يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 9 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 9 - قىسىم

زۇرفى 


   يەنە شۇ چۇش …   يەنە شۇ  ئىككى كاستۇيۇم كىيگەن يىگىت …
ئۇ توختىماي شۇ چۇشنى كۆرەتتى  ،   ئاپا زىلال زىلالغا  نىمە بولدى ،  مۇختەر توختىماي ئانىسىدىن سورايتى ، رەيھانگۇل خانىم بۇ ئىككى بالىنىڭ  كۇندىن كۇنگە جۇدەپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ  نە كۆزىگە ئۇيقۇ نە گىلىدىن غىزا ئۆتمەيىتى ، ئوسمان باي زىلالغا  قارايتى ،  ئەينى چاغلاردا ئايجامالنى نىمىشقا تاشلاپ كەتكىنىگە  پۇشايمان قىلاتتى ……
رەيھانگۇل ئاچا مەن سىزگە  ياردەنلىشەي ،  ئارلىقتا خىلە  ۋاقىتلار ئۆتۇپ زىلال رەيھانگۇل خانىمنىڭ كۆڭۇل قۇيۇپ پەرۋېش قىلىشى بىلەن خەلە ياخشى  بۇلۇپ قالغانىدى .  -  ۋوي چىرايلىق قىزىم تۇرۋاپسىزغۇ  يۇرۇڭ دەرھال كىرىپ يىتىۋېلىڭ  دەپ زىلالنى كەينىگە  ياندۇرۇپ ئىلىپ ماڭدى ، زىلال   -  بولدى رەيھانگۇل ئاچا  ياخشى بوپ قالدىم يىتىۋەرسەم بىئارام بۇلۇپ كىتىدىكەنمەن ،  ئەمىلىيەتتىمۇ زىلال  بۇلارنىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە  ۋاي دىگىنىدىن تولمۇ خۇرسەن ئىدى  يەنلا بىر يىرىدىن بىئارام بۇلۇپ  ئۆزىگە بىسىم قىلغاندەك بولۇپ قالاتتى ،  ھە نىمىنى قىلسىز  ؟  نىمىگە  بىئارام بۇلدىكەنسىز  ؟ ئىشىكتىن مۇختەر كىرىپ كۇلۇپ زىلالغا قاراپ ئۇنىڭغا تەنە ئارلاش گەپ قىلىپ قۇيدى .  ھاي بالام  قاتتىق  گەپ قىلما دەپ رەيھانگۇل خانىم مۇختەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ  قۇيدى .   زىلال كۇلۇپ رەيھانگۇل خانىمغا قارى مۇختەرمۇ مەمنۇنلۇق بىلەن ئانىسىغا قاراپ قۇيدى .
زىلال  يەنلا ئورنىدىن تۇرمىسا بولمايدىغانلىقى  ھېس قىلدىمۇ رەيھانگۇل خانىمنىڭ ھەم دوختۇرنىڭ دىگىنى  بۇيچە كۇتۇپ ئوبدانلا ئەسلىگە كەلدى ، ئەمما  يۇرەكلىرى يەنلا بىر قانداق ئىدى .    تەتىلمۇ تۇشۇپ  ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل ئىدى . زىلال  ئۇقۇمايمەن دەپ تۇرۋالسىمۇ  ئوسمان باي ئۇنمىغانغا ئۇنماي  ئۇنى مەجبۇر يولغا سەپ قۇيدى .  زىلال  بىلەن مۇختەر  خىلە يىقىنلىشىپ  قالغانىدى ،  مەكتەپتىكىلەرمۇ زىلالغا بىر  ھەۋىسى كەلسە بىر ئۆچمەنلىكى تۇتاتتى ، چۇنكى زىلالغا ئۇتتۇرۇپ قۇيغان قىزلارنىڭ سانى خەلە  كۆپ ئىدى .  
مەن سىزگە نىمە يامانلىق قىلدىم ،  نىمە داۋاملىق مەن بىلەن قالسىز  ؟  تۇيۇقسىز  زىلالنىڭ ئاۋاز پۇتۇن سىنىپنى  ئالدى .  گۇزەلنۇر زىلالنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى ،  مەن مەن ……  گۇزەلنۇر  كىكەچلەپ تۇنجى قىتىم ئۆزىنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا سەتلەشتۇردى ،  سىزنىڭ  نىمانداق ئىچىڭىز تار ھە ، سىنىپتا بىرەرسىمىز كۇلۇپ خۇشال خۇرام يۇرسەك ئىچىڭىز پۇشۇپ قالامدىكەن ،  بىزمۇ سىزدەك ئادەم ،  سىزدىن ھېچ  نەرىمىز  كام ئەمەس ، مەن سىزگە نەچچە  رەت يول قۇيدۇم سىزچە مىنىڭ سىزگە گەپ قىلمىغىنىم سىزدىن قورقىنىمما …
نەدىن كەلگەن جۇرئەت بۇ ، ساۋاقداشلار ئىچىدە خۇشال بولسىمۇ زىلالغا باشقىچە نەزىرىدە قارايتى ،ھېچقاچان ئۇنىڭ بۇنداق ئۇللۇك ئاۋازدا گەپ قىلىپ باققاننى ئاڭلىمىغان قىزلار  ياقىسىنى چىشلەپ تۇرۇپلا قالدى ،  زىلال گۇزەلنۇرغا گەپ قىلىش پۇرسىتىمۇ بەرمەي قىلغان ئەتكەنلىرىنڭ بىرنىمۇ قويماي دەۋەتتى ، چۇنكى  گۇزەلنۇرنىڭ قىلغىنى ئۇنىڭ قاتتىق زىتىغا تەككەن ئىدى .    بولدى زىلال بولدى  ، ئۆزىڭىزنى  بىسىۋېلىڭ  مۇختەر  ئاخىر چىش يىرىپ ئوتۇرغا چۇشتى .  
دەڭە مەن قاچان قەيەردە ، سىز دىگەندەك ئىش قىلىپتىمەن دەڭە ، مەن نىمىلا دىسىڭىز كۆتۇرۇپ سىزگە  گەپ قىلمامدىكەنمەن ،  سەبىرنىڭمۇ چىكى بولىدۇ ، ھەممە ئادەم سىزگە ئوخشىمايدۇ بىلدىڭىزمۇ ،  مىنىڭ بىرەر قىتىم شۇنداق ئىشىمنى كۆرگەندە ئاندىن مىنىڭ يۇزۇمنى يەر قىلىشنى ئويلاڭ بىلدىڭىزمۇ ،  ھەئە  مەن سىزدىگەندەك ئاتا ئانىسى ، ئىگى چاقىسى  يوق يىتىم  قىز  ،  لىكىن قۇلىقىڭىزنى  دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ  مەن بۇ كەمگىچە ،  ئۆزەمگە  ھەم ئەتراپىمدىكىلەرگە يۇز كىلەلمىگىدەك ھېچ قانداق ئىش قىلمىدىم  ،  ھەم خىيالىمغىمۇ ئەكىلىپ باقمىدىم ……
گۇزەلنۇر  نىمىمۇ  قىلار  ئىدى ، ئاشۇ ، سەن يىتىمەك باشقىلارنىڭ ئاتىدا يۇرۇپ يۇركىڭ يوغناپ قاپتۇ دەپ  ،  3  يىلنىڭ ياقى نىمىلا دىسە ئۇنىڭغا تىل يىرىپ گەپ قىلمىغان  زىلال مانا  پۇتۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا  گۇزەلنۇرنىڭ قىلقىنى ئاشكارلىۋەتتى ……      گۇزەلنۇر  نىمە قىلارنى نىمە دىيىشنى بىلەلمەي  تۇرۇپلا قالدى سىنىپتىكى قىزلارنىڭمۇ مۇشۇنداق بىرىنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتقاندەك  زىلالنىڭ گىپىنى قوللاپ  ئۇنىڭغا بۇلىشاتتى .  
شۇ  كۇندىن تارتىپ قىزلار زىلالغا باشقىچە مۇئامىلە قىلدىغان بۇلۇپ قالدى .   مۇختەرمۇ زىلالنىڭ بۇنچىلىك قەيسەرلىكىنى ئەمدى ھېس قىلغاندەك ئۇنىڭغا قايىل بۇلاتتى .   مانا  ئەڭ ئاخىرقى  تەتىلمۇ تۇشۇپ  ساۋاقداشلار  يۇرۇتقا قايتتى .   ھەممەيلەن دىيىشۋالغىنىدەك  ئۇرۇمچىدە يىغىلىشتى ،  رەيھانگۇل خانىم زىلالغا ئاتايىن قىپقىزىل كۆينەك ئالغان ئىدى ،  كىيىپ بىقىڭە  قىزىم  ،  قانچىلىك يارىشىپ  كىتەر ھە ،  رەيھانگۇل خانىم شۇنداق دىگىنىچە زىلالغا  كۆينەكنى تۇتقۇزدى.  چۇشىدىكى كۆينەك دەل ئۆزى شۇ ،  ئالدى قىسقا  كەينى ئۇزۇن ئىتىكى شۇنچىلىك كەڭرى بۇ كۆينەكنى  ئۇ چۇشىدە كۆرگەن ،  مەن  …  بۇ …  زىلال كىكەچلەپ رەيھانگۇل خانىمغا  قاراپ  چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى ،  رەيھانگۇل خانىم زىلالنىڭ  خىيالىنى بىلمىگەچكە زىلالنى مەجبۇرىي  كۆينەكنى كەيگۇزدى .
ۋاھ   …    ئوسمان باي زىلالنى كۆرۇپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى  ، ئەسلى  بىر گۇل مىكىن دىسەم گۇللەرنىڭ ئەڭ ئىسىلى گۇل ئىكەن مىنىڭ قىزىم  دەپ  ئاتىلارچە  زىلالنى باغرىغا باستى ، رەيھانگۇل خانىممۇ ئاغزى ئاغزىغا  تەگمەي ئۇنى ماختايتى ،  زىلالنىڭ ئىچىدە بىر شۇملۇق ئەكىس  ئەتكەندەك بىئارام ئىدى.
ھىلىقاچان مەكتەپ بۇيچە ئاددىي يۇردىغان بۇ قىز  بۇگۇن قىزلارنىڭ ھەممىنى سۇندۇرغان ئىدى ،  سۇرۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى  ئۇنىڭغا قارايتى ، مۇختەرمۇ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۇزەلمەي قالغانىدى .  
گۇزەلنۇرنىڭ ئىچىدىكى ئۆچمەنلىك  ھىلىقاچان بار  ئىدى ،  توختاپ تۇر بۇگۇن ھەممىنىڭ ھىسابىنى بىرسەن دەپ  ئاستا  ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ سىرتقا ماڭدى .  
ۋەلى ئاكاممۇ ؟  ھە ئاكا  مەن ساڭا دىگەن ئىشلارنى بۇگۇن  بىجىرۋېتەيلى بىز ھازىر  Xxxxxx    تاماقخانىسدا   كەلگىن ،  گۇزەلنۇر  ۋەلى دىگەن  بىرسى بىلەن كۆرۇشۇپ بۇلۇپ سۇغۇق مەنسىتمىگەندەك بىرخىل چىراي ئىپادىسىدە  ئىشىك يۇچىقىدىن زىلالغا  چەكچىيىپ قۇيدى .
ئەمدى  تۇرۇپ باشقا ياققا بارايلى بۇگۇن مەن مىھمان قىلاي دىدى  گۇزەلنۇر رەزىل پىلانىنى ئەمەلگە  ئاشۇرۇش ئۇچۇن خالى بىر جاينى كۆڭلىگە پۇكۇپ ،  ھىلىقى ئىشتىن كىيىن ھەممىسى گۇزەلنۇرنى ئارغا ئالمايتى بۇگۇن ساۋاقداشلار  ئولتۇرشى بولغاندىكىن ئامال يوق چاقىرغان ئىدى ،  ئەلى  بولىدۇ  ئەمىسە دىسكۇخانىغا بارايلى تاماقنى جىق يەۋالدۇق ئىستىمال بۇلا  دەپ ھەممىسنى كۇلدۇرۋەتتى ،  
ۋەلى ئاكا ،  بىز ھازىر  xxxxx   دىسكو خانىغا ماڭدۇق زىلال نىڭ   قالغان ئىشلىرى سىزگە قالدى .   گۇزەلنۇر تازلىق ئۆيىدە شۇ گەپنى دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى ،  سىرتتا  قۇلىنى يۇيۋاتقان ئاينەزەر  (  زىلالنىڭ  ياتاقدىشى )  بۇ گەپنى ئاڭلاپ  گۇزەلنۇرنىڭ بىر شۇملۇقنى ئويلىغانلىقىنى پەزلەپ ئاستا بىلىندۇرمەي چىقىپ كەتتى .  قانداق قىلسام بۇلار   كىمگىمۇ دەمەن بۇ ئىشنى ،  ئەگەر دىمىسەم بىرەر ئىش بۇلۇپ قالامۇ؟   ئاينەزەر تىتتىت بۇلاتتى ،  ئۇ ئەلىگە ئېيتتى چۇنكى مۇختەرگە دسە چوڭ ئىش چىقىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ  ئەلىنى بىر ياققا  تارتىپ بۇ گەپنى دىدى  ……
نىمە دەيدىغانسىز  ئاينەزەر گۇزەلنۇر شۇنداق ئۆزگۇرۇپ ياخشى بۇلۇپ كەتتىغۇ بۇنداق دىسىڭىز قانداق بۇلىدۇ  ،  ئاينەزەر ئەلىنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزىدىن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قالدى ،  -  ھە مەن ئارتۇق ئويلىۋالغان ئوخشايمەن ، ئاينەزەر ئەلىنىڭ تۇيۇقسىز گۇزەلنۇرغا ئىچ ئاغىرتىپ قالغانلىقىىن گۇمانلىنىپ باشقا گەپ قىلمىدى .
مانا  مانا كەلدۇق مۇشۇنىڭغا كىرەيلى دىدى گۇزەلنۇر ،  يەر ئەستى دىسكوخانىنى كۆرسىتىپ ،  بۇ ئۇرۇمچىنىڭ چەترەك ھەم يەر ئاستىغا  جايلاشقان دىسكوخانىنى كۆرسىتىپ ،  بالىلارمۇ قىزىقچىلىقتا كىرىشكە باشلىدى ،  باياتىن بىرى  ئۇنمىغانغا ئۇنماي مەجبۇرىي ئەكەلگەن زىلالنى ئەمدى ھېچكىم بۇ يەرگە  ئەكىرەلمىدى ،   مۇختەر مەن ماڭغاچ تۇراي  بەك چارچاپ كەتتىم دەپ زادىلا ئۇنمىدى مۇختەرمۇ ئۇنىڭ رايىغا بىقىپ ئەمىسە سىزنى ئاپىرىپ  قۇياي  دەپ تۇرشىغا  ئەلى ، ۋاي ئاداش چوپ چوڭ قىزبالىنى ئاپىرىپ قۇيمىساڭمۇ تاكسى تۇسۇپ سەپ قۇيساڭ  بولدى ، دەپ مۇختەرنى تۇسۋالدى ھەم چاققانلىق بىلەن يول ياقىسىدىن ئالدىرماي كەلگەن قار تاكسىنى تۇسۇپ  ئۆينىڭ ئادىرىسىنى دەپ زىلالنى ماشىنىغا سەپ قۇيدى ،  مۇختەر ئەلىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بىر ئىشنى تۇيغاندەك زىلال چىققان ماشىنىغا قارغىنىچە تۇرۇپلا قالدى.
مانا  بۇ رەھىمسىز تەقدىر بۇ قىزنى ئاشۇ قارا  تاكسىغا چىقاردى ، ئەمما  قاياقلارغا ئاپىرىپ ئۇنى سەرگەردان قىلار ھە .  
ئاكا  ،  ئۆيمىدىن ئۆتۇپ كەتتىم  بىزنىڭ ئۆي ئەنە ،  زىلال  ئاخىر ئېغىز ئاچتى  ئۇ يولنى بىلمىسىمۇ بۇ ماشىنىدىن چۇشۋېلىش  ئۇچۇن ئۇنىڭغا شۇنداق دىدى ، چۇنكى ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئادەم ، ئەينەكتىن پات پات زىلالغا قاراپ ، يولدا ماشىنا توسقان كىشلەرنىمۇ سالمىغاچقا زىلالنىڭ ئىچىدىكى قورقۇش تېخىمۇ ئاشتى .- ھە ئۇكام مەن بىلىمەن ، لىكىن بۇيەردە ماشىنا تۇختىشقا بولمايدۇ ئالدىمىزدىكى ئاۋۇ يەردە توختاي دەپ زىلالنى چۇچۇتتى ،  زىلال ئاخىر ئىچىدىكى قورقۇشنىڭ مانا مۇشۇ ئىكەنلىكىنى سەزگەندەك ،  ئەنە ئاۋۇ ماشىنىلارمۇ توختاۋاتمامدۇ مەن چۇشۋالاي ، ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى ئاچماقچى بولدى ئەمما ئېچىلمىدى .
رەيھانگۇل خانىم نىمىگىدۇر بىر ئەندىشىدە زادىلا تىنىچلىنالمايۋاتاتتى ،  مۇختەرمۇ ئەلىنىڭ بۇ قىلغىدىن سەل گۇمانلاندىمۇ بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا غەلىتىلا بىلىنىپ  زادىلا  خاتىرجەم بۇلالمىدى ،  ئۇ ئاخىر سىرتقا چىقىپ ئانىسىغا تىلفۇن قىلدى .
-  ۋەي  ئانا  زىلال ئۆيگە باردىمۇ ؟  نىمە نىمە دەيسەن بالام  ،  زىلال ئۆيگە كەلمىدى .  - نىمە …؟
مۇختەر  زىلالنىڭ كەتكىنىگە  2 سائەتتىن ئاشقانلىقى ئۇنى ماشىنىغا  سەپ قۇيغانلىقىنى ئانىسىغا ئېيتتى ،  ۋاي جىنىم بالام سەن نىمە قىلدىڭ ، سەنمۇ بىللە يىنىپ كەلسەڭ بولمامدۇ ، زىلال شەھەرنى تۇزۇك بىلمىسە ، نەلەردە يۇرىيدىغاندۇ ،  رەيھانگۇل خانىم ھەم مۇختەر ئاخىر بۇ ئەندىشىنىڭ زىلالدا ئىكەنلىكىنى سىزىپ كۆڭلى بۇزۇلدى ،  رەيھانگۇل خانىم تىلفۇننى قۇيۇپ ، سىرتقا ماڭدى ، مۇختەر ئەلىدە بىر گەپنىڭ بارلىقىنى پەملەپ ئۇنى سىرتقا ئەپ چىقىپ بىر مۇش سالدى . -  ئېيتە  زىلالنى نەگە ئاپاردىڭ  ،ئېيتە  ،   كەينى كەينىدىن تەككەن ئىككى مۇش ئەلىنىڭ مەس ھالىتىنى خەلە  سەگىتىپ قۇيدى ،  ئاشۇ  قانجۇقنى دەپ مەندەك يىقىن دوستۇڭغا قول تەگكۇزۋاتامسەن مۇختەر ،   ئەلى مۇختەرگە نەشتەر كۆزى بىلەن تىكىلدى ، مۇختەر ھەقىقەتەن   بۇنىڭ بىر ئۇيۇنلىقىنى سەزگەدى  ،مۇختەر ئەلىنى توختىماي سوراق قىلاتتى ،  -  ئەمدى ئىزدىسەڭمۇ بىكار  ئۇ  ئەمدى ساق قايتىپ كىلەلمەيدۇ ساق قايتىپ كەلسىمۇ ، ئۇنى ھېچكىم ئەمىرىگە ئالمايدۇ   ھا ھاھا ……
داۋامى بار
     





573 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 13:22:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ