قانلىق پاجىئە (ۋەھىمىلىك ئەسەر)

 قانلىق پاجىئە

مۇساجان مۇھەممەد (سەردار)


- ئادىل، ئورنۇڭدىن تۇر، تېز بول، سائەت توققۇزدىن ئاشتى، مۇشۇنداق ۋاقىتقىچە ئۇخلىغان بارمۇ:- دادىسى شۇنداق ۋارقىرىغىنىچە ئادىلنى ئويغاتتى.
- نېمە بولدى دادا، بۈگۈن شەنبە بولغاندىكىن نېمە بوپتۇ، بەرىبىر مەكتەپكە بارمايمىز، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ دادا:- ئادىل خوش ياقا خوش ياقماس تەلەپپۇزدا شۇنداق دېگىنىچە دادىسىغا يالۋۇراتتى، دادىسىنىڭ بولسا قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ:
- ھوي ئادەمنى نېمانداق جىلە قىلىسەن،  ئوغۇل بالا دېگەن ئۇنداق تاپ بولسا بولمايدۇ، ھېلىمۇ ئون يەتتە ياشقا كىرىپ قالىدىڭ، يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆيلەپ قويساق خوتۇنۇڭنى قانداقمۇ باقارسەن، خوتۇنىڭدىن تاياقلا يەيدىغان تاياققېپى بولىدىغان ئوخشايسەن:- دېدى دادىسى ئاچچىقلانغان ھالدا.
ئادىل بولسا دادىسىغا دومسىيىپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن، ناھايتى خاپا بولغان ھالدا كىيم- كېچەڭلىرىنى كەيدى. دادىسىنىڭ كاللىسىدا، ئادىل چوڭ بولسا قانداقمۇ جېنىنى جان ئېتەر دېگەن  ئوي ئەكىس ئېتىۋاتاتتى.
دېمىسىمۇ ئادىلنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن ئىدى، يەنە كېلىپ ئويۇن دېگەنگە بەكلا ھېرىسمەن بولۇپ، مەكتەپتىكى ئويۇن خۇمارلارنىڭ باشلامچىسى ئىدى، ھە دېسىلا تورخانىدا، ھە دېسىلا كەچلىك كۇلۇبتا يۈرەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن دادىسى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن بەكلا ئەنسىرەيتى.
- ئادىلجان، مەن بۈگۈن ئەمگەككە چىقىمەن،
بەلكىم ئەتە قايتىپ كېلىشىم مۇمكىن، ئاپاڭ ئىشقا بۇيرىسا ئىشتىن قاچماي ياخشى ياردەملىشىپ تۇر، مەن كەلگەندىن كىيىن قەيەرگە بارساڭ مەيلى:- دېدى دادىسى.
ئادىل بولسا:
- خاتىرجەم بول دادا، ئاپامنى ئەمدى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن، نېمە دېسە شۇنى قىلىمەن:- دەپ دادىسىنى تېزراق مېڭىشقا ئالدىرىتىۋاتاتتى.  ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، دادىسى تەييارلىقلارنى قىلىپ بولۇپ،  ئەمگەككە ماڭدى. ئادىل بولسا بەكلا خۇشال ئىدى، چۈنكى دەككىسىنى بېرىدىغان ئادەم كەتتى ئەمەسمۇ.
ئانىسى ئادىلنى كىچىكىدىن بىر بالا دەپ ئەتىۋارلاپ باققاچقىمۇ، ياكى ئادىلغا گەپ ئۆتكۈزەلمەمدۇ ئىشقىلىپ ئانچە بەك ئىشقا سېلىپ كەتمەيتتى، ئىشقا سالغان تەقدىردىمۇ ئادىل ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى ناتايىن، ئۇنىڭغا دادىسىدىن بۆلەك ئادەم بىكار ئىدى. ئادىلمۇ سىرتقا چىقىپ ئويناپ كىرەي دەپ ئويلىدىيۇ، دادىسدىن تەنقىدلىنىشتىن قورقۇپ، كىچىك بالىدەك ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردى.  ئادىلمۇ تېلېۋىزورغا بېرىلىپ كېتىپ ھېچ نەرسە يېمىگەنلىكتىن قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن ئىدى.  ئانىسى بولسا ئادىل بىلەن كارى بولماي باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلدى.
كەچ كىرەي دېدى، ئاپىسى قوي-كالىلارغا يەم بېرىۋاتاتتى، ئادىل يۈگەرگىنىچە ئاپىسىنىڭ يېنىغا كىردى-دە، ۋارقىراپ:
- ئاپا، ئاپا قورسۇغۇم بەك ئېچىپ كەتتى، يا ئۆيدە يېگۈدەك يۇمشاغراق نانمۇ قالماپتۇ:- دېدى.
ئاپىسى بولسا:
- ئەتىگەندىن كەچكىچە ياردەملىشەي دېمەي تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇردۇڭ، تېلېۋىزور كۆرسەڭ قورسىقىڭ تويۇپ قالامدىكەن؟، قاچانمۇ تويارسەن شۇ تېلىۋېزۇرغا؟، سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسەڭ بىزدىن كىيىن قالساڭ قانداقمۇ جېنىڭنى جان ئېتەرسەن؟:- دېگىنىچە ئادىلغا كايىپ كەتتى.
ئادىل بولسا قىزىرىپ، ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ تۇراتتى.
ئادىلنىڭ ئاپىسى يەنە:
- مەن قويلارغا يەم بېرىۋېتىپ تاماق ئېتەي،ئۇنىڭغىچە سەن باغدىكى تېرەكنىڭ كېسىۋېتىلگەن شېخىدىن ئازراق ئوتۇن قىلىپ ئېلىپ كىر، لىكىن سۆگەت دەرەخلىرىگە ھەرگىز چېقىلما، پالتا ئاۋۇ ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا:- دەپ ئېغىلنىڭ يەنە بىر ئىشىكىسىنى ئىشارەت قىلدى.
ئادىلمۇ ئۈن-تىنسىزلا ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىكى پالتىنى ئېلىپ باغقا ئوتۇن كەسكىلى چىقىپ كەتتى.
ئاپىسى يەنە قايتا-قايتا جىكىلەپ:
- سۆگەت دەرەخلىرىگە ھەرگىز چېقىلما:-دەپ ۋارقىرىدى.

بۇ باغمۇ خېلىلا چوڭ ئىدى.
بارا-بارا كەچ كىرىشكە باشلىدى. ئادىلغا ئوتۇن كېسىپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىش خوش ياقماي، ئالدىغا ئۇدۇل كەلگەن ئوتۇنلارنى ئاچچىقىدا پالتا بىلەن چېپىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئون نەچچە تۈپ سۆگەت دەرەخلىرى بار بولۇپ، قاراشقىلا چوڭلۇقىدىن خىلى قەدىمى دەرەخلەردەك قىلاتتى. ئادىلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگىلىمۇ ئەمدى بىر يىل بولاي دېگەن ئىدى. شۇڭا ئادىل ئۇ سۆگەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتى. ئوتۇن تېرىش ئۈچۈن ئازغىنە يول مېڭىشقا خۇشياقماي تۇرغان ئادىلنىڭ كۆزى شۇ سۆگەتلەرنىڭ  قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بەزى شاخلىرىغا تىكىلدى-دە كۆڭلىدە، مۇشۇ سۆگەتلەرنىڭ قۇرۇپ قالغان شاخلىرىنى كېسىپلا كىرمەيمۇ، باغنىڭ ئۇ باشتىن بۇ باشقا ئوتۇن يۆتكەپ جاپا تارتقۇچە، يەنە كېلىپ تېرەكنىڭ شاخلىرى باغنىڭ ئۇ تەرپىدىكى بۇلۇڭدا تۇرسا، دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، توغرىسنى ئېيتقاندا ھېساپقا ئالمىغاندەك سۆگەتنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ قۇرۇپ كەتكەن شاخلىرىنى كېسىشكە كىرىشىپ كەتتى.
ئادىل بىر دەمدىلا خېلى كۆپ ئوتۇنلارنى كېسىپ بولدى. ئۈچىنجى قاتاردىكى سۆگەتنىڭ قۇرۇپ قالغان شاخلىرىنى كېسىۋاتاتتى، توساتتىنلا ئۇ كېسىۋاتقان بىر شاخنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن قىزغۇچ قارا سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىتى، ئادىل ئۇ نەرسىنىڭ قان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر مۇزدەك بىر سوغۇق شامال كېلىپ ئادىلنىڭ بەدەنلىرىنى شۈركەندۈرىۋەتتى.ئۇنى بىر خىل سۈر بېسىۋاتقان بۇلۇپ، ۋەھىمە قوينىغا غەرق بولغان ئىدى.قورققانغا قوش كۆرۈنەر، دېگەندەك  باغنىڭ ئىچىمۇ خېلىلا سۈرلۈك تۈسكە كىرىپ قالدى.
توساتتىنلا باغنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىر توپ جەسەتلەر پەيدا بولۇپ، قۇرۇپ ئىسكىلىتلىشىپ كەتكەن قوللىرىنى سوزغىنىچە ئادىلغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتاتتى.
ئادىل بولسا نىمە قىلارىنى بىلمەي جىددىلىشىپ كەتكەنلىكتىن دەرەختىن يىقىلىپ كەتتى-دە قاچماقچى بولدى.
لىكىن ئۇنىڭ پۇتىنى بىرسى تۇتۇۋالغاندەك ھېچ بىر ھەركەتلىنىدىغاندەك ئەمەس. جەسەتلەر بىلەن ئادىلنىڭ ئارلىقى نەچچە قەدەملا قالغان ئىدى.
ئارىدىن تەخمىنەن ئوتتۇز سىكۇنت ئۆتكەندىن كىيىن جەسەتلەر سەت ئاۋازدا خىرقىرىشىپ ئادىلغا تولۇق يېقىنلىشىپ بولغان ئىدى. ئادىلغا توساتتىنلا بىر غەيرەت كەلدى-دە يېنىدا تۇرغان پالتىنى قولىغا ئېلىپلا جەسەتلەرگە قارتىپ شىلتىدى.
ئويلىمىغان يەردىن پالتا جەسەتلەرگە تەگمەي بوشلۇقتا قالدى. ئادىل بۇ جەسەتلەرنى خىيالى-تۇيغۇم ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى- دە، تېزدىن ئۆيگە كىرىپ كېتىش ئۈچۈن ئوتۇننى ۋە پالتىنى جايىدا قويۇپلا ئۆيگە يۈگەردى. ئانىسى ئادىلنىڭ بۇنچە جىددىلىشىپ، تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سېزىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ بەزى كۈنلىرى كەچتە باغقا چىققاندا سۆگەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى كاۋچۇكتا قىزغۇچ كۆك رەڭدە ئوت كۆيۈپ تۇردىغانلىقىنى ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قېلىپ، ئۇ دەرەخلەردە چاتاق بارلىقىنى بىلگەن ئىدى.شۇڭا نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ سورىدى:
- ئادىل، نىم بولدى بالام، چىرايىڭ تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟ قېنى ئوتۇنلار؟ مەن سېنى ئوتۇن ئېلىپ كىرىشكە بۇيرىغانتىمغۇ، ئەجەبا، ئەجەبا سەن.:- دېدى.
ئادىل بولسا:
- ئۆزۈڭ ئېلىپ كىر، مەن ئەمدى باغقا ھەرگىزمۇ چىقمايمەن:- دېگىنىچە ئۇدۇل ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئاپىسى بىر ئىشتىن ئەنسىرىگەندەك بولۇپ تېزدىن باغقا چىقتى. ئۇنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ئاخىرى يۈز بەردى. سۆگەتنىڭ شاخلىرى كېسىلگەن بولۇپ، ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان جىنلار، ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئادىلنىڭ ئاپىسى قورققىنىدىن تېزلا يۈگۈرگىنىچە، ئادىلنىڭ قېشىغا كىردى-دە ئادىلغا:
- سەن جۇۋاينىمەك نېمە ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇڭ؟، سېنىڭ دەستىڭدىن بىزگە كۈن بارمۇ يوقمۇ بۇ ئۆيدە؟، قاراپ باقە قىلغان ئىشلىرىڭغا؟، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟، مەن ساڭا نېمە دېگەن؟، بىر ئېغىز گېپىمنى ئاڭلاپ قويساڭ بولمامدۇ؟، ئەمدى بالانىڭ چوڭىنى تېرىپسەن، بۈگۈن كەچ نېم ئىشلار يۈز بىرەر ئەمدى:- دېگىنىچە ئادىلغا كايىپلا كەتتى. شۇ تەرىقىدە دېرىزىنىڭ ئەينەكلىرى قاتتىق غىچچىرلاشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا ئىككى قارا مۈشۈك دەرىزىنىڭ ئەينىكى ئالدىدا پەيدا بولدى-دە، ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ دېرىزىنى تاتلاشقا باشلىدى. ئادىلنىڭ كۆزلىرى بولسا يوغىناپ، پولتىيوپ ئېتىلىپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئادىلنىڭ ئانىسى ئادىلنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ كۆزى ئېتىلىپ كېتەرمىكىن دەپ بەكلا قورقۇپ كەتتى ۋە ئادىلغا:
-  قورقما بالام مەن بار، ساڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ:- دەپ تەسەللىي بېرىۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن ئىككى جىن، باشلىرىنى ئۆينىڭ ئىچىگە تىققىنىچە ئۇلارغا قاراپ خىرقىراق ئاۋازدا:
- ئۆيىمىزنى چېقىۋەتتىڭ، ئۆيىمىزنى چېقىۋەتتىڭ، ئۆيىمىزنى قايتۇرۇپ بەر، ئۆيىمىزنى چېقىۋەتتىڭ، سەن ئەمدى ئۆلىسەن، سەن ئەمدى بەدەل تۆلەيسەن:- دېدى. ئادىلنىڭ ئانىسى ئۇ ئىككى جىننىڭ چىرايىغا قاراپ بەكلا قورقۇپ كەتتى. بىرىنىڭ بۇرنى يوق بولۇپ، بۇرنىنىڭ ئورنى تۈپتۈز، ئىككى تال كامار ئىدى، چىرايىدا بولسا قانمۇ يوق، رەڭسىز، ئاپئاق ئىدى، بېشىدا بولسا بىر تال تۈكمۇ يوق، ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئىدى، يەنە ئاغزىدىن ساپسېرىق بىر سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇراتتى.
يەنە بىرىنىڭ بولسا يۈز-كۆزىنىڭ تېرىسى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، يۈزىنىڭ سۆڭەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، كالپۇكى يوق، ئىككى تال چىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن پىلنىڭ چىشىغا ئوخشاش مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭمۇ بۇرنى يوق بولۇپ بۇرنىنىڭ ئورنى تۈپتۈز، ئىككى تال تۆشۈك بار ئىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بولسا ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن كۆپكۆك تۈكلەر تۇراتتى. كۆزىدىن بەئەينىئى غەزەپ ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.
ئادىلنىڭ ئانىسى بۇ ئەھۋاللاردىن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى، ئادىلمۇ قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك، كۆزلىرى يوغىناپ چەكچەيگەن، پۇلتايغان ھالدا جىممىدە تۇراتتى.
قورققانغا قوش كۆرۈنەر دېگەندەك، ھويلىدا نۇرغۇنلىغان چىرقىرىغان، غەلىتە ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، بۇ ئاۋازلار بارغانچە ئۆيگە يېقىنلاپ كىرمەكتە ئىدى، ئاۋاز قانچىلىك يېقىنلىغانسېرى شۇنچە ئېنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى، بايامقى دېرىزىنى تاتلاپ تۇرغان مۈشۈكلەرنىڭمۇ بارغانچە شەكلى ئۆزگىرىشكە باشلىدى-دە، جىن ئالۋاستىلارغا ئۆزگەردى. ئۇ مۈشۈكلەرنىڭ بىرى ئۇزۇن ئاق چاچلىق بىر ئايال جىن بولۇپ، چىرايىدىن شۇنداق سۆرۈن تەلەت، بەكلا ياۋۇز، قورقۇنچلۇق كۆرۈنەتتى. يەنە بىرى بىر ئەر جىن بولۇپ، ئىرماش-چىرماش كالتە چاچلىرى  ئادەمگە بەكلا سۈر بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭسىزمۇ چىرايى بەكلا بەتبەشىرە بولۇپ،  خۇددى نەچچە يۈز يىل ئاۋۋالقى جەسەتتەكلا، ئادەمگە تەسۋىرلىگۈسىز ۋەھىمە بېرىپ تۇراتتى، بۇ ئىككى مۈشۈكتىن  ئۆزگەرگەن جىنلار دېرىزىنىڭ ئەينەكلىرىنى ھە دەپ مۇشلىماقتا ئىدى.، بارغانچە دېرىزى
نىڭ ئەينەكلىرىمۇ چاك ئېلىپ سۇنۇشقا باشلىدى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا، خىرقىراق ئاۋازدا:
- ئۆيىمىزنى چېقىۋېتىپتۇ، ئۆيىمىزنى چېقىۋېتىپتۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى؛- دېگىنىچە دېرىزىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلغان يەرلىرىدىن كىرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىنلا نۇرغۇنلىغان جىنلار ئىشىكتىن ئاستاغىنە قەدەملىرى بىلەن كىرىشكە باشلىدى. يەنە ھەممىسى خىرقىراق ئاۋازىدا ئوخشاشلا بىر گەپنى تەكرارلايتتى، يەنى:
- ئۆيىمىزنى چېقىۋېتىپتۇ، ئۆيىمىزنى چېقىۋېتىپتۇ، ئۆلتۈرۈۋېتەيلى!، ئۆلتۈرۈۋېتەيلى! ئۇلارنىڭ روھىنىمۇ تىنچ قويمايلى:- دېيىشەتتى.
پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككىسىلا باشقا گەپلەرنى دەيتتى. بىر پۇتى يوق، پۇتىنىڭ ئورنىدا قان تامچىپ تۇرغان بىرى:
-  پۇتۇمنى قايتۇرۇپ بەر، پۇتۇمنى قايتۇرۇپ بەر:- دېگىنىچە پۇتىنى كۆرسەتتى.
بېشى يوق يەنە بىرى بولسا:
- بېشىمنى قايتۇرۇپ بەر، بېشىمنى قايتۇرۇپ بەر:- دەپ قولىنى سوزغىنىچە، ئادىلنىڭ ئانىسى تەرەپكە كېلىۋاتاتتى. ھويلىدا بولسا ھەرخىل قىيا-چىيا ئاۋازلار كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.
ئادىلنىڭ ئانىسى بەكلا قورقۇپ كەتكەنلىكتىن مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراي دېدى يۇ، لېكىن ئاغزى گەپكىمۇ كەلمىدى. بىردەمدىن كېيىن ئىشنىڭ تېخىمۇ چاتاق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئانا، ئادىلغا بىرەر ئىش يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇخلىغان ۋاقتىدا ياستۇق تېگىگە باسۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئەكىلىپ قويغان پىچاقنى قولىغا ئېلىپ يېقىنلاشقانلارغا شىلتاشقا باشلىدى. لىكىن ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى قىلچىمۇ كارغا كەلمىدى. تۇيۇقسىز غايىبتىن كۆرۈنمەس بىر قول، ئانىنىڭ گېلىنى سىقىشقا باشلىدى. ئانا بولسا قولىدىكى پىچاقنى تاشلىۋېتىپ، گېلىنى تۇتۇپ جان تالىشىشقا باشلىدى. ئۇ شۇ تەرىقىدە بىردەم جان تالاشقاندىن كېيىن، ئۇ نەرسە ئانىنى تامنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىغا ئېتىۋەتتى. تەلىيىگە ئانا بىر يوتقاننىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىدى. ئۆيدىن ھەرخىل قىيا-چىيا ئاۋازلارمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولۇپ، جىنلارنىڭ بەزىلىرى ئادىلنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئانىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قورساقلىرىنى تىرىك ھالەتتە ئۇزۇن ئۇچلۇق تىرناقلىرى بىلەن يېرىشقا باشلىدى. ئادىل ۋە ئانىسى ئاغرىققا چىدىماي قاتتىق ۋارقىرايتى. لىكىن جىنلار قىلچە رەھىم قىلماستىن بەلكى تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، بەدەنلىرىنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋەتكەنىدى، يەنە تېخى قانلىرىنى ئىچتى.
ئادىل ۋە ئانىسىنىڭ قورسىغى يېرىقلىق ھالەتتە تۇرسىمۇ ھېچ بىر جېنى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئانا كۆڭلىدە، بۇنداق قىينالغاندىن ئۆلۈپلا تۈگەتسەك بولماسمىدى، دەپ ئويلايتى. ئۇلار بىردەم قىينالغاندىن كېيىن، جىنلار ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋالدى. ئادىل ۋە ئانىسى ئاخىرى، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. جىنلارمۇ مۇرادىغا يېتىپ قاپقارا ئىس-تۈتەككە ئايلىنىپ نەلەرگىدۇر غايىب بولدى. ئەتىسى كەچ كىرگەن ۋاقىتتا ئادىلنىڭ دادىسى قايتىپ كەلدى-دە، ئۆيگە كىرىپلا بۇلغان ئىشلارنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە خىيالغا چۆكۈپ يېرىم سائەت تۇرغاندىن كېيىن. ئۆزئىختىيارلىقسىز ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالدى.
كېيىن خولۇم-خوشنىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرە نەرسە ئارىيەت قىلماقچى بولۇپ كىرسە ئىز-دېرەكسىزلا يوقاپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئىزدەپ كىرگەنلەرنىڭمۇ ئاقىۋىتى ئوخشاشلا بولاتتى. كېيىن بۇ ئىشنى بىلگەن باشقىلار بۇ مەھەللىدىن بىر-بىرلەپ كۆچۈپ كېتىشكە باشلىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مەھەللە  قەدىمىي خارابىلىققا ئايلاندى.

               ئاپتۇرى: مۇساجان مۇھەممەد (سەردار)

                         مەنبە:ئىپتىخار مۇنبىرى

     





9514 قېتىم كۆرۈلدى (سەردار) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-2 19:27:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-16 4:29:36 زەينۇرە
ئەسەرنى بەك ياختۇردۇم
2016-12-16 10:58:08 زۆھرە
بۇ ھېكايىلەنىڭ مەزمۇنلىرى بەك ياخشى يېزلپتۇ ئالۋاستى تۇمار دىگەن ھېكايىنىڭ ئاخىرسىنى ئەۋەتكەن بولساڭلا بوپتىكە
2016-11-30 0:05:03 گۈزەلنۇر
بەك ياخشى يېزىپسىز
2016-11-14 13:32:51 سەۋىرئاي
رەھمەت بەك ياخشى ئىكەن
2016-11-12 15:12:48 soyarman
rahmat akikatan paizi yezi lep tu muxundah kor kunux luk yekayilar ni kop rak yezep awati xeng lar ni umut krlman
2016-11-12 1:43:27 ياقۇپ
بەك ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،ئ‍ەمما لېكىنزە كەچتە سىرىتقا چىققاندا قورقىۋاتىمەن جۇۇۇۇۇۇما……
2016-11-11 8:43:43 مەردان
ياخشى يېزىلىپتۇ
2016-11-11 7:38:42 (سەردار)
ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلارغا رەھمەت.
2016-11-9 20:19:29 پاتىمە
ئەسەرلىرىڭلا كۆندىن كۈنگە سەرخىل مەزمۇنلۇق بولۋاتىدۇ مەن بەك ياقتۇردۇم بەك ياخشى يىزىپسىلەر جاپا چەكتىڭلار،لىكىن قورقىنۇچلۇق ئەسەرلەر ئاز يوللىندىغان بولۇپ قاپتۇ شۇڭا يازغۇچىلار ئۈلگۇرتەلىسە ھەپتىدە تۆت مەزمۇندىن قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلار كۈندە قىلىپ ئۈلگۇرتەلمەيسىلەر ھەقاچان
2016-11-7 23:50:50 ئارسىلان
رەھمەت، بەك ياخشىكەن مۇشۇنداق ئەسەردىن يەنە يېزىپ يوللاپ تۇرۇڭ
2016-11-7 20:17:55 ئابدۇسالام
ياخشى يېزىپسىز رەھمەت ھارمىغايسىز.يەنىمۇ كۆپ مۇشۇنداق چۈشىنىشلىك، ياخشى، ئەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداش مەن.
2016-11-7 17:37:20 abdulla
rahmatyahxiasarkn
2016-11-7 15:27:12 يۈسۈپجان
دەششەت پەيزى يېزىپتۇ ، ھە چۈشىنىشلىك، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرۇڭ.
2016-11-7 15:09:16 kapsiz
ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم رەخمەت بەك ياخشىكىن
2016-11-7 9:07:09 ھەسەنجان
ياخشىيېزلىپتۇ.
2016-11-7 0:32:32 گولۈم
ياخشى يېزىپتۇ . يەنە يېزىپ تۇرۇڭ
2016-11-6 15:44:48 ئابدىۋايىت
پەيزى ئەسەركەن
2016-11-6 13:35:53 ئابابەكرى
bak yahxe qikiotu kolliyma
2016-11-6 10:00:42 ئابلىكىمجان
پاھ ماۋۇ ئەسەر خېلى بولىدىكەن، ھارمىغايسىز!
2016-11-6 5:55:02 ئارزۇگۈل
ۋاھ، نېمىدېگەن ياخشى. بەك ياقۇردۇم، رەھمەت!
2016-11-5 17:10:38 ئەسرا
ياخشى چىقىپتۇ، بەكلا ياقتۇردۇم، 😍😍😍
2016-11-5 12:43:05 kalbinur
nimdegn sirlik hikaya bu amma bak yahxi yiziliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ