بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 6 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق

 (پوۋىسىت) 6 - قىسىم


   شۇنداق قىلىپ ئىسىمدە قالغان ئۇ نۇمۇرغا ئۇچۇر يوللاپ بېقىش مەقسىدىگە كەلدىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇسىز؟دەپ ئۇچۇر يېزىپ يوللىدىم .
ئۇزۇن ئۆتمەيلا جاۋاپ كەلدى ، ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ياخشى كىم بۇلىسىز؟ دەپتۇ.
مەن تۇرسۇنجان سىزچۇ؟ دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم ئۇ مەن پەرىدە دەپ جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم توساتتىن كۆڭلۈمگە نىمىشقا دىگەن سۇئال كەلدى بىراق ئاغزىمدىن ياق نىمىشقا دىگەن سۇئالنى يېزىشقا قولۇم بارمايۋاتقان ئىدى.
شۇنچىلىك ئازاپلاندىمكىن يۈرۈكۈمنى بىرسى ئۆتكۈر خەنجەر بىلەن تىلغاندەك ئاغىرىپ كەتكەن بېشىم قېيىپ كۆزلىرىم تورلىشىپ كەتكەن ئىدى توۋا مەن مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارىغان ئىشلاغۇ بۇ خىيالىمغا كەلگەن بولسىمۇ ئەمىليەتتە بۇنداق بۇلىشىىغا ھەرگىز ئىشەنمەيتىم چۈنكى پەرىدەگە بەكمۇ ئىشىنەتتىم ئۇ مىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ مىنى سۈيىدۇ مەندىن ئايرىلمايدۇ مەندىن باشقىلارنى رەت قىلىدۇ دەپ ئويلايتىم بىراق مەن تاغدەك ئىشەنگەن بۇ مۇھاببەت نىمە قىلدى قەلبىمدە ئۇ بار دەپ باشقا قىزلارغا قاراپمۇ قويۇشتىن خىجىل بۇلۇپ كۈن -تۈنلەپ ئۇنى كۈتكەن ئۇنىڭ خەۋىرنى ئېلىش ئۈچۈن سوغۇقنى سوغۇق دىمەي سىرتلاردا ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرگەن ئىدىمغۇ نىمىشقا نەچچە كۈن بولمايلا ……
يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم تېلفوننى تۇتۇپ تۇرغان قولۇممۇ توختىماي تىتىرەپ تۇراتتى .
ئۇ چۈشەندۈرۈپ ئۇچۇر يازدى ئازاپلىنۋاتقىنىمنى كۆڭلى تۇيۇپ قالسا كېرەك ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرنى شۇنچىلىك غېرىپلىق سۈكۈت ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم ئەسلى بىز سوقۇشۇپ قالغان ۋاقىتتا نەۋرە ئىنىم ئۈرۈمچىگە چىقىپ كىتىپتىكەن پەرىدەنىڭ تېلفونى يۈتۈپ كىتىپ مەن بىلەن ئالاقىلشالماپتۇ ، نەۋرە ئىنىم پەرىدەنىڭ ئادىرسىنى قانداق تاپتىكىن پەرىدە بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ، ئۇنىڭغا مىنىڭ ئۇنى ئالداۋاتقىنىمنى ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغىنىمنى يەنە مەن توغۇرلۇق نۇرغۇن مەندە يوق ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ خىزمەت قىلۋاتقان يېرىگە تاماق توشۇپ ئۇنىڭغا كۈيۈنۈپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋاپتۇ شۇنداقلا پەرىدەگە سۆيگۈ تەلپىنى قۇيۇپتۇ.
پەرىدە تۇرسۇن مىنى ئالداپتۇ ئىنىسى بىلەن يۈرۈپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلۋېتەي دەپ ئويلاپ تەلپىگە ماقۇل بوپتۇ.
ئارلىقتا نىمە ئىشلارنىڭ بولغىننى مەنمۇ بىلمەيمەن پەرىدەمۇ ماڭا دەپ بەرمىدى سوراشتىنمۇ خىجىل بولدۇم .
ئۇ شۇنداق دىگەندە مەن ئۇنىڭدىن نەۋرە ئىنىمنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سۇئال سورىدىم ئۇ بىلمەيمەن ئەمما ئۇ ياخشى بالا دەپ جاۋاپ بەردى .
كۆڭلۈمدە نەۋرە ئىنىم پەرىدەنى مەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرۈپتۇ پەرىدەنىڭمۇ ئۇنى ياخشى بالا دىگىنگە قارغاندا كۆڭلىدىن ئورۇن ئېلىپ بوپتۇ ، ئۇ مىنى ئەزەلدىن ياخشى دەپ باخمىغان دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈم شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىدە تۇرۋاتقان بولسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم بىردەم تۇرۇپ تىنىچلانغاندىن كىيىن ھەممىنى چۈشەندۈردۈم ئىزچىل خەۋىرنى كۈتىۋاتقىنىمنى ھېلىمۇ ياخشى كۆردىغىنىمنى دىدىم شۇنداقلا بۇرۇنقى مۇھاببىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇ بولدۇم ھەمدە ئەسلىگىمۇ ئەكەلدىم بىراق نەۋرە ئىنىممۇ بولدى قىلمىدى ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشنەتتىم ئۇمۇ قاتتىق ئازاپلىنۋاتقان بۇلشى مۇمكىن  نەچچە كۈن پاراڭلىشىپ يۈردۇق بىراق كۆڭلۈم پەقەت ئىزىغا چۈشمىگەن ئىدى چۈنكى ئىنىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىم بىللە ئويناپ تەڭ چوڭ بۇلۇپ بىر قىزنى دەپ قېرىنداشلىق مېھرىدىن كەچتىم ئۇزۇن ئويلاندىم ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ مۇھاببەتتىن ۋاز كېچىپ ئىنىمنىمۇ بۇنداق ۋاپاسىز سۆيگۈدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولدۇم ئىنىمغا شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ پەقەت گىپىمگە كىرمىدى شۇنىڭ بىلەن مەن ۋاز كېچىپ پەرىدە بىلەن ئالاقەمنى ئۈزدۈم بىراق ئۇلار يۈرىۋەردى مىنى نىمىشقا ۋاز كېچىسەن دەپ سۇئال سورشىڭىز مۇمكىن ئويلاپ بېقىڭ مۇھاببەت ئۇ نىمە ئىككى ئادەم بىر بىرنى چىن ئىخلاسى بىلەن ياخشى كۆرمسە قەدىرلىمسە ئۆز ئاغزىدىن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپكە ئىشىنىپ سۆيگۈسىدىن ۋاز كەچسە سۆيگۈسىدىن باشقىلارغا باھا بېرىپ ئوخشاتسا  ئۇ مۇھاببەت بۇلامدۇ ياق ئۇ بىر ئالدامچىلىق نۇرغۇن ئىشلار بىر سىر چۈنكى مەن كۆرمىدىم ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىننى بىلمەيمەن پەرىدە نەۋرە ئىنىمنىڭ ئازراق ئارتۇقچىلقىنى ھېس قىلىپ مىنى يامان ئۇنى ياخشى دەپ مەندىن ۋاز كەچتى مىنى ئالدىدى كەلگۈسىدە يەنە باشقىلار ئىنىمدىن ئېشىپ چۈشسە ئىنىمدىن ۋاز كەچمەي قالارمۇ؟ باشقىلارنىڭ كۆڭلى بىلەن ئوينىشىدىغان ئادەم مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇيۇن دەپ بىلىدۇ شۇنداق تۇرسا قانداقمۇ كەلگۈسىدىكى بەخىتتىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولسۇن ۋاز كەچمەي ئىلاجىم يوق.
داۋامى بار قىزىقسىڭىز كىيىنكى قىسىمغا دىققەت قىلىڭ……
     





619 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-19 0:25:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-11 15:23:03 buyuk
كەچۈرۈڭ ئەسەرنى يېزىپ چىقارسام تەستىقلىنىپ مۇنبەرگە چىقىپ بولغىچىمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىدىكەن ئەسەرنى ئۆزۈم يازغىنىم بىلەن زوقلىنىپ يەنە بىر قېتىم ھەتتاكى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقىمەن . كۈندىلىك خاتىرەم يۈتۈپ كەتتى شۇڭا ئېسىمدە قالغاننىلا يازالايدىكەنمەن ئۇزۇن ئويلىنىشقا توغرا كىلدىكەن
2017-1-21 3:05:03 قەيسەر
كىيىنكى قىسىم بەك تەستە يوللىنىدىكەن جۇمۇ ساقلاپ كۆزۇم تۆت بولۇپ كەتتى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ