قاراڭغۇ ئورمان 5- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 5- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 شۇ خىياللار بىلەن توغراق يېزا ساقچىخانىسى ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماپتىمەن، ماشىنا توختىشىغا بېشىمنى كۆتەردىم .

- ۋوي ئۇيقۇڭ سەگەكقۇ ،- دىدى قاھار كۈلۈپ .

- ئۇخلىمىغانتىم .

- ھە ، ئۇخلىمىغان ئادەم يېتىۋېلىپ ئىچىمنى ئەجەپ پۇشۇردۇڭغۇ سەن .

 شۇ گەپلەر بىلەن ساقچىخانىدىكى تونۇش - بىلىش ، ئەل - ئاغىنىلەر بىلەن كۆرۈشكەچ ساقچىخانا باشلىغىنىڭ ئىشخانىسىغا كىلىپ ئىشكنى چەكتۇق . رۇخسەتتىن كىيىن ئىشخانىغا كىرىشىمىزگە خىزمەتتە پىشقان ، تەجىربىلىك ساقچىخانا باشلىغى ھەسەنجان ئاكا كۆلۈپلا ئورنىدىن تۇردى .

 - ھە كىلىڭلار ، ئەزىمەتلەر كىلىڭلار ، قارىشى ئالىمىز ، كىلىدىغىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ خېلى بولغان سىلەرنى ساقلىغىلى .

 بىزمۇ سالام - سائەتتىن كىيىن تەكەللۇپ قىلىپ قويدۇق :

- ئاكا سەت ئىش قىپتۇق سىزنى ساقلىتىپ ، ئىشىڭىزغا دەخلى قىپتۇق .

ھەسەنجان ئاكىمۇ تەكەللۇپ بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ، ئالدىمىزغا مىۋە - چىيۋە، چاي قويۇلدى ، بىز خاتىرىمىزنى ئېچىپ باشلىقتىن ئەھۋال ئىگەللەشكە باشلىدۇق، باشلىقنىڭ دەپ بىرىشىچە ، يوقاپ كەتكەن قىز پەرىدە بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتدىشى رىزىۋانگۈلنىڭ قەبرە قېزىش جەريانىدا ھەقلىق ياردەملەشتۈرگەن دىھقانلاردىن ئوتتىرا ياشلىق ھامۇت ئىسىملىك ئادەم بىر قەدىمىي قەبرە توغۇرلۇق ئۇلارغا ئۇچۇر بەرگەن، ھەم ئۇ قەبرە توغىرسىدىكى بەزى بىر رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ، ئۇ قەبىرنىڭ ئورنىنى بىلىدىغانلىغىنى ، ئەگەردە ئۆزىگە مۇكاپات بەرسە ئېلىپ باردىغانلىغىنى دىگەن . كىيىن قىزلار قايتىدىغانغا ئاز قالغاندا قەبىرە ئورنىنى بىلىۋېلىپ قايتىماقچى بولۇپ شۇ ئادەمنى ئىزدىگەن،  شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئادەم بىلەن قىزلار ئىز - دىرەكسىز يوقىغان. ساقچىخانا ۋە باشقا ئورۇنلار ھەتتا ئاممىدىن بولۇپ نۇرغۇن ئادەم ئىزلىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق دىرىكىنى ئالالمىغان .

- ئۇ ھامۇت ئىسىملىك ئادەمنىڭ بالا - چاقىلىرى، يا ئۇرۇق - تۇققانلىرى بارمۇ ،- دەپ سورىدىم دەپ بەرگەنلەرنى خاتىرلىگەچ .

- يوق، ئۇ ئادەم توي قىلمىغان ، كىچىگىدىن يىتىم چوڭ بولغان، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىگە ياردەملىشىپ، كۈنلۈك ئىشلەپ، ھۈكۈمەتنىڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن كۈن ئۆتكۈزۋاتقان 50 ياشتىن ئاشقان ئادەم. ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرىمۇ ئاساسەن ئۈلۈپ كەتكەن، بىر ياشانغان چوڭ دادىسى، يەنى دادىسىنىڭ ئاكىسى بار ، ئۇ ئادەممۇ كىسەلمەن ، ئۈيىدىن سىرتلارغا ئاران چىقالايدۇ، بىزمۇ ئۇ ئادەمدىن ئەھۋال ئىگەللەپ باقايلى دەپ بارغانتۇق ، لېكىن ئۇ ئادەم چوڭ دوختۇرخانىغا كىسەل داۋالاتقىلى كىتىپتۇ ، ئاڭلىساق تۆنۆيگۈن كەپتۇدەك ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى ئىزدىدۇق ، تاپالمىدۇق .

 - رەھمەت ھەسەنجان ئاكا ،- دەپ ئورنىمدىن تۇردۇم ، - ھېلىمۇ كۆپ تىرىشتىڭلار ، بىزمۇ ئەھۋال ئىگەللەپ باقايلى ، مۇمكىن بولسا بىزگە بۇ يېزىغا ئەڭ پىششىق بىر ئادەم بەرگەن بولسىڭىز .

 قاھارمۇ ئورنىدىن تۇرغاچ قوشۇپ قويدى .

 - ھەربىر ئائىلىنى بىلگۈدەك بولسا تېخى ياخشى .

ھەسەنجان ئاكا كۈلۈپ:

- مەن ئالىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان چاقىراي، يەنە ياتاقلىرىڭلارنىمۇ كۆرۋېلىڭلار ، يەنە نىمە كىرەك بولسا دەۋېرىڭلار ، ئادەم كۈچىنىمۇ مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىمەن، چۈنكى بۇ ئىش يوقۇرىنىڭلا كۆڭۈل بولىۋاتقان ئىشى بولماي پۈتۈن يېزىدىكىلەرنىڭ دىقىتىنى تارتىۋاتقان ئىش، تىزراق تاپساق مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن ئەمەسمۇ ،- دەپ ئىپادىسىنى بىلدۈردى .

بىز چىقىپ ياتاقلارغا ئورۇنلۇشۇپ تۇرىشىمىزغا ھەسەنجان ئاكا بىر قىزنى باشلاپ كەلدى، قىزغا ساقچى فورمىسى شۇنداق ياراشقان بولۇپ، چىرايلىققىنە چىرايىغا ئالاھىدە ھۆسۈن قوشقانتى، ئۇ بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، ئۇنىڭ تۇرقىدىنلا ساقچىلىققا يارالغاندەك كەسكىن، جۈرئەتلىگى چىقىپ تۇراتتى.

- ئىسمى روشەنگۈل، ئۇ سىلەرگە ياردەملىشىدۇ، ئۇ ساقچىخانىمىزنىڭ گۈھىرى ھە .

- بولىدۇ ھەسەنجان ئاكا ، گۈھىرىڭىزدىن ياخشى پايدىلىنىمىز ،- دىدىم كۈلۈپ .

 - پايدىلىنىدىغان گۈھەر ئەمەس ھە ، لازىم بولغاندىلا چاقناپ قويىمىز .

 قىزنىڭ گېپىدىن قاھار بىلەن بىر - بىرىمىزگە قاراپ ھەسەنجان ئاكىغا ئەگىشىپ زورىغا كۈلدۇق، قارىماققىلا بۇ قىز بوش ئەمەستەك قىلاتتى.

- بولىدۇ ، ئاسراپ تۇرۇپ ھەمكارلىشىمىز،- دىدىم گەپنى بۇراپ .

- ھە ، بۇنداق بولمامدۇ گەپ ، قىز تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى.

بىز ھەسەنجان ئاكىنىڭ تاماق يەپ ئاندىن ئىشلەڭلار دىگىنىگىمۇ ئۇنماي ، ماشىنىغا چىقىشتۇق .

 - ئىسمىم ئەركىن ، تونۇشۇپ قالايلى ،- دىدىم مەن رولغا چىقىپ كەينىمگىمۇ قارىمايلا . - ئاڭلىغان ، مېنىڭ ئىسمىمنى بايا ئاڭلىدىڭىزغۇ ھە ؟

 مەن كۈلۈپ قويۇپ زىيادە گەپ قىلمىدىم .

 - مېنىڭ ئىسمىم قاھار ، سىز نىڭ مىجەزىڭىز موشۇنداق قوپالمۇ ؟

 - مەن قوپالمىكەنمەن ،- قىز كۈلۈپ قويدى ،- مەن قوپالمۇ ئەمەس ، لېكىن سىلەرنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە مۇئامىلە قىلمىغىنىڭلاردىن خاپا بولدۇم ، نىمە ئۇ پايدىلىنىمىز دىگەن ، بىز ساقچىخانىدىكىلەرمۇ سىلەردىكى شەھەردە كۈن ئۆتكۈزۋاتقانلاردىن قېلىشمايمىز.

قارىماققىلا قىزنىڭ خاراكتىرى ئۈستۈن ، ھەرقانداق ئىشتا بىرىنجىلىكنى تالىشىدىغان ، ھەرگىزمۇ قىز ئىكەنلىگىگە تەن بەرمەي ئوغۇللار بىلەن بەسلىشىدىغان قىزدەك قىلاتتى .

 - يولداش خاتا گەپ قىلغان بولساق كەچۈرۈڭ ، ھاياتلىقتا چاقچاقلىشىپ، چىقىشىپ خوشال ئۆتىدىغان گەپقۇ ،- قىزنىڭ مىجەزىنى يەنە بىلىپ باقماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتىم .

- توغىرا دىدىڭىز يولداش ،- ئۇمۇ دەرھال ئىنكاس بىلدۈردى ،- چاقچاقمۇ ئوخشاش باراۋەردە بولسا چىقىشىپ ئۆتىمىز ، بولمىسا دەككىسىنى بىرىدىغان گەپ قانداق دىدىم ؟

 قىزنىڭ جاۋابىدىن كىيىن قاھار بىلەن ئىككىيلەن بىر - بىرىمىزگە قاراپ كۆلۈمسىرگەچ كۆزلىرىمىزنى قىسىپ قويدۇق. بۇ ، ۋاھ بۇ قىز بولسىلا «زىرىكمىگۈدەكمىز » دىگەن مەنادا ئىدى. قىز بىزنىڭ ئىپادىمىزدىن كۈلۈپ قويدى .

- يولداش ، ھامۇت دىگەن ئادەمنىڭ چوڭ دادىسىنى يوقلاپ كەلسەك قانداق بولار ، قوشۇلارسىزمۇ؟

بۇ سۆزۈمدىن قاھارلا ئەمەس قىزمۇ كۈلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇۋاينىڭ ئۈيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .

 يېزا مەنزىرسى ئەڭ چىرايلىق ، مولچىلىق ۋاقتى بولغاچ ، يول ئىككى تەرپىدىكى ئۆيلەر ، ئۆي ئەتىراپىدىكى مەي باغلاپ كەتكەن مىيۋىلەرگە قارىغاچ كىتىۋاتىمىز ، روشەنگۈل يولنى كۆرسىتىپ قويغاندىن باشقا ، لاتىپىتىنى بۇزماي ،قاتتىق ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ بۇ مىجەزى چىرايىغا بەك ماس كەلگەن بولۇپ ، بىر قاراشتىلا بۇ قىزنىڭ ئەقىللىقلىغى ،تۈرگۈنلىگى ،ھازىر جاۋاپلىغى بىلەن ئۆزگىچە گۈزەللىگى ئۇنى ئالاھىدە كۆرسۈتۈپ تۇراتتى .

 ئوتتۇرھال سۈرئەتتە ئون مىنۇتتەك ماڭغاندىن كىيىن بۇۋاينىڭ ئۈيى ئالدىدا توختىدۇق ، بۇ چاغدا بۇۋاي ھويلىسىدىكى ئۈزۈم بارانلىغىنىڭ سايىسىغا قويۇلغان كارۋاتتا ياتاتتى، بىز ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان بىر خالتا ئۇن بىلەن بىر باك ماينى كۆتۈرۈپ كىردۇق . قىز فورمىدا بولغاچقا بۇۋاي بىرەر ئىشتىن چۆچىدىمۇ بىز دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگە ئاستا قوپتى، بىز سالام قىلدۇق ، بۇۋاي سالام قايتۇردى . بىز ئاددى سالام -سائەتتىن كىيىن بۇۋاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋاللىرىنى سورىغاچ ئۆزىمىزنى تونۇشتۇردۇق. قىز بۇۋاينىڭ ئۈيىنى بىر قۇر كۆرۈپ بېقىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، بىز بۇۋاي بىلەن ئۇنىڭ سالامەتلىگى ، كىرىم ئەھۋالى ، قىيىنچىلىقلىرى ، بالىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىغىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. بۇ چاغدا روشەنگۈلنىڭ بۇۋاينىڭ ئۈيىنى تازلاپ يىتىپ چىقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق ، بۇۋاي قىزغا يېنىش - يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتىشقا باشلىدى ،ھەتتا كۆزىدىنمۇ ياش ئەگىپ :

 - رەھمەت قىزىم ، بۇ ئۆيلەرگە سۈپۈرگە تەگمىگىلى خېلى كۈنلەر بولدى ، مەنمۇ دوختۇرخانىدا بولۇپ كىتىپ ئۆيلەر شۇ … .

 - مەنمۇ سىلىنىڭ قىزلىرى ،- روشەنگۈل شۇنداق دەپ كۈلۈمسىرەپ قويدى، بۇ چاغدىكى قىزنىڭ سىماسى بىزگە شۇنچىلىك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى .

 - قارىسىلا چوڭ دادا ،- دىدىم مەن ،- سىزنى بىر سىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرەمدىكىن دەپ ئىزدەپ كەلدۇق، بۇ ئىش بىر نەچچە جانغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش ئىدى .

 بۇۋاي بۇ سۇئالىمدىن ھەيران بولدى :

- مەن ياردەم قىلغۇدەك قانداق ئىش ئۇ بالام ، قېنى دەۋېرىڭ بالام، قۇربىتىم يەتسىلا ياردەم قىلىمەن .

 سۇئالىمنى سوراشتىن بۇرۇن قاھار بىلەن روشەنگۈلگە قارىدىم ، ئۇلارمۇ ئېغىزىمغا قاراپ تۇراتتى .

 - بىـزگە بىر قەدىمى قەبرە توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىلە بوپتىكەن، ئورنى قەيەردە بىلسەك بولاتتى. بۇۋاي چۈشەنمەي سورىدى :

 - نىمە قەبرىنىڭ گېپى بالام .

- موشۇ يۇرتنىڭ ئەتراپىدا قەدىمى قەبرە بار ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بالىلىرى ھامۇت ئاكىلا بىلەرمىش، ئۇنى بىلىدۇ دىسەكمۇ ، ئۆزلىرىدىن بىلگەندۇ دەپ پەرەز قىلدۇق .

 بۇۋاي سۆزىمدىن چۆچۈپ كەتتى .

- بىزنىڭ ھامۇتما ، بالام ئۇ قەبرىنى نىمىگە ئىزدەيسىلە؟

 مەن قىزلارنىڭ يوقاپ كىتىش ۋەقەسىنى بوۋايغا تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم، سۆزۈم تۈگىمەيلا بوۋاي ئاچچىقتا چىرايى تۇتۇلۇپ يۆتۈلۈپ كەتتى ، روشەنگۈل بىر چىنە چاي قۇيدى ، مەن ئۇنى بۇۋايغا سۇندۇم ، ئۇ چاينى ئىچىپ بىر ئاز ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ئېغىز ئاچتى :

- بالام ، ئۇ مەلئون ، ئۇ قىزلارنى شۇ يەرگە ئېلىپ ماڭغان بولسا دەۋزەخكە باشلاپتۇ .

بۇۋاينىڭ گېپىدىن ھەيرانلىقتا بىر - بىرىمىزگە قارىۋەتتۇق .

 داۋامى بار ....





3935 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-20 22:12:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-5-31 8:38:45 قېيۇم جان
مەنمۇ ياختۇردۇم رەخمەت
2015-12-24 11:15:56 ^–^
مترۇ ئ‍اكائ‍اكا 7 چقمايدۇغۇچقمايدۇغۇ
2015-12-22 16:25:24 ئ‍ېزېز
قاراڭغۇ ئ‍ورمان دېگەن ئ‍ەسەر بەك ياخشې يېزلپتۇ داۋامېنې يوللاپ بەرگەن بولسېڭز رەخمەت جاپا تارېتتڭز
2015-12-22 13:49:28 زەھرا خانىم
بۇ ئ‍ەسەرمۇ شۇنداق ياخشىكەن ئ‍ەسەر يازغان يازغۇچى قىرىنداشلىرىم قۇلۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن
2015-12-22 10:27:00 ezizjan
ahiri tizrak qiksa boptikan .
2015-12-22 1:16:34 alimjan
Siznig asarlirigiz Bak Yahxi dawamlik Yahxi asarlarni yezixigizni Qin koglumdin umut kiliman.
2015-12-21 23:28:17 مەن
بەك ياخشى يىزىپ سىز
2015-12-21 15:49:59 asma
xunda yahxe yezepsez taz payze yaga kaganda tugaptu dawamlih yezexegezni halayman 🌺🌺🌹
2015-12-21 7:03:04 مەلىكىزات
مەن بۇ ئ‍ەسەرنى بەكلا ياختۇردۇم بىز ئ‍ۈچۈن ئ‍ەسەر يېزىپ جاپا تارتىۋاتقان دوسلار رەخمەت سىلەرگە ...
2015-12-20 23:36:30 xadiman kizqak
daqamini tizrah yolap bagan bosingz japa qaktingz rahmat
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ