇل بولۇپ ماڭغاندا تۇرغۇن چاقچاق قىلدى : - قورۇقسىڭىز نىمىشقا تايىرنى چاقىرسىز ، بىزنى چاقىرسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ ؟ - سىزنى چاقىرىپ نىمە قىلىمەن ، ماڭا تايىرلا ياخشى ياردەملىشەلەيدۇ ،- دىدى دىلبەر ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى تۇيۇپ ، - ھە ، چۈشەندىم ، ئۇنداق گەپنى ئەگىتىپ يۈرىمەي تايىردىن ئايرىلغۇم يوقتى ،- دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ ،- دىدى تۇرغۇن ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا ، دىلبەر خىجىلىقتىن قىزاردى - دە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ : - ئۆتەپ بېرىڭە ، سىزگە گەپ يوق ،- دىگىنىچە كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىتىشتى ، باشقىلار كۈلۈشۈپ يەنە ئىشغا تۇتۇش قىلدى . ئىسكەندەر ساراينى ئاختۇرۋېتىپ كۆزى تۇيۇقسىز سارينىڭ تۆرىسى تەرپىگە قويۇلغان چىرايلىق نەقىشلىك شاھانە ئورۇندۇققا چۈشتى ، ئۇ قىزىقىپ بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى . باشقىلار ئۇنىڭ غادىيىغان پېتى شاھانە ئورۇندۇقتا گېدىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ كۈلۈشتى . - ھۈرمەتلىك ئىسكەندەرشاھ ئالىيلىرى تۈمەن مىڭ يىل ياشىسىلا ،- دىدى گۈزەلنۇر كۈلگىنىچە . ئىسكەندەرمۇ بوش كەلمىدى : - ئىجازەت خانىشىم قېنى يېنىمغا مەرھەمەت دەپ ئىپادە بۈلدۈرۈپ قويدى سۈرلۈك قىياپەتتە ھەييارلىق قىلىپ. سارايدا كۈلكە كۆتۈرۈلدى ، باشقىلار ئۇنى دەپ ، بۇنى دەپ ئۇلارنى چېتىۋېلىشتى ، ئۇلار شۇنداق كۈلكىلەر بىلەن بۇ قورقۇنچلۇق بوراندىكى ۋەھىمىلەرنى بىر ئاز ئۇنۇتقان بولدى . ئىسكەندەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ يان تۇتقۇچىغا قىزىقىپ قالدى چۈنكى ئۇ تۇتقۇچ ئورۇندۇقنىڭ يان يۆلەنچۈككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئۇچى تەرپىگە ئەجدەرھا بېشى شۇنداق چىرايلىق نەقىشلەنگەنتى ،ئۇ ئەجداھا بېشىنى سىلاپ كۆرۋىدى ، بىر ئاز بوش ئىكەنلىگىنى سەزدى،توغلاپ بېقىۋېدى ئەجداھا ئېغىزدىن كىچىك يا ئوقى ئېتىنلىپ چىقىپ سارايدىكى قاتار ئورۇندۇقلارغا ، ئىشىك ، دەرىزىلەرگە قادىلىپ قالدى ، بۇ ئوشتۇمتۇت بولغان ئىشتىن ئىسكەندەر چۆچۈپ ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ كەتتى ، تۇرغۇنلار ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرەپ چىقىشتى ، ئىسكەندەر ئۇلارغا ئورۇندۇقنىڭ خاسىيتىنى چۈشەندۈردى . - بۇ ئادەتتىكى ئورۇندۇق ئەمەسكەن ،- دىدى تۇرغۇن ،- بۇنىڭ يوشۇرۇن قوراللىغىدىنمۇ باشقا خۇسوسىيەتلىرى بولىشى مۇمكىن . تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەر يەنە خەتەر چىقىپ قالماسلىغى ئۈچۈن گۈزەلنۇر بىلەن سەمەتنى سارايدىن چىقىرۋېتىپ ئورۇندۇقنىڭ باشقا خۇسوسىيەتلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى،راستىنلا ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشى بىكارغا كەتمىدى ئۇلار ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تۇتقۇچنى تارتىپ بېقىۋېدى ئورۇندۇق ئاستا ئايلاندى - دە ئورۇندۇق كەينىدىكى يەر گۈلدۈرلەپ ئېچىلىپ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەن بىر پەلەمپەي نامايەن بولدى ، بۇ گۈلدۇرلىگەن ئاۋاز ھەممىسىنى يەر ئاستى ئۈيىنىڭ ئالدىغا توپلىدى. - بۇ چوقۇم پاناھلىنىش ئورنى ،- دىدى تۇرغۇن . - نىمىلا بولسۇن چۈشۈپ قاراپ باقايلى ، قارىماققا بۇ يەر ئاستى ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشىدىنلا ئۇ يەرگە مىخانىكىلىك قۇرۇلمىلار ئورنىتىلغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا ھەمىمىزنىڭ سولۇنۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئىسكەندەر بىلەن گۈزەلنۇر ئۈستىدە قالسۇن. بۇ پىكىرگە ھەممىسى قوشۇلۇشتى ، ئۇلار دەرھال قول چىراقلارنى تەييارلاپ پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى ، توققۇزىنجى پەلەمپەيدىن ئۆتۈپ بولغاندا غارىلداپ ئىشىك ئىتىلدى ، ئىچى قاراڭغۇلىشىشىغا تامغا قاتار تىزىپ قويۇلغان مەشئەللەرگە ئۆزلىگىدىن ئوت تۇتۇشۇپ يول يورۇپ كەتتى ،ئۇلار بۇ سىرلارغا ھەيران بولۇشۇپ پەلەمپەينى تۈگۈتۈپ تۇرىشىغا غارىلدىغان ئاۋاز بىلەن بىر تاش تام ئۈستىدىن سىرىلىپ چۈشۈپ پەلەمپەينىڭ ئالدىنى ئەتتى ، ئۇلار ھۇدۇقۇپ تامنى ئىتىرىپ باقتى لېكىن مىدىرمۇ قىلالمىدى. - ئەجەپ پۇختا ياسالغان جايكىنا ، بۇ ئىشىكنى ئاچىدىغان بىرەر يىرى بار بولغىيتتى ،- دىدى سەمەت تاملارنى سىلاشتۇرۇپ . - توغىرا مىخانىكىلىك قۇرۇلۇشلارنى موشۇنداق لاھىيلەيدۇ ، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ بۇ لاھىيەسى قەدىمقى زاماندا دۇنياغا داڭلىق بولۇپ كەلگەن ، - دىدى دىلبەرمۇ قول چىرىغى بىلەن ئەتىراپنى ئىزدىگەچ. ئۇلار شۇنچە ئىزدەپ تاپالماي تۇرغاندا ئىشىك غارىلداپ ئېچىلدى - دە ئىسكەندەر ۋاقىردى : - سىلەر بارمۇ؟ - بىز بار ، ئىچىنى كۆرۈپ باقايلى ،ساقلاپ تۇرۇڭلار ،- دەپ جاۋاپ قايتۇردى تۇرغۇن . ئۇلار ئىچىگە قاراپ مېڭىشتى ، ئىچى كەڭلىگى ئۈچ مىتىر ،ئىگىزلىگى ئۈچ مىتىر كەلگۈدەك ئۇزۇن يول ئىدى ، يول ئەللىك مىتىردەك ماڭغاندىن كىيىن ئالدى تەرپى توساق بولۇپ چىقتى ،ئۇلار ئالدى تامنى ئىتىرىپ بېقىۋېدى مىدىراپمۇ قويمىدى ،دەل موشۇ چاغدا غارىلداپ كەينى تەرپىدىن بىر تاش تام چۈشۈپ بۇلار كىچىك بىر بوشلۇققا سولىنىپ قالدى ،بۇنىڭدىن ئۇلار ھۇدۇقۇپ ، تەمتىرەپ تىپىرلاپ تۇرىشاتتى بۇ بوشلۇق ئاستا ھەركەت قىلىپ ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەندەك بولدى .ئىسكەندەر بىلەن گۈزەلنۇر سىرتتا ساقلاپ بېقىپ بۇلارنىڭ جىمىپ كەتكىنىدىن ئەنسىردى ،ئىسكەندەر پەسكەرەك چۈشۈپ ئۇلارنى چاقىرىپ باقتى يەنە ئىنكاس يوق . - سىز بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ ، مەن ئىچىگەرەك كىرىپ چاقىرىپ باقاي ، ئىتىلىپ قالسا ئورۇندۇقنى ئايلاندۇرۇڭ ،- دىدى ئىسكەندەر گۈزەلنۇرغا . - ماقۇل ، لېكىن بەك يوقاپ كەتمەڭ ، يالغۇز قورقىمەن،- دىدى گۈزەلنۇر ئەتىراپقا بىر قارىۋېتىپ. ئىسكەندەر پەسكە چۈشۈپ چاقىرىپ باقتى يەنە جىمجىت ، ئىچىگە كىردى ئىشىك ئىتىلىپ ،تاش چۈشتى ، ئىسكەندەر چاقىرغاچ يۈگۈرەپ دىگۈدەك توساققا بېرىپ قالدى ، ئۇ گۈزەلنۇرنى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ كەينىگە ياناي دىۋېدى تاش تام چۈشۈپ ئۇمۇ بوشلۇققا سولىنىپ ئۈستىگە كۆتۈرۈلدى. گۈزەلنۇر بۇران ئىچىدە قورقۇپ يالغۇز قالدى ،باشقىلار قانداق سىرلىق جايلارغا كىرىپ قالدى ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن . كەڭ دوسىتلارغا ئۈندىدار نومۇرامنى قالدۇرغانتىم ، لېكىن ئالدىراشچىلىقتا خاتا يېزىلىپ قاپتۇ ، كەچۈرۈڭلار ، توغۇرسى: long22635322





1476 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:35:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-14 0:12:28 aysajan
bu asarng tuluk ksmi yokma
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ