پەرىشتەم ( پوۋسىت ) 3- قىسىم

پەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
3 - قىسىم 


ئىشىك ئېچلىپ سېستىرا قىز ئالدىراش كىرىپ كەلدى ، ۋە يېنىمغا كېلىپ :
- ۋۇي، ئوكۇل تۈگەي دەپتىغۇ ، نېمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭىز؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئوكۇل بوتۇلكىسىغا قارىدىم ، دېگەندەك ئوكۇل تۈگەپمۇ قالغان ئىدى ، مەن پەس ئاۋازدا جاۋاپ بەردىم :
- شۇ خىيال بىلەن بوپ كېتىپ دېققەت قىلماپتىمەن ، ھېلمۇ سىز ئۈلگۈرۈپلا كىرىپسز ، بولمىسا ئوكۇلنىڭ تۈگەپ كەتكىننى بىلمەي يۈرەركەنمەن . دېدىم ، ئۇمۇ كۈلگەچ :
- ھە مۇنداق دەڭ تازىمۇ خىيالچان يىگىتكەنسزدە ، دېگنچە ئوكۇل بوتۇلكىسىنى ئالماشتۇرغاچ :
- مۇشۇ بىر قۇتا ئوكۇل تۈگەپ بولغاندىن كېيىن ، قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، دوختۇر سىزگە ئۈچ كۈنلۈك ئوكۇل يېزىپ بېرىپتۇ ، ئەتە قاچان ۋاقتىڭىز چىقسا كەلسىڭىز بولىۋېرىدۇ . دېدى .
- بولىدۇ ، ئەتە چۈشتىن كېيىن ۋاقتىم چىقىدۇ ، شۇ چاغدا كېلەي دېدىم .
سېستىرا قىز بېشىنى لىڭشىتقاچ :
- بولىدۇ شۇنداق بولسۇن ، مەن سەل تۇرۇپ كىرەي . دەپلا يەنە چىقىپ كەتتى .
ياتاق ئىچىدە يەنە يالغۇز قالدىم ، تېگى يوق خىيال دېڭىزغا شۇڭغۇماقتىمەن . بىردەم ئۆيۈمنى ، بىردەم جاپاكەش دادامنى ، مېھرىبان ئانامنى خىيال قىلسام ، بىردەم قارغانلىكى ئادەمنىڭ ئامراقلىقنى كەلتۈردىغان ئوماق ئىنىم بىلەن سىڭلىمنى خىيال قىلاتتىم . خىيال دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ  كەلگۈسۈمگە كەلگەندە تۇيۇقسز توختاپ قالدىم ، مەن كەلگۈسۈم ھەققىدە ئويلىنىپ باققان بولساممۇ بىراق سۆيگۈ -مۇھەببەت ھەققىدە تازا ئويلىشىپ كەتمىگەن ئىدىم . ئەلۋەتتە كەلگۈسۈم ھەققىدە ئويلىندىغان ۋاقتىممۇ كېلىپ قالغان ئىدى . مەنمۇ ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان ، ۋاپادار ، مېھرىبان ، ئەدەپ ئەخلاق ، شەرمى ھايانى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان دىيانەتلىك بىرقىزنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ تاللىشىم ، ۋە كەلگۈسۈمدىكى بەخىتنى ئىزدەپ تېپشىم كېرەك ئىدى . مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ بۇنداق بىر ئېسىل قىزنى پەقەت خىيال قىلۋاتقىنىمنى ھېس قىلدىم . چۈنكى مېنىڭ قىزلار بىلەن بولغان ئالاقەم بەكلا ئاز ئىدى . شۇنچىلىك يالغۇزلىقنى خالايدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىمۇ تازا ئويلىشىپ كەتمىگەن ئىدىم .
تۇيۇقسز سېستىرا قىزنى ئويلاپ قالدىم ، تاشقى قىياپىتىدىن شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل ، مۇلايىم ، ئەدەپ ئەخلاقلىق قىزدەك كۆرىنەتتى . ئۇنىڭ گەپ قىلىشلىرمۇ ، ئىش ھەركەتلىرمۇ ، ھەتتا سۆز قىلۋاتقاندا يەردىن ئۈستۈن قارىماي پەس ئاۋازدا مۇلايىم گەپ قىلىشلىرمۇ ماڭا خېلى ياخشى تەسىرلەرنى بەرگەن ئىدى . ئىشقىلىپ بۇ قىزنى سىناپ بېقىش نىيتىدە بولمىدىم دېسەم يالغان بولىدۇ . خىيالىمدا بۇ قىزنى يېنىمغا بىر كىرسىكەن ، ئۇنىڭغا ياخشىراق بىر قارىۋالسامكەن دەپ ئويلىدىم . تۇيۇقسز  سېستىرا قىز ئىشىكنى ئېچىپلا كرىپ كەلدى . چۆچۈپ كەتتىم ، ئىچىمدە ئۇ مېنىڭ خىيالىمنى بىلۋالدىمۇ يە ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم ، ھەم ئۆزەمچە ئويلىغانلىرىمغا خىجىل بولۇپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم . ئۇ يېنىمغا كېلىپلا :
- ۋۇي ، نىمانچە تەرلەپ كەتتىڭىز ، چىرايىڭىز بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك تاترىپ كېتىپتىغۇ ؟ ئۇ بىر نەرسىدىن ئەنسىرگەن ئادەمدەك ماڭا مۇلايىم ئاۋازدا گەپ قىلماقتا ئىدى .
- ياقەي ،  شۇ ئازراق تەرلەپ كېتىپتىمەن ، شۇ ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن قارا بېسىپ قاپتۇ . يالغان سۆزلىدىم .
توۋا مەن نېمانچە ئەخمەق ، نەدىمۇ بىرسىنىڭ خىيالىنى يەنە بىرسى بىلۋالايدىغان ئىش بار ، يەنە كېلىپ چىرايىڭىز تاترىپ كېتىپتۇ دەيدىغۇ ، تۇنجى قېتىم مۇھەببەت ھەققىدە بىر قىزنى ئويلىغىنمدا چىرايىمنىڭ تاترىپ كەتكەن ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكگە ئىشنىشنىمۇ بىلەلمىدىم . توۋا ھەجەپمۇ بىر ئىش بولدى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئوكۇل بوتۇلكىسىغا قارىدىم ، ئوكۇلمۇ تۈگەي دەپتۇ . بۇ يەردىن تېزراق چىقىپ كېتىشنى ئويلىدىم . ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتەر ئۆتمەي  ئوكۇلمۇ تۈگدى ، سېستىرا قىز قولۇمدىن يىڭنىنى ئېلىۋەتكەچ :
- ئىسمىڭىز ئەركىن ئىكەن ھە ؟؟؟ دەپ سورىدى .
-ھەئە ئىسمىم ئەركىن سىزنىڭچۇ ؟؟
- مېنىڭ ئىسمىم  شەھىدە ، مۇشۇ ئامبۇلاتۇرىيەدە سېستىرالىق قىلمەن . دېگەچ : مېنىڭ ئىشىم بار ئىدى ، سىز ئەمدى قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەتە چۈشتىن كېيىن بىر ئىككىلەگە ئۈلگۈرۈپ كېلىڭ ، ئەمسە ئەتە كۆرشەيلى دېدى .
- ماقۇل شۇنداق قىلمەن . دېدىم . سېستىرا قىز ماڭا قاراپ مۇلايىم ئاۋازدا :
- ماقۇل ، شۇنداق بولسۇن خوش ئەمسە .  دېگنچە ئاستا چىقىپ چىقىپ كەتتى .
چاپىمنى كىيىپ ياتاقتىن چىقتىم ، بۇ دورا پۇراپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىراپ تېز تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدىم ، تۇيۇقسزلا قۇلقىمغا بىر قىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ گەپ قىلۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ئۈچىنچى قىسمى تۈگدى .
داۋامى بار ………





693 قېتىم كۆرۈلدى uqkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-6 23:39:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-20 6:18:33 سەن ئۈچۈن
ئاخىرنى تىزراق يوللىسىڭىز بۇلاتتى .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ