پەرىشتەم ( پوۋسىت ) 5- قىسىم

 پـــــــەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
5. قىسىم 


ھەممە يەر ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ، خۇددى جاھاندىكى ھەممە گۈزەللەر ئاپئاق يېپىنچىلارغا ئورىنىۋالغاندەك يەر جاھان شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ كەتكەن ئىدى . كەڭ پايانسز دالىدا ئۆزۈم يالغۇز قار ئۈستىدە ماڭماقتىمەن ، تۇيۇقسز يىراقتىن ئاپئاق كىيىمگە پۈركەنگەن بىر قىز ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى . خىيالىمغا دەرھاللا پەرىشتە كەلدى . ئۇ ماڭا يېقىنلاپ كەلدى ، ئۇنىڭ چىرايغا قارىغان ھالدا قېتىپ قالدىم . ئۇزۇن ئاپئاق كۆينەك ، گۈزەللەرگە خاس بۇلاقتەك  چوڭ-چوڭ  كۆزلەر ، ئاينى خىجىل قىلىدىغان ئەگىم قاشلار ، نېپىز ئوتقاشتەك لەۋلەر ، شامالدا لەرزان يەلپۈنۋاتقان تال - تال چاچلار ، ئېگىز ئەۋرىشىم قامەت.... ئاھ  ئىنسان بالىسى دېگەنمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بولامدۇ ھە ؟ ياق ... ياق ... بۇ پەرىشتە ئىدى . مېنىڭ چۈشۈمدىمۇ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدىغان گۈزەل پەرىشتەم ئىدى . ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قارىدىم ۋە ئۇنى قاچانلاردىدۇر  بىريەردە كۆرگەندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى ، بىراق قەيەردە كۆرگەنلىكمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم . ئۇ ئاستا يېنىمغا يېقىنلاپ كەلدى ، مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ گۈزەل جامالدىن ھەيران بولۇپ ھوشۇمنى يوقاتقان ھالدا نېمە قىلشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدىم . ئۇ ئاستا يېنىمغا كېلىپ قولۇمنى تۇتتى ، ئاھ مۇشۇنداق سوغۇق ھاۋادا ، قېلىن قار يېغۋاتقان ئەھۋالدا  شۇنداقمۇ ئىسسىق ، ئىللىق قول بولامدۇ ؟؟
ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتۋاتاتتىم ، ئۇ قىز ماڭا ھەربىر قارىشدا شۇنداق يېقىملىق كۈلۈمسىرەيتتىكى ، مەن بۇ كۈلۈمسىرەش ئىچىدە نۇرغۇن بەخىت ، خوشاللىق ، گۈزەللىكنى ھېس قىلاتتىم . ئۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى پەقەت مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ ، مېنىڭ مېڭشىمنى ساقلاۋاتقاندەك ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاستا مېڭىشقا باشلىدىم ، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمدەك ھېس قىلماقتا ئىدىم ، خوشاللىقىم ، ھاياجىنىم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى . بىز قوللىرمىزنى چىڭ تۇتقان پېتى قار ئۈستىدە مېڭىشقا باشلىدۇق . تۇيۇقسزلا  بۇ قارلىق دالا ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئىشەنمەي قالغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل بىر باغۇ- بوستانلىققا ئايلىنىپ قالدى .مەن تېخمۇ ھەيران قالدىم . ھەم ئىچ -ئىچىمدىن خۇشال بولۋاتاتتىم . بىز مېڭىپ بىر گۈزەل بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇ پەرىشتە قۇلقۇمنىڭ يېنىغا كېلىپ :
- مەن سىزنىڭ بولىمەن ئەركىن ، مەن مەڭگۈ سىزگە مەنسۇپ ... مەن مەڭگۈ سىزگە مەنسۇپ ......
ئۇنىڭ شىۋىرلاپ دېگەن سۆزلىرىن بەكلا ھەيران بولۋاتاتتىم ، ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ ئاستا قولىنى مېنىڭ قولۇمدىن ئاجرىتىپ مەندىن يىراقلىشىشقا باشلىدى . مەن چاقماق تېزلىكىدە ئۇنىڭدىن سوردۇم :
- توختاڭ ، توختاپ تۇرۇڭ ، سىز كىم ؟ مۇشۇنداقلا كېتىپ قالسىڭىز مەن سىزنى يەنە ئۇچرىتالامدىم ، سىزنى نەدىن تاپىمەن دەپ سوردۇم .
ئۇ كەينىگە قايرىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى :
-مەن سىزنىڭ پەرىشتىڭىز ، مېنى چوقۇم ئۇچرىتالايسز ، ئەگەر ماڭا بولغان مۇھەببىتڭىز راس بولسا مېنى چوقۇم تاپالايسىز ، مەن سىزگە مەنسۇپ . دېدى ۋە گۈللەر ئارىسغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى . مېنىڭ سورايدىغان سوئاللىرىم يەنە بار ئىدى شۇڭا يۇقرى ئاۋازدا ئۇنى چاقىردىم :
- پەرىشتەم ........ مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ،  پەرىشتە بۇياققا چىقىڭ مېنىڭ تېخى دەيدىغان سۆزلىرىم يەنە بار ئىدى . پەرىشتەم سىز قەيەردە ؟
پەرىشتەم !!!!
ۋارقىرغىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، بوستانلىقلار ، بۇلاقلار  ھەممە نەرسە غايىپ بولغان ئىدى ، ياتىقىمدا كارۋىتىمنىڭ ئۈستىدە يېتىپتىمەن ، چۈش كۆرۈپتىمەندە دەپ ئويلىدىم . ئۆمرۈمدە بۇنداق گۈزەل چۈشنى تۇنجى قېتىم كۆرىشىم ئىدى . شۇڭا ئورنۇمدىن تېزلا تۇرۇپ سائەتكە قارىدىم . سائەت 6 يېرىم بولغان ئىدى ، كارۋاتتىن چۈشۈپ يۈزۈمنى يۇيۇپ چىققاندىن كېيىن ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم .
بەشىنچى قىسمى تۈگدى .
داۋامى بار ...........
     





448 قېتىم كۆرۈلدى uqkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 6:37:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ