قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 19- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 19-قىسىم

 metro

 

ئۇلارداپ ئاۋازلىرىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالماقچى بولغانسېرى ئاۋاز ئۇلارغا يېقىنلا جايدىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى ،ئۇلار قوتاننىڭ يېنىدىن ئۆتسە ئۇ ئاۋاز قوتاندىن ئاڭلاندى ، ئوت - سامان ئىسكىلاتىدىن ئۆتسە ئۇنىڭ ئىچىدىن ئاڭلاندى ، ئەمدىلىكتە چوڭ كۆللەمدە سېلىنغان ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ يېنىغا كىلىۋېدى،بايقى داپ ئاۋازلىرى تامنى يارغۇدەك ئۇداردا شۇ ئىسكىلاتنىڭ ئىچىدىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى ،ئۇلار توختاپ مۇزىكا ئاۋازىغا قۇلاق سالدى بۇ چاغدا داپقا دۇتتار ، تەمبۇر ، غىجەك ئاۋازلىرىمۇ قوشۇلدى ،بۇ چالغۇلارنىڭ شۇنداق مۇڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنىڭ قىقاس - چۇقان ، كۈلكە ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

- قاراپ باقايلىمۇ ؟- دىدى سەمەت ،- كاتتا مەشىرەپ بولىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، ئاڭلاڭلار نىمانداق ھەيۋەت بۇ سازلارنىڭ ئاۋازى.

 - ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟- تايىر سەمەتنىڭ بۇ گېپىدىن ھەيران قالدى ،- مەشىرەپ دەپ ئويلاپ قالدىڭما ، كىم بىلىدۇ نىمە ئاۋاز ئۇ؟

- مېنىڭمۇ كۆرۈپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ،- دىدى دىلبەرمۇ خۇشال بولۇپ مەشىرەپ ئاۋازىدىن ئۆزىنى تۇتالماي ،- نىمە دىگەن جۇشقۇن مۇزىكىلار بۇ ، مەشىرەپ بەك قىزىغاندەك تۇرىدۇ ، تايىر قورقۇپ تۇرغاندا بۇ ئىككىسىنىڭ پەرۋاسىز ھالدا مەشىرەپكە مەسخۇش بولۇپ كىتىۋاتقىنىنى ، كاللىسىدا قورقۇش دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىغىدىن، بىردىن ھەيران بولسا بىردىن ئەنسىرەشكە باشلىدى .

- نىمە بولدۇڭلار ، كاللاڭلار جايىدىمۇ ؟ ھەي بۇ خارابىلىكتە نەدىكى مەشىرەپ ئۇ ، ئويلاپمۇ گەپ قىلمايسىلەر ، ئۇ ئاۋاز بىزنى چاقىرۋاتقان جىن - ئالۋاستىلارنىڭ سېھرى …

 تايىر شۇنداق سۆزلىسىمۇ سەمەت بىلەن دىلبەر پەرۋاسىز ھالدا مۇزىكا ئۇدارىغا جۇر بولغىنىچە ئىسكىلاتقا تەلمۈرەتتى ،ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقى شۇنچىلىك غەلىتىكىن ئۆزلىرىنى جىن - ئالۋاستى ماكانىدا ئەمەس چوڭ بىر مەشىرەپ سورۇنىنىڭ يىنىدەكلا ئەركىن ، خوشال سىزەتتى. مەشىرەپ قىزىماقتا ئىدى. تايىر بۇ يەردىن دەرھال كىتىشنى قارار قىلدى، بۇ يەرلا خەتەرلىك بولماستىن ئاڭلىنىۋاتقان مەشىرەپ ئاۋازىنىڭمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى كۆڭلى تۇيۇپ بولدى ئەمىلىيەتتە بۇ سېھىرلىك ئاۋاز سەمەت بىلەن دىلبەرنى سېھىرلەپ ئىچىگە سۈمۈرۋاتقاندەك قىلاتتى .

 - ماڭايلى !- دىدى تايىر قەتئى ئاۋازدا ،لېكىن دىلبەر بىلەن سەمەت ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلماي تۇيۇقسىز ئىسكىلات تەرەپكە بۇرۇلۇپ ماڭدى، بۇنىڭدىن تايىر چۆچۈپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىدى .

 -نەگە بارىسىلەر ، ئۇ يەر خەتەرلىك ، ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۋاتىدۇ .

 سەمەت تايىرنى ئىتىۋەتتى -دە مەس ئادەمدەك ئالدىغا قاراپ ماڭدى دىلبەرمۇ تايىرنىڭ توسىشىغا پەرۋا قىلماي سەمەتكە ئەگەشتى.

- ئۇنداق قىلماڭلار ،گېپىمنى ئاڭلاڭلار ،ئۇ يەرگە بېرىشقا بولمايدۇ ،- تايىر ۋاقىردى ،ئۇ ئامالسىزلىقتىن يىغلىغۇدەك ھالغا كەلگەن ئىدى ،- سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي.

 ئۇ ئىككىسى تايىرنىڭ يېلىنىپ ، يالۋۇرۇپ ئېيتقان سۆزىدىن قەدەملىرىنى توختاتتى .

- ئەمىسە ئىشىكنىڭ يوچىقىدىنلا كۆرۈپ باقايلى ، ئازاراق كۆرۈپ بېقىپلا كىتەيلى ،- دىدى دىلبەر تايىرغا ئۆتۈنگەندەك قاراپ ،سەمەتمۇ تايىرنىڭ موشۇ تەلەپكە بولسىمۇ قوشۇلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى .

- بوپتۇ ،- دىدى تايىر ،- ئىشىكنىڭ يوچىقىدىن قاراپ بېقىپلا كىتىمىز - ھە ؟

- ئۇ خىيالىدا بۇ ئىككىسى ئىشىك يوچىقىدىن ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەپتى- بەشىرسىنى كۆرسە قورقۇپ تىزىراق مەن بىلەن ماڭىدۇ دەپ ئويلىدى. ئۇلار ئىسكىلاتنىڭ ئىشىكىگە يېقىن باردى ،ئىسىكىلات ئىچىدىن چىقىۋاتقان ھەرخىل سازلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرى بىلەن«گۇم ،گۇم » ئۇرۇلۋاتقان داپنىڭ تەڭكەش ئاۋازى يەر - جاھاننى تىتىرتىپ تۇراتتى ، دىلبەر يۈگۈرۈپ بېرىپلا ئىشىك يوچىقىدىن ئىچىگە قارىدى ، كەينىدە كىلۋاتقان تايىر ئۇنى چوقۇم قورقۇپ ۋاقىراپ قاچىدۇ دەپ پەرەز قىلغانتى لېكىن ئۇنىڭ پەرىزى خاتا چىقتى ،دىلبەر ئىشىككە يېپىشىپلا قالدى ، ئۇ ئىچىگە قارىغىنىچە خوشاللىقتىن ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ ،ئېغىزى قۇلىقىغا يەتكەنتى ،ئۇنىڭغىچە سەمەتمۇ ئىشىككە يېپىشتى ، ئۇمۇ بېرىپلا خۇشلۇقتىن ھېجىيىپلا قالدى . بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن تايىر بېرىپ ئىشىك يوچىقىدىن ئىچىگە قارىدى ، قارىدىيۇ قورۇققىنىدىن ۋاقىرۋەتكىلى تاس قالدى چۈنكى ئىچىدە بىر توپ غەلىتە ئادەملەر مەشرەپ ئويناۋاتاتتى ، ئۇلار ھەر خىل شەكىللەردە بولۇپ بەتبەشىرىلىگىدە بەزىسىنىڭ بىرلا كۆزى بار ئىدى ، بەزىلىرى توكۇر ، بەزىلىرىنىڭ قۇلاق ، بۇرۇنلىرى يوق ، بەزىلىرىنىڭ ئىككىلا پۇتى يوق ئۆمۈلەپ يۈرەتتى ، ھەتتا قېرىپ ئاران تۇرغان بۇۋاي - مومايلار ، يېڭى تۇغۇلغان ھالەتتە بولسىمۇ يۈگۈرۈپ يۈرىگەن بالىلار ، قايسى چىرايى ، قايسى بېششى بىلگىلى بولمايدىغان ئەر - ئاياللار قىززىق ئۇسۇلغا چۈشكەن ،تۆرىسىدە بىر قولى يوق بىر نەچچىسى بولىشىغا داپ ئۇرۇۋاتقان ، ئېغىزى مايماق ، كۆزلىرى ئالغاي كۆتەكتەك بىر نەچچىسى دۇتتار ، تەمبۇر چېلىۋاتقان ئىدى ، مەيداندا نۇرغۇنلىغان ئەلەڭ - سەلەڭلەر ئۇسۇل دىگەننى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن پىر - پىر پىقىرشىپ ئوينىشۋاتاتتى.

تۇرغۇنلار بۇتخانىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ماڭمايلا يۇغان بىر ساراينىڭ ئالدىغا بېرىپ قالدى ، بۇ سارايمۇ ئۇلار يېتىپ ، قونغان سارايدىن ئانچە پەرىقلەنمىگۈدەك ساراي بولۇپ ھەشەمەتلىكتە ئۆزگىچە ياسالغان ئىدى.قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى پۈتۈنلەي شەرىق ئۇسلۇبىدا بولۇپ بىر قارىماققىلا بۇمۇ بىر ئەمەلدارنىڭ سارىيىغا ئوخشايتتى. ئۇلار سارايغا قاراپلا قىزىقىپ ئىچىنى كۆرۈپ بېقىش نىيىگە كەلدى، يۇغان دەرۋازا يۇغان ئوچۇق بولۇپ ، جىمجىتلىق ئىچىدىن بىر خىل شۇملۇق كىلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئەتىراپنى كۆرگەچ سەزمەيلا سارايغا كىرىپ قېلىشتى ، ساراي ئىچىدە توپا - چاڭ بېسىپ كەتسىمۇ پاقىراپ تۇرغان ھەر - خىل ، ھەر- شەكىلدىكى ئىسىل ، قىممەتلىك مال - دۇنيا ، فار - فۇر بويۇملار بىلەن لىق تولغان بولۇپ ،ئۇنىڭدىن سىرىت بۇ سارايدىمۇ ئۆزگىچە نەفىس ئاسارە - ئەتىقىلەر كۆزنى يېغىنى يەيتتى .ئۇلار ئەتىراپقا تويماي قاراپ كىتىۋېتىپ ساراينىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىن كىلىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر - بىرىگە قاراپلا قېلىشتى.

 تايىر ئىچىدىكىلەرنىڭ جىنلار ئىكەنلىگىنى جەزىم قىلدى. لېكىن دىلبەر بىلەن سەمەت ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن قورقۇش تۇرسۇن ، مەسخۇش بولۇپ زوقى بىلەن مەشىرەپ كۆرۋاتاتتى. تايىر ئىككىسىنىڭ قولىدىن تارتتى ،لېكىن ئۇ ئىككىسى مەشرەپتىن مىھرىنى ئۆزەلمەي قوللىرىنى سىلكىۋېتىشتى ، دەل شۇ چاغدا ئىسكىلات ئىشىكى ئۆزلىگىدىن غارىلداپ ئېچىلدى ، مەشىرەپ شىپپىدە توختاپ ئىچىدىكىلەر ھەممىسى ئىشىككە تىكىلدى ، تايىر ئۇلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق تۇرقى بىلەن ياۋۇز كۆزلىرىدىن تېنى شۈركىنىپ كەتتى ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە سەمەت بىلەن دىلبەر خۇددى تونۇشلىرىنى كۆرگەندەك ھىجىيىپ خوشاللىغىدا ئىسكىلات ئىچىگە ، ئۇ مەخلۇقلار ئارسىغا يۈگەردى ، تايىر توساشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيلا قالدى ، ئۇمۇ ئاستا ئىسكىلاتقا كىردى ، ئىچىدىكىلەر تايىرغا غەزەپلىك قاراپ قويۇپلا مۇزىكا ، سازلىرىنى باشلاپ كەتتى ، ئەرەڭ - سەرەڭلەر يەنە ئۇسۇلغا چۈشۈشتى ، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى ئەمدىلىكتە تايىرغا شۇنداق ۋەھشى ، قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە كۆرۈنىشكە باشلاندى ، ئۇلار چىش - تىرناقلىرىنى بۈلەپ دىلبەر بىلەن سەمەتنىڭ ئەتىراپىدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك بىلىندى. …

بۇ تەۋەككۈلچىلەر نىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولار ؟بۇلار بۇ ئىشلارغا قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەر، داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .





1966 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:54:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ