يامغۇرلۇق كۈن
long fellow
(لوڭ فىللوۋ)
سۇغۇق ، تۇتۇق ، مەنىسىز كۈندە
شاماللىق يامغۇر ئەسلا زىرىكمەستە ،
ئۈزۈم تېلى تېخىچە كونا تامغا ياماشقان
غۇر-غۇر شامال يۇپۇرماقنى ئۇچۇرغان ،
ئاشۇ تۇتۇق ، مەنىسىز كۈندە ·
سۇغۇق ، تۇتۇق ، مەنىسىز ھاياتتا
شاماللىق يامغۇر ئەسلا ھارماستا ،
خىياللىرىم تېخىچە ئۆتمىشىمگە يانداشقان
ياشلىقتىكى ئۈمۈدلەر خازان بولغان ،
ئاشۇ تۇتۇق ، مەنىسىز كۈنلەردە ·
تىنىچلان غەمكىن يۈرەك ئاغىرنىشتىن
پارلايدۇ قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىدىن ،
تەقدىرىڭگە تەقدىرداش باشقىلارنىڭ ھەممىسى
ھەربىر ھاياتنى ياشناتقان يامغۇر تامچىسى ،
ئاشۇ تۇتۇق ، مەنىسىز بەزى كۈنلەردە ·
(ئىنگىلىزچىدىن كۆلەڭگە تەرجىمىسى)
| 402 قېتىم كۆرۈلدى | 101520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-31 2:14:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|