قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون -3 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


3-قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

metro


قىزلارنىڭ قاتتىق چىرقىرىشىدىن تايىرلار يۇلغۇن ئىچىگە يۈگۈرۈشتى ، ئۇلار كىرىپ كۆرگىنى ئىككى قىز بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇراتتى ، يىراقتا بىر توپ چىل ئۇچۇپ كىتىۋاتاتتى . بۇنىڭغا قاراپ ئوغۇللار قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى ، بۇلارنىڭ مازاق قىلغىنىغا قىزلار خاپا بولۇپ تىرىكتى .

- كۈلۈۋېلىڭلار ، تازا كۈلىۋېلىڭلار ، بىر توپ ساراڭلار ، - دەپ غۇدۇڭشىدى دىلبەر .

گۈزەلنۇر تېخىچە ئىسىگە كىلەلمەي پۇت - قوللىرى تىتىرەپ ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ سورىدى :

- نىمە ئۇ ، نىمانداق قورقۇنۇچلۇق ؟

تۇرغۇن كۈلكىسىنى بېسىپ چۈشەندۈردى :

- ئۇ چىل ، بىر خىل قۇش ، ئۇ شۇنداق تۇيۇقسىز ئاۋاز چىقىرىپ ئۇچۇپ ئادەم قۇرقۇتۇپ قويىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ گۆشى بەك يىيىشلىك ،- ئۇ گېپىنى تۈكۈرگىنى يۇرتۇپ ئاخىرلاشتۇردى .

ئۇلار ئەتتىگەن ئېلىۋالغان چايلىرى بىلەن قۇرساقلىرىنى توقلىشىپ سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ، ماشىنا يۇلغۇن دۆۋىلىرىنى ئايلىنىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى ، ئىچىدىكىلەر «ۋاي توشقان،ۋاي بۆجەن» دەپ ۋاقىرشىپ سەكىرەپ ، سەكىرەپ كىتىۋاتقان توشقان ، توپ - توپ يۈگۈرشۈپ يۈرگەن چىل، ھەتتا غىل -پال قۇيرۇق قىسىپ كىتىۋاتقان تۈلكىلەرگە ھەيرانۇ ھەس بىلەن قاراپ كىتىۋاتقاندا دىلبەر تۇيۇقسىز ماشىنىنى تورمۇز قىلدى ، ماشىنا يىنىك بولغاچقا لەپەڭشىپ كەتتى ، ئىچىدىكىلەر ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماي ماشىنا ئىچىدە ئۆرە تۆپە بولۇشۇپ كەتتى :

- نىمە ئىش بولدى ؟ ئەيسا يۈرۈكىنى تۇتقىنىچە قۇرقۇپ ئولتۇرغان دىلبەردىن جىددى سورىدى.

- كىيىك ، بىر توپ كىيىك ، بەك ھۇدۇقتۇم ، رولنى سەل بۇرىغان بولسام موللاق ئاتاتتۇق.

ھەممىسى ماشىنىڭ ئالدىغا قاراشتى ، لېكىن بۇ ئۈركۈپ كەتكەن كىيىكلەر ئاللىقاچان چېپىشىپ ئۇزاپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەتىراپنى كۆزىتىشكە باشلىدى.

- يىلان ،- دەپ ۋاقىردى تۇرغۇن ئىككى قەدەم ماڭمايلا ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىككى مىتىردەك ئۇزۇنلۇقتا توملىغى چوڭ ئادەمنىڭ بىلىكىدەك بىر يىلان بىر يۇغان قۇشقاچنى يۇتىۋاتقان بولۇپ ، قىزلار دەرھال ئوغۇللارنىڭ كەينىگە ئۆتۈشتى.

- ھېچقىسى يوق ، بۇ بوغما يىلان ، زەھەرسىز ، ئەنسىرمەڭلار ، - دىدى تايىر يىلانغا بىر قاراپلا.

ئۇلار يىلاندىن ئەگىپ ئۆتۈپ يۇلغۇنلۇق ئىچىگە كىرىپ ھەر خىل ھايۋان ،ھەرخىل جانلىقلار كۆرۈپ ھەيران قالدى، پۇرقىراپ ، سايرىشىپ يۈرىگەن قۇشلار، بىر يەرلەردە كىرپىلەر ، بىر يەرلەردە كۆسۆتكە چاشقانلار ، ئۇ يەر ، بۇ يەرلەردە مىغىراپ يۈرىگەن يىلانلار … ئۇلار بۇ يەردە ئايلىنىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشتى ، شۇ مېڭىشتا ماشىنا يۇلغۇن ئىچىدە بىر سائەتتەك مىڭىپ يەنە سايلىققا چىقتى، سايلىق ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ ، يول تېپىپ مېڭىش تەسكە توختاۋاتاتتى.

- يولىمىز توغىرىدۇ - ھە ؟ تېڭىرقاپ سورىدى دىلبەر.

تۇرغۇن خەرىتىنى ئېچىپ بىر قۇر كۆرگەندىن كىيىن موشۇ يۆلۈنۈش توغرىكەن ، - دىدى لېكىن ئۆزىمۇ بۇ ئەتراپتا بۇرۇن يول بارلىغىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇڭغۇل - دوڭغۇللۇقتا يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن سايلىقنىڭ ئوتتۇرسىدا چوخچۇيۇپ چىققان بىر قىزىل چوققىنى كۆردى ھەمدە شۇنى نىشانلاپ ماڭدى ، بۇ چوققا غەلىتە بولۇپ خۇددى بىرسى ياساپ قويغاندەك ئاستى تىك ئۆستى خۇددى موگودەك يۇغان ئىدى. ئۇلار ئۇ يەردە توختاپ ئۇنى بىر ھازا تاماشا قىلغاندىن كىيىن يەنە مېڭىشتى ، ئۇلار يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن ئالدىدا بايقىنىڭدەك يەنە بىر چوققا كۆرۈندى ، بۇ چاغدا ھەممىسى ھەيران قالدى :

- قاراڭلار ، بايقى چوققىغا ئوخشاش چوققىكەن، دىيىشتى.

ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كىيىن يەردە تۇرغان ئىزنى كۆرۈشتى -دە چۆچۈپ كىتىشتى.

- نىمىگە ئوخشاش چوققا بولىدۇ ، بىز ئايلىنىپ بايقى جايىمىزغا كىلىپ قاپتىمىز ،- دىدى تايىر زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئىزلارغا قارغىنىچە.

دىلبەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەي سورىدى :

- بۇ مۇمكىنمۇ ، بىز ئۇدۇل يۆلۈنۈشتە جەنوپقا ماڭغان تۇرساق ، قانداق بولۇپ بۇ يەرگە يەنە كىلىپ قالىمىز.

- مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران بولىۋاتىمەن ، لېكىن بۇ ئىزلارغا قاراڭ ، بىزنىڭ ماشىنىنىڭ ئىزى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئىزلىرىمىز ، - دىدى تايىر ئىزلارنى سېلىشتۇرۇپ، باشقىلار بۇ غەلىتە ئىشتىن ئەجەپلىنىپ قالدى. ئۇلار خەرىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى. خەرىتىدە يولغا ئېنىق بەلگە قويۇلماي ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى قويغاچقا بۇ ئىشنى بىلەلمەي ، ئەتىراپتىكى نەرسىلەرنى نىشان قىلىپ يەنە ماڭدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئاۋال ماڭغان يولىدىن چەتنەپ ئەمدى توغرا ماڭدۇق دەپ ئويلىغان بولسىمۇ يېرىم سائەتتىن كىيىن يەنە ھېلقى چوققىنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى .

- بۇ قانداق ئىش ؟ تايىر بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ھودۇقتى.

- بۇنداق بولىۋەرسە ماشىنىنىڭ مېيىنى موشۇ چوققىنى ئايلىنىپلا تۈگىتىپ قويىمىز ، زاپاس مايمۇ ئۇنچۇۋالا كۆپ ئەمەس ،- دەپ ئەسكەرتتى دىلبەر.

ئەمدى ئۇلار قاراملىق قىلىپ ماڭسا بولمايتتى ، ئەگەردە يەنە نىشاندىن ئادىشىپ ئورۇنسىز ماڭسا زاپاس مېيىنى قۇيۇپ كەينىگە قايتمىسا بولمايتتى .

- قانداق قىلىمىز ،- دىدى سەمەت تايىرغا قاراپ ، - بۇ چوققىغا چىقىپ ئەتىراپنى كۈزۈتۈپ باقايلى ، لېكىن بۇ غەلىتە چوققىغا چىققىلى بولارمۇ ؟ ئۇلار بومۇ بولغۇدەك دىيىشىپ چوققىنىڭ ئۈستىگە چىققۇدەك يىرىنى ئىزدەپ ئايلىنىپ بېقىشتى. لېكىن بۇ چوققا خۇددى ھەرە بىلەن ھەردىگەندەكلا تىك بولغاچقا بۇ ئويىمۇ سۇغا چىلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىزلىقتا ھەممىسى چوققىغا يۆلەنگۈچە ئۈمىتسىزلىنىپ ئولتۇرۇشتى . بۇ چاغ چۈشتىن قىيىلغان ۋاقىت بولغاچقا چوققىنىڭ سايىسى بۇلارغا خۇش ياققانتى .

- قاراڭلار ! - دەپ ۋاقىرۋەتتى تايىر سايىنى كۆرسىتىپ ،- يول يۆلىنىشى كۆرسىتىلىپتۇ ، قاراڭلار!

ھەممىسى تايىر كۆرسەتكەن سايىگە قاراپ تېڭىرقاپ قېلىشتى .

- نىمە كۆرسىتىلىپتۇ ، - ھەممىسى ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ سوراشتى .

- مانا تۇرۇپتۇغۇ ، سايىگە قاراڭلار كۆرسەتكۈچ بەلگىسىنىڭ شەكلىدە تۇرۇپتۇغۇ .

راست تايىر دىگەندەك چوققىنىڭ سايىسى كۆرسەتكۈچ بەلگە شەكلىدە شەرىقنى كۆرسىتىپ تۇراتتى .ئۇلار خوشاللىغىدا چورقۇرشۇپ سەكىرىشىپ كىتىشتى ، سەپەر شەرىقنى نىشانلاپ يەنە باشلاندى. سايلىق ئاستا - ئاستا ئېدىرلىق بىلەن ئالماشتى ، ماشىنا ئېدىرلىقتا ئۇنچۇۋالا تىز ماڭالمايۋاتاتتى. ئۇلار مۇشۇ يۈلىنىش توغىرا دىگەن يولى تۇيۇقسىز بىر تىك جىرادا ئۈزۈلۈپ قالدى. جىرا ئاسمىنىدا بىر نەچچە سا ئۇچۇپ يۈرىشەتتى . ئۇلار خەرىتىنى ئېچىپ كۆرسەتكۈچ بەلگە ھەم شىمال - جەنۇپ يۈلىنىشلىرىنى توغىرلىۋالغاندىن كىيىن بىر يولنى بېكىتىشتى ، بۇ يول شەرقى جەنۇپ تەرەپنى نىشان قىلاتتى ، ماشىنا شۇ يۆلۈنىشنى بويلاپ كىتىۋېتىپ بىر تاغقا تاقاشتى. يول يەنە ئۈزۈلدى. ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ تاغنى بويلاپ ئەتراپنى كۆزۈتىشكە باشلىدى. بىر چاغدا يول ئىزدەپ يىراقلاپ كەتكەن تۇرغۇننىڭ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى ، باشقىلار ماشىنىغا چىقىپ شۇ جايغا بېرىپ كۆردىكىن تاغنىڭ ئىچىگە تۇتاش بىر ئۇڭكۆر ، ئۆڭكۈرئېغىزى ئەتىراپىدا ھېچ يەردە ئۇچۇرمىغان ياۋا جىگدە دەرەخلىرى ئېغىزنى توساپ دىگۈدەك تۇراتتى.

- موشۇ يولما ؟- سورىدى دىلبەر ھەيران بولۇپ.

- مېنىڭچە شۇنداق ،- دىدى تايىر خەرىتىنى ئاچقاچ.

- ئاۋال پىيادە مېڭىپ بۇنىڭ ئىچىنى كۆرۈپ باقايلى، ئاندىن بىر نەرسە دەيلى ،- دىدى ئىسكەندەر.

ئۇلار بۇ پىكىرگە قوشۇلۇشتى. دىلبەر ، گۈزەلنۇر ، سەمەت ماشىنىدا قالدى. باشقىلار قول چىراقلىرىنى ياندۇرۇشۇپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ كىتىشتى، ئۆڭكۈر خۇددى تونىلدەك ئادەم كۈچى بىلەن چېپىلغان بولۇپ ، ئۇچىدا بىر يورۇقلۇق كۆرىنىپ تۇراتتى. ئۇلار ئالدىغا ئىلگىرلەۋېتىپ توختاپ قېلىشتى. چۈنكى ئۆڭكۈر ئىچى يىلان بىلەن تولغان بولۇپ تۆمەنلىگەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە لۆمۈلدىشىپ تۇراتتى .

- نىمانداق كۆپ يىلان بۇ ؟- دىدى تۇرغۇن قورقۇپ كەينىگە يېنىپ - ئۇلار بىزگە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ.

- ئۈستىگە قارا ،- دىدى تۇرغۇن ئاۋازىنى پەس قىلىپ ،ئۇنىڭ ئۈنى تىتىرەپ چىقتى.

تۇرغۇن بىلەن ئىسكەندەر تەڭلا قول چىرىغىنى ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىگە سېلىپ قورقۇپ كەتتى. چۈنكى ئۈستىدە تۆمەنلىگەن قورقۇنۇچلۇق قان شورۇغۇچى شەپەرەڭ ساڭگىلىغان ھالدا چىراق يورىقىدا كۆزلىرىدىن قىپ - قىزىل يورۇق نۇر قايتۇرۇپ تۇرىشاتتى.

- ئاستا چىكىنەيلى ،- دىدى ئىسكەندەر ، - بۇلارنى ئۈركىتىۋەتسەك بىزنى قىيما - چىيما قىلىپ تاشلايدۇ.

ئۇلار ئاۋاز چىقارماسلىققا تىرىشىپ ئاستا - ئاستا كەينىگە چىكىنىشتى. يىلانلار بىرەر شەپىنى سەزگەندەك ئۇلار تەرەپكە سۈرۈلسە ، شەپەرەڭلەر ئىچىدىن بىر ، ئىككى شەپەرەڭ تۇيۇقسىز ئۇچۇپ ئۇلارنى قارا تەرگە چۆمدۈرۋەتتى. يىقىنلا ئارلىق ئۇلار چىكىنىپ چىققۇچە بەك ئۇزۇن بىلىپ كەتتى.

- قانداقكەن ، تىزلا قايتىپ چىقتىڭلارغۇ ،- ئالدىراپ سورىدى سەمەت .

- ئۇچىغا چىقالمىدۇق ، ئىچى يىلان ، شەپەرەڭلەرنىڭ ئۇۋۇسىكەن ،- دەپ جاۋاپ بەردى تۇرغۇن يۈرىكىنى تۇتۇپ ،- بەئەينى دەۋزەخ.

تايىر پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويدى :

- بىز ئىزدەۋاتقان يول چوقۇم موشۇ تونىل شۇ ، مېنىڭچە ھېلقى يۇرتنىڭ دەرۋازىسى موشۇ.

- ئەمىسە قانداق كىرىمىز ، شەپەرەڭلەرنى كۆرگەنسەن، ئۇلار ھۇجۇم قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئۈركۈپ كەتسىمۇ بىزنى ھالاك قىلۋېتىدۇ، يىلانمۇ بەك كۆپكەن،- دىدى ئىسكەندەر.

قىزلار يىلان ، شەپەرەڭ دىگەن گەپلەردىن قورقۇشتى .

- تەۋەككۈل قىلغىلى كەلگەندىكىن تۈزۈك تەۋەككۈل قىلايلى، بايلىق بار جاينى يىلان قوغدايدۇ ئەمەسمۇ؟- دىدى تۇرغۇن بىر نىيەتكە كىلىپ.

- ئەمىسە بۇنداق قىلايلى ، بۇ ئۆڭكۈردىن ماشىنا ماڭالىغۇدەك ، بىز ماشىنا ئەينەكلىرىنى چىڭ ئىتىپ ، چىراقنى سۇس يېقىپ ئىنتايىن ئاستا ماڭايلى. شۇنچىلىك ئىھتىيات قىلايلىكىن شەپەرەڭلەرنى قوزغاپ قويساق ، ماشىنىنى ئۇلار بۇنداقلا قىلىپ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇ چاغدا بىز يىلان بىلەن شەپەرەڭگە يەم بولىمىز ، شۇڭا قىلچە شەپە چىقارماي مېڭىپ باقايلى،- دىدى تايىر پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ.

بۇ پىلاندىن ھەممىسى دىلىغۇل بولۇشتى ، بۇنداق قىلىش بەك خەتەرلىك بولسىمۇ بۇلارغا بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئۇلار بىرھازا ئويلانغاندىن كىيىن شۇنداق قىلىشنى قارار قىلىپ ماشىنىغا چىقىشتى . … بۇلار راستىنلا بۇ سىرلىق قەدىمى يۇرتنى تاپقانمىدۇ ، ئۇلار بۇ ئۆڭكۈردىن سالامەت ئۆتەلەرمۇ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1982 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 18:22:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-13 20:47:40 sirlikrayon
2kisim
2015-12-8 1:44:01 نۇربىيە
قورقۇنۇچلىق سىرلىق رايۇن دېگەن ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا شۇنچىلىك تەقەززا بولۋاتىمىز . مومكىن بولسا تىزراق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشسە دېگەن ئۈمۈدتىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ