ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (5)

ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (5)


چۈشمۇ بولدى ئانام داداملاغا تاپىلاپ قويدۇم ، مەن كەلگىچە كۈچۈپ بۇلۇڭلا دادا قۇپە خۇشنىمىز ئۈيىگە خەۋەرقىل دىدىم دە موتونى مىندىم بازاغا ماڭدىم، مەن نىم ئۈچۈندۇر بىرخىل خۇشال ئىدىم ،سىڭلىم كىلىدۇ  ئەمەسمۇ ،مىنىڭ يۈرەك باغرىم،راستىننى دىسەم سىڭلىمنى ئاتا-ئانامدىنمۇ ياخشى كۈرىمەن،ھەي ئۇنى بۇنى ئويلاپ بازاغىمۇ كەلدىم بۈگۈن بازادا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى ،بىكەتكە كەلدىم،شۇنچە خۇشال نىمىشقا بۇنى مەنمۇ بىلمىدىم،خۇدى قىز دوستۇمنىڭ ئالدىغا چىققاندەك بەك خۇش ئىدىم،ئۇنىڭغا بەكلا كۈنۈپ قاپتىكەنمەن ،مىنىڭ سىڭلىم تۇرسا بۇنچىلىك سېغىنىش بۇلىدىدە،
بىكەتكە كىردىم،بىكەت خادىمىدىن نايىنىڭ ماشىنىسى ھازىر كەلگەن ماشىنا قايسى ،مۇشۇ بىرە سائات ئىچىدە كەلگنى دىمەكچى ،دىدىم ،
خادىم يول تۇسۇلۇپ قاپتۇ بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرىلىپ كىتىپتۇ ،شۇڭا ھەممە ماشىنا يەنە بىر سائات ياكى يېرىم سائەتتىن كىيىن ماڭالايدۇ ،دەپ خەۋەر كەلدى ،ساقلاۋاتىمىز دىدى،
مەن :ھە ئەمسە  يەنە ئىككى ئۈچ سائەت ساقلىسام بۇلغىدەكتە؟
خادىم :بەلكىم ئۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەسمىكىن دىدى ،
ئەمسە مەن ئىككى سائەتتىن كىيىن كىرەي دەپ سىرىتقا چىقتىم،نەگە باراي ئەمدى بازا دىسە بېشىم ئاغرىدۇ مىنىڭ،يا سودام بولمىسا ،بوپتىلا بازا ئايلىناي،دەپ ئازراق مېڭىشىمغا تىلفون كەلدى ،ناتۇنۇش نۇمۇر ئىدى،
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قانداق ئەھۋال ؟
ياخشى سىز كىمۇ تۇنىمىدىمغۇ؟
ۋاي ئۇنتىغاق ۋاپاسىز بىردەممىدە ئۇنتۇپ قالدىڭىز ما ۋۇ ئەسكى ئۇنتىغاق ،دەپ ئەركىلەپ دىگەن ئىدى،
كۈلگۈم كەپكەتتى توۋا خاتا ئۇرۇپسىز ،
دەپتۇرشىمغا ئۇ قىزمۇ كۈلۈپ كەتتى ،تىلفوننى قۇياي دەپتۇرسام ئاكا دەپ چاقىردى،ئەمدى ھەمىنى بىلگەندەك بولدۇم ،
ئۇ تېخىچە كۈلۋاتاتتى ،
بولدى قىلە جىتتەك مىنى ھەجەپ ئەخماق قىلدىڭ ھە؟
كۈلكىسىنى توختاتماستىن ئاكا بەك كۈلگۈم كەپكەتتى تۇرۇپ تۇر دىدى ،
ماقۇل خېنىم ماقۇل ،نەگىراق كەلدىڭ؟
تۇرۇپ تۇرمامسە دەيمەن دەپ ئاران كۈلكىسىنى توختاتتى ۋە توختا سۇراپ باقاي،
ھە ماقۇل تىز بۇلە كۈلىۋەمەي،
ماقۇل غۇجام خاپا بولمىسىلا،دىدى ۋە يەنە كۈلدى،
يۇقرى  ئاۋازدا شوپۇر ئۇستام بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى نىمە دەپ سۇرىدى، بىرھازادىن كىيىن ھە رەھمەت ،دىدى ،
ھە ئۇماق  بامۇسىز ؟
ۋاي با قەيەركەن دىدىم ،
سېرىققۇيغا يېقىن يەركەن ئاكا بىز ماڭىدىغان بولدۇق ساڭا ھىلى تىلفۇن قىلىمەن مۇشۇ نۇمۇردا دىدى ۋە ئاللاھقا ئامانەت دىگىنىچەجاۋابىمنى كۈتمەستىن تىلفوننى قويدى،
ئەمدى بىكەتتە ساقلىسام بۇلامۇ يېقىنلا قاپتۇ دەپ ئويلاپ تۇرشىمغا بىر دوستۇم  نۇرمۇھەممەد دىگەن مەكتەپتىكى قۇلاق كەستى باللار قېتىدىكى بىرسى ئىدى
ئۇ يېنىمغا كەلدى ئوخخو ئەدەش بامۇ سىلە يۇقاپلا كەتتىڭلىغۇ ،قانداق ئەھۋال شاشمۇ يە دەپ چاخچاق قىلىدى،
مەنمۇ  بۇنداق چاخچاقلارنى خۇيمۇ سېغىنغان ئىدىم كۈندە ئېتىز ئىشى دەپ دوسلار بىلەن ئىزدىشىپ بۇلالمىغان ئىدىم ،
ھازىر مەن چاخچاق قىلاي دىسەم مەن ئۇلارنى ئىزدەپ بۇلالمىدىم ئۇلار بولسا ماڭا تىلفۇن قىپ تۇردى ئاداش بازاغا كەڭلا بىر كۈرشىلى سىلىنى كۆمەك ھەجەپ تەسلىشىپ كەتتى دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدى شۇڭا مەن چاخچاق قىلسام يېڭىلەتتىم،شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئاداش ئاران بىر كۈرۈشۈپتۇق تاماق يەيلى سىلىنى بىر رازى قىلىۋالاي دىگەن ئىدىم،
ئەلۋەتتە يەيمىزدە ئاداش سىلىنى ئاران تاپتىم مەن بۇنداق ۋاقىتتا يىمىگەن تاماقنى قانداق ۋاقىتتا يەيمىز ،دەپ مۈزەمگە قۇلىنى ئالدى ۋە مېڭلا سىلىنى مەن باشلاي دىدى،
ماڭدۇق ماڭدۇق ماڭدۇق ،بىر ئاشخانا ئالدىدا توختاپ مۇشۇنىڭغا كىرىلى دىدى
ماقۇل ئاداش  كەتتۇق دىيشىمگە ئۇ داۋاي داۋاي دەپلا تەڭلا كۈلدۇق ،
ئاشخانىغا كىردۇق شۇنچە پاكىز ئادەملەر كۆپ ئىدى ،
ئىشىك تۈيدە بىر جوزىدىلا ئولتۇردۇق ،
كۈتكۈچى :نىم تاماق يەيسىلە ؟
مەن پولو يەي،
نۇرمۇھەممەد :ئوخشاش بولسۇن ،دىدى
ئۇ :ھەئاداش نىمىشلابىلەن يۈرىسىلە ئۇنى بۇنى دەپ تاماقمۇ كەلدى ئۇزاق پاراڭلىشالمىدۇق پولو تەييار تاماق ئەمەسمۇ ،
دۇئا قىلدۇق ،
پۇل تۈلەي دەپ مېڭىشىمغا ئاداش نىم بولدىڭلا مەن باشلاپ ئەكىردىم مىيەگە تىلفونىڭلىنى ئېلىۋېلىڭلا دىگەن ئىدى قارىسام تىلفونۇم قاپتۇ ،تىلفوننى ئېلىپ بولغۇچە پۇلنى ئۇ تۈلەپ بوپتۇ ،
ئۇنىڭغا تىلفون كەلدى ھە دادا ھازىر باراي ،دەپلا تىلفوننى قويدى ۋە ئاداش كۈرشەمىز ئالدىراش بىر ئىش چىقىپ قالدى ،دەپلا خوشلاشتۇق ،
داۋمى بار





330 قېتىم كۆرۈلدى بىرتامچە 2280305596 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-19 14:21:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ