ئاجرىشىش (ھىكايە)
ياسىنجان رۇزى
-سىنىڭ بىلەن ئاجرىشىمەن!
ئايالىمنىڭ زەردەبىلەن دىگەن بۇگىپى ھېلىمۇ ئىسىمدە .ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ يىتەلمىدىم،شۇ چاغدا نىمىدۇر بىرمۇھىم نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك كۆڭلۈم تۇلىمۇ يېرىم بولغان ئىدى .شۇنىڭدىن كىيىن مەن تۇلىمۇ كەم سۆز بۇلۇپ قالدىم ،ھە دىسىلا ئايالمنىڭ ماڭا دىگەن شۇ ئاچچىق سۆزى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتى .
-مەن سەن بىلەن ئاجرىشىمەن …!
ھەرقېتىم بۇ قورقۇنۇشلۇق ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغاندا :
-زادى نىمە ئۈچۈن ؟دىگەن سۇئالنى ئۆزۈمگە قۇياتتىم ،بىراق بۇ سۇئالنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراشقا نىمىشقىدۇر پەقەتلا پېتىنالمايتىم ،چۆنكى مەن ئۇنى شۇقەدەر ياخىشى كۈرەتتىم ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى پەقەتلا خالىمايتىم.
ھەر قېتىم ھېرىپ -چارچاپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۇنىڭ چىرايغا قاراپلا ئۆتەتتىم ،ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزنى قايتا تىلغا ئالماسىقىنى ئۈمىد قىلىپ ،تۇلىمۇ ئېھتىيات بىلەن يۈرەتتم ،گاھىدا ئۇنىڭ ئۇنى -بۇنى دەپ كايىشلىرىغا ،ھاقارەتلەشلىرىگە ،بىر ئېغىزمۇ تىنماي سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالاتتىم .چۆنكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرۇپ تاكاللاشسام ياخشى بولمايتتى ،جېدەل تېخىمۇ چوڭيىپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان شۇ سۆزنىڭ بىلىپ -بىلمەي ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشىدىن تۇلىمۇ ئەنسىرەيتىم .
لېكىن ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى ،ئاشۇ كۈنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،ئىشتىن قايتىپ كىلىپ ئۆيگە كىرىشىم بىلەنلا ئۇنىڭ ئاغىزى يەنە ئچىلىشقا باشلىدىئەمدىلا يېشىغا تەگكەن ئوغلۇم كىرىسلودا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، باشقا نىمىلەرنى دىگىنى پەقەتلا ئىسىمدە يوق ئىسىمدە قالغىنى نەچچە ئېغىز شۇ سۆزى ئىدى :
-گىپىنىڭنى ئۇچۇق قىلى خېتىمنى بەر
-سىنىڭ بىلەن توي قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن …
شۇ ھامان قۇپۇپلا ئۇنى بىر تەستەك سېلىۋەتتىم،مانا بۇنىڭ بىلەنلا ھەممسى تۈگەشتى ،ئۇئوغلۇمىنى كۆتەرگىنىچە كىتىپ قالدى ،ئۇشۇ كەتكىنىچە قايتا كەلمىدى .بىراق مەن ئۇنى كۈندە دىگۈدەك ئەسلەپ تۇردىم ،ئۆزۈمىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىمغا نەپرەتلەندىم،نەچچە قېتىم ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ كەچۈرۈم سوراشنى ئويلىدىم ،بىراق بىرىشقا غۇرۇرۇم پەقەتلا يول قويىمىدى، چۆنكى ئۇنىڭ مەندىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلشىدا نامەلۇم بىر سەۋەپ بار ئىدى .
882 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان رۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-1 1:44:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-31 19:15:14 | يۇلتۇز |
بۇنىڭ ئاخىرى يوقمۇ |
2016-12-7 8:42:37 | نۇرىيە |
ئاخىرى بامۇ مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشامدۇ |
2016-12-3 23:09:54 | ياسىنجان |
تۇۋا مەن ئۈچۈن يازغاندەك يېزىپىسىز قۇلڭىزغا دەرت بەرمىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|