ئەدەبىيات-گۈزەل مەسئۇلىيەت

ئەدەبىيات-گۈزەل مەسئۇلىيەت

 

ئەدەبىيات بىزگە ئەزەلدىن غايە ۋە ئۈمىد بېغىشلاپ كەلدى. ئۇ يىغىمىزغا يىغا، كۈلكىمىزگە كۈلكە قېتىپ، كۆڭۈل ئايۋانلىرىمىزدىن ئورۇن ئالغاندا ئۇنىڭدىن ئەمىنلىك، تەمكىنلىك تاپتۇق. ئەدەبىيات بىزگە چىدام، غەيرەت بەخش ئەتتى ۋە نىشان كۆرسىتىپ بەردى. قەلبىمىز شىكەستىلەنگەندە ئۇنىڭدىن تەسەللى ئىزدىدۇق. خۇشال كەيپىيات روھىمىزنى چۇلغىغاندا يەنە ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نامايان قىلدۇق. ئەدەبىيات بىر ئۈمىدۋارلىق ناخشىسى. ئۇنىڭ روھىدا تىل ئويۇنلىرىدا، ئىماگلىرىدا، ئوبرازلىرىدا بىزنىڭ − ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ھالىتى، قەلب ئىستەكلىرى، كۆڭۈل خاھىشى چاقناپ تۇردى. ئۇ گۈزەللىكى، ئۈمىدبەخشلىكى، ئېزگۈ تۇيغۇلىرى ۋە مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن بىزنى ئىللىق باغرىدا قۇچاقلاپ، بىزگە رەزىللىككە، ئادالەتسىزلىككە، پۇچەكلىككە، قارانىيەتلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئۆگەتتى. شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ سېھرى ۋە مېھرى مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.

مەن ئەدەبىياتنى نېمە ئۈچۈن »گۈزەل مەسئۇلىيەت« دەيمەن؟ چۈنكى ئۇ بىزگە دۇنيانى تونۇتتى، شەيئىلەرنىڭ گۈزەل ھەم مەڭگۈلۈك قانۇنىيىتىنى بىلدۈردى. ئىنسانلار ئارىسىغا مېھرىبانلىق، ئىنتىلىش، كۆيۈم، ئىجادچانلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. ئۇ بىزگە قانداق ئادەم بولۇشنى، دۇنيانى قانداق سۆيۈشنى، ئۆز - ئۆزىمىزنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزئارا ھەمكارلىقنى، غايە تىكلەشنى، دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى بىلىشنى ئۆگەندۇق. ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت تىندىنسىيىلىرى روھىمىزغا، ئېڭىمىزغا، مەشغۇلىيىتىمىزگە، مەنىۋىيىتىمىزگە سىڭىشىپ، ئۆزىمىزنى، قىممىتىمىزنى، ئورنىمىزنى بىلىۋالدۇق. دېمەك، ئەدەبىيات بىزگە دۇنيانى، ئىنسانىيەتنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈشتەك گۈزەل تۇيغۇنى بەخش ئەتتى. مەسئۇلىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەدەبىيات ئارقىلىق دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ نى - نى مۆجىزىلىرى ئالدىمىزدا يۈز ئېچىپ، ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ گۈزەل، مېھرىبان، سىر - ھېكمەتلەرگە تولغان چەكسىزلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاجايىبات ئالدىمىزدا نامايان بولدى. ئۇ «ئوخشىمىغان دەۋر، زامان، ماكانلاردا بىزگە تەسەللى، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلدى. خىياللىرىمىزنى ئىز باسارلىرىمىزنىڭ قەلبلىرىگە يەرلەشتۈردى. ھاياتلىقنى رەڭدارلىققا تولدۇردى» (غەيرەت ئاسىمنىڭ «مىللىي ئەدەبىيات، خەلق ئەدەبىياتى»ماقالىسىدىن). ئەدەبىيات ئارقىلىق نېمىنىڭ ياخشىلىق، نېمىنىڭ يامانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. ئۇ ئاجايىپ سەمەرىلىرى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئۇ چېتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوي - خىيالى، ئارزۇ - غايىلىرى بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇردى. ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئارقىلىق غەلىبە - نۇسرەتنى، شەرەپ - نومۇسنى ھېس قىلدۇق. ئۇ بىزگە دۇنيانى چەكسىز گۈزەل قىلىپ كۆرسەتتى.

ئەدەبىيات ئۆتمۈشنى بىلىش ۋە كەلگۈسىنى يارىتىش دېمەكتۇر. ئۇ ئاشۇ غايىسى ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ، روھىمىزنى تاۋلاپ كەلدى. ئەگەر بۈگۈنكى زاماندا ئۇ تەرەققىي قىلمىسا، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلمىسا، ئۇ ھەقىقىي ئەدەبىيات بولماي قالىدۇ. «ئەگەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلمايدىكەنمىز، ئىلگىرىكى ئەدەبىيات بىزدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىدۇ» دېگەن ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر، شېئىرىيەت نەزەرىيەچىسى توماس ئېلىئوت. دۇنيا رەڭدارلىق، ئەگرى - توقايلىق، زىددىيەت - كۈرەش بىلەن تولغان. تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، ئاچارچىلىق، ۋابا ... دېگەندەكلەر ماھىيەتتە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ھالدا يورۇتۇشى لازىم بولغان تېمىلاردۇر. ئەدەبىيات ھازىرغىچە بۇ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ روھىمىزنى كۆتۈرۈشنىڭ، كۆڭۈل غەشلىكلىرىنى يۇيۇشنىڭ، كەلگۈسىگە كۈلۈپ بېقىشنىڭ، ئەۋلادلارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ، جاھان مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ پارلىتىشنىڭ ئەرمىكى بولۇپ كەلدى. ئۇ تىل، ھېسسىيات، ئوبرازنىڭ ياردىمىدە ئىرقلار ئارا، مىللەتلەر ئارا، قىتئەلەر ئارا قەلب ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بولدى. بىز ئەدەبىيات ئارقىلىقلا ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئادەملىرىدىن ھازىرقى زامان ئادەملىرىگىچە بولغان ئىنسانىيەتنىڭ قەلب سەرگۈزەشتىلىرىنى بىلىپ يەتتۇق.

ئەدەبىيات سەھەردە كۈلگەن چولپانغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى بىلەن قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولغان دىللارنى يورۇت−ىدۇ. ھەممىنى ئۆزىگە تەلپۈندۈرۈپ، ئاق بىلەن قارا، ھەق بىلەن ناھەق ئاستىن - ئۈستۈن بولغان جەمئىيەتنىمۇ ئۆز ئىزىغا سالالايدۇ. ئۇ سۆزلەردىن تۈزۈلۈپ، روھقا بېرىپ تاقىلىدۇ. جۈملىلەردىن قۇرۇلغان بۇ سەلتەنەت ئىدېئولوگىيەنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي قۇدرىتىنى شۇنىڭ ئۈچۈن سەل چاغلىغىلى بولمايدۇكى، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن دادىل ئوينىشالايدىغان بىردىنبىر روھىي قورال. بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن ستالىن بىلەن ئۇلۇغ يازغۇچى مىخائىل شولوخوف ئوتتۇرىسىدا قىلىنغان «تىنچ دون» رومانىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى سۆھبەتنىلا ئەسلەپ ئۆتسەك كۇپايە:

20-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتى خەزىنىسىدە گۆھەردەك چاقنىغان «تىنچ دون» رومانىنىڭ 1 - تومى نەشر قىلىنىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زور داغدۇغا قوزغىغان يىللاردا شولۇخوف ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان يىگىت بولۇپ، روماننىڭ 2 - تومىنى پۈتتۈرۈپ نەشرگە تاپشۇرغان. بۇنى ئاڭلىغان ستالىن يازغۇچىلار سېكىرتارىياتىنىڭ ئەينى چاغدىكى سېكىرتارى ماكسىم گوركىي ئارقىلىق شولۇخوفنى قوبۇلخانىسىغا چاقىرتىپ، روماندا «بەزى تارىخىي مەسىلىلەر»نىڭ بارلىقىنى، ھازىرچە نەشر قىلماي تۇرۇشنى ئېيتقان. شولۇخوفمۇ ئۆزىنىڭ دون كازاكلىرىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ئاقلارغا قارشى تۇرۇش، ئاشلىق يىغىش كۈرەشلىرى يۈكسەك بەدىئىي نۇقتىدا تۇرۇپ تەسۋىرلەنگەن بۇ رومانىنى چوقۇم نەشر قىلىش كېرەكلىكى، ئالىي رەھبەرنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلۇشى لازىملىقى ھەققىدىكى مەيدانىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ مەسىلىنى بىر تارىخشۇناسنىڭ مەيدانىدا ئەمەس، مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بەدىئىي يول بىلەن يازغانلىقىنى، بۇنىڭ تارىخىي ئەسەر ئەمەس، بەدىئىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ستالىننى قايىل قىلغان. شولۇخۇفقا ھەمراھ بولۇپ قوبۇلخانىغا بىللە كىرگەن گوركىي سۆھبەت جەريانىدا ستالىن قوشۇمىسىنى تۈرگەندە «ئەمدى ئالىي رەھبەرنىڭ غەزىپى كېلىدىغان بولدى» دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغان. شولۇخوفنىڭ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ سىتالىن بىلەن جاھىللىق قىلىپ سۆھبەتلىشىشىگە نېمە سەۋەب بولغان؟ ئەلۋەتتە، ئەدەبىياتقا بولغان مەسئۇلىيەت، بەدىئىي چىنلىققا بولغان مەسئۇلىيەت، يازغۇچىنىڭ ۋىجدانىغا بولغان مەسئۇلىيەت ئىدى. كېيىن بۇ ئەسەر 1965-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى شولۇخوفنىڭ «ئۇلۇغ ئىجادكارغا خاس ئىجادىيەت تالانتى ۋە جاسارىتى بىلەن ئۆزىنىڭ دون ۋادىسى ھەققىدىكى ئىپىك تەسۋىرلىرىدە رۇسىيە خەلقىنىڭ بىر تارىخىي دەۋرىنى بەدىئىي كۈچ ۋە ھەقىقىي ئىجادكارلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى» ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

دېمەك، ئەدەبىيات بىر گۈزەل مەسئۇلىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر دەۋردىكى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى، ئېڭى، بۇرچ تۇيغۇسى، كەلگۈسىنى بەدىئىي يول بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان، ئىجادكارنىڭ دۇنيا قارىشى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىغان خۇسۇسىي ئىجادىي ئەمگەكتۇر. ئۇ جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا تولىمۇ موھتاج. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر تارىختىن بۇيان ئەدەبىيات روھنى ئويغاتقۇچى، مەسئۇلىيەت، جەمئىيەت ئېكولوگىيەسىنى تەڭشەپ تۇرغۇچى، دەپ قارالمىغىنىدا، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە يادلىنىدىغان ئۇلۇغ يازغۇچىلار، مۇتەپەككۇرلار، پەيلاسوپلار، جامائەت ئەربابى بولمىغان بولاتتى. پەقەت ئەدەبىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى، بەدىئىي قىممىتى بولغاچقىلا ئۇنىڭ ئورنى يۈكسىلىپ، ھۆرمىتى ئېشىپ باردى. ئۇ دەۋرنىڭ جان تومۇرى بولۇپ كېلەلىدى. بىز ئەدەبىياتتىكى بۇنداق روھنى ھېس قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقىنى خەلقنىڭ مۇڭ - زارى، ئارزۇ - ئىنتىلىشى، يۈرەك تەلپۈنۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭا ئەدەبىياتنىڭ قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ ئېزگۈ مېھرىنى خەلق شۇ قەدەر ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ. بۇ ئەدەبىياتتىكى سېھرىي كۈچنىڭ، غالىبلىقنىڭ، پاكلىق ۋە مۇكەممەللىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىختىن بۇيانقى تەۋرەنمەس ھەقىقەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا ھېچكىممۇ كۆز يۇمالمايدۇ.

ئەدەبىيات پاك روھ، ئۇ تومۇرلاردىكى ئىسسىق قان، ئۇ مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەزىز جان. ئەدەبىيات بولمايدىكەن، جەمئىيەت خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەقىل كۆزى خىرەلىشىپ، جاسارىتى سۇنىدۇ. غېرىبلىققا تۇتقۇن بولۇپ، ئىنتىلىش ئىدىيەسى پۈچەكلىشىدۇ. ئەدەبىيات − ئۇ جەمئىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەتتۇر.

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى (رادىيو تورى)





828 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 4:04:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ