ماشىننى توختات
ھىكايە
ئاپتۇرى :خانقىز تۇرغۇن (چەشمە )
قىز : بىز نەگە ماڭدۇق ،،،؟
ئەر: ئالدىمىزدا يېڭىدىن ئېچلغان كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى با شۇيەرگە كىرىپ،،،،،- ئەرنىڭ سۆزى تۈگەپ بولغۇچە قىز گىپىنى بۆلىۋەتتى
قىز: مىنىڭ دوستۇمچۇ؟ ئۇ يوققۇ ؟كەينىمىزدىن كىلىدىغان بولغان. بىرەر ماشىنىمۇ كۆرۈنمەيدۇ،،،،،،
ئەر: ۋاي- ۋۇي ،خېنىم !! مەن ئادەم يەمدىكەنمەن
قىز: دوستۇمنى ساقلاپ تۇرايلى، ئۇ كەلگەندە بىللە بارايلى
ئەر: سز راستىنلا ئەزەلدىن مۇشۇنداق ساددىمۇ ياكى مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ يۇۋاش كۆرۈپ چېلۋاتامسز....؟
قىز: بۇ نىمە دىگىنىڭىز...؟
ئەر : ماڭا قاراڭ بۇ مۇنداق گەپ دەڭە ئاپپاق قىزچاق ، سزنىڭ دوستىڭىز ئالدىنقى ھەپتە مەندىن 5000 يۈەن سورىغان دەڭە ،شۇ پۇلنىڭ ئورنىغا،،،،،،،
قىز :-5000مىڭ يۈەن -قىز بىردەم تۇرۇپ قالىدى ئەرنىڭ كىيىنكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدى ۋە تېزلا ھوشيارلىشىپ -5000يۈەننى ئۇ سورىسا ،مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى ،،،؟!،
ئەر: ھەببەللى ،مانا ئەمدى بىلگەنسز ،-قىز يەنىلا تېڭىرقاپ قالغان ئىدى - دوستىڭىز سزنى ياخشى قىز دىگەچكە ئاغىنلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ بىرەرخالىي ياتاقتا ئىككىمىز ئايرىم مۇڭدىشپ ،ئۆزئارا ياخشى تۇنۇشۇپ،سزنى ئۆزەمنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتىم قىلاي دەپ،،،، -ئەرنىڭ سەت ھىجىيىشى بىلەن ياپلاق يۈزى تېخىمۇ كۆرۈمسىز بولۇپ كەتتى ،،- دوستىڭىز ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشى ئۈچۈن ئۈچۈن جاپا چەكتى،بۇنىڭ ھېسابىغا مەن ئۇ 5000 يۈەننى بولدى ئالمايمەن ،ئوغۇل بالا ،ئەركەك گىپىمدە تۇرىمەن
ئەر شۇنداق دەپ ئوڭ قولى بىلەن مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى شاپلاقلاپ قويدى ۋە قىزنىڭ ئويغا چۆمۈپ تۇرغىننى قۇشۇلدى دەپ ئويلاپ قىزنىڭ قولىنى تۇتماقچى بولدى ،قىز ئۇنىڭ قۇلىنى قاتتىق سىلكىۋەتتى ،ئەمەلىيەتتە قىز شۇ تاپ ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ، دادىسى دېمەتلىك ، تەلەتىنىڭ سەتلىكىگە باقماي ، يۈزى چىمىلداپمۇ قويماستىن مەيدىسگە شاپلاقلاپ ۋەدە بېرىپ ،چىن ئەركەكلىك شەنىگە قارا سۈرتىۋاتقان ، بۇ ئادەم سۆلەتلىك ،ھايۋان سۈپەت نىجىسنىڭ چاڭگىلىدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتاتتى ا!!!!!! ،،،،ئەر قىزنىڭ ئاسانلىقچە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەنە يۇمشاق گەپ قىلىدى -قىزچاق ،دوستىڭىز ئاللىقاچان ئاغىنەمنىڭ ماشىنىسغا چىقىپ ،بارىدىغان يەرگىمۇ بېرىپ بولدى ،ھەقاچان بۇ چاققىچە ئىككىسى ياتىدىغان يوتقانغىمۇ كىرىپ بولغاندۇ ،بىزمۇ تېزراق بېرىپ ئارام ئالايلى ھە،بولدى ئەمدى غەلۋە قىمماڭ ،،،،
قىز ئەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بەدىنىگە مۇز تاڭغاندەك توڭلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ، بۇ سوغۇق ھەتتا قىزنىڭ يۈرىكىگىمۇ بۆسۈپ كىرمەكچىدەك قىلاتتى ،،،قىزنى قورقۇنچلۇق تىترەك باستى ،،
قىز :مەن ئۆيگە قايتىمەن ،،مىنى ئاپىرىپ قويۇڭ ياكى بولمىسا ماشىننى توختىتىڭ مەن ئۆزەم ماشناتۇسۇپ ماڭىمەن
ئەرنىڭ چىشى غۇچىرلاپ كەتتى ، ئىككى قۇلى رولدا بۇلۇپ بىر قاراپلا بۇ مۇشتلارنىڭ ناھايتى چىڭ تۈرىلگىننى بىلۋالغىلى بولاتتى
ئەر : ئۇنداق جاھىللق قمماڭ ھە ئومقۇم ،ھېرىپ كەتتىڭىز ئالدىمىزدىكى كوچىدىن قايرىلساقلا شەھەر بويىچە مۇھتى ئەڭ ياخشى بىر مېھمانخانا بار،ئۇ يەرگە بارغاندا ھۇزۇرلىنىپ ھاردۇقىڭىز چىقىپ قالىدۇ ،،،،،
ئەر ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ بەكرەك سەت ھىجايدى بۇ ھىجىيىش قىزنىڭ جان-جېنىغا تەگدى
قىز: ماشىننى تېز توختات ،مەن چۈشۈپ قالىمەن ،ماشىننى توختات!!!
ئەر بىرقولىداماشىننى ھەيدەپ يەنە بىر قولىدا قىزنىڭ ماشىنا ئىشىكىنى ئاچماقچى بولغان قۇلىغا ئېسىلىدى ،بۇ ئارىدا قىزنىڭ تىرنىقى ئەرنىڭ قۇلىنىڭ دۈمبىسىنى تاتلىۋالدى ،،،ئەرنىڭ ئاچچىقىنىڭ تەسىردە كۆزلىرىگە قىزىللق تولدى .ئەر بىكارتۇرغان قۇلى بىلەن قىزنىڭ ئېڭىكىنى بوغدى
ئەر :سەن كىمگە بۇيرۇق قىلۋاتىسەن؟ ماڭا ئەركىلەۋاتامسەن ؟ۋۇ ئىززىتىنى بىلمەيدىغان رەپرەپ ئۆيگە قايتىدىغان نوچى كېچىدە بۇ يەرگە پوق بامىكىن دەپ كىلىشكەنما ؟؟؟ ،،،،مەن سېنى ئۆيڭگەئاپىرىپ قويامدىمەن تېخى !!ئۇخلاپ چۈشۈڭ ،،،،،،
ئەر قىزنى سىلكىپ قۇيۋەتتى قىز ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ بولالماي ماشىننىڭ ئالدىغا ئۈسىۋالدى، قىز ئاغرىقنى سەزمىگەندەك ئەرگە گەپ ياندۇردى - رەپ رەپ دەپ سەندەكلەرنى دەيمىز ،،مىنىڭ ئېلۋەتكەن تىرنىقىممۇ سەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ،،،،سىنى تۇققان ئاناڭمۇ ئايال كىشىغۇ ۋۇ ھايۋان! ماشىننى توختات!!،،،،،،،
ئەر: ئىچىمنى سىقما رەسۋا،،،ھېلى بىكا !!!!!
قىز: ماشىننى توختات ،،،بولمىسا ،،،بولمىسا ماشىنىدىن سەكرەيمەن ،تېز توختات
ئەر :ئاغزىڭنى يۇم دېدىم ،،ماڭا قۇرۇق پوپوزا قىمما ،،ئالدىرماي تۇر ھە
ئەر ماشىننىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى ،قىز دېرىزە سىرتىغا قارىدى ئۇ مۇنۇلارنى ئويلىدى
مەيلى قانداق بولسۇن ماشىنىدىن سەكرەپ ئۈلۈپ قالىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇ ھايۋانغا بوزەك بولمايمەن ،،،سەكرە گۈزەل ،،،سەكرە،،داداڭ ئاپاڭ سىنى دائىم ئوغۇل بالىدەك جېنى بار قىزىم دەيدىغۇ ،شۇ ئوغۇل باللاردەك كۈچۈڭنى ئەمدى ئىشلەت،ئۆزەڭنى قوغداشقا ئەسقاتمىغان كۈچۈڭنىڭ قۇرۇق يەلدىن نىمە پەرقى ،،،،
قىز بىر نىيەتكە كەلدى ،،،،ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن تۇتۋېلىپ ئەرگە دېدى
قىز :ماشىننى توختات
ئەر: تولا چىشىمغا تەگمە،،
ئەر بىر قولىدا ماشىننىڭ رولىنى تۇتۇپ يەنە بىر قولىداتېلفۇن ئېكرانىدىكى ئۇچۇرنى ئۇقۇپ ماڭغاچقا ماشنا سۈرئىتىنى سەل ئاستىلاتتى ،بۇ چاغدا گۈزەل چاققانلىق بىلەن ماشنا ئىشىكىنى ئېچىپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى،،،،
قىز ماشىنىدىن سەكرەپ يول بويىدا دۆۋلەپ قويغان ماي تۇڭىغا سۇقىلدى ،ئەر ماشىننى توختتىپمۇ قويماستىن ئۇچقاندەك كىتىپ قالدى ،شۇ تاپ گۈزەلنىڭ كۆز ئالدىدا دوستىنىڭ چىرايى پەقەتلا شۇ دوستىنىڭ چىرايى پەيدا بولدى ،گۈزەل ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى:
-سەن مىنىڭ دوستۇم شۇنداقمۇ؟ قانداق جۈرئەت قىلدىڭ ؟ماڭا بۇنداق يامانلىق قىلىشقا ،مىنى ئاشۇ ھايۋانغا تاشلاپ كېتىشكە كۆڭلۈڭ قانداق رۇخسەت قىلدى؟ ،،،،ماشىنىدىن سەكرىمىگەن بولسام ،،،مەن قانداق كۈنگە ،قانداق قىسمەتكە دۇچ كىلەتتىم؟؟....
قىز يولدا كېتىۋاتاتتى ،يەرگە خېلى قاتتىق چۈشۈپ ،بەدەنلىرىنىڭ بەزى جايلىرى ئاغىرۋاتقان بولسىمۇ قىز ئەركىن نەپەس ئالدى ،قىز ئۇ دوستىنى كۆڭۈل خاتىرسىدىن پۈتۈنلەي يۇيۇپ چىقىرۋەتتى .قىزنىڭ خاتىرسدە ئۇنداق دوست ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس ،،،،،قىز ئۇزۇن ئۆتمەيلا كوچا چىراقلىرىنىڭ نۇرى ۋە كېچە گۈزەللىكى قۇشۇلۇپ باشقىچە تۈس ئالغان شەھەرگە كىرىشتىكى ئاسفالت يولنىڭ ئېغىزغا كەلدى ،قىزنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش يۈزىنى بويلاپ ئاستا ئاستا سىرغىدى ،،،قىزنىڭ كۆزىدىن ئاققىنى بىر تامچىلا ياش ئەمەس ،،،بۇ قىزنىڭ كۆڭلىدىكى خوشاللىق ۋە خاتىرجەملىكنى ئىپادىلىنىشى،،،قىز يەنە بىرقىتىم ئەركىن نەپەس ئالدى،،،،
قىز بارا -بارا شەھەر ئىچىگە يېقىنلاشتى ،ئۇ ئەمدى ماشىنا توسۇپ ئۆيىگە قايتىدۇ، تاكسى شوپۇرغا يۈرەكلىك ھالدا : (مەن ئۆيگە قايتاتتىم' مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ )دەيدۇ شوپۇرمۇ قىزغا يامان نىيەتتە بولمايدۇ ،قىز خۇددى ئۆزىنىڭ ماشىنىسدا ئولتۇرغاندەك خاتىرجەم قايتىدۇ قىز شۇلارنى ئويلاپ قەدىمنى تېزلەتتى ، شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرىغا ئىز سېلىپ ئۆتىدىغان سان - ساناقسز تاكىسى ماشىنلىرىنىڭ سايىسمۇ كۆرۈنمەيتى ،قىز خېلىلا ماڭدى ،،،،ھەرخىل تىپتىكى ماشىنلار كەينى- كەينىدىن كېلۋاتاتتى ،،ماشىنلارنى كۆرگەن قىزنىڭ كۆز ئالدىدا بۈگۈن ئۇچىرغان كۆڭۈلسز ئىشلار كىنو لىنتىسىدەك لىپ قىلپ ئۆتتى ،قىز ئەسلى چوڭ ئاپتۇبۇس كەينىدىكى تاكسنى تۇسۇش ئۈچۈن قۇلىنى كۆتۈرگەن ، بايا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئېسىگە كىلىشى بىلەن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قۇلىنى شۇنداق تېز چۈشۈرۋالدى ،،،قىزنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر تاكسى سىگنال بېرۋاتاتتى تاكسى شوپۇرى قىزنىڭ قاراپ تۇرغىننى كۆرۈپ بۇ يەردىن كىتىش ئۈچۈن تاكسىنى قوزغاتتى ،تاكسى قىزنى يېنىغا كەلگەندە قىز تاكسى ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلغان كۆرسەتكۈچ تاختاينى كۆرۈپ توختىماي ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان بۇ تاكسىنى ئۆيگە خاتىرجەم قايتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ماشىندەك ھېس قىلپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن قولنى پۇلاڭلىتىپ ۋارقىردى
-ماشىننى توختىتڭ! مەن ئۆيگە قايتىمەن ،توختاڭ !!!
گۈزەل ئاپىسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى
ئاپسى : قىزىم تېز بۇلۇڭ ،،،ئەمدى ماڭمىسڭىز كېچىكىپ قالسز،،،
گۈزەل كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى ،،
قىز: ئۇھ ،ئەسلىدە چۈشىمكەندە ،،نىمە دىگەن قورقۇنچلۇق ،،،
گۈزەل بىر ئەسنەۋېتىپ چۈشىنى ئەسلىدى،ئەسلى ئۇ چۈش كۆرگەن ئىدى
ئاپتورى :خانقىز تۇرغۇن (چەشمە )
2016-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى (ئاقسۇ *)
565 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-10 14:01:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-17 3:20:55 | zaynura |
yahxi yeziliptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|