قېرىنداشلىق مېھرى -- ئاكامغا ئېيتالمىغان سۆز

قېرىنداشلىق مېھرى - ئاكامغا ئېيتالمىغان سۆز

ئالىم ئابدۇللا


        ئۇ كۈنى ئاپامغا تېلفۇن ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئاكامغا بولغان قېرىنداشلىق مېھرىمنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ئەزەلدىن ھىس قىلىپ باقماپتىكەنمەن،ھەمدە ئاكامغا بۇ ھىسسىياتىمنى ئىپادىلەپمۇ باقماپتىكەنمەن.
        بۇرۇن ئاپام بىلەن تېلفۇندا پاراڭلاشقاندا ئاپام ھەر قېتىم:  « ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ تاماق يىدىڭمۇ؟ ئاغرىپ قالمىغانسەن؟ ...»دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنى تەكرارلايتتى ۋە مەن خوش دىمىگىچە تېلفۇننى قويمايتتى. بەزىدە ئاپامنىڭ ئەنسىرەشلىرى ئارتۇقچە تۇيۇلۇپ:«ۋاي مەن ياخشى ئاپا، ئەنسىرىمەڭا بولدى، كىچىك بالا بولمىسام مەن يا» دەيتتىم.
       ئەمما ئۇ كۈنى ئاپام بۇرۇنقى سۇئاللارنى سورىمىدى ۋە ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا تېلفۇننى قويۇشقا ئالدىرىدى. ئاپامنىڭ  شۇ گەپلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقىمۇ، غەلىتە ھىس قىلىپ ئاپامدىن:«بىرە ئىش بولدىمۇ؟ ئاۋازىڭىز باشقىچىلىغۇ؟» دەپ سورىدىم. «ھېچنىمە بولمىدى. خوش، كېيىن پاراڭلىشايلى»دىدى ئاپام. «ۋاي ئاپا، بىر ئىش بولۇپتۇ، دەڭا نىمە بولدى؟» دىدىم.  ئاپام ئەزەلدىن سىر ساقلىيالمايتتى. بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن ئاپام:«ئاكاڭ سىنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ ساڭا ئېيتماسلىقىمنى تاپىلىغان» دىدى. ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە دوختۇرلار ئاكامنىڭ يۈرىگىدە بىر تۆشۈكچە بايقاپتۇ. ئەتە ئوپىراتسىيە قىلىدىكەن.  مەن بىر ئازغىچە گەپ قىلالمىدىم، يىغلىيالمىدىم.  خۇددى دادام تۈگەپ كەتكەندە كىشىلەر ئالدىدا يىغلىيالمىغاندەك. ئاپامغا تەسەللى بېرىشىم كېرەك ئىدى.
       دادام تۈگەپ كەتكەنلىگىنى بىلگەن چاغدا مەن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي ئۈنلۈك ئاۋازدا، ھۆركىرەپ يىغلىغانىدىم. ئاپام يېنىمغا كېلىپ:« يىغلىما، سەن يىغلىساڭ مەن قانداق قىلىمەن» دەپ مېنى سىلكىگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يىغلىمىدىم، يىغلاي دىسەممۇ يىغلىيالمىدىم. بىر قىسىم تۇغقانلار مەندىنمۇ بەكرەك يىغلاشتى، مەن ئۇ لار بىلەن تەڭ يىغلاي دەپمۇ تازا قاملاشتۇرالمىدىم. بەزىدە ئۇلارنىڭ شۇنداق ئوڭاي يىغلىيالايدىغانلىقىغا ھەۋەسمۇ قىلىپ قالدىم.  ھەتتا بىرقىسىم تۇغقان ۋە خوشنىلار مىنى يىغلىمىدى دەپ ئەيىپلىگەنلەرمۇ، ھەيران قېلىشقانلارمۇ بولدى.
       ئوپىراتسىيىدىن بۇرۇن ئاكامغا تىلفۇن قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ تىلفۇننى قويدۇم.
       ئۇ كۈنى كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم. ئاكام قورققانمىدۇ؟ ئوپىراتسىيىدە بىرە ئىش چىقىپ قالسىچۇ؟ ئاكام ئۆزىنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئەگەر ئۇ مەڭگۈ مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قېرىنداشلىق مىھرىمنى بىلمەي قالسىچۇ؟
        خۇداغا شۈكرى، ئەتىسى تېلفۇن قىلسام  ئاكام ئوپىراتسىيىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپتۇ.
        شۇ ئىشتىن كىيىن قېرىنداشلىق مىھرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. گەرچە بۇرۇنمۇ بىلىدىغان بولساممۇ، ھازىرقىدەك بۇنداق چوڭقۇر ھىس قىلىپ باقمىغانىدىم. مەن ئاكامغا ۋە ئۆيدىكىلەرگە بۇ خىل ھىسسىياتىمنى، ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئەتىسى تىلفۇندا دىيىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەزەلدىن بۇنداق ھىسسىياتىمنى بىۋاستە ئىپادىلەپ باقمىغاچقا، ئاغزىمدىن چىقىرالماي تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا ئېيتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
         تەتىلدە ئۆيگە قايتتىم. لىكىن ئۇ خىل ھىسسىياتلىرىمنى يەنىلا  ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. كۈنلەر، ئايلار ئۆتىۋەردى. مەن كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى ئىچىمگە يوشۇرۇپ يۈرىۋەردىم. جېجىياڭدىكى خىزمىتىممۇ ئاخىرلىشىپ سانجىغا قايتىپ كەلدىم.
         يېڭى مەۋسۈمدە ئوقۇغۇچىلارنى پەمىدۇر تەرگىلى فۇكاڭنىڭ بىر كەنتىگە ئاچىقتۇق. بىركۈنى بىزنىڭ مەكتەپتىكى رەھبەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى يەرلىك ئەمەلدار ۋە خىزمەتچىلەر كۈتىۋالدى. سورۇندا ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان مەنسەپلەردىن بولغان كىشىلەر ئوخشىمىغان مەقسەتلەر بىلەن بىر ئايرىمخانىدىكى چوڭ يۇمىلاق ئۈستەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇشتى. شۇ سورۇندا بىر خۇيزۇ يىگىتنىڭ تاماقمۇ يىمەستىن ھاراقنى توختىماي ئىچكەنلىگى سورۇندىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىغانىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆسۈش ئالدىدا تۇرغان ياش كادىر سۈپىتىدە سورۇندا ھاراق ئىچىشىم كېرەك ئىدى.
         سورۇن ناھايىتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتقاندا مەن دادامنى ئەسلەپ قالدىم. بەلكىم داداممۇ بۇرۇن خىزمەت سەۋەبىدىن مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئولتۇرغان بولىشى مۈمكىن. دادام قان بېسىم، دىيابىت قاتارلىق كېسەللەر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەن جىمىپ كەتتىم. قارىماققا ناھايىتى قىزغىن  بۇ سورۇن ماڭا تولىمۇ يات بىلىندى.  
         يېنىمدا ئولتۇرغان باشلىقىم تۇيۇقسىز جىمىپ قالغىنىمدىن نارازى بولۇپ توختىماي ماڭا كۆز ئىشارىتى قىلىپ باشلىقلارغا ھاراق تۇتىشىمنى، گەپ قىلىپ ئولتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلغىلى تۇردى. مەن ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشەندىم، لېكىن ئۇ ۋە سورۇندىكى بارلىق كىشىلەر ماڭ خۇددى كىنودىكى كۆرۈنشتەكلا بىلىندى. مەن ئۇنىڭغا ئىرەن قىلماي ئاستا يانفۇنۇمنى چىقىرىپ،سىرتقا چىقىپ ئاكامنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى باستىم. تېلفۇندا ئاكامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.«ئالىمجان، تېچلىقمۇ؟» مەن گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدىم. « ئالىمجان؟....ئالىمجان؟...» مەن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلىۋەتتىم. خۇددى يۈرۈگۈمگە تىقىلىپ قالغان شۇ يىغىلارنى قوشۇپلا يىغلىغاندەك. «ئالىمجان؟... نىمە بولدى؟ سىز نەدە؟ بىرە ئىش بولدىمۇ؟» « ياق، ھېچ ئىش بولمىدى ، ھېچقانداق ئىش يوق، شۇ ، دادام ئېسىمگە كېلىپ قالدى» « ھە...، بولدى، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ»  
          مەن بىر تەرەپتىن يىغلاپ تۇرۇپ بۇرۇن دىيەلمىگەن بارلىق گەپلىرىمنى شۇكۈنى ئاكامغا ئېيتتىم. شۇھامان ئۆزەمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.
     





235 قېتىم كۆرۈلدى AlimAbdulla ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-6 6:47:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ