باشلىق بىلەن تاماق يىگەن قىزنىڭ ئاقىۋىتى
ئىبرەتلىك ھىكايە
بۈگۈن يەنە ئادەتتىكدەك ئىنتايىن روھسىز ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم ، يەنە شۇ ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن كېتىۋاتىمەن ، كوچىدا كېتۋاتقان باشقا كىشلەرگە ھەۋەس بىلەن قايتا -قايتا قاراپ كېتىۋاتىمەن ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مەندەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلارمۇ باردۇ؟ بەلكىم مەندىنمۇ ئېغىر كۈنگە قالغانلارمۇ باردۇ...
چىگىش خىياللار ئىلكىدە ئاخىرى رەھىمسىزلىككە تولغان قىسمەتلىرىم كۈتۈپ تۇرغان بۇ ئىش ئورنىغىمۇ يېتىپ كەلدىم ، بۈگۈن ئىشخانىنىڭ ئىچى باشقىچىلا بولۇپ قالغان ئىدى خۇددى ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەن كۈنىدىكىدىكلا. ھېلىقى ئىش دەپ ئۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىگىمۇ ھەش - پەش دېگۈچە بىر يىلدىن ئېشىپتۇ.
ئۇ كۈنى مەن ئەتىگەندىلا خوشال ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشقا كەلدىم. ئۇ كۈنى مېنىڭ كۆڭلۈم بەك خوشال ئىدى، چۈنكى ئۇ كۈنى مېنىڭ 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. ئىشخانىغا كىرىشىمگىلا خىزمەتتداشلىرىم بەس-بەس بىلەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبىرىكلىشىپ كەتتى. ئەڭ ئاخىردا بىزنىڭ بۆلۈم باشلىقى كىرىپ سىڭلىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دەپ كىچىك بىر قۇتىدا بولاقلىق بىر نەرسىنى بېرىپلا چىقىپ كەتتى. مەن ئۇ قۇتىنى ناھايتى تېزلا ئاچتىم. ئىچىدە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان خىرۇستال قونچاق تۇراتتى. يېنىدا بولسا كىچىك بىر پارچە خەت تۇراتتى. خەتتە "سىڭلىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! كەچتە سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي. ۋاقتىڭىز بولسا بىللە تاماق يەپ كېلەيلى " دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن كەچتە بۆلۈم باشلىقى بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە باردىم.
بىز ئىنتايىن نەپىس بېزەلگەن، مۇھىتى ئازادە بىر تاماقخاننىڭ ئايىرىمخانىسىغا كىرىپ ئورۇنلاشتۇق. ئىنتايىن ئەركىن ئازادە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. گەپلرىمىز ھەر خىل تېمدا ئىنتايىن قىزغىن بولىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا ناتۇنۇش بىر ئادەم كىرىپ كەلدى دە بۆلۈم باشلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلاپ چىقىپ كەتتى. كېيىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۆلۈم باشلىقى سىرىتقا چىقىپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى. مەن ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇراتتىم بايا كىرگەن ناتۇنۇش ئادەم كىرىپلا <تېز بولۇڭ، بۇياققا چىقىڭ!> دېدى. مەن نېمە ئىش بولغىننى ئاڭقىرالماي تېزلا چىقتىم. ئۇلار مېنى بىر يەرگە ئاپرىدىغانلىقىنى، بۆلۈم باشلىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ بىر ماشىنىغا چىقاردى. دېگەندەك بۆلۈم باشلىقى ماشىنىدا ئولتۇراتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنا توختىتىدى. يۈرۈكۈمدە بىر خىل ئەنسىزلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۆينىڭ ئىچى تار ئەمما نەپىس بېزەلگەن ئۆي ئىدى. ئەمما ئۆيدە ھىچ كىم يوق ئىدى. ھېلىقى ناتۇنۇش ئادەم بۆلۈم باشلىقىنى ياندىكى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىچىدە ۋارقىراشقان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى ناتۇنۇش ئادەم چىقىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ بېشىمدىن پۇتۇمغىچە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن تېز بول ئۇ نەرسىنى چىقار دېدى. بۇقېتىم ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. يۈزلىرنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىردىكى تاتۇق ئۇنى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق كۆرسىتەتتى. مەن نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي:
-نى نى .... نىمە نەرسە دەپ سورىشىمغىلا، ئۇمېنى بىر شاپلاق سالدى. قاتتىق تەگكەن شاپلاقنىڭ كۈچىدە يەرگە يىقىلىپ كەتتىم. ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدىم. ئۇ دۈمبەمگە قاتتىق بىرنى تەپتى، قالغان ئىشنى بىلمەيمەن، ئەتىسى كۆزۈمنى ئېچىپ ئۆزۈمنىڭ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياتقىنىمنى كۆردۈم. شۇنداق قىلىپ مەن كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتىم ئۈچۈن 20 يىل ساقلاپ كەلگەن ئامانىتىمنى يوقاتتىم. ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنىمۇ يوقاتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ كۈنلىرىم ئەتىگىنى ئىشقا كېلىپ باشقىلارنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئىككىمىزنىڭ كەينىدىن دىگەن گەپ سۆزلىرنى ئاڭلاپ، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئويۇن ئويناپ يۈرۈش بىلەن ئۆتتى.
بۇ ئىش بولۇپ ئىككى ئايغىچە بۆلۈم باشلىقى بىلەن گەپ قىلىشىپمۇ باقماپتىكەنمەن. بىر كۈنى ئادەتتىدەك ئىشقا كېلىپ بىرەر سائەتلەردىن كىيىن بىر ئايال كىرىپ كەلدى دە ھېلىقى بۇزۇق سەن شۇما دەپلا ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلىدى. ئەسلىدە ئۇ بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئايالى بولۇپ سىرىتتىكى ئۇششاق چۈششەك گەپلەرنى ئاڭلاپ مېنى ئېرىنى ئازدۇردى دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىكەن . ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. نۇرغۇن گەپلەرنى دەپ تىللاپ ، ھاقارەتلىگەن بولسىمۇ گەپ قىلىشقا ئامالسىزمەن . كېيىن ئاڭلىسام ئىككىسى مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاجىرىشىپ كېتىپتىمىش.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىشخانىدا كۈندە دېگۈدەك مېنىڭ گېپىم بولۇنۇپ كەلدى. ھەممە ئادەم مەندىن ئۆزىنى تارتىشقا باشلىغاندەك ھېس قىلدىم. ھەممە ئادەم مېنى خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزغان بۇزۇق دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى . مەنمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە خەقنىڭ گەپ سۆزلردىن قۇتۇلالماي يۈرىۋاتىمەن. ئاڭلىساممۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ يۈرۋاتىمەن. ئەمدى ئۆزۈمدىن كۆرمەي نېمە ئامال....
مانا بۈگۈنمۇ بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئىشخانىدىكىلەرنىڭ گېپى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى. ۋىيەي، قاراڭلار ئۇنىڭغا قاچانلا قارسا مۇشۇنداق ھە دېسە خىيال سۈرۈپ يىغلاشتىن باشقىنى بىلمىگەن. خۇددى بىرى ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى بىلمەيدىغاندەك ........
ھاياتتا تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغان قىسمەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما باشقىلانىڭ بۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .....
1425 قېتىم كۆرۈلدى | ئىبرەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-16 2:56:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-7 2:23:32 | rahman |
tuzuk bir nasa yizip ahirni qikamam sila towa |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|