ئانىنىڭ دۇئاسى (ھىكايە) - ئالمىرە ئەخمەت

ئانىنىڭ دۇئاسى
ئالمىرە ئەخمەت 


ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا نىمىدۇر ئىسىگە كەلگەندەك پۇتلىرىنى مىدىرلىتىشقا ئورۇندى.ئەپسۇس ئۇنىڭ قورققان ئىشى يۈز بەردى.ھەرقانچە كۈچىسىمۇ بىلىنىڭ ئاستى قىسمى ئاللىبۇرۇن ئىشلىمەس بولۇپ قالغان ئىدى.ناپاك تېنىنىڭ ئېغىر يۈكىگە ئايلانغان پۇتلىرىنى تۇتۇپ كۆرمەكچى بولدىيۇ قوللىرىنىڭمۇ ئۆز ئختىيارىدا بولمايۋاتقانلىقىدىن چۆچىدى.ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ قولى بېغىشىدىن كارۋاتقا چىڭ باغلىۋىتىلگەنىدى .يان تەرەپتە 15-16 ياشلاردىكى چىرايلىرى سارغايغان بىر قىز كارۋاتقا يۆلىنىپ ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى. ئۇ كۆزىنى ئاستا يۇمدى ،ئۇنىڭ مەڭزىدىن سىرغىغان ياش خىيال قۇشلىرىنى چاقىراتتى."
*********
-قەمىردىن بالام ، ئۇنداق قىلماي ناشتا قىلىپ ماڭغىن ...
-بولدى ئاپا، سىنىپقا تېزراق بېرىشىم كېرەك . بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بالدۇر بېرىپ ئۆگىنىش قىلىشقا دېيىشىپ قويغان ، مەن ماڭاي.-ئانا ئالدىراش چىقىپ كىتىۋاتقان ئوغلىغا قاراپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى ۋە:
-بىر ئوغۇل دەپ ئارزۇلاپ باققىنىمىزغا خۇداغا شۈكرى ياخشى بالا بولدى، خۇدايىم يامان كۆزلەردىن ساقلاپ بەخت ئىنساپىنى بەرگەي ھە دادىسى!-دىدى ياندا گىزىت ئوقۇپ ئولتۇرغان قاسىم ئاكىغا قاراپ.قاسىم ئاكىمۇ «دىگىنىڭلار كەلسۇن ئانىسى» دىگەندەك قىلىپ باش لىڭشىتتى.
ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئائىلە مەھەللە بويىچە خېلى ھۆرمەتكە ئىگە ئائىلە ھىساپلىناتتى.گەرچە تۇرمۇشى باي-باياشات بولمىسىمۇ ھەرھالدا قەدىر ئەھۋال كۈن ئېلىۋاتقان بۇ ئائىلىنىڭ بەخىت مەنبەسى بولغان ئىككى پەرزەنتى بولۇپ چوڭى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئۆگىنىش ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان
قەمىردىن، كىچىكى كەم سۆز، ئەقىللىق قىز جەمىلە ئىدى. ئاتا-ئانىلىرىمۇ مەھەللە كويدا خېلى يۈزى بار ئاقكۆڭۈل، مىھرىبان كىشىلەر ئىدى.ئەمما دەلشۇ كۈنىدىكى قارا بوران بۇ بەخت قەلئەسىنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ بۈگۈنكىدەك زۇلمەت كۈلبىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
قەمىردىن ئۆيدىن چىقىپ مەكتەپكە ناھايىتى ئالدىراش كىتىپ باراتتى.ئۆزىگە ياراشقان مەكتەپ فورمىسى،كىلىشكەن قامىتى، ئىسىل پەزىلىتى ئەمدىلا ياشلىق بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بۇ يىگىتنى تېخىمۇ جەلىپكار قىلىپ قوياتتى.شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك مەكتەپتىكى نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغا غايىبانە ئاشىق ئىدى.تۇيۇقسىز
بىر قارا تاكسى كىلىپ قەمىردىننىڭ ئالدىنى توستى،نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئالدىراش كىتىپ بارغان قەمىردىن ئەندىكىپلا تۇرۇپ قالدى، ماشىنىدىن 19 ياشلاردىكى بىر بالا ھەييارلىق بىلەن ھېجايغىنىچە چۈشۈپ كەلدى. ئۇ بالا دەل قەمىردىننىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىكى 9 يىللىق ساۋاقدىشى ئۆمەر شەيتان ئىدى[مەھەللىدىكىلەر ئۇنى يامان يوللاردا ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتىشاتتى].
-ۋوي كىمدۇ بۇ؟! بىزنىڭ ئىستىداتلىق ئۆگىنىش باشلىقىمىز قەمىردىنمۇ نىمە؟
-ھە ئاداش سەن ئۆمەرمۇ؟ ئىككى يىل كۆرۈشمەي ئۆزگىرىپلا كىتىپسەن، تاس قاپتىمەن تونۇماي قالغىلى.-دىدى قەمىردىن ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ.
-ھە دەل مەن شۇ، بۇرۇنمۇ بىزدەك باللانى ياراتمايدىغان ئەلاچىمىز ئەلۋەتتە تونىمايدىدە ئەمدى-دىدى ئۆمەر شەيتان مىيىقىدا كۈلۈپ.قەمىردىن ئۆزىنىڭ بۇنداق بالىلار بىلەن تەڭلىشىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى،شۇڭا دەرھاللا :
-ئۇنداق ئىش بولامدىغان ئاداش، ھازىر مەن دەرسكە سەل ئالدىراپ قالدىم، كىيىنچە بولغاندىكىن كۆرشەمىز ئەمسە مەن ماڭاي.-ئۇنىڭ گىپى تېخى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا ئۆمەر شەيتان گەپنىڭ بىلىگە تەپتى.
-ئاداش قويە سىنى، كىيىنچە كۆرشەمىز دىگەن نىم گەپ ئۇ؟ ساڭا بىر ھاجىتىم چۈشۈپ ئىزدەپ كىلىشىم، 9 يىللىق ساۋاقداشلىقىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بىر ياردەم قىلىۋىتە.-ئۇ شۇنداق دىگەچ قەمىردىننى ماشىنا تەرەپكە تارتتى.
-لىكىن ئاداش مەن ھازىر دەرسكە كىرمىسەم بولمايدۇ، قانداق ئىش بولسا دەرستىن چۈشكەندە بىر گەپ بولا.
-قاچانغىچە مۇشۇنداق دەپ يۈرىدىغانسە ئاداش، چوپچوڭلا بالا بولدۇڭ ئەمدى قويە بۇرۇنقى قورقانچاقلىقىڭنى، بىر سائەتتىلا تۈگەيدۇ بۇ ئىش، ئاندىن ئۆزەم ئەكىلىپ قويىمەن مۇشۇ سەن چىدىمىغان دەرسكە. ماڭە ماڭە ھە!-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قەمىردىننىڭ مۆرىسىدىن ئىتتىرىپلا ماشىنا چىقاردى. قارا تاكسى يۈرۈپ كەتتى، قارا بوران ئۆزىنى كۆرسەتتى.
قەمىردىن كۆزىنى ئاچتى،ئەسكى تاشلاندۇق مەيداندا ئۆزى بىلەن تەڭ تاشلىنىپ تۇرغان ئوكۇل يىڭنىسىنى ۋە ۋۇجۇدىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتقان قانلىرىغا ئارلىشىپ ئېقىۋاتقان ناپاك ئەمما مەس قىلغۇچ سېزىمنى ھېس قىلىپ يەتكىنىدە ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن تۈگەشكەنلىكىنى بىلدى. كاشكى قولىدىن كەلسە پۈتۈن تومۇرلىرىنى يۇلۇپ تاشلاشنى،بارچە ئەزالىرىنى قايتا پاكىزلاپ ئورنىغا سېلىپ قويۇشنى ھەتتاكى بارلىقىنى بىراقلا چۆرىۋىتىشنى ئويلايتى ئەمما ئامال بولمايتى.دەل شۇ پەيىت ئەمدىلا 19 ياشلىق يىگىتنىڭ بارلىقىنى ئېلىپ كەتتى.
مانا ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. قەمىردىن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بۇ زۇلمەتلىك ئىككى يىل ئىككى يۈز يىلدىنمۇ ئۇزۇن ھەم ئازاپتا ئۆتتى. ئەزەلدىنلا ئىقتىسادىي ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئائىلە بۇ ئىككى يىلدا پۈتۈنلەي سورۇلۇپ تۈگەپ گەدەنگىچە قەرىزگە بوغۇلدى.قەمىردىنمۇ شۇ ئىشتىن كىيىن زەھەرلىك چىكىملىك يولىدا مېڭىپ نە ئوقۇش،نە گۈزەل كىلەچەك، نە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنى ئۇنتىغان ئىدى.بۇرۇن ئۇنى كۆرسە ھەۋەس بىلەن قارشىدىغان كىشىلەر ئەمدىلىكتە ياقىلىرىنى چىشلەپ توۋا دەپ ئۆتىشەتتى.
شۇ ئازاپلارغا جۈملىدىن دۇنيالىقتىكى پەخرى بولغان تاغدەك ئارزۇلىرىنى باغلىغان ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىنى قۇبۇل قىلالمىغان قاسىم ئاكا يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.ئەڭ ئازاپلىق بولغىنى قەمىردىن ھەرخىل زەھەر بويوملىرىنى كۆپ ئىستىمال قېلىپ ئاستى بەدەن قىسىم تومۇرلىرى قېتىپ قالغان بولغاچقا بەزىدە پۇتلىرى تۇيۇقسىزلا ئىشلىمەي قالاتتى.
دەل ئۆزىنى ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن چوڭ قىلغان، تاغدەك يۆلەنچۈك دادىسىنىڭ قازا قىلغان كۈنى ئۇنىڭ پۇتلىرى يەنە ئىشلىمەي قالدى،بىر ئوغۇل ئۈچۈن ئۆز دادىسىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ئۆلۈپ كەتكەن چېغىدا جىنازىسىنى بولسىمۇ كۆتۈرەلمەي قېلىشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك.دەل بۇ ئازاپ قەمىردىننىڭ بېشىغا كەلدى،يات كىشىلەر قولىدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان دادىسىنىڭ جىنازىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئىتتەك تاشلىنىپ ئۆزىنى ئۇرۇپ يىغلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قولىدىن كەلمەيتى.ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتى،پەقەت سىڭلىسى جەمىلەنىڭ:
-ئاكا تېز تۇرۇپ دادامنى قايتۇرۇپ كەلسەڭچۇ،نىمىشقا ئۇلار دادامنى ئەكىتىدۇ؟-دەپ ئېسىلىپ يىغلاشلىرى ئازاپتا لەختە-لەختە بولغان يۈرىكىنى تېخىمۇ تىلغايتى.شۇنداق قىلىپ ئۆز پۇشتى قاتنىشالمىغان مىيىت نامىزىمۇ ئوقۇلۇپ ھەممە تارقاشتى.زۇلمەت ئۇۋىسى بولۇپ قالغان بۇ ئائىلە ئەمدى تۆت تاملىق گۆر بولۇپ قالدى. نەپەسلىرى بار ئۆلۈك ئادەملەر ھەركۈنى ئازاپ ئىچىدەئۇھسىناتتى.
قەمىردىننىڭ ھالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى.بىچارە ئانا ئۇنى كۆپ قېتىم زەھەر تاشلاش ئورنىغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدىيۇ ئاياغلىرىغا ئۆزىنى تاشلاپ تەلمۈرۈپ تۇرغان يۈرەك پارىسىگە قىيمايتى.شۇنداق بولغانسرى قەمىردىن خۇمارى تۇتقاندا ئانىسىنى ئۇرۇپ، تىللايدىغان بولىۋالدى.بىچارە ئانىنىڭ يۈزىدىن كۆك ئاجىرمايتى.بىراق ئانا بارلىقى بىلەن بالىلىرى ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتاتتى.
********
-دوختۇر، دوختۇر، قۇتقۇزۇڭلار ، ئادەم بارمۇ؟ ئاكامنى قۇتقۇزۇڭلار...-ئەنسىز چۇقان بىلەن تەڭ دوختۇرلار يوپۇرلۇپ كىرىشتى، قەمىردىن كارۋاتتا جان تالىشىپ ياتاتتى.يان كارىۋاتتا ئالدىنقى كۈنى قاتناش ۋەقەسىدە يارلانغان، بەدىنىنىڭ تەڭدىن تولىسى تېڭىلغان ئانا بوش ئاۋازدا خۇداغا دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ، پۇشتۇمدىن تامغان بۇ ناپاك جاننى ئۆز قوينۇڭغا ئېلىپ كەتسەڭچۇ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆمرىنى تىلەش ئەمەس بەلكى ئۆلىمىنى تىلىگەن مەندەك بەندەڭنىمۇ بۇ دۇنياغا،شۇ بىچارە قىزىمغا يۈك قىلىپ تاشلاپ قويماي شۇ بەختى قارا بىلەن تەڭلا ئامانىتىمىزنى بىر ئالساڭ،ئاجىز بەندەڭنىڭ ئىلتىجاسىنى قۇبۇل قىلساڭ. ئامىن!» ئۇنىڭ مەڭزىدىن تامغان ياش ئاللىبۇرۇن ياستۇقنىڭ تەڭدىن تولىسىنى نەملەپ بولغان ئىدى.
خۇدايىتالا بەندىسىنىڭ دۇئاسىنى قۇبۇل قىلدى. ئىككى روھ تەڭلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
     





259 قېتىم كۆرۈلدى almira ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-26 13:31:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ