خاتىرە ۋە رېئاللىق 2 - قىسىم ھىكايە

خاتىرە ۋە رىئاللىق

 

 2 - قىسىم ھىكايە

كەترەن

 

3. مەن خاتىرەمنى تېپىشىم كېرەك

 

 مەن دوختۇرخانىدىكى خاتىرىدە كۆرگىنىم بويىچە رىشاتنىڭ تىلىفونىغا تىلىفون قىلدىم. ھەقىچان ئۇ كۈنى ئالدىراپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان بۇ سولتەك، مەن ئىكەنلىكىمنى بىلسە ھەر گىز كۆرۈشكىلى ئۇنىمايدۇ، مىنى ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالىدۇ،دەپ ئويلايدۇ. دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

 ــــ ۋەي ــــ، تىلىفون ئۇلانغانىدى. ـــ ۋەي، ياخشىمۇسىز ..مەن بايرام سودا شەھەرچىسىنىڭ خىزمەتچىسى. بىز يىقىندا خېرىدارلارغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئىلىپ بارغانىدۇق. شۇڭا رايونىمىزدىكى كۆچمە ئالاقە ئابونتلىرىنىڭ ئالاقە نومۇرىنى چەك تارتىش ئارقىلىق بەلگىلىگەندە سىزنىڭ نومۇرىڭىز تەلەيلىك نومۇر بولۇپ باھالاندى..ھازىر سىز پەقەت ماڭا ئۆيىڭىزنىڭ تەپسىلى ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەرسىڭىزلا خادىملىرىمىز مۇكاپات بۇيىمنى سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ .

 ئۇ سەل ئىككىلەنگەندەك قىلدىيۇ، تىزلا ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى ئېيتىپ بەردى.

ـــ راستلا بىر دۆت نىمىكەن.. دىدىم تىلىفون بوتكىسىغا چاپلانغان بايرام سودا شەھەرچىسىنىڭ ئېلانىغا قاراپ قويۇپ.  مەن تىزلا رىشاتنىڭ ئۆيىنى تاپتىم. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ مەن ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ خۇددى ئالۋاستىنى كۆرگەندەك قورقۇپ كەتتى ھەم دەرھال ئىشىكنى يېپىۋالماقچى بولدى. مەن دەرھال ئۇنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتتۇم دە ئىشىكنى يېپىپ ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىردىم. يىشىغا ماس كەلمىگەن قىلىن كۆزەينەك تاقىۋالغان، سېمىز، چاچلىرىمۇ قالايمىقان رىشاتنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىكتەك تۇراتتى. بىر قاراشقىلا ناھايىتى ياۋاش، قورقۇنچاقلىقى چىقىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ لاغىلداپ تۇرغان تۇرقىغا قاراپ كۈلىۋەتكىلى تاس قالدىم.

 ـــ رىشات. مەن سىنى قانداقتۇر ئۆچ ئالغىلى ياكى تۆلەم تۆلەتكىلى ئىزدەپ كەلمىدىم، مەن ھوشۇمغا كەلگەندىن كىيىن خاتىرەمنى يوقىتىپ قويدۇم، سىنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئالاقىلىشىدىغان ئادەم تاپالمىدىم. ياردەم قىلغىن..

 ئۇ ھاڭۋىققان ھالدا گېپىمگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمىگەندەك تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا دوختۇرنىڭ ئىسپات قەغىزىنى سۇندۇم. ئۇ تىترىگىنىچە قولىغا قەغەزنى ئىلىپ كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ئاندىن ئىشنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەندەك ماڭا قارىدى.

 ــــ سەن مىنى تونۇمسەن؟ دىدىم ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ.

 ـــ شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ.

ئۇنداقتا مەن كىم؟؟ سەن مىنى دوختۇرغا ئاپارغاندا نىمىشقا مىنى تونىمايمەن دەيسەن؟؟ مەن راستىنلا ئۆلىۋالماقچى بولغانمۇ ؟؟ قېنى دىگىنە، دىگىنە...!!! مەن كاللامدىكى بۇ تۈگۈنلەرنى شۇنچىلىك تىز چۈشىنىش ئۈچۈن تەقەززا بولۇپ تۇرغىنىمدا بۇ كالۋا كۆزىنى تۇيۇقسىز چەكچەيتتى دە يۈگۈرگەن پىتى تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

 ـــ ئان..!!! يارىماس ئادەم زادى ھالقىلىق پەيتتىمۇ .. ئۇھ.. ئۇ گۇي بەش مىنۇتتىن كىيىن خۇددى يەلكىسىدىن بىر تاغ ئېلىۋىتىلگەن ئادەم يەڭگىللىكنىڭ لەززىتىنى سۈرگەندەك تازلىق ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ باشقا بىر پەيت بولغان بولسا بىر تەستەك سېلىۋىتەتتىم... لىكىن ھازر مىنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتىم چۈشتى ئەمەسمۇ ... مەن ئۇنى ئالدىراتتىم. ئۇ يەنە دۇدۇقلىغىنىچە گېپىنى باشلىدى:

ـــ سېنىڭ ئىسمىڭ نىجاد، سېنىڭ بىر سىڭلىڭ بار. ئىسمى پەرى.

 ـــ ئۇنداقتا ئاتا ئانامچۇ؟؟؟

 ـــ يوققۇ دەيمەن ...

مەن ئاچچىقىمدا ئىتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم:

ـــ ئۇنداقتا سەن نىمىشقا سىڭلىمغا خەۋەر يەتكۈزمەيسەن؟؟؟

ئۇنىڭ قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى:

ـــ ياق نىجات.. توختا... مەن چۈشەندۈرەي.

 مەن ئۇنىڭ ياقىسىنى بوشاتتىم.

 ــــ ئۇ كۈنى، مەن ئادىتىم بويىچە تاكسىنى ھەيدەپ كىرا قىلىشقا چىققانىدىم. چۈشتىن كىيىن تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگۈرۈپ قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتتى. مەن تۈزۈك پۇلمۇ تاپالمىغانىدىم، قايتىش يولىدا يامغۇر تىخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئەينەك سۈرتكۈچ توختىماي ھەرىكەتلىنىۋاتقاچقا يولنىمۇ ئىنىق كۆرەلمەيۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ كىلىپ ماشىنامغا قاتتىق ئۇرۇلدى. كۆزەينىكىم رولغا ئۇرۇلۇپ چېقىلىپ كەتتى. مەن ناھايىتى قورقۇپ كەتتىم، ھەم دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ سېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردىم. 800گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقايدىغان مەن كۆزەينىكىم يوق ھەم شۇ ۋاقىتتىكى جىددىيچىلىك قوشۇلۇپ سىنى ھەقىقەتەن تونىماي قاپتىمەن .. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈنى يۈز كۆزلىرىڭ قان، قاتناش ئەترىتىدىكىلەر نەق مەيداندىن ھەمراھ بولۇپ بىللە بارغاچقا مەنمۇ ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەنىدىم... شۇڭا...

 مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ باش ئاخىرىنى تولۇق بىر قۇر قايتا ئويلاپ چىققاندىن كىيىن ئاساسەن ئىشەنگەنمۇ بولدۇم. ئۇنداقتا.. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ؟ سىڭلىمنى ئىزدەپ بارايمۇ؟؟؟ ــ ياق، ياق... توختا ، توختا... مەن كۆزلىرىمنى ئاپئاق تامغا تىككنىمچە چوڭقۇر ئويغا پاتتىم. بۇيەردە يەنىلا ئەڭ مۇھىم بىر تۈگۈن بار ... مەن نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىمەن؟؟ بۇ سەۋەبنى چوقۇم تېپىپ چىقىشىم كېرەك..ئەگەر مەن ھازىر سىڭلىمنى ئىزدەپ بېرىپ ئوتتۇرىغا چىقسام پۈتۈن دۇنيا مىنىڭ خاتىرەمنى يوقاتقانلىقىمنى بىلىپ بولىدۇ. مىنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىشىمغا سەۋەپ بولغان ئىش ھەتتا يەنە بىر قىتىم مىنى ئۆلىۋىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن، ياكى بىرەرىنىڭ قىستىشىغا، تۆھمەتكە ئۇچرىغان بولسام، دۈشمەنلىرىم مىنى قايتا قەستلەشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن ..ئىشقىلىپ مەن ئۆزۈمنى ئاشكارلىغان ھامان مەن بۇ سىرنى ھەرگىز يىشەلمەيمەن. مەن ھازىر ھېچ بولمىغاندا يوشۇرۇن ئورۇندا... مەن چوقۇم بۇ ئىشنى ئىنىقلاپ چىقىمەن!!!

مەن ئويلىغانلىرىمنى ھېچ يوشۇرمايلام بۇ سېمىز كەلگەن ھاڭۋاقتىغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ 800گىرادۇسلۇق كۆزەينەك ئىچىدىكى مۇھەببەت گازىرىدەك چوڭلۇقتىكى كۆزىنى ماڭا تىكىپ بار كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ــ شۈكرى.. ھېچ بولمىغاندا ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئادەم بار بولدى!! ئەمدىلىكتە، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى قويۇق ئالاقە قىلىدىغان ئادەملىرىمنى ئېنىقلاپ چىقىشىم كېرەك!





1379 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 20:59:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-17 1:37:40 rayhan
3 kisim kin ahrqu
2015-12-15 14:38:04 كىتاب
داۋامىنى ئ‍ەۋەتسەڭلەر بوپتىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ