يېنىمدىكى كىم؟ (ۋەھىمىلىك ھىكايە)

يېنىمدىكى كىم؟
ھىكايە

 ئالىم سەيپىدىن


 بۈگۈن ئاكام مىنى «ئەتتىگەن تۇرمايدىكەن سەن» دەپ كىنوغا بارغۇزمىدى. ئۈزى دوسلىرى بىلەن ناخشا توۋلاپ كىنوغا كەتتى. مىنى بەزى ئىشلارنى قىلشىمغا تۇسالغۇ بولدى. دەپ ئۇيلىغان بولسا كىرەك.
 مەن ئىشتاھا سىزلا تامىقىمنى يەپ بۇلۇپ ياتتىم. توكمۇ ھېلىلا ئۈچۈپ قالغان ئىدى. سۈتتەك ئاي نۇرى كىچىككىنە دېرىزىدىن چۈشۈپ ئۆي ئىچىنى سۇس يۇرتۇپ تۇراتتى.
 ئۇيان-بۇيانغا ئۆرلۇپ ئۇيقىغا كىتىپتىمەن. بىرۋاقىتتا«غىچچىر» قىلىپ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم. كۆزلىرىمنى تەسلىكتە ئېچىپ ئىشىككە قاردىم. يۇغان گەۋدە ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى، بۇ ئاكام ئىدى. بايامقى ئاچچىقىمدا گەپمۇ قىلمىدىم.
 يېنىمغا كىلىپلا كىيىملىرى بىلەنلا ئۈزىنى تاشلىدى. بىردەمدىن كىيىن خورەك تارتىشقا باشلىدى. «ھېچ قاچان خورەك تارىتمايدىغان ئاكام بۈگۈن مەن بىلەن قەستەن قىرشىۋاتامدۇ نىمە؟.» دىگەن خىيال كاللامدىن لىپ قىلىپ ئۆتتى.
 لېكىن خورەك ئاۋازى تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى. بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى.كىچىنى تۇلۇمۇ تەسلىكتە تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئەتتىگىنى قارسام يېنىمدا يوق، ئورنىدىن تۇرغىنىنى ھەجەپ تۇيماپتىمەنا.
 بۈگۈنمۇ يەنە كىنوغا كەتتى. يەنە خورەك تارتىپ ئۇخلاتماسمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئىشىكنىڭ غىچچىرلاپ ئېچىلىشى بىلەن قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى. ئايدىڭ يۇرقى ئۆينى غۇۋا يۇرتۇپ تۇراتتى. ئاكامنىڭ ئۆيگە كىرشى بىلەن قاڭسىق پۇراق دىمىقىمنى ئېچىشتۇردى. ھاراقنىڭ پۇرقىغىمۇ ئۇخشىمايىتتى.
يېنىمغا كىلىپ تۈنۈگۈنكىدەك ياتتى. قاننىڭ ھىدى كىلىپ تۇراتتى. بىمەنە خىياللارنى قىلىپ بېشىم ئاغرىپ كەتتى. قاتتىق خورەك ئاۋازى ھاسراشقا ئۆزگەردى. ۋەھىمىلىك تىنىقى قۇلۇقۇمغا ئىنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇيغۇتاي دىدىميۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.
 ئانامنىڭ يىنىدا ياتقان بولسام بۇنچىلىكمۇ قۇرۇقماستىم. بۇ ھاس ىراش بىلەن بەددەنلىرىم تىكەنلىشىپ بىرخىل كۈچ بىلەن سىھىرلەپ قويغاندەك، مىدىر-سىدىر قىلالماي ياتتىم. ئاينىڭ غۇۋا يۇرقىمۇ يۇقاپ ئۆي ئىچى قاپ قاراڭغۇ بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
 يۈرۈكۈمنىڭ ئەنسىز سۇقۇشىنى تۇيۇپ ياتتىم،بىلدىغانلىكى ئايەتلەرنى ئۇقۇغان بولساممۇ، تىلىم كالۋالىشىپ ئۇقۇيالمىدىم. يىغلىۋىتىشتىن ئۈزۈمنى ئاران تۇتۇپ قالدىم. بېشىمنى يۇتقانغا چۆمكەپ يېتىپ بىر ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن.
 ئەتىسى ئەتتىگەن ئاكامدىن سوردۇم؛
 -ئاكا كىچىلىكتە نىمانداق خورەك تارتىپ ئۇخلاتمايسەن.
 نىمىلەرنى دەۋاتىسەن. ئىككى كۈن بولدى، ئۆيگە قايىتمىغىلى سىلەرنى ئاۋارە قىلماي دەپ يىڭى سالغان ئۈيۈمدە يېتىۋاتىمەن، دىدى.
ھەيرانىلىق بىلەن بوينىنى قىسىپ قۇيۇپ.
 بېشىمدا چاقماق چاققاندەك بولدى.ئەجبا يېنىمدىكى كىمدۇ؟
     





585 قېتىم كۆرۈلدى ahmac12 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-26 19:27:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ