قاراڭغۇ ئورمان 8 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

ۋەھىمىلىك ھىكايە 8- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)

 

 دادام ئەپچىلىك بىلەن يىلانلارنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ سىرتقا تاشلىغىلى باشلىدى ، دادامنىڭ بىر ھازا تىرىشىشى ئارقىسىدا ئەتراپىمىز تازلاندى ، بىز ئورنىمىزدا پۇت - قوللىرىمىزنى ھەركەت قىلدۇرۇپ بىر ئاز ئوڭشالغاندىن كىيىن،  ئۆمۈلەپ سىرتقا چىقتۇق ، ئەتراپتىكى غۇۋا تۈتەك ئادەمگە بىر خىل ۋەھىمە ئېلىپ كىلەتتى ، ئورماندىكى دەل - دەرەخلەرمۇ ئادەم قورۇققىدەك دەرەخلەر بولۇپ ، قاغا جىگدە ، توغراق ، ئازغان ، قارا ئۈرۈك قاتارلىق دەرەخلەردىن باشقا ، كۆرۈپمۇ باقمىغان غەلىتە دەرەخلەرمۇ ئەگرى - بۈگرى ھالەتلەردە يېيىلىپ تۇراتتى.

سىرىتقا چىققاندىن كىيىن  مەن دەرھال دادامنىڭ ئىشتىنىنى يىرتىپ پۇتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، پۇت سۇنۇپ ، ئىشىپ قىزىرىپ كەتكەنتى ، مەن دەرھال دەرەخ شاخلىرىنى رەتلەپ چاپىنىمنى يىرتىپ سۇنۇقنى تاڭدىم . بۇ يەردىن تىزدىن كەتمىسەك بولمايتتى، ئاخشامقى مەخلۇقلارنىڭ بەتبەشىرە ، ۋەھشى قىياپىتى تېخى كۆز ئالدىمدا تۇراتتى،  دادامنى يۆلەپ نىشانسىزلا ماڭدۇق، كۆڭلىمىزدە ئاخشامقى مەخلۇقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىساقلا بولىدىغۇ دىگەننىلا ئويلايتتۇق ، كىتىۋاتىمىز ، پات - پاتلا قانداق ھايۋانلارنىڭ ئىكەنلىگىنى بىلگىلىمۇ بولمايدىغان يۇغان - يۇغان غەلىتە ئىسكىلىتلار ئۇچۇرسا ، تۇرۇپ - تۇرۇپ ئورماننىڭ بىر جايلىرىدىن قورقۇنچلۇق ھۆكۈرگەن ئاۋازلار بىلەن ، قانداقتۇ ئاياللارنىڭ قاقاھلاپ كۈلگىنىدەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۇ غەلىتە ئاۋازلارنى ھەربىر قېتىم ئاڭلىغاندا بىر يۈرۈگۈم سىقىلاتتى .

شۇنداق دەككە - دۈككىدە ئىچىدە كىتىۋېتىپ ئورمان ئىچىدە سىرلىق بىر جايغا كىلىپ قالدۇق، بۇ سىرلىق جاي ئورماننىڭ ئىچىدىكى ئوچۇقچۇلۇققا جايلاشقان قەدىمى بىر غەلىتە ئۆي - ئىمارەت بولۇپ، بۇ ئىمارەت تاش تام بىلەن قورشالغان ، شەكلى سارايغىمۇ ، مەسچىتكىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىلىشى، شەكلى ،ھەتتا رەڭگىمۇ بىزنىڭ يۇرتلاردا كۆرۈپ باقمىغان ھېچبىر بىزنىڭ قۇرۇلۇشلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى ، ئىگىزلىگىمۇ خېلى ئىگىز بولۇپ تۆت - بەش قەۋەت سېلىنغاندەك قىلاتتى ،ھەتتا قۇرۇلۇشنىڭ ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان ، ئۈستىگە قانداقتۇ بىر بەلگە ئورنىتىلغان بولۇپ دادام ئىككىمىز ئەزەلدىن بۇنداق قۇرۇلۇش، بولۇپمۇ بۇنداق بىرنىڭ ئۈستىگە بىرىنى سالغان قۇرۇلۇشلارنى ئاڭلىغان كۆرۈپ باقمىغاچقا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدۇق، قارىغانچە ئەقلىمىز يەتمەي ئىختىيارسىز قورشاۋ تامنىڭ ئىچىگىمۇ كىردۇق، ھويلىدا شۇنداق غەلىتە دەرەخلەر بىرەر يۇپۇرماقمۇ يوق قاخشال بولۇپ قۇرۇپ قالغاندەك كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۆگۈشۈپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر يەر يۈزىنى قاپلاپ بولۇپ ئۇچ تارتقىنىچە دەرەخلەرنىڭ يېرمىغىچە يامىشىپ ئۇلارنى يۇتۇپ بولاي دىگەن ئىدى . ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىمارەتكە قاراپ باقتۇق ، ئۇنىڭ ئىشىكى شۇنداق يۇغان بولۇپ ھىم ئىتىكلىك ، دەرىزىلەر بولسا ئەگمە شەكىلدە، بەزىلىرى ئىتىك ، بەزىلىرى ئوچۇق ھالەتتە، ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى .

 - بالام بۇ جايدىن كىتەيلى ، ماڭا بۇ ئۆيدىن بىر خىل پىشكەللىكنىڭ، خەتەرنىڭ پۇرىقى كىلۋاتىدۇ ،- دىدى دادام.

 دىمىسىمۇ ئۇ ئىمارەت ماڭىمۇ شۇنداق قورقۇنىچ ئېلىپ كەلگەنتى، بىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ماڭدۇق ، مېڭىپ ئۇزۇن بولمايلا يەنە بىر قۇرۇلۇشقا كىلىپ قالدۇق، ئۇ بولسىمۇ بىر يۇمىلاق شەكىللىك مەيدان شەكلىدە ئۈسىتىدە ئىگىز - پەس تۆۋرۈكلەر قويۇلغان چوڭلىغى ئىككى مو يەردەك كىلىدىغان ، بەكمۇ غەلىتە شەكىل چىقىرىپ، چەمبەر ئىچىگە چەمبەر تام سېلىنغان، ئوتتۇرسىغا ئۈچ گىرۋەكلىك يۇغان تاشتىن تۆۋرۈك قوپۇرۇلغان ، ئۇنىڭ ئەتىراپىدا يەر ئاستىغا چۈشىدىغان كەڭ پەلەمپەيلەر ياسالغان بىر غەلىتە قۇرۇلۇش تۇراتتى، بىز قىزىقىپ يەر ئاستىغا چۈشمەك بولدۇقيۇ مەخلۇقلارنىڭ ئۇچۇراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مېڭىپ كەتتۇق.

 كىم بىلسۇن بىز ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا پىشكەللىكنىڭ باشلىنىشىنى، مۈشۈكتەك چوڭلۇقتا، بەدىنىدە تۈكىمۇ يوق، قاپقارا ، ئېغىزى يۇغان ، ئۇزۇن قۇيرۇغى چىۋىقتەك تۈكسىز، قۇلاقلىرى شەپەرەڭگە ئوخشايدىغان نەرسىلەر يەر ئاستى يولىدىن بىرلەپ - ئىككىلەپ چىقىپ بىزگە قاراپ يۈگۈردى، بىز دەرھال كالتەك تەييارلىدۇق، داداممۇ سۇنغان پۇتى بىلەن ئاسقاقلاپ يۈرۈپ قوغدىنىشقا تەييارلاندى .

 - دادا نىمە ئۇ ؟- دىدىم قورقۇپ .

 - بىلمىدىم بالام بۇ ئالۋاستىلار ماكانىكەن ، كۇيقاپ دىگەن يەر ئوخشايدۇ .

 ھېلقى غەلىتە نەرسىلەر غەلىتە ئاۋازلاردا چىقىراپ ئېتىنلىپ كەلدى، بىز كالتەك بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشقا باشلىدۇق، بىز شۇنداق كۈچلۈك ئۇرغان توخماق زەربىسىدە ئۇلار ئۇچۇپ كىتەتتى لېكىن يەنە ھېچنەرسە بولماي ئېتىلىناتتى، بىز ئۇراتتۇق .

- ئاھ خۇدا بۇ قانداق نەرسە ،-دەۋەتتى دادام قورقۇپ ،- بۇلارنىڭ جېنى بار نەرسىلەرمۇ يوقمۇ ؟

ئۇلار ئەتراپتىن ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى، بىز ئۆزىمىزنى قوغداپ بولالماي قالدۇق، بۇ چاغدا كىچىكى مەخلوقتىن ئىككىسى ئورمان ئىچىدىن ھۆكۈرەپ چىقتى .

- قاچايلى ، بالام تىز قاچايلى !

بىز بىر تەرەپتىن قوغدانغاچ بىر تەرەپتىن يۈگەردۇق، لېكىن دادامنىڭ پۇتى سۇنغان ، كىچىك مەخلۇقلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەھۋالدا قانچىلىك قاچالايتتۇق، چوڭ مەخلوقلار نەچچە سەكرەپلا بىزگە يېقىنلىدى، ئۇلار كەلگەن پېتى كىچىك مەخلوقلارنى چاڭگاللاپ ئېلىپ بىر چايناپ يۇتقاچ بىزگە يۇپۇرۇلدى. بىز بۇ چاغدا ئورماننىڭ گىرۋىگىدىكى تاغ باغرىغا يىقىنلاپ قالغان ئىدۇق .

- بالام تىز قاچ ، تىز بول ، مەن سېنى قوغدايمەن، ھېچ يەردە توختىماي ئۆيگە قاراپ قاچ…

 دادام شۇنداق دىگىنىچە مېنى يانبارىغا كۆچەپ ئىتەردى -دە پىچاقنى ئېلىپلا ماڭا ئېتىلىنغان مەخلوققا سانجىدى،  مەخلوق بىر چىرقىراپلا دادامنى كۆتۈرۈپ يەردىن ئالدى … …

بۇۋاينىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىگەنتى ، ئۇ قولياغلىقىنى ئېلىپ يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ئېغىر ئۇھ تارتتى ھەم بىردەم جىمىلىپ قالدى ، بىز بۇۋاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى يۈرۈگىنى پۇچىلاپ ، كۆيدۈرۈپ كىلىۋاتقان ئازاپنى قانچە كۈن - تۈنلەر ياش بىلەن تەڭ تارتىپ كىلىۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ قالدۇق .

- كىم بىلىدۇ ،- يەنە سۆزىنى باشلىدى بۇۋاي ،- دادامنى شۇ كۆرىۋېلىشىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈپ قېلىشىم بولۇپ قالدىغىنىنى ، دادام مېنى قوغداپ مەخلۇقلار بىلەن ئېلىشىپ كۆز ئالدىمدا …

 دادام مېنى ئىتىرۋەتكەن جاي يانتو بولغاچقا دەرەختىن - دەرەخكە ئۇرۇلۇپ، دۇمىلاپ يۈرۈپ ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن،  قانچىلىك ياتقىنىمنى بىلمەيمەن بىر چاغدا ھوشۇمغا كىلىپ كۆزۈمنى ئاچسام بىر ياۋا جىگدىنىڭ قىسىلچىغىدا يېتىپتىمەن، يۈز - كۆزۈم ئاغرىقتىن ئېچىشىپ كىتىۋاتاتتى ، سىلاپ قارىسام جاراھەت ، قان ،بۇ چاغدا دادام يادىمغا يەتتى، ئۈنسىز يىغلاپ قاخشىدىم ، بۇنداق كۈن ، بۇنداق ئازاپقا ئىنسان دۇچار بولمىسۇن ، ئامال قانچە يىغلاپ يۈرۈپ پەسكە قاراپ مېڭىۋېرىپ بىر چاغدا ئازغانلىققا كەلدىم، بۇ ئازغانلارنىڭ تىكىنىڭ بەدىنىمگە سانجىغاندىكى ئاغرىقى، دادامدىن ئايرىلغاندىكى ئازابىمنىڭ ئالدىدا نىمىتى، ئۇ جايدىن بۆسۈپ چىقىپ روھى چىقىپ كەتكەندەك ئادەمدەك مېڭىپتىمەن ، مېڭىۋاتىمەن ئەتراپ قار ، سوغۇقلارمۇ تەسىر قىلمايتتى ، نىشانىم ئېنىق ئەمەس سەزگۈيۈمگە تايىنىپ ماڭىۋەردىم، بىر كۈن مېڭىپ كەچ كىرگەندە مەھەللىمىزنىڭ دوخمىشىغا كەپتىمەن ھۆكۈرەپ يىغلىۋەتتىم، ئىچىمدىكى باردى - يوق دەردىم بىراقلا پارتىلاپ چىققاندەك تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر ھازا يىغلاپ ئاندىن ئۆيگە كىردىم. ئۆيدىكىلەر بۇ چاغدا يېتىپ بوپتۇ ، ئۇلار ئورنىدىن تۇرغاچ ئىشەكنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى، بىزدىن ئەنسىرەپ ئۇرۇق - تۇققانلار ئىزلەپ يېڭىلا قايتىپ كەلگەنلىگىنى دىگەچ دادامنى سورىدى ، مەن يەنە يىغلىدىم ، ئۇلارغا قانداق جاۋاپ بىرىشنىمۇ بىلمەي يىغلىدىم، ئاخىرى ھېلقى دەۋزەخ ئورماننى ئېغىزىمدىن چىقارماي «بۆرە دادامنى يەپ كەتتى » دەپ بۇ مەخپىيەتلىكنى ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم.

شۇنچە يىللار ئۆتتى ئىنسانغا تىنمىغانتىم بىر چاغلاردا كىسىلىم ئېغىرلاپ كەتكەچكە، يىگەن رىسقىم تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، ماڭا ھەمىرا بولغان ھامۇتقا ئۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ ساپتىمەن ، كىم بىلسۇن بۇ مەلئون پۇلنى كۆزلەپ ئۇ جايغا قىزلارنى باشلاپ كەتكىنىنى …

 بۇۋاي يۆتۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ يۆتىلى ھامۇتقا بولغان ئاچچىقتىنمۇ ياكى ئۇزۇن يىلدىن قاباھەتلىك چۈش بولىۋاتقان ئورماندىكى دادىسىنىڭ تەقدىرىدىن ئازاپلىنىشتىنمۇ بىلگىلى بولمايتتى .

 ئاخىرى بار…





3024 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-25 22:10:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-26 15:08:35 asadulla
bak yah xi ye zip siz
2016-1-7 14:09:20 mahliya
karaggu orman namlik hikayinig ahiri bolsa awatip bargan bolsi giz lar. bak yahxi asar kan
2015-12-27 20:37:44 guzallik sanda
bu hekaya bak yahxi yeziliptu kalimigizga barikat tilyman aka
2015-12-26 1:04:24 كىچىك تايىر
ما ھىكايىمۇ دەكشتكەن داۋاملىق يىزىڭ ئ‍اكا
2015-12-26 0:04:20 Buxra
bak yahxi dawamlixiwatidu metro siz bilan pikir almaxturgim bati
2015-12-25 23:55:21 دىلكەش
بۇ ئەسەرمۇ بەك ياخشىكەن قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئاكا داۋامىغا تەشنامەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ