بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاراقكەشكە ئايلىنىش سەرگۈزەشتىسى

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاراقكەشكە ئايلىنىش سەرگۈزەشتىسى

 

‏ ھىكايە ‏

 

يازغۇچىلار تورىدىن ئويغاق يازمىسى

 

 ئۈرۈمچىنىڭ چەترەك كوچىلىردا ئەگىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىردە، كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانسىنى شۇنچە قىلىپمۇ تاپالماي بىر خۇيزۇ قېرىندىشمىزنىڭ ئاشخانسىغا كىردىم. ئاشخاندا ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان خېرىدارلار ئۆز پاراڭلىرى بىلەن ئولتۇراتتى. مەن يالغۇز ئولتۇرۇش ئۈچۈن بوش بىر ئورۇنغا بىرىپ ئولتۇردۇم. مۇلازىمغا تاماق بۇيرۇپ، چاي ئىچكەچ تېلفۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇردۇم.

بىر ھازادىن كىيىن بىر كىشى ھاراق بوتۇلكىسنى كۆتۈرگىنچە دەلدەڭشىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئاشخاندىكى ھەممە كىشنىڭ دىققىتى ئۇ ئادەمگە ئاغدۇرۇلدى، ئۇ ئادەم ھەممەيلەنگە بىرقۇر سەپ سىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا قاراپ بىر خىل ئىللىق مەنىدە تەبەسسۇم قىلدى دە دەلدەڭشىپ ئالدىمغا كىلىپ:

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام -،دىدى.

 مەن ھەيران قالدىم. «ئۇ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەندە؟!»دىدىم ئىچىمدە. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرى سەل كىچىك، چىرايى ياداڭغۇ كەلگەن، ساقال-بۇرۇتىمۇ تۈزۈكرەك يوق ئىدى.

 مەن:

- ۋ...ۋە...ۋەئەلەيكۇم ئەسسىالام دەپ دۇدۇقلاپ ئاران دىيەلدىم.

 ئۇ ماڭا قاراپ:

- يىنىڭدا ئولتۇرسام بولامدۇ ئۇكام ؟-دەپ ئەدەپ بىلەن سوردى.

 مەن سەل جىددىلىشىپ بولىدۇ دىدىم. مەن سەل ھۇدۇقۇپ قالغان ئىدىم، چۈنكى بىرەر قىتىممۇ ھاراق ئىچكەن ئادەم بىلەن تاھازىرغىچە بىرەرقىتىممۇ ئۈلپەتلىشىپ باقمىغانىدىم، ھەم يېشىممۇ كىچىكرەك بولغاچقا سەل ئەيمىنىپ قالدىم.

 ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ كۆرۈشۈپ خىلى بىر ۋاقىتقىچە دىدارلاشتى. قارىماققا ئۇلار خىلى يېقىن تۇنۇشدەكلا قىلاتتى. ھەم ئادەتتە خۇيزۇلار ئاشخانلىرنىڭ كۆپۈنچىسگە ھاراق ئىلىپ كىرگىلى قويمايتتى. لىكىن، ئۇ ئادەمگە ھېچكىم گەپ قىلمىدى، خوجايىن كۆرۈشۈپ بولۇپ ئىچگە كىرىپ كەتتى. مەن ئۇ ئادەمگە يەرنىڭ تىگىدىن ئارانلا قارىيالايتتىم. شۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ماڭا سۇس تەبەسسۇم قىلاتتى. ئۇ ئالدىغا مۇلازىم ئەكىلىپ قويغان پىيالىغا قولىدىكى ھاراقتىن يىرىم پىيالە قۇيۇپ ماڭا سۇندى.

مەن:

   - ياق، ياق ئاكا ئىچەلمەيمەن - دەپ ئاران دىيەلدىم.

 ئۇ ئادەم ماڭا قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

   -قورىقما ئۇكام چاقچاق قىلىپ قويدۇم بۇ ياخشى نەرسە ئەمەس- دەپ گۈپپىدە قىلپ ئۆزى ئىچۋەتتى. ئۇنىڭدىن ھە دەپ سىسىق ھاراق پۇرقى دىمقىمغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.

 ئۇ ماڭا قاراپ:

  - ئۇكام ماڭا قارا! ئاتا-ئاناڭ سىنى ئوغۇل دەپ تاپقان ئىكەن. ئوغۇل بالىدەك ياشا !ۋىجدانىڭ-غورورۇڭ بىلەن ياشا! ئۆز قەۋمىڭدىكى ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ئىگە بولۇپ ياشا !كەيىپ-ساپا، ئەيىش-ئىشرەتكە بىرىلمە ھەممىسى سىنى تۈگەشتۈرىدۇ. ئوينىۋالغىنىڭ، قىلۋالغىنىڭ، ياشىۋالغىنىڭ بىلەن بىر كۈنى ھەممىنىڭ سورىقىنى بىرىسەن-. دەپ قىزرىپ كەتكەن كىچىك كۆزلىرى بىلەن كۆزۈمنىڭ ئىچگە قارىغاچ، ھاراقنى يەنە بىر پىيالە قۇيۇپ ئىچۋەتتى. مەن« توۋا ماۋۇ ئادەم ماڭا دىگەن گەپلەرنى بىرەرگىزىت-ژۇرنالدىن ئۇقۇۋالغاندىمۇ ياكى بىرەر قىتىم جۈمە نامىزىغا كىرىپ قالغان بولسا ئاڭلىۋالغان بولغىيمىتتى، ئۆزى ھاراق ئىچىپ تۇرۇپ ماڭا قىلغان نەسىھەت-سۆزلىرىگە كىشنىڭ كۈلگىسى كىلدۇ دە، مەست ئادەم دىگەننى زە. »، دەپ ئۇنىڭ گەپلىرىگە كۈلگۈم كىلىپ كەتتى .ئۇنىڭ ئەلپازىغا قارىسام ئانچە ئەسكىدەك ئەمەس، مەست بولسىمۇ ئىنتايىن مۇلايىم كۆرنەتتى، مىنىڭمۇ باشتىكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىم تۈگەپ ئۇ مەستنى تاماق چىققىچە گەپكە سىلىپ باققۇم كەلدى. دە:

- ئەمسە ئاكا سىز نىمىشقا ھاراقنىڭ ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچسىز ؟- دەپ سورىدىم. ئۇ قېتىپ قالغاندەك جىملا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۇ تۇرقىدىن چوڭقۇر خىيالغا پاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. مەن ئەسلى ئۇنداق سۇئال سورىمىسام بوپتىكەن. دەپ چوڭراقمۇ نەپەس ئالالماي ئولتۇردۇم. ئۇ ئادەم ھاراقنى بۇ قىتىم پىيالىگە قۇيۇپ ئەمەس بوتۇلكىسى بىلەنلا كۆتۈرۈپ گۈپۈلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ سۇئالنى خاتا سورىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. ئۇ ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، ھەي ئۇكام دەپ گەپنى باشلىدى:

- ئەسلى مەن ئىنتايىن تىرىشچان بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم، ئائىلە شارائىتىمىز بەك ناچار بولغاچقا مەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ مۇشۇ ئۈرۈمچى شەھرىدە بەش يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ھەم مۇشۇ يەردىكى بىر تولۇق ئوتتۇرغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئۆتۈپ ئىشلىدىم. ئۇ كۈنلىرىم نەقەدەر گۈزەل ئىدى. بىچارە جاپاكەش ئاتا-ئانامنىڭ ئەجىرىگە ئۆز ئوغلىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرسىتەي دەپ مۇشۇ يەرگە يىزىدىن ياندۇرۇپ چىقتىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە توي قىلماقچى بولۇپ بىر خىزمەتدىشىم تونۇشتۇرغان قىز بىلەن بىر مەزگىل يۈرۈپ تويمۇ قىلدىم. ئۇ كۈنلەر ھاياتىمنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ بەخىتلىك ئۆتكەن كۈنلىرى بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن، ئۇ كۈنلەر شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك، خۇشال ئۆتكەن ئىدى. ئىنتايىن ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدۇق، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىردە مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئاتا- ئانامنى ئايالىمغا تاپشۇرۇپ ئىچكىرگە يىگىرمە كۈنلىك ئوقۇشقا كىرىپ كەتتىم. لىكىن مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ ئون بەشىنچى كۈنى يىنىپ چىقتىم. ئايرىدىرومدىن چىقىپلا ئۆيگە باردىم، ئۇ ۋاقىتلاردا سائەت ئوندىن ئاشقان ئىدى. ئۆيگە بارسام دادمنىڭ كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئانام دادامغا دورا ئىچكۈزىۋاتقانكەن، مەن ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولۇپ ئانامدىن ئايالىمنى سورىسام دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلەي دەپ كەتكەن بىردەمگىچە كىلىپمۇ قالار دەيدۇ. دادامنىڭ كىسىلى بارغانسىرى ئېغىرلاپ كىتىپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردىم. بىردەمدىن كىيىن بىر يىقىن دوستۇم تېلىفۇن قىپتۇ، ئۇ ھازىرلا يىنىغا بىرىشىمنى ئېيىتتى، ھەم بەك مۇھىم ئىش بارلىقنى چوقۇم بارمىسام بولمايدىغانلىقمنى ئېيىتتى. دادامنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ دوستۇمنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە شۇ يەرگە باردىم. دوستۇم يولغا چىقىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتىكەن، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ مىنى بىر يەرگە باشلاپ كىردى. ئىچگە كىرىپ قارىسام ۋال-ۋۇل چىراقلار قىز- يىگىتلەرنىڭ جىن-ئالۋاستىلاردەك ۋارقىراپ سەكرەشلىرى شۇ يەرنى بىر ئاپتۇ. مەن ئىچىمدە« ھەي! بۇ بەئەينى شەيتان دۇنياسى ئكەنغۇ! بۇ يەردە نە ئەخلاق، نە ئىمان، نە ۋىجدان، نە ھايادىن گەپ ئاچقىلى بولسۇن، دەپ ئويلاپ قاتتىق ئۆكۈندىم. دوستۇم مىنى ئالدىغىراق باشلاپ بىرىپ ماڭا:

- ياخشى دوستۇم قانداقلا ئىش بولسا ئۆزۈڭنى بىسىۋال -دەپ :-ئوبدان قارا -دىدى دە، ھىلقى جىندەك سەكرەۋاتقانلارنىڭ ئارسىىدىكى بىرسىگە قولنى نوقتا قىلىپ كۆرسەتتى. قارىدىم قاراپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. نىمە، ياق ئۇ ئەمەس دەپ ئۈنلۈك دەپ سالدىم، يەنە قارسام مەن قەدىرلەپ ھۆرمەتلەپ سۆيگەن ياخشى كۆرگەن ئايالىم باشقا بىر قىياپەتتە سەكرەپ بىر ئەر كىشى بىلەن بىقشىپ ئويناپ كىتىپتۇ. مەن ئاچچىقىمنى باسالماي ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، دوستۇم قولۇمدىن تۇتىۋالدى. مەن ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋىتىپ ئۇ جىنلارنى ئارلاپ كىرىپ ئايالىمنى بىر كاچات سالدىم. ئۇ ماڭا قاراپ ھاڭ قېتىپ قالدى. مەن:

- ھۇ بۇزۇق -دەپ يەنە بىر كاچات سالدىم. ئۇ يىغلىغىنچە سىرىت تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. مەن ئارقىسدىن ماڭدىم، بىرسى ئالدىمنى توسىدى قارىسام ھىلقى ئايالىم بىلەن بىقشىپ ئويناپ كەتكەن ئادەمكەن. ئۇ :

-ھىي سىنىڭ نەرىڭ ئەر كىشى. ئايال كىشگىمۇ قول تەگكۈزەمسە ۋىجدان بارمۇ سەندە؟-، دەپ قورسىقىمغا بىرنى تىپىۋەتتى، ئارقامغا داجىپ كەتتىم. قاتتىق ئاچچىقىم تۇتۇپ ئۇنىڭغا ھەقىقىى ۋىجداننىڭ نىملىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن ئورنى يوقلىقىنى بىلىپ مەنمۇ ئۇرۇپ بوغۇشۇپ كەتتۇق. ئۇنىڭغا يەنە بىر نەچچەيلەن قوشۇلۇپ مىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. ھىلقى دوستۇممۇ كىلىپ ماڭا قوشۇلدى، لىكىن ئۇلار كۆپ بولغاچقا بىزنى ئۇرۇپ كەتتى. مەن ئاچچىغىمدا يەردىكى بىر بوتۇلكىنى ئىلىپ ئۇنىڭ بىشىغا بىرنى سالدىم ئۇ يەرگە يىقىلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن ساقچىلار يىتىپ كىلىپ ھەممىمىزنى ئىلىپ ماڭدى. ساقچىلار سوراق قىلۋاتقاندا مىنى بىر دوختۇر ئىزدەپ كەلدى، ئۇ ئادەم ماڭا چوڭ يولدا بىر ئايال قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇ ئايالنىڭ قازا تاپقانلىقىنى، ھەمدە مىنى بىرگە بېرىپ ئۇ ئايالنىڭ مىنىڭ ئايالىم ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ بىرىشىمنى ئېيتتى . مەن بۇ گەپنىى ئاڭلاپ ھاڭ قېتىپلا قالدىم. ئۇلار بىلەن بىللە بېرىپ قارسام ئۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ ئايالىم ئىكەن، ئاھ خۇدا !ئۇ ۋاقىتتا قاتتىق ئازاپلاندىم. ياراتقۇچى ئىگەم ئۇ ئازاپنى مەندىن باشقا بەندىسىگە دۇچار قىلمىسۇن، ئۇ ئەسلىدە ئۇ ھېلقى يەردىن يىغلىنغىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كىتىۋىتىپ شۇ يۈگۈرگىنچە يولغا چىقىپ قىلىپ ھادىسگە ئۇچراپتۇ. ئۇ ئىشلار ئۈچۈن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قاتتىق ئازاپ چىكىپ كىلۋاتىمەن، كىيىن مەن ئۇرغان ھىلقى ئادەم يېرىم پالەچ بولۇپ قاپتۇ، سوتتا مىنى قەستەن ئادەم يارلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن خىلى ئۇزاق قاماققا بۇيرىدى، يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى قاناپتۇ دىگەندەك مەن كىرىپ كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي دادام كېسەل سەۋەبى بىلەن ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ئانام، ئائىلىمىزگە كەلگەن بۇ شۇملۇقلارغا چىدىماي،ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتتى.

ھەي ئۇكام مانا مۇشۇ ئازاپلىق ئىشلارنى ئۇنتۇش بىر مىنۇت ئۇنتۇش ئۈچۈن بولسىمۇ مەست بولسام دەيمەن، ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتسەم دەيمەن، بۇ ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى چۈشۈم بولسىا ئىكەن دەيمەن. ھەرقىتىم مەستلىكىمدىن ئويغانغىنىمدا گۈزەل ئايالىمنىڭ، مىھرىبان ئانامنىڭ، مىھنەتكەش دادامنىڭ ھەرۋاقىت يىنىمدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. دەپ قاتتىق ئازاپلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىردىن ئختىيارسىز ئاققان ياش مەڭزىنى بويلاپ چۈشەتتى. ئۇ بىردەم چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋىتىپ كۆز ياشلىرنى ئېيتقاچ :

-ھە ئۇكام تامىقىڭ چىقىپتۇ، تامىقىڭنى ئسسىقىدا يەۋال ھە -، دەپ ماڭا قاراپ ساختا تەبەسسۇم قىلدى دە ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇلازىمغا تاماق يىگۈسى كەلمىگەنلىكنى دەپ قويۇپ :

-خوش ئۇكام -دىگىنىچە، قايسىدۇر بىر خەلق ناخشىسنى ئاھاڭغا شۇنداق چىرايلىق سىلىپ غىڭشىپ ئوقۇغۇنىچە دەلدەڭشىپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.





1121 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-8 1:39:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-15 7:04:36 تۇرسۇنگۈل مەترۇزى
ھۆرمەتلىك ئاپتور قېرىندىشىم، ئەسەر قۇرۇلمىسى تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، قەلىمىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! ئەمما ئەسەر تىمىسىنى باشقىچە قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن... ئوقۇتقۇچى بولغۇچىغا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بولغانلىقى تۈپەيلى بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئەسەر تىمىسىدىن ئوقۇتقۇچىغا مەدھىيە تۆكۈلسە، ئۇستاز ئوبرازىغا تەسىر يەتمىسىكەن دەيمەن،،. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت مىنىڭ كۆر قارىشىم، ئەسىرىڭىزگە بەرگەن باھايىم ئەمەس، كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز!...
2015-10-12 0:23:37 ئ‍انارگۈل
ھىكايە ھەقىقەتەن ئ‍وبدان يېزىلىپتۇ
2015-10-10 13:12:25 زۆھرە
بەك تەسىرلىك يىزىپسىز ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن، رەخمەت ھەممىڭلار جاپا چىكۋاتسىلەر .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ