« تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق»
مۇھسىنە
مەلۇن بىر يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى ئەتراپ تىمتاس قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن ئىدى ، مەلۇم بىر چەت مەھەللىدىكى كونا بىر كېسەك ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر ئەر كىشى تاقەتسىزلىك بىلەن بىر نەرسىنى كۈتۈپ تۇراتتى ، تۇيۇقسىز يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئارقىدىنلا ئىشىك ئېچىلىپ ، بىر ئايال چىقىپ ئۇ ئەرگە مۇبارەك بولسۇن ، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدىڭىز ،دەپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتى ، بۇ يېڭى دادا تۇنجى پەرزەنتنىڭ ئىشقىدا ئۆيگە ئوقتەك كىرىپ كەلدى ۋە بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بۇ نارسىدىنىڭ تاتلىق ئۇيقىسىدىن ھۇزۇر ئالغاچ بالىنىڭ ئاپىسىغا :بالىنىڭ ئىسمىنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى ، ئايال بالا ئوغۇل بولغاندىن كىيىن سىىز ئويلىشىڭ دىدى ، دادىسى بالىنى ئانىسىغا بەرگەچ ،ئىسمىنى ئابدۇللا قويساق قانداق ، ، ئايال ئەگەر سىزگە ياققان بولسا مەيلى ، دىگەچ بالىنىڭ يۈزىنى ئېچىپ شۇنداق قارىدى ۋە ئېچىنىشلىق ۋارقىرىۋەتتى ، دادىمۇ شۇ ئان ئىسىنى يىغىپ بالىغا قارىدى ۋە چۈچۈپ كەتتى ، تېخى بايىلا يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان نارسىدىنىڭ ئىككى كۆزى ئاپپاق ھالەتتە ، كۆز قارىچۇغى يوق ئىدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ بەختلىك ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى شۇنىڭ بىلەن يوققا چىقتى ، دادىسى مەن بۇ بالىنى ئاپىىرىپ تاشلىۋىتىمە دىسە ، ئايالى سىز نىمىدىگەن رەزىل ، ئۆز بالىڭىزنى تاشلىۋېتىپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قوقمامسىز ، بۇ بالىغا ئىچىڭىز ئاغىرمامدۇ دىسە . دادىسى بۇ بالىغا ئىچىم ئاغىرغانلىقتىن ، ئۇنى تاشلىۋىتەي دىدىم ، ئەگەر ئۇ چوڭ بۇلۇپ باشقىلانىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىسا مەن قانداق قىلىمە ، شۇڭا ھازىرلا بۇ بالىنى ئازاپتىن قۇتۇالدۇرايلى دىدى . ئەر ئايال ئىككەيلەن ئۇرۇشۇپ ، سۇقۇشۇپ ، ئاخىرى ئەر ئايالىنى ئۇرۇپ ھۇشىدىن كەتكۈزىۋېتىپ ، بالسىىنى ئېلىىپ ئېتىغا مىنىپ مەھەللىنىڭ يېنىدىكى جاڭگاللىققا قاراپ ماڭدى ، بۇ ۋاقىتتا ھاۋا تۇتۇق بۇلۇپ يامغۇر ياغىدىغاندەك قىلاتتى ،دادا بالىنى بىر يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە ئاپىرىپ تاشلاپ قۇيۇپ يېنىپ كەتتى ، ، ئارقىغا يېنىپ ئۈيىگە يېقىن كەلگەندە قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ، ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە قۇلىقىغا بىر بوۋاقنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ دادىنىڭ يۈرىكى ئىزىلىپ ، ئارقىغا يېنىپ بېرىپ بالىسىنى قايتۇرۇپ كىلەي دەپ شۇ يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە بېرىپ قارىسا ئۇ بىچارە نارسىدىنىڭ قۇلاق ، كۆزلىرىىدىن قان چىقىپ قالغانىدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ دادا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۈلۈمىگە سەۋەپچى بولدى ، بو دادا ئاخىرى قاتتىق پۇشايمان قىلدى ، چۈنكى بۇ بوۋاقنىڭ قان ئېقىپ قالغان كۆزىدە نورمال ئادەملەنىڭ كىگە ئوخشاش قارىچۇق پەيدا بولغان ئىدى ،
945 قېتىم كۆرۈلدى | muhsina | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 22:30:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-6-23 0:02:51 | ئايشەمگۇل |
بەك ياخشى يىزىپسىز ،قۇلىڭىزغا كۇز تەگمىسۇن ، |
2015-8-6 8:36:20 | abdukadir |
bu hakiki bolgan wakamu hakikatan bak yahxi ikan |
2015-8-5 0:16:43 | alim |
rahmat yahxi yezipsiz japa qaktingiz |
2015-8-3 12:41:56 | tumanlik ay |
bu ras bogan wakamu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|