تەقدىر سىمفونىيەسى ( پوۋسىت 1 - باب 2 - قىسىم) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

تەقدىر سىمفونىيەسى  
( پوۋسىت )
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
بىرىنچى باب : يۈرەك تەپچەكلىمەكتە
ئىككىنچى قىسىم 


 شۇنداق قىلىپ ئىغىر قەدەملەر بىلەن كېتىپ بارىمەن . كاللامدا چىگىش خىياللار ، ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىمدىن شۇنچە خۇشال بولغان بوساممقۇ ، يىقىن دوستۇم يارمۇھەممەدنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگىنىدىن كۆڭلۈم شۇنچە يىرىم ...
 شۇ خىياللار بىلەن يىزىمىزغا ماڭىدىغان يولغا چىقىپ قاپتىمەن ، خىياللىرىمدا تۇيغۇلىرىم بىلەن سىردىشىپ ، پىغانلىرىم بىلەن زاكۇللۇشۇپ دىگىدەك كېتىپ بارىمەن . يازنىڭ ئىسسىق شامالىرىغا قوشۇلۇپ پەرۋاز قىلغان خىيالىرىم شۇنچە لەززەتلىك ، لېكىن شۇ لەزەتلىك خىياللار دوستۇم يارمۇھەممەدكە كەلگەندە بولسا كۆڭۈل قەسىرىمدىكى پىغان لەشكەرلىرى تەرپىدىن تەسلىم قىلدۇرۇلۇپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ .
 بىزنىڭ مەھەللە يولىغا كەلگىنىمدە كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم ، يىڭىدىن سىلىنغان باغ ۋارانلىق ئۆيىمىز ئالدىدا تونۇش ئىككى گەۋدە تۇراتتىى ، ئارلىق يىقىنلاشقانسىرى بۇ گەۋدىلەر تىخىمۇ ئىنىق ، رۈشەنلىشىشكە باشلىدى .
_ ئۇلار دادام – ئاناملاركەنغۇ ! ئەجىبا ئۇلار مېنى ساقلاپ تۇرغانمىدۇ ؟
قەدەملىرىم تىزلەشتى ، يۈرەكلىرىممۇ ھەم .
مەن يۈگەپ بىرىپ ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىمدە بۇلدۇقلاپ يىغلاشقا باشلىدىم . يىغىلىرىم ئىچ – ئىچىمدىن ، يۈرەكلىرىمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن چىقىۋاتاتتى :
- ئوغۇل بالىمۇ شۇنداق بولامدۇ ؟ ھە دىسىلا مىشىلداپ يۈرگەن ، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسەڭ نىمە بوپتۇ ، يەنە قايتا بەرسەڭ بولىدىغۇ ! دادام كەسكىن تەلەپپۇزدا شۇلارنى ئىيتىۋاتاتتى . دىمەك ئۇلار ئالىبۇرۇن تەيارلىق قىلىپ بولغانىدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم .
- قارا ئوغلۇم داداڭ راس ئىيتىدۇ ، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كىتىدۇ ، يىغلىما بالام . ئانامنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز بىر كۈچ يۈرۈكغمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن جىسمىمغا تارىدى دە ، ئانامنىڭ باغرىدىن يۇلغۇنۇپ چىقىپ :
- ياق ! دادا ، ئانا مەن  ، سىلەرنىڭ بالاڭلار شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىغا ئۆتۈپتۇ ، مەن ئۆتۈپتىمەن ، مەندىن رازىي بولۇڭلار ! دەپ يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم . بايىقى يىغامنى كۆرۈپ مېنىڭ ئۆتەلمىگىنىمنى پەملەپ روھى چۈشۈپ كەتكەن ، لېكىن مېنى بەزلەش ئۈچۈن تەمكىن بولۋالغان دادام بىلەن ئانام بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ياش تۆكتى . مەن تا مۇشۇ كەمگە كەلگۈچە بىر قىتىممۇ دادامنىڭ ، مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان دادامنىڭ ياش تۆكۈننى كۆرمىگەن ئىكەنمەن .
- يارايسەن يىگىت ! دىدى دادام تىترىگەن ئاۋازدا  . ئانام بولسا يۈگرەپ كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ يەرگە تىزلاندى ، ئۇ ئىلگىركىدىنمۇ قاتتىق يىغلاۋاتاتتى .....
شۇنداق قىلىپ ، مەن بۇ ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمىگە ، توغرىسىنى دىگەندە ھەممە كۈتىدىغان پاسىبانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم . باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى ، ئالتىنچى يىلىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان سىڭلىم بىلەن ئىنىم بولسا ماڭا ھەۋەسلىنىپ قارماقتا ئىدى . دادام بىلەن ئانام بولسا :
- بولدى بالام ، بۇ ئىشلار بىزبىلەن كەتسۇن ، سەن ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇي ، بۇ ئىشلارغا سەن قول تىقما . دەپ مېنى چۈشەپ قويۋاتاتتى .
راس ، ئۇلار شۇنچە چىدامچان ، تەكلىماكان قوملىقىنىڭ جەنۇپ تەرپىدىكى چەت ، جىلۋەت بۇ يىزىدا ياشاپ كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرمىگەن بۇ مىھنەتكەشلەر مەكتەپ يۈزى كۆرمىگىنىگە قارىماي ئاتالمىش شۇ < مەدەنىيەتلىك > كىشىلەردىنمۇ بەكرەك مەدەيەتكە ئىگە ئىدى . ئەلۋەتتە ، بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھابەت ھىكايىسىمۇ بۇ يىزا،  مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا بۇ كىچىك ناھىيەدە خىلى داڭلىق ئىدى .
دادام نامرات ، ئاقكۆڭۈل ، لېكىن نامرات بىر مەھەللە ئىمامىنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئون سەككىزگە كىرگەن يىلى يىزىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن چىلىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولغان ، ئارلىقتا مۇسابىقە كۆرغپ تۇرغان ، يىزىمىزنىڭ مەركىزىدە ئىككى مىلىچ ماللار دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ساۋۇر باينىڭ قىزى ، يەنى مېنىڭ ئانام دادامنى ياخشى كۆرۈپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن بار ئامالنى ئىشلىتىپ دادامنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىگەن ، شۇنداقلا دادام  بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالغان . داداممۇ بۇ ساھىپجامال قىزنى بىرلا كۆرۈپ ئاشىق بولغان . لېكىن ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنى قاچۇرغان ، كېيىن
دادامنىڭ دوسلىرىدىن ئىشنىڭ ماھىيتىنى بىلگەن ئانام :
_ مەن مال دۇنيانى ئەمەس ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن . مەن سىتىلىدىغان مال ئەمەس . دەپ بارلىق ئىشلارنى دادىسى ساۋۇر بايغا ئىتىپتۇ . ساۋۇر باي بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قۇيرۇق چىچى تىك تۇرۇپ :
- مەن ئۇنداق قەلەندەر موللىلارغا قىز بەرمەيمەن ، ئەگەر دىگىنىمگە كۆنمىسەڭ سېنى ئۆلتۈلۋىتىمەن ... دىگەندەك تەھدىت سۆزلىرى بىلەن ئانام مەريامنىسا خىنىمنى ئەل قىلماقچى بوپتۇ . نەدىكىنى ، دادامغا ۋەدە بەرگەن ئانام شۇ كۈندىن باشلاپ ئاچلىق ئىلان قىپتۇ  . ئانامنىڭ ئاچلىق ئىلان قىلىشىغا چىدىمىغان چوڭ دادام چوڭ ئاپام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئامالسىز دادام ئىكىسىنىڭ تويىنى قىپ قويۇپتۇ . ئۇلار شۇنچە قىيىن شارائىتتىمۇ ناھايىتى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ . ئاخىرى بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قۇلۇم – قوشنىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ . چوڭ دادام ۋە چوڭ ئاپاملار بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىاىن مەمنۇن بوپتۇ ......
 مەن نەچە كۈننى شۇ ئانام دەپ بەرگەن تارىخنى ئويلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،قولۇمغا چاقىرىق قەغىزىنىمۇ ئالدىم . چاقىرىق قەغىزىنى ئالغان شۇ كۈنۈمدىن باشلاپ ئالدىراشلىق ئىلكىدە ئالىي مەكتەپكە مىڭىش ، يەنە بىر تەرەپتىن  يات بىر شەھەردە مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشلاشقا بولغان تەييارلىقنى قىلىشقا باشلىدۇق . دادام بىلەن ئانام پۈتۈن ئەسيادىنى ماڭىلا قاراتقان ئىدى ، ئۇلار ئامال قىپ ئوقۇش پۇلۇمنى غەملەش ، پارچە – پۇرات نەرسىلىرىمنى تەييار قىلىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن شۇ كۈنلەردە مەن شۇ مىھرىبان ئاتا – ئانام ، قىرىنداشلىرىم ، شۇنداقلا كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن بۇ ئەزىز ماكاندىن ئايرىلىشقا قىيمايۋاتاتتىم . لېكىن دادام – ئانامنىڭ تاتلىق نەسىھەتلىرى ، بولۇپممۇ شۇ مىھرىبانلىرىمنىڭ ئەجىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانداق جاپالىق شارائىت بولسۇن ، ئازاپ بولسۇن چىداش قارارىغا كەلگەن ئىدىم ...
 مانا ، بۈگۈن مەن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىمەن ، توغرىسىنى دىگەندە مۇساپىرلار لاگىرىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىمەن . يۈرەكلىرىم ئىرغىماقتا ...
 مانا ، مېنى ئۇزاتقىلى چىققان دادام ، ئانام ، سىڭلىم ، ۋە ئىنىم بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتىم . ئۇلار بىلەن ھەر بىر قىتىم قۇچاقلاشقىنىمدا يۈرەكلىرىم لەرزىگە كىلىپ شۇلارنىڭ يۈرىكى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ ، ئامال يوق يەنە ئاجىرتىمەن ، يەنە بىرلىشىدۇ ، يەنە ئاجىرتىمەن . قۇلاق تۈۋۈمدە دادام ئاخشام ئىيتقان سۆزلەر ، يەنى ھاياتىمدىكى ئالتۇنغا بەرگۈسىز ، قىمەتلىك سۆزلەر ياڭرىماقتا .
 شۇنداق قىپ بۇ زىمىندىن ، دادامدىن ، ئانامدىن ، قىرىنداشلىرىمدىن ئايرىلىدىغان تۇنجى قەدەمنى ئالدىم . ئالدىميۇ ئارقامغا قارىدىم ، يۈرۈكۈم جىققىدە قىلدى دادام سىڭلىم بىلەن ئىنىمنى تۇتىۋالغان ، ئانام بولسا كۆزىدىن مارجاندەك ياشلىرىنى تۆكۈپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ئىدى . مەن يەنە بىرقىتىم ئۇلارنى باغرىمغا بىسىۋىلىش ئۈچۈن قەدەم ئىلىشقا تەمشەلدىميۇ تۇرۇپ قالدىم چۈنكى ، دادام ئاخشام شۇنداق بولىشىنى پەملىگەندەك
- ئوغلۇم ، بىزدىن ئايرىلىپ يىراق يۇرتقا مۇساپىر بوپ بارىسەن ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزىڭگە تايىنىسەن، ئەتە پويىز ئىستانسىغا چىققىنىڭدا قارقىڭغا يانما ، بولمىسا سەن مېنىڭ ئوغلۇم ئەمەس ............ دىگەندەك بىرقاتار نەسىھەتلەرنى قىلغان ئىدى . شۇڭىلاشقىمقۇ يۈرۈكۈمنى تىلىۋاتقان شۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بىرىپ ، تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ پويۇزغا چىقتىم .
 مېنىڭ تۇنجى قىتىم پويۇغا چىقىشىم ، يەنە كېلىپ يالغۇز پويۇزغا چىقىشىم بولغاچقا سەل ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدىم دە باشقىلارنىڭ قىلغىنى ، ھەم نەۋرە ئاكام تۇرسۇننىڭ ئىيتىپ بەرگىنى بويىچە بىلەتتىكى ئورۇن نومۇرۇمنى تىپىپ ئولتۇردۇم ، ھەمدە يۈك – تاقلىرىمنى ئۈستىگە جايلاشتۇرۇپ قويدۇم .
 پويىزنىڭ قوزغىلىش دۈدىكى چىلىنىش بىلەن تەڭ پويىز قوزغالدى ، تەڭلا يۈرۈكۈم ئىختىيارسىز تەپچەكلەشكە باشلىدى ......
ئاخىرى بار  ...
     





155 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 0:03:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ