ئاشكارلانغان سىر(ھېكايە)

ئاشكارىلانغان سىر

ئابلىز ئوبۇل فونتان


(مىكرو ھېكايە)

ئۆز دادىسىدىن كىچك قالغان ئارزىگۈلنى ھازىرقى  دادىسى قۇربان  ناھايىتى ئەتىۋارلاپ باقتى، يىتىملىگىنى  قەددى  بىلدۈرمىدى. بەلكى ئۆزقىزىدىن ئاشۇرۇپ بېقىپ چوڭ قىلدى. ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپتىكى ئەكپەر ئىسملىك چىرايلىق يىگىت بىلەن توينى كەڭ تاشاقىلىپ قويدى. ھازىر ئارزىگۈلنىڭ بىرقىز بىرئوغلى باربەخىتلىك.
بۇلتۇر ئارزىگۈلنىڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، قۇربان خارلىقتا قالدى. چۈنكى ئارزىگۈل قۇربان ۋە ئاپىسى ئولتۇرغان ئۆينى سېتىۋېتىپ قۇرباننى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىۋالغان ئىدى. 80 ياشقا كىرىپ قالغان قۇربان ئارزىگۈلنىڭ ئىككى بالىسنى بېقىپ، 4 ئادەمنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى تەييارلايتتى، بۇ ئىشلار قۇربانغا سەل ئېغر كەلدى بولغاي بىركۈنى ئارزىگۈلگە: قىزىم ؟-مەن سىلەرگە يۈك بولۇپ يۈرگىچە ساناتۇرىيەگە بېرىپ تۇراي، دېگەن ئىدى. ئارزىگۈل ئاچچىق  ئارىلاش دادا!!! خۇلۇم خوشنىلارنىڭ ئىچىدە دادىسنى باقالماي ساناتۇرىيەگە ئاپىرىپ قويدى دېگەن گەپنى نەدە كۈتۈرۈپ يۈرىمەن. دەپ قۇرباننىڭ ساناتۇرىيەگە بېرىشغا قۇشۇلمىدى.
ئارزىگۈل بۇ دادىدىن بەك رازى ئىدى. چۈنكى قۇربان ساناتۇرىيەگە كەتسە ئايدا ئالدىغان 5 مىڭ كوي پىنسىيە مائاشى بىللە كىتەتتى.
2016-يىل 11-ئىيۇن، سانجى


مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589


     





436 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىزئوبۇل فونتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-15 7:34:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ