قاراڭغۇ ئورمان 6 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

6- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 بۇۋاينىڭ چىراي تاتىرىپ كىتىۋاتاتتى ، ئۇ ئاستا ئورنىدىن سۈرۈلۈپ ياستۇققا يۆلەنگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :

- ئۇ قەبىرە بىر سىر بولۇپ مەن بىلەنلا كىتەر دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن بۇ ھامۇت … ھەي ، بوپتۇ ، ئىش بۇ يەرگە كەلگەن بولسا بۇ سىرنى ساقلىغاننىڭمۇ پايدىسى يوق، مەن سىلەرگە ئۇ دەۋزەخنى تەپسىلى سۆزلەپ بىرەي ، بەلكىم ئۇ قىزلار ھايات بولسا قۇتقۇزۇپ قالالىشىڭلارمۇ مۇمكىن، لېكىن ئالدىراپ تەۋەككۈل قىلماڭلار بالىلىرىم، ئۇ جايدا نوچىلىق، تەۋەككۈلچىلىك ئەسقاتمايدۇ .

بۇۋاينىڭ بۇنچە سىرلىقلاشتۇرۇپ سۆز باشلىشىدىن ھەممىمىز ئۇنىڭ ئېغىزىغا مىختەك قاراپ ئولتۇردۇق .

 - مېنىڭ ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى، شۇ ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدىغۇ دەيمەن، ئۇ يىللار ئۇرۇش يىللىرى بولۇپ، ئۆيدە ئادەم كۆپ ، ئازغىنە ئاشلىقىمىزنىمۇ ھەربىي قوشونلار سوراپ، بۇلاپ دىگۈدەك ئېلىپ كىتىپ ،چوڭ بىر ئائىلە بەزىدە ئاچ ، بەزىدە يېرىم قۇرساق كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدۇق، بولماي دادام رەھمەتلىك بىلەن ئوۋ ئوۋلاپ قۇرساق بېقىش ئۈچۈن جاڭگالغا چىقتۇق، بۇ بىر قار ياغقان قىش پەسلى بولۇپ، كەينىمىزدە يۇغان ئىككى ئىتىمىز بىلەن يۈك ئارتىۋالغان بىرلا ئىشىكىمىز ھەمرا، دادامنىڭ مۈرىسىدە ئوۋ مىلتىغى، ئۇ چاغلاردا مىلىتىقنى يوشۇرۇن ساقلىمىسا، بەگ، ھوقوقدارلار قوزغىلاڭچىكەن دەپ تۇتۇپلا جازالايدىغان، ھەتتا ئېتىپمۇ تاشلايدىغان زامان بولغاچقا ، ئۇنى موشۇنداق جاڭگاللاردىلا ئاشكارە ئىشلىتەلەيتتۇق، شۇ كىتىپ بارىمىز، يۇرتتىن خېلى يىراقلىدۇق. بىز ئوۋلىماقچى بولغان ئوۋلار كۆرۈنمەيتتى، ئۇچرايدىغىنى كىچىك ئوۋ ، توشقان ، كەكلىك ، چىل ، تۈلكە دىگەندەك، لېكىن بۇلار بىلەن قۇرساق باقماق تەس بولغاچ نىشاننى چوڭىغا قارىتىپ كىتىۋاتىمىز، دادام ئىز تونۇشقا بەك ئۇستا ئىدى. ئۇ ئىزلارنى قوغلاپ بىزنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭىۋەردى. لېكىن بىز قوغلاپ ماڭغان ئىزلار ئاخىرى باشقىلار تۇتىۋالغان ئولجا بولۇپ ئاخىرلاشتى، كىتىۋاتىمىز ، بەك توڭلاپ كەتسەك يۈگۈرەپ بەدەن ئىسىتىپ كىتىۋاتىمىز، كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا ئالدىمىزدا بىر توپ كىيىكنىڭ بىر قومۇشلۇقتا ئوتلاپ تۇرغىنىنى بايقاپ قالدۇق -دە دەرھال ياتتۇق ، ئىتلەرمۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈك بولغاچقا ئۇلارمۇ بىز بىلەن تەڭ يۆشۈرۈندى ، شۇندىمۇ سەزگۈر كىيىك ھىدىمىزنى پۇرىۋالدىمۇ ، ياكى بىرەر شەپىنى سەزدىمۇ قومۇشلۇقتىن ئايرىلىپ جاڭگالنىڭ ئىچىگە سۈرۈلدى. دادام بۇ چاغدا قورالنى بەتلەپ بولغان بولسىمۇ ئېتىپ تەككۈزەلمىسە، ئۈركۈتۈپ قويۇپ، بۇ ئوۋدىن قۇرۇق قېلىشتىن ئەنسىرەپ نىيىتىدىن ياندى. كىيىكلەر تىز - تىز مېڭىپ بىزدىن يىراقلىدى، بولماي بىز يەنە ئەگەشتۇق ، بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن كىيىكلەر يەنە بىر توپ قومۇشلۇقتا توختىدى ، دادام بىزنى جايىمىزدا قويۇپ، ئۆزى تىزلىك بىلەن بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يېتىپ ، نىشاننى مۇقۇمدىۋالغاندىن كىيىن ئوق ئۈزدى «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن كىيىكلەر ئۈركۈپ جاڭگال ئىچىگە قېچىشتى، ئىتلار بۇيرۇق بىرىلگەندەك دادام بىلەن تەڭلا قومۇشلۇققا قاراپ ئېتىلىندى، تەلىيىمىزگە بۇ قېتىم كىيىكتىن بىرنى ئېتىۋالغانتۇق، خوشاللىغىمىزدا ئۇنى شۇ جايدا سويۇپ ، ئىچ - قارنىنى ئىتلەرگە بەردۇق،  گۆشىنى، تېرىسىنى، ئىشەككە تاڭدۇق، بۇ چاغدا كۈنمۇ ئولتۇرۇپ قالدى. قۇرساقلارمۇ ئاچلىقتىن كوركىراپ،  بەدىنىمىزمۇ مۇزلاپ كىتىۋاتاتتى .

- بالام ، - دىدى دادام ،- بايقى كىيىكلەر بەكمۇ ئۇزاپ كەتمىدى ، ئۇلار بىر بولسا يەنە بىر قۇمۇشلۇققا بېرىپ توختايدۇ ، بىز بۇ پۇرسەتتە ، يەنە بىرەنى ئېتىۋالايلى ، بولمىسا بىر كۈن جاپادا ئۇلارنى تېپىپ ، ئاران بىرنى ئوۋلىساق، جاپايىمىزغا چۇشلۇقمۇ ئىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوزۇقىمىز نەچچە كۈندە تۈگەيدۇ -دە يەنە ئاچ قالىدىغان ئىش بولىدۇ .

 دادامنىڭ گېپى ئورۇنلۇق ئىدى ، كۆز ئالدىمغا ئۆيدىكى ئاچ ھالدا يىغلاۋاتقان ئۇكا - سېڭىللىم كەلدى -دە، دەرھال قوشۇلدۇم ، شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئىزنى قوغلاپ ئىلگىرلىدۇق ، جاھان قاراڭغۇلاپ كىتىۋاتاتتى ، بىز شۇنچە ئالدىرساقمۇ ئىشەك ھېرىپ قالغاچقىمۇ سۈرەلمىلىك قىلىپ ۋاقىتنى كەينىگە تارتىۋاتاتتى، بىر چاغدا يىراقتا بىر پارچە قارا جاي كۆرەندى، دادام بىزنى توختاشقا ئىشارەت قىلىپ، يېنىمغا كەلدى -دە پەس ئاۋازدا :

- ئالدىمىزدا قومۇشلۇق باردەك قىلىدۇ ، سەن موشۇ يەردە ساقلاپ تۇر ، مەن يالغۇز باراي ، كىيىكلەر چوقۇم شۇ جايدا،  ئۈركۈتۈپ قويماي بىرنى ئېتىۋالايلى ،- دىدى.

 مەن قوشۇلدۇم ھەم ئىتلارنى ئىش بۇزمىسۇن دەپ ئېلىپ قالدىم، دادام ئاۋايلاپ كۆرۈنگەن قارا جايغا كەتتى. جىمجىت ئولتۇرغانچە پۇت - قوللۇرۇم مۇزلاۋاتاتتى، ھەركەت قىلاي دىسەم، كىيىكلەرنى ئۈركۈتۈپ قويۇشتىن قورقاتتىم .  شۇنچە ساقلىساممۇ دادامدىن سادا يوق، بۇ كىچىدە جاڭگالدا ئۈزەملا يالغۇز قالغاندەك، دادام مېنى تاپالمايدىغاندەك بىر خىل قورقۇنۇچ ئاستا - ئاستا ئىسكەنجىسگە ئالماقتا ئىدى، ئەتراپىمغا چىچەنلىك بىلەن كۆز يۈگۈرتىۋاتاتتىم ، شۇ چاغدا «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن شۇنداق سەت چۆچۈپ كەتتىم ، دادام كەتكەن جايدىن كىيىكنىڭ ئېچىنىشلىق ۋاقىرغان ئاۋازى بىلەن تەڭ پاراس - پۇرۇس قىلىپ بىر نەرسىلەرنىڭ قاچقان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ قاراڭغۇلۇققا تەلمۈردۈم ، كۆڭلۈمدە يەنە بىر كىيىككە ئوق تەككىنى ئېنىق ئىدى، دادامنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ئىتلارنىڭ قۇلىغى تىككىدە بولۇپ كەتكەنتى، مەن ئىشەكنى سۆرەپ دىگۈدەك دادامنىڭ يېنىغا باردىم ، راس دىگەندەك دادام بىر كىيىنى بوغۇزلاپ تۇرغان ئىكەن .

 - بالام قومۇشنىڭ قۇرۇقلىرىدىن توپلاپ ئوت ياق، بۇنى سويۇپ ، موشۇ جايدا قۇرساق توقلاپ يېتىپ ئەتە قايتايلى ،- دىدى دادام سەرەڭگىنى سۇنغاچ.

شۇنىڭ بىلەن ئوت ياقتىم، دادام كىيىكنى سويۇپ ، ئىتلەرگە تىگىشلىك جايلىرىنى بىرىپ، ئوت ئۈستىگە ئېلىۋالغان ئۈچ پۈتلۇق كاۋاپنى ئىلىپ پۇشۇردىغان جازىنى ئىلىپ گۆشنى ئاستى، مەن ئەتراپتىكى يۇلغۇن، يانتاق كۆتىگى دىگۈدەك نەرسىلەرنى تىمىسقىلاپ يۈرۈپ تىرىپ تاشلىدىم. دادام چەينەككە قارنى قاچىلاپ قايناتقاچ، گۆشنى تۇزلاپ ئەتراپنى مىزلىك پۇراققا توشقۇزدى. شۇنداق قىلىپ ئاتا - بالا پاراڭلاشقاچ مىزلىك بىر ۋاقلىق تاماق يەپ تازا بىر ئىسىنۋالغاندىن كىيىن ئوتنى باشقا جايغا يۆتكىۋېتىپ، شۇ جايدا  ياتتۇق.

 كىم بىلسۇن ئەمدى يېتىشىمىزغا ئىتلار بىر شەپىنى سەزگەندەك قاۋىغاچ ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرۈشكە باشلىدى، دادام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپلا ئەتىراپقا قارىۋېتىپ مىلتىغىنى ئالغاچ ۋاقىردى :

- تىز بول بالام ، ئوتنى ئۇلغايىت ، تىز …

 دادامنىڭ جىددىيلەشكىنىدىن قورقۇپ دەرھال ئورنىمدىن تۇرۇپ ئەتراپقا قارىدىم، ئەتىراپىمىزدا بىر مۇنچە ئوت چىكىتلەر بىزگە غادىلىپ ئايلىنىپ يۈرەتتى، ئىتلار قايسى تەرەپكە ئېتىنلىشىنى بىلمەيتتى، ھەتتا ئىشەكمۇ تىپىرلاپ جىم تۇرالمايۋاتاتتى .

 - تىز بول ، قاراپ تۇرماي ئوتنى ئۇلغايىت .

 دادامنىڭ يەنە بىر ۋاقىرشىدىن تەييارلاپ قويغان بىر مۇنچە ئوتۇننى ئوتقا تاشلىغاچ سورۇدۇم :

 - دادا نىمە ئۇ ؟

- بۆرە …

 بۆرە!  توپى بۆرە دىگەن گەپنى ئاڭلاپلا بەدەنلىرىم تىكەنلەشتى، چۈنكى كىچىگىمىزدىنلا ،« ئۇ ئادەمنى بۆرە يەپ كىتىپتۇ، بۇنىڭ ئېتىنىڭ قۇرسىغىنى بۆرە يېرىۋېتىپتۇ ، ئۇنىڭ قويلىرىنى بۆرە بوغىۋېتىپتۇ » دىگەندەك گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغاچقا ، كاللامدا بۆرە بەك ۋەھشى يىرتقۇچ ھايۋان دەپ ئويلايتتىم. قىزىل چىكىتلەر يېقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى ، ھەتتا ئوت يورۇغىدا ئۇلارنىڭ ئىغىزدىكى ئۆتكۈر چىشلىرىمۇ كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە ئىدى، دادام ئەڭ يېقىن كەلگىنىنى نىشانلىدى- دە ئوق ئۈزدى، ئوق ئاۋازى بىلەن بۆرىلەر پاتپاراق بولۇشۇپ كىتىشتى ئىككى ئىت ئوق تەككەن بۆرىگە ئېتىلىندى. لېكىن ئۇلار بېرىپ يارلانغان بۆرىگە ئېغىز سېلىشىغا قاچقان بۆرىلەر يۇپۇرلۇپ كىلىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، توپ چاتقانلىق ئىچىنى ئىت ، بۆرىلەرنىڭ خىرقىرغان ، بىر- بىرىنى چىشلەپ تالاۋاتقان ئاۋازلىرى قاپلاپ كەتتى. دادام بىلەن ئىككىمىز ئوت كۆيىۋاتقان ئىككى ئوتۇننى ئېلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىتلارغا ياردەملەشتۇق لېكىن كىچىككەنتۇق، بىز بارغاندا ئىككى ئىت ئېغىر يارلىنىپ ياتاتتى، دادام ئاچچىغىدا بۆرىلەر كەينىدىن ئوق ئۆزدى. شۇنىڭ بىلەن ئىتلارنى كۆتۈرۈپ ئوت يېنىغا ئېلىپ كىلىپ يارىسىنى تاڭغانمۇ بولدۇق. بىچارە ئىتلار بىزدىن قۇتقۇزۋېلىشنى ئۈمۈت قىلغاندەك غىڭشىپ - غىڭشىپ جان ئۈزدى. دادام ئىككىمىز كىچىگىدىن پەرۋىش قىلىپ باققان ئىتلىرىمىزگە قاراپ ئازاپلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق، ئىشەك يەنە بىر تىپىرلىدى، قارىساق بۆرىلەر يىقىنلاپ كىلىپ قالغان ئىدى، مەن يەنە ئوتنى ئۇلغايتتىم ، دادام يېقىنلاپ كەلگەنلەرگە ئوق ئۈزدى، ھايات - ماماتلىقتا شۇنداق جەڭ قىلىۋېرىپ ئوتۇنمۇ، ئوقمۇ تۈگىدى، ئەمدى بۆرىلەرگە يەم بولۇشتىن باشقا چارىمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى.

 بۆرىلەر سۇزلاۋاتقان ئوتقا يېقىنلاپ بىزگە ئېغىز سالىدىغان جىددى پەيىتتە، نەدىن كەلگەنلىگى نەمەلوم بىر مەخلوق بۆرە توپى ئىچىدە پەيدا بولدى، بىز ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپلا قالغانتۇق، ئۇنىڭ بويى ئۈچ مىتىردەك بۇلۇپ ، بوي - بەستىنى تۈك قاپلاپ كەتكەن، تىرناقلىرى ئۇزۇن، ئېغىزى يۇغان بولۇپ چىشلىرىنىڭ چوڭلىغى ھەم قورقۇنۇچلىقلىغى ئادەمنىڭ تېنىنى جۇغىلدىداتتى، قۇلاقلىرى بولسا ئىشەكنىڭكىدەك ئۇزۇن چىقىپ ئۇنى تېخىمۇ بەتبەشىرە كۆرسىتىپ تۇراتتى، مەخلۇق كۆزلىرىدىن ئوت چاقنىتىپ كەلگەن پېتى چەبدەسلىك بىلەن ئىككى قولىدا ئىككى بۆرىنى چاڭگاللاپ ئالدى -دە بىرىنىڭ بوينىدىن چىشلەپلا ئىككى قىلىپ يەرگە تاشلىدى، يەنە بىرىنى ئىككى قولى بىلەن يىرىپ يېرمىنى چايناپ يىيىشكە تۇتۇش قىلدى. ئۇنى كۆرگەن باشقا بۆرىلەر بۇ مەخلۇقتىن شۇنچىلىك قورقۇپ قاچتىكىن، غىڭشىغان ئاۋازلىرى يىراقلاپ يوقالغىنىچە ئاڭلىنىپ تۇردى .

داۋامى بار ..





3428 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-22 15:24:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-24 22:06:41 metro
دوسىتلار ياقتۇرغان بولسىلا بولدى ، بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ ھېچقايسىنى بىرسىدىن ئاڭلىمىدىم ، ھەم بىرەر نەرسىنىڭمۇ تەسىرىدىن ئەمەس بەلكى تەسەۋۋۇر ، رەھمەت
2015-12-24 19:53:55 گۈلزەپەر
ئ‍ەسەرلەر بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ،لىكىنيىزىلىپتۇ،لىكىن قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئ‍اخىرى يوقمۇ؟
2015-12-24 17:28:54 مەخمۇتجان ) ئۇچتۇرپان (
يېزىقچىلىق ماھارىتىڭىز بارغانسىرى تاكامۇللىشىتۇ .قارىغاندا بۇ ئەسەرنى بىرەر ئاڭلىغان ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىپسىز . ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن كىشىگە زوق بېغىشلايدىكەن . داۋامىغا تەقەززامەن .
2015-12-24 12:42:50 ئ‍ارىسلانخان
ياخشىكەن
2015-12-24 10:28:00 yusupjan
Manmu bundak asarlarga back amrak back yahxi yizliptu rasla bexigizfmdin utkanmu kandak. He. He
2015-12-24 8:26:02 ayda
bak yahxi yezipsiz koligizga dat kalmisun bak yahturdum dawamiga bak kizzikwatima hayrat kilig
2015-12-24 0:39:55 Buhalqam
Bak yahxkantuh ahrag xundak kizkkan xu tehi Bugun qikamdkin dap zor umutla bilan karap olturma kaqan qika ahri .....
2015-12-23 23:05:14 almira
adam ni takkazza kimmay ittik yezip qikiringla ukisak adam ni anda takazza kilwatsangla ukuxka pakat kizzikmaydegan bop kaldekan miz
2015-12-23 23:00:08 ئۇماق شۇم
قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
2015-12-23 22:43:04 پەرىدە
ئ‍اخېرىنى تېزراق يېزڭە
2015-12-23 19:00:28 مەۋلان
ئاخىرى قاچان چىقاركىن قاراپ ئ‍ىقىم مېقدارى تۇگەپ كەتمسۇن يەنە قولىڭىز غا دەت كەلمىسۇن
2015-12-23 13:29:41 ئوسمانجان
داۋامى قاچان،چىقا
2015-12-23 2:35:43 kuqa ogli
Yahxi qikiptu gayrat kiling
2015-12-23 1:50:58 adila
karaggu orman neg ahire bamu
2015-12-23 1:42:04 adila
bak yahxe yezlip tu.kulgiz ga dat kalmi sun.man kurkunux luk asarlar ga bak amrak.
2015-12-23 0:36:37 يۇلتۇزۇم
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان نادىر تىما كەن قولىڭىز غا دەت كەلمىسۈن مۇمكىن بولسا تىزراق داۋامىنى چىقارغان بولسىڭىز metro ئ‍ەپەندىم
2015-12-22 22:50:58 akram
adax buning ahiriqu, bak saklitiwatmangla ha
2015-12-22 19:56:07 سەھەر
بەك ياخشى يېزىلغان ئ‍ەسەركەن ،ئ‍اخىرىغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم ،تىزراق چىقسا بۇلاتتى
2015-12-22 19:24:01 ئېزېز
قاراڭغۇ ئ‍ورمان بەك قالتس يېزلپتۇ 7 قېسمېنې يوللاپ بەرگەن بولسېڭز جاپا تارتتڭلا رەخمەت سېلەگە
2015-12-22 17:54:20 ئ‍ۆتمۈش886
بەك قالتىس يىزىلىپتۇ ئ‍اخىرى قانداق بولا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ