يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 8 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 8 - قىسىم

زۇرفى 


 ئەسسالام ئەلەيكۇم ،  تىچلىقمۇ ئايشە ئانا ،  ھويلىدىن ئوسمان باي كىرىپ كەلدى ، ۋوي بالام  كەلدىلىمۇ  قىنى ئۆيگە كىرەيلى ، بولدى  چوڭ ئانا  ،  تىچ ئامان بولغانكىن ھەبى كىلەرمەن ، بۇگۇن مۇختەرنى ئۇرۇمچىگە ئەپ ماڭماقچىتىم ، ئۆگۇنلۇككە  مەكتەپكە  ماڭىدىكەن ،شۇڭا  زىلالنىمۇ ئېلۋالاي ئۇرۇمچىگە ئاپىرىپ كەم كۇستىلىرىنى ئەپ بىرىپ يولغا سەپ قۇياي ،دىگەن قانداق بولامدۇ چوڭ ئانا ؟   ياخشى ئويلاپلا   بالام  ،  بىزمۇ ھازىر تەييارلىق قىلۋاتقان تىخى ھازىر كەچنىڭ بىلىتىنى ئالساق بۇلارمۇ ئەتنىڭمۇ دەپ مەسلەتلىشىۋاتقان ،  بوپتۇ بالام سىلە ئىپ ماڭسىلا مەن خاتىرجەم بۇلىمەن ، رەھمەت بالام ئەجىرلىرىنى ئىگىسى بىرەر ، رەھمەت.  موماي تەككەلۇپلۇق سۆزلەر بىلەن زىلالنىڭمۇ جاۋابىنى كۇتمەستىن ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى ئوسمانباينىڭ ماشىنىسغا جايلاشتۇردى ، بالام ئوسمان ئاكاڭغا رەھمەت ئېيتقىن ، ئوسمان ئاكاڭ بىلەن ماڭساڭ مەن خاتىرجەم  بالام موماي ھاسىراپ ھۇمۇدۇپ زىلالغا  نىمىلەرنىدۇر  دەيتى ،كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى ،،،، زىلال مومىسىنى ئۇنسىز قۇچاقلاپ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ موما دەپ كۆزى قىيمىغاندەك ماشىنىغا چىقتى ،……
كۆزلىرى قىيمىغان موما  تاكى ئۇلارنىڭ سايىسى يۇتكىچە  قول پالاڭلىتىپ يۇرەك پارىسنى ئۇزاتتى ، يەنە شۇ غىرىپ كەپە ،  ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىدىنمۇ ياكى  باشقا  ئىشلارغىمۇ  ئەيتاۋۇر  بىرخىل كەيپىياتتا  ئۇنسىز ياش تۇكەتتى ……
ئۇرۇمچىگە  كەلگىچە ئىككىسى  بىرەر  ئېغىز گەپلىشىپمۇ قۇيمىدى ، مۇختەرنىڭ چىرايىغا ھېچ بىر كۇلكە كىلدىغاندەك  ئەمەس ،  زىلالمۇ مۇھدىش خىياللىرى بىلەن بىر نۇقتىغا تىكىلگىچە ئولتۇراتتى ،  ئىككىسىنىڭ بۇنداق ئولتۇرشىدىن بىر ئەھۋالنى سەزگەندەك قىلغان رەيھانگۇل خانىممۇ ئىككىسىگە پات پات قاراپ ھېچنىم دىمەي نىمىلەرنىدۇ  ئويلايتى ……
مانا  ئوقۇغۇچىلار  ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ مەكتەپكىمۇ  كىلۋالدى ،  مۇختەر بىلەن زىلال يەنە شۇ چىراي ئىپادىسى بىلەن ……
ۋوي بىزنىڭ مەلىكىمىز يامان بەك ئۆگۇنۇش قىلىپكىتىپتىغۇ مانا ، مانا بۇ گۇزەلنۇر تەتىل ئالدىدىكى مۇختەرنىڭ ئاشۇ گىپىنىڭ ئاچچىقىنى زىلالدىن ئالماقچىدەك نەشتەر ئارلاش سۆزلەرنى قىلىپ زىلالنىڭ ئالدىدىكى ئۇستەلدە  ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ كىتابىنى ۋاراڭلاپ -  مۇختەر بىلەن خەلە چىقىشىپ قالغانسە ،  ئۇ بولامدىكەن ؟  
تۇيۇقسىز تەككەن بىر شاپلاق زىلالنى ئېغىر چۇچۇتتى ،  
گەپ قىلە  مىنىڭ  مۇختەرنى ياخشى كۆردىغىمنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇيسە گەپ قىلە ، ئۇنىڭ ھازازۇللىقى تۇتقاندەك زىلالنىڭ چىچىدىن قامانلاپ ئۇدۇل كەلگەن يىرىگە ئۇرۇشقا  باشلىدى ……
قوڭغۇراق چىلىنىپ بۇگۇنكى دەرىس  ئاياقلاشقاندا ھەممە بالىلار  ئۆز ئىشلىرى ئۇچۇن چىقىپ كىتىپ پەقەت زىلال ئۇلام تىخى سىنىپتىن چىقمىغان ئىدى ،  مۇختەر بىر نەرسىنى سەزدىمۇ ئىشقىلىپ بىرخىل كۇچ ئۇنى سىنىپقا ئىتتىرەتتى    ، پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ گۇزەلنۇرنىڭ ئوقتەك چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان مۇختەر ئۇچقاندەك سىنىپقا كىردى ، باش كۆزى قان زىلال ئىسەدەپ يىغلىغىنىچە گۇزەلنۇرنىڭ كۇچلۇك قوللىرىدا  ئىدى ،
قولۇڭنى تارت، نىمىش قىلدىڭ ،  زىلالنى نىمە قىلدىڭ ، مۇختەرنىڭ غەزەپ ئاچچىقىدىن گۇزەلنۇرنى سەن دەپلا  ئۇنىڭغا چەكچەيدى ،  گۇزەلنۇر مۇختەرنىڭ كۆزلىرىدىن قوقتىمۇ ياكى مۇختەرنىڭ بۇنچىلىك ئەسبىي ھالىتىنى كۆرمىگەچكىمۇ قورققىنىدىن تىترەپ تۇرۇپ مە … مە … مەن … ھې … ھېچ …  ئۇنىڭ ئاغىزىغا گەپمۇ كەلمىدى …
يەردە ئولتۇرۇپ ئۆكسۇپ  يىغلاۋاتقان زىلالنى باغرىغا باسقىنىچە  كۆزلىرىدىن ياش چىقىۋاتقىنىمۇ سەزمىگەن مۇختەر زىلالنى يۆلەشتۇرۇپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئەچىقتى .  بۇرنىدىن چىققان قان ئۇنىڭ پۇتۇن كىيىملىرى يۇزلىرىنى ئادەم كۆرسە قوققىدەك دەرىجىدە بۇيىۋەتكەنىدى .   زىلالغۇ  بۇ  ۋوي نىم بولغاندۇ  ؟   ئەتراپتىكى بالىلار پىچىرلىغىنىچە مۇختەرنىڭ ئۇنى يۇدۇپ دىگىدەك ماڭغان ھالىتىنى كۆرۇپ بىر ئىشنى سەزدىمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى .........
قانداراق تۇرسىز  ؟  قارسام بىرنەرسە يىمگەندەك تۇرسىز  بۇ ئانام ئەۋەتكەن توقاچ پىرەنىكلەر ،  ساقلاپ قۇيۇپ يەڭ ،  مۇختەر شۇنداق دىگىنىچە زىلالنىڭ ئىستاكانىسىغا  چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى ، ماڭا دەڭە زىلال گۇزەلنۇر نىمىگە ئۇردى سىزنى  ؟  
زىلال نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تىرناق تاتلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى ،  ھېچنىمىگە  شۇ گەپ تالىشىپ قالغان ئىدۇق ، ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلسىزغۇ ،  ئۇ شۇنداق دىدى ،  بولدى زىلال مىنى ئالدايمەن دىمەڭ ، ماڭا  دەڭە  ؟  -  ئۇ سىزنى ياخشى كۆردىكەن ، زىلال ياش يۇقى كۆزلىرىنى مۇختەرگە تىكىپ  يىغلاپ كەتتى ،  ھېچقىسى يوق ، مۇختەر زىلالنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنى يەنە بىر قىتىم باغرىغا بىسىپ ، ھېچنىمىنى ئويلىماڭ  ، ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى  يىغلىماڭ ……
ئوسمان باينىڭ جىرىڭلىغان يان تىلفۇنى خۇددى ئۇنىڭغا بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۇزىدىغاندەك توختىماي سايرىدى.   -  ئەسسالام ئەلەيكۇ م ، قارشى تەرەپتىن بىر ئايال كىشنىڭ  بوغۇق ئاۋازى ئاڭلانىدى ،  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوسمان بايمۇ ؟   - ھەئە مەن  سىز ؟  مەن ئايشە چوڭ ئانامنىڭ خوشنىسى ،  ئۇنىڭ سىز بىلەن كۆرىشكىسى باركەن  مالال كۆرمىسىڭىز  بىر كىلىپ كەتسىڭىز  بوپتىكەن ؟  -   ئوسمان بىر ئىشنى سەزگەندەك ، ماقۇل ھازىر باراي دەپلا  يولغا چىقتى .  
تۇيۇقسىز قولىدىن چۇشۇپ كەتكەن ئىستاكان زىلالنى چۆچۇتۇپ قۇيدى ،يۇركى بىرخىل ئاغىرغاندەك بۇلۇپ پۇتۇن بەدىنىگە تاراپ كەتتى .  
ئوسمان باي  ئاپلا شاپىلا  ئالدىراپ تىنەپ  موماينىڭ ئۇيىگە كىرىپ موماينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى ئەتراپىدا بىرنەچچەيلەن تۇراتتى ، ئۇ ئالدىراپ موماينىڭ يىنىغا چىقىپ  چوڭ  ئانا ، نەلىرى  ئاغىرۋاتىدۇ  ، ماڭا دىسىلە دەپ  ئۇنىڭ كۆزىگە  قارىدى ،قارداپ  ئولتۇرشۇپ كەتكەن ئىككى كۆزلىرىدىن نۇر يىغىپ تۇراتتى ،   ئوسمان باينىڭ ئانىسى ، بالام ئادەم ئۆلۇپ كىتىدىغان چاغدا يۇزلىرى نۇرلىنىپ باشقىچە بۇلۇپ قالىدۇ دىگەن گىپى چاقماق تېزلىكىدە ئۇنىڭ خىيالىغا كەلدى ،  دىمىسىمۇ موماينىڭ ئىككى كۆزىلام ئەمەس پۇتۇن يۇزلىرى نۇرلىنىپ ئاقىرىپ پەرىشتىلەردەك بۇلۇپ قالغانىدى ، ياندىكى ياشقا چوڭ ئانا ،  بىزمۇ دوختۇرغا ئاپىرايلى دىدۇق لىكىن ئايشاخان ئۇنمىدى ،دەپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى ،  ئايشە موماي ئۇزۇپ ئۇزۇپ ، -  بالام ، ئوسمانجان ،زىلالنى سىلگە ئامانەت قىلدىم ، خۇدايىم ئۆمىرلىرىنى قانچىلىك بەرسە  شۇنىڭغىچىلىك ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلالا ،،،،،،  ئۇنىڭ مىغىزلىق ،ئۇزۇپ ئېيتلغان سۆزلىرى خۇددى  ئۇ  كىتىدىغانغا  تەييارلىق قىلۋاتقاندەك كۆرنەتتى ، ئوسمان باي كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ ئۇنداق دىمىسىلا ئانا ، سىلە تىخى ياشىمىسىلا بولمايدۇ دىگىنىچە ئۇنىڭغا  توختىماي سۆزلەيتى ،  قوللىرىنى تۇتۇپ سۆيەتتى ، موماي يىنىدىن بىر قولياغلىققا ئورالغان بىر نەرسىنى ئوسمان بايغا تۇتقۇزۇپ  بۇ زىلالغا قالدۇرغان نەرسىلىرىم ھەممىسى شۇنىڭدا ،  يەنە بۇ ئۆينى ……  ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى بىلگىلى بولمايتى ، س…سىلگە … سىلگە تا… تاپشۇر…دۇم …
زىلال خوشنىسى تۇنساخان ئاچىنىڭ بىرنەچچە كۇندىن بۇيان تىلفۇنىسىنى ئالالمىدى ، ئۇ ئەنسىرەيتىيۇ  ، نىمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەي تىتتىت  بولاتتى ،كۆڭلى بىر ئىشنى سەزگەندەك بۇلۇپ  كۆڭلى بۇزلاتتى.    مۇختەر  ،  ئېغىر كۆرمەي ئوسمان ئاكامغا تىلفۇن ئۇرۇپ باقسىڭىز بۇلۇپتىكەن بىرنەچچە  كۇن بولدى مومام  بىلەن ئالاقىلشالمىدىم ،  ئەنسىرەپ قالدىم دەپ  ئۇنىڭ كۆزلىرىگە  قارايتى ، ئەنسىرمەڭ مەن ھازىر ئۇرۇپ باقاي .  
بالام ئادەم يوق يەرگە بارامسەن ،  ئوسمان باي ئوغلى مۇختەر بىلەن كۆرۇشۇپ بۇلۇپ ئۇنىڭغا شۇنداق دىدى ،  نىمە بولدى دادا دىگىنە ئادەمنى ئەنسىرەتمەي ،  مۇختەر شۇنداق دىگىنىچە پەىسكە  چۇشۇپ كەتتى .   نىمە دەيسە  دادا  ،  زىلال ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟   بۇ راسمۇ ؟  بالام ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە بىلىندۇرمە ،  ئۇ ئاۋال  كەلسۇن قالغان ئىشلارمۇ شۇ چاغدا بىر گەپ بۇلار ، ئوسمان باي ئېغىر تىنغىنىچە مۇختەر بىلەن خوشلاشتى .
مانا تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بولىدۇ ھە ،  كىچىككىنە بىر قىزغا  نىمىمۇ قىلار ئىدى بۇنچىلىك چاقچاق قىلىپ ،  شۇ بىچارە ،  بۇ كۇننى كۆرگىدەك نىمە گۇناھ قىلغان ئىدى ھە …
ئىنسان ھامان كىتىدۇ ، ئەمما  ئۇلارنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ياخشى ئىشى كەتمەيدۇ ، ئايشە ئانا ۋاپات بۇلۇپ ئارلىقتىكى  5-6 ئاي ۋاقىتتا مەھەللىدىكىلەرنىڭ بىر يىرى كامدەكلا  ئۇيان بۇيان ئۆتسە ، رەھمەتلىك ئىسىل ئايال ئىدى ، غەيرىتى بىلەن مانا مۇشكەمگىچە ھېچكىمگە يۆلىنىپ  قالماي ياشىغان دەپ ئۇنىڭ ياخشى ئىزلىرىنى سۆزلەپ ئېغىر  ئۇھسىنىپ موماينىڭ جەننەتتە  بۇلىشىنى  ئىگىسىدىن تىلەپ دۇئا قىلاتتى ،  يەنە بىر تەتىلمۇ يىقىنلىشىپ قالدى ، ئوسمان باي بىلەن رەيھانگۇل خانىم ئالدىن  تەييارلىق قىلۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى ، 5-6  ئاينىڭ ياڭقىسىغا  مومىسى بىلەن كۆرشەلمىگەن زىلال بۇرۇنقىدىنمۇ جىمغۇر ،  بۇرۇنقىدىنمۇ ئىچ مىجەز  بۇلۇپ  ئۇرۇقلاپ بىر تىرە  بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغانىدى ، ئوسمان باينى كۆرگەن زىلال ھېچنىم دىمەستىن ئوسمان ئاكا  مومام  ، مومام  ياخشىمۇ ،  ماڭا دەڭە  ئوسمان ئاكا ، ئۇ بىر ئىشنى سەزگەندەك يىغلاپ تاشلىدى ،  ئوسمان بايمۇ كۆزىگە ياش ئىلىپ  بولدى بالام ئاۋال ئۆيگە بارايلى ،  شۇنداق دىگىنىچە ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئۆيگە ئىلىپ ماڭدى   .
زىلال پاكىز سۇپۇرۇپ قۇيۇلغان ھويلىغا كىردىيۇ ئۆكسۇپ يىغلىغىنىچە موما دەپ  ئۆيگە قاراپ يۇگۇردى ، پاكىز ئۆيلەر ،  رەتلىك تىزىلغان داستىخان شۇ پىتى موماي بادىكىدەك تۇراتتى ،  بۇلارنى رەيھانگۇل خانىم قىلغانىدى، چۇنكى زىلالنىڭ غىرىپ باسقان ئۆيىنى توپا بىسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە يۇركى تىخىمۇ ئىزلەتتى ،  يىغلىماڭ بالام  بولدى ،  ئوسمان باي كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ زىلالنى باغرىغا  باستى ، ئوسمان ئاكا ، مەن نىمىنى  خاتا قىلغاندىمەن ھە ،  مەن نىمە گۇناھ  قىلغاندىمەن ،  نىمىشقا  ھەممە كىلىشمەسلىك ماڭىلا كىلىدۇ ،  مومام  كەتكىچە مەن كەتسەم بولمامدۇ ، زىلالنىڭ تۇنجى قىتىم مۇشۇنداق ئۆكسۇپ يىغلىغىنى كۆرگەن مۇختەرنىڭمۇ يۇرىكى ئېچىشتى ئۇ كەينىگە يىنىپ ئۇدۇل ھويلىنىڭ كەينىگە ئۆتۇپ لىۋىنى چىشلىگىنىچە يۇرىكىنىڭ بىر يىرىدىن ئىزلىپ ئىزلىپ يىغلايتى .  
مانا تاماقمۇ يىمىگىلى نەچچە كۇن بولغان زىلال دوختۇرخانىدا ھوشسىز ياتاتتى ، - بۇ بالا ئەزەلدىن جىمغۇر ئىچ مىجەزكەن بەلكىم بىرەر ئېغىر  ۋەقە ئۇنىڭ مىڭىسىگە تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ ، دىدى دوختۇر ئوسمان بايغا ، رەيھانگۇل خانىممۇ بۇ بىچارىنىڭ شۇنچە كۇن كۆرۇپ كەتكىنىگە ئىچى سىيرىلىپ  كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ نىرى بولمىغان مۇختەرنىڭمۇ كۆزلىرى قىزىرىپ چىرايلىرى سارغىيىپ گىلىدى تاماقمۇ ئۆتمىيۋاتاتتى ،  ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتىدىن زىلالنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن دادا ، ئەينى چاغدىكى ئۆزىنى ئەسلىدى ،
تۇيى بۇلۇشقا ئاز قالغانسىرى ئۇنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ ، گىلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيتى ،  ھەتتا بىرەرسى گەپ قىلسىمۇ قۇلىقىغا  كىرمەيتى ، ئۇ بۇ ئازاپنى يۇتۇپ باققاچقىمۇ ئوغلىغا  ھېچنىمە دىمەي ئىككىسىنى يالغۇز قۇياتتى ،  مۇختەر  توختىماي ئۇنىڭ ھوشىغا كىلىشىنى تىلەيتى ،   موما … ، مۇختەر بوش زىل  ئاۋازدىن چۇچۇپ  زىلال زىلال جىنىم  ،  كۆزىڭىزنى ئېچىڭە  ، ماڭا قەراڭە ،  مەن مۇختەر  مەن بار ،  مۇختەر خۇشاللىقىدا  ئۇنى جىنىم ، ھاياتىم دەپ چاقىراتتى ،  دوختۇرلار كىرىپ ئۇنى كۆزۇتۇپ ئۇنىڭغا قۇۋۋەت ئۇكىلى ئۇرۇپ زىلالنى خىلە  ئىسىگە  كەلتۇردى .  شۇنداقتىمۇ زىلال بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە  ياتاتتى ،  مۇختەر بۇ يۇرەك ئازابى ئاخىر يىرۋەتتىم،  دادا  ، دادا  مەن زىلالنى ياخشى كۆرمەن دادا ،  ئۇ بولمىسا مەن قانداق ياشايمەن دادا،   ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىغان مۇختەر دادىسىغا ئىسىلىپ  كىچىك بالىلارچە يىغلايتى ،  ئايرىلىشنىڭ  ئازابىنى تارتقان بۇ دادا يۇرەك پارىسىنىڭمۇ  ئەنە شۇ ئازاپقا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى ، بولدى بالام ، زىلالغا ھېچنىم بولمايدۇ ،  ساقىيىپ كىتىدۇ داۋالىتىمىز  ئەنسىرمە  دەپ بالىسغا  تەسەللى بىرەتتى ،   رەيھانگۇل خانىم  ، ئوغلىنىڭ بۇ ھالىغا چىداپ بۇلالماي ، ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ ئۇنسىز  يىغلايتى ……
ياق ……    زىلال چۆچۇپ ئويغۇنۇپ  ئەتراپقا قارىدى كۇچلۇك بۇ ئاۋازدىن رەيھانگۇل خانىم يۇگرەپ كىرىپ چىراقنى ياندۇرۇپ  زىلالنىڭ چىلىق چىلىق تەرلەگە چۇمۇپ كەتكىنىنى  كۆرۇپ ئوسمانباينى چاقىردى ……
داۋامى بار…





526 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 22:06:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-29 20:16:39 قۇياش
بەك ياخشى ئەسەركەن ،بولسا ئاخىرىمۇ تىزراق يوللانغان بولسا ،قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ