قاراڭغۇ ئورمان 19 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 19- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

بىز قوراللارنى توپلاپ قويۇپ كەينىمىزگە چىكىندۇق ، بۇ چاغدا ئۇچار جىسىمنىڭ ئاستى تەرپىدىن بىر كۆزنەك ئېچىلىپ بىر نۇر قوراللارنىڭ ئۈستىگە توغۇرلاندى- دە غايىبانە بىر خىل كۈچنىڭ تەسىرىدە كۆتۈرلۈپ ھېلقى كۆزنەككە كىرىپ كەتتى. ئۇ جاينىڭ ئىشىكى ئىتىلدى . كەينىدىن ئۇچار جىسىمنىڭ ئوتتۇرسىدىن بىر ئىشىك ئېچىلىپ ،سىرىلىپ چۈشۈپ پەلەمپەي شەكلىگە ئۆزگەردى ، بۇ چاغدا ئېچىلغان ئىشىكتىن چىققان كۈچلۈك يورۇقلۇق بىزگە توغۇرلانغان بولۇپ ،ئۇنىڭ كۆچلۈكلىگىدىن كۆزىمىزنى قولىمىز بىلەن توسىغاچ تەستە ئىشىككە قارىدۇق . ئىشك ئالدىدا نۇر ئىچىدە بىر قارا گەۋدە كۆرۈندى ، ئۇ پەسكە چۈشمەيلا يەنە بىر گەۋدىمۇ كۆرۈندى، ئىككى گەۋدە ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە بىردەم تۈرىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن يەرگە چۈشتى . بۇ گەۋدىلەرنى كۆرۈپ بىردىن ھاياجانلىنىپ خۇش بولسام ، بىردىن ئۇلاردىن قورقۇپ جىددىيلىشەتتىم، ئۇلار ئاستا مېڭىپ بىزگە يىقىنلىشىۋاتاتتى، نۇر ئىچىدە ئۇلارنىڭ گەۋدىسى بەك غۇۋا كۆرۈنگەچكە بىز تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق.

كىم بىلىدۇ قانداق قورقۇنۇچلۇق مەخلوقلاردۇ ، كىلىپلا بىزنىڭ قېنىمىزنى شورامدۇ ياكى ئالاھىدە سېھرى بىلەن بىزنى كونتۇرۇل قىلىپ تەجىرىبە ماتىريالى قىلامدۇ ؟مەن بۇنداق ھىكايىلەرنى ئۇچار جىسىم ھەم تاشقى پىلانىت ئادەملىرى توغۇرسىدىكى ماتىرياللارنى كۆپ ئوقۇغاچقا ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىۋاتاتتىم . تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئالدىمىزغا كىلىپ توختىدى ، بىز ئۇلارغا قاراپ ھاڭۋېقىپلا قالدۇق ، ئۇلارنىڭ بويى ئىككى يېرىم مىتىردەك ئىگىزلىكتە، بەستلىك ، قارا قوغدىنىش كىيىمى كەيگەن ، قوغدۇنىش كىيىملىرى خۇددى ساۋۇتلاردەك ھەيۋەتلىك ، بېشىدا ئۇزۇنچاق قالپاق، مەن بۇ قالپاقنى تونۇدۇم ، بۇ ئورمانلىقتا بىز كۆرگەن قالپاق ئىدى.  ئۇنىڭ يۈزىمۇ نىقاپلانغان، كۆزىگە قالپاققا تۇتاش قارا ئەينەك چۈشۈرۈلگەن ، قولىدا قانداقتۇ ئۇزۇن ،غەلىتە بىر قورال تۇتقان ئىدى، ئۇ قورالى ئۇچى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدە ئۈچ يۈزلۈك باش ، ئاستى تەرپى سېپى بولۇپ ، قارىماققىلا ئالاھىدە قورالدەك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ بوي تۇرقى ، كىيىم - نىقاپلىرى ئوخشاش ئىدى. بۇ كىيىم - كىچەكلىرى ھەم قالپاقلىرى بىلەن ئۇلار تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى .

 ئۇلار بىزگە بىر قۇر قارىۋېتىپ بىر خىل غەلىتە ئاھاڭدا گەپ قىلدى، ئۇ ئاۋاز بىردىن بوم ، بىردىن تۈز ئىدى .

 - بىز سىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشكە قوشۇلدۇق .

ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئەس - ھوشىمىزنى يىغالمايۋاتقاچقا نىمە دىيىشنىمۇ بىلەلمەي دەماللىققا تۇرۇپ قالغانتىم .

- بىز سامانيولى سېستىمىسىدىكى سىلەرنىڭ يەر شارىدىن 25 ھەسسە چوڭ كىلىدىغان پىلانىتتىن كەلدۇق، سورايدىغىنىڭلار بولسا بىز بىلەن مېڭىڭلار !

ئۇلاردىن بىرى شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇچار جىسىم تەرەپكە ماڭدى ، بىز بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ بېقىپ ئەگەشتۇق ، يەنە بىرى كەينىمىزدىن ماڭدى . ئەزەلدىن ئەڭ چوڭ سىر بولۇپ كىلىۋاتقان بۇ تاشقى پىلانىتلىقلارنىڭ قاتناش قورالىنى ئەمدى بىز تۇتۇپ ، چىقىپ ، كۆرۈپ باقىدىغان پۇرسەتكە نائىل بولغان ئىدۇق . بىز ئۇلارغا ئەگىشىپ پەلەمپەيدىن چىقتۇق ، ھاياجاندا پۇت - قوللىرىمىز تىتىرەپ كۈچلۈك نۇر چىقىۋاتقان ئىشىكتىن ئىچىگە كىردۇق ، بايقى بىزنىڭ كۆزىمىزنى چاققان نۇر ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ئىچىنى يورۇتۇپ تۇرغان يورۇقلۇق بولۇپ ، ئەتىراپقا قاراۋېتىپ كۆزلىرىمىزگە ئىشىنەلمەيلا قالدۇق.  ئىچى باشقىلا بىر دۇنيا ئىدى ، يومىلاق گەۋدىسىگە ئاساسەن ، ئەتىراپىغا كۆرمىڭلىغان كونوپكا ، ئىكىران ئورنىتىلغان ،كونوپكىلار ھەر خىل رەڭ چىراقلاردا يورۇپ تۇرغان ،ئىكىرانلاردا قەيەر ئىكەنلىگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان جايلار ، يەنە غەلىتە يەر شەكىللىرى ،پىلانىتلارنىڭ مەنزىرسى، چوڭ - كىچىك غەلىتە جانلىقلارنىڭ ھەركەت ئەھۋالى ، ئۇچار جىسىملارنىڭ ئۇچۇپ يۈرىگەن جايلىرىنى ،غەلىتە شەھەر ، بىنالارنى كۆرسىتىپ تۇراتتى .

بىز تۇرغان جاينىڭ ئوتتۇرسىدا يومىلاق بىر ئۆستەلدەك بىر يەر بولۇپ بۇمۇ ھەرخىل كونوپكا بىلەن تولغانتى ، قاراپ بېقىپ بەلكىم مۇلازىمەت ئورنى بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلۇدۇم ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئالاھىدە ئورۇندۇقلار قويۇلغانتى، بىز ھەيرانلىقتا ئەتىراپقا قىزىقىپ قارايتۇق ، لېكىن بۇ نەرسىلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىگى بىزگە قاراڭغۇ ئىدى .

- ئولتۇرۇڭلار ! - دىدى قارا كىيىملىك تاشقى پىلانىت ئادىمىدىن بىرى . بىز ئولتۇردۇق.

- سىلەر نىمە قىلىدىغان ئادەم ، نىمە سەۋەپتىن بۇ يەرگە كەلدىڭلار ؟

ھەمراھلىرىم ماڭا قاراشتى ، بۇ مېنى جاۋاپ بەر دىگىنى ئىدى .

- بۇ گەپنى مەن سورىسام بولار ، سىلەر بۇ جايدا كەلدىڭلار ؟ سىلەر نىمە قىلىسىلەر ؟

- بۇنى ئالدىرماي بىلىپ قالىسىلەر ، ئاۋال مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىڭلار ؟

قارا كىيىملىك ئادەم شۇنداق دىگەچ ماڭا قارىدى .

- بىز ئادەم ئىزدەپ كەلدۇق، ئۇلار موشۇ جايغا كىتىپتىكەن ،- مەنمۇ قىسقىلا جاۋاپ بەردىم .

 ئۇلاردىن بىرى كىلىپ ئورۇندۇقتىن بىردە ئولتۇردى ، يۈزىدە نىقاپ ، بېشىدا قالپاق ، كۆزىدە ئەينەك توساق بولغاچقا بىز ئۇلارنىڭ تەرقى - تۇرقىنى بىلەلمەيۋاتاتتۇق .

- بىز بۇ يەردە تۇرۋاتقىلى سىلەرنىڭ يىلىڭلاردا يۈز يىلدىن ئاشتى ، سىلەرنىڭ يەر شارىڭلارغا كىلىپ - كىتىۋاتقىلى مىڭ يىلدىن ئاشتى ،-دىدى ئۇ ،- يەر شارىنىڭ ئالاھىدىلىكى،  قۇرۇلمىسى ، ئىنسانلىرىنىڭ ياشاش ئادىتى ، ئېرقى ، تىلى ، مىللىتى ، سانى ، ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى ، تەرەقىياتى ، ئەقىل دەرىجىسى قىسقىسى سىلەر ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ئەھۋالى بىزگە ئايدىڭ ، ئۇنىڭدىن سىرىت يەر شارىدىكى باشقا جانلىقلار ، ئۆسۈملۈك ، كان بايلىقلىرى ، ھەتتا توپا - قۇم - تاشلىرىڭلارمۇ ھەممىسى بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزدىن ئۆتكەن، سىلەرنى ئۆزىمىزنى بىلگەندەك بىلىمىز ، يەر شارىڭلارنى ئۆزىمىزنىڭ پىلانتىنى چۈشەنگەندەك چۈشىنىمىز ، بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرىشىمىز پىلانتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر تۈرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن. ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، بىز سىلەر نەچچىڭلەرنى بىلىمىز ، ھەم ھەركەتلىرىڭلەرنى كۆرۈپ تۇرغان.

 ئۇ شۇلارنى دىۋىدى ھەممىمىز ئېغىزىمىزنى ئېچىپلا قالدۇق .روشەنگۈل ئاستا سۆزلەپ قويدى :

- شۇڭا سىلەر بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلىدىكەنسىلەردە ، ئەجەپلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك .

 ھېلقى قارا كىيىملىك چۈشەندۈردى :

- سىلەرنىڭ تىلىڭلارلا ئەمەس ، دىنىڭلارنى ، يېزىقىڭلارنى ، سانىڭلارنى ، تارىخىڭلارنىمۇ بىلىمىز ، بىز بۇلارنى تەتقىق قىلىپ بولغان ،لېكىن ئۆزەڭلەر بىلمەيسىلەر .

 مەن دەرھال سورۇدۇم :

- بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن ھەركىتىمىزنى قانداق بىلىسىلەر ؟

 ئۇ ئىكىرانغا بىر قاراپ قويىۋېدى ئىكىراندا بىزنىڭ ئورمانلىققا كىرىپ ماڭغان يوللىرىمىز،  مەخلوقلار بىلەن قىلغان جەڭلىرىمىز ، قاچقانلىرىمىز ، ھەتتا پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلەر بىر باشتىن نامايەن بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى .

- ئەسلىدە بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى بىلىپ تۇرۇپسىلەردە ، ئۇنداقتا دائىرىگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنى بىلىسىلەر دىگەن گەپ شۇنداقمۇ ؟- سورۇدۇم ھاياجانلىنىپ .

 - شۇنداق ، بىز بىلىمىز ، بۇ دائىرىگە يۈز يىلدىن بۇيان ئاز ئادەم كىرمىدى، چىقىپ كەتكىنى پەقەت بىرلا، باشقىلىرى ھەممىسى ھالاك بولدى .

ھالاك بولدى دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ بەدەنلىرىم غۇژژىدە بولۇپ كەتتى ، ئەجىبا پەرىدە … جىددىيلىشىپ سورۇدۇم :

- ئۇنداقتا بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىككى قىز بىلەن بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم كەلدىمۇ ؟

 ئۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي ئىكىرانغا بىر قارىۋېدى، ئىكراندا ئىشەك يىتىلىگەن پاكار،  قارامتۇق بىر ئادەم بىلەن ئىككى قىزنىڭ ئورمانلىققا كىرگەن كۆرۈنىشلىرى پەيدا بولدى ، كۆرۈنۈشلەر بىردىن توختاپ ئىككى قىزنىڭ چىرايى چوڭايتىلدى ، قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .يۈرۈگۈم شۇنداق قاتتىق سوقۇپ كىتىۋاتاتتى «پەرىدە ، شۇ پەرىدە ، ئۇنىڭ چىرايى بىر ئاز ئۆزگۈرۈپتۇ ،تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپتۇ ، پەرىدە سىزنى تاپتىم » . ئالدىراپ سورۇدۇم :

- ئۇلار نەدە ، ئۇلار ھاياتمۇ ؟

قارا كىيىملىك سۈرەتنى ماڭغۇزدى، قىزلار قورقۇنۇچلۇق مەخلوقلارنىڭ ئارسىدا قاپسىلىپ قالغانتى ، قىزلارنىڭ قورقۇپ ۋاقىراش ، يىغلاشلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرەتتى، مەخلوقلار قىزلارغا ھۇجۇم قىلغاندا قارا كىيىملىك سىننى توختۇتۇپ قويدى. مەن جىددىيلىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم :

- ئۇلار ھاياتمۇ؟

بەلكىم بۇ سۇئالىم ئەخمىقانە سۇئالدەك قىلاتتى ، شۇنچۇۋالا ۋەھشى ، قانخور مەخلوقلارنىڭ ئىچىدە قالغان قىزلا ھايات بولاتتىمۇ .

- ئۇلار ھاياتمۇ داۋاتىمەن؟ 

 قانداقلارچە ۋاقىراپ سالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ،مېنىڭ بۇ تۇرقۇمدىن نىجات بىلەن روشەنگۈل ھەيران قالغاندەك قىلاتتى ، قاھار ھاياجىنىڭنى بېسىۋال دىگەندەك قولۇمدىن تارتىپ قويدى.  قارا كىيىملىك ماڭا بىر قارىۋېتىپ جاۋاپ بەردى .

 - بىر ئىشەكتىن باشقىسى ھايات . كۆزلىرىم يورۇپ كەتتى .

- ئەمىسە ئۇلار قېنى؟

- بىز ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدۇق، لېكىن بىر ھەمراھىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئۇلار مانا .

 قارا كىيىملىك بىلكىدىكى بىر كونۇپكىنى بېسىشىغا ئۇچار جىسىمنىڭ يان تەرپىدىن بىر ئىشىك ئېچىلىپ ئۈچ ساندۇق شەكىلىك نەرسىلەر سۈرۈلۈپ ئوتتۇرغا چىقتى ، ھەم ساندۇقلارنىڭ ئېغىزى ئېچىلىدى ، قارا كىيىملىك« ئاشۇ شۇ » دىگەندەك ساندۇقلارنى ئىشارەت قىلدى ،بىز ساندۇقلارنىڭ يېنىغا باردۇق ، ساندۇقنىڭ ئىچكى ئېغىزى ئەينەك بولۇپ ئۈچ ساندۇقنىڭ ئىچىدە بىز ئىزدەپ كەلگەن ئۈچ ئادەم ياتاتتى .

 - ئۇلارغا نىمە بولدى ؟- دىدىم مەن ئەنسىرەپ ، - ئۇلارنى تەجىرىبە قىلدىڭلارما؟

- ياق ، ئۇلار ئۇيقۇدا ، ئۇلارغا بەرگۈدەك ئىنسانلار يەيدىغان يىمەكلىك يوق شۇڭا موشۇ ئۇسۇلنى قوللاندۇق . قارا كىيىملىك غەلىتە تىلدا بىر نەرسىلەر دىۋېدى ساندۇق ئەتىراپىدىكى كونۇپكىلارنىڭ چىراقلىرى يېنىپ ئىشقا كىرىشكەندەك قىلدى ، كەينىدىن ئەينەك ئېغىز ئېچىلدى ، ساندۇق ئىچىدىن مۇزدەك تۇمان كۆتۈرلۈپ بىردەمدىن كىيىن ياتقانلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئىكىران چاستوتىسىدا ھەركەتكە كەلدى ، بىز ھاياجاندا ساندۇق ئىچىگە تەلمۈردۇق.  مەن ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا پەرىدەنىڭ تىزاراق كۆز ئېچىشىغا ئىنتىزار بولىۋاتاتتىم ، كاللامدا ھەر خىل خىيال كىچەتتى « ئۇ مېنى كۆرسە قانداق ئويلا ، بىز ئايرىلغىلى تۆت يىل بولغان تۇرسا ئۇنتۇپ كەتكەندىمۇ ؟ » ئۇنىڭ يۇمۇلغان يۇغان كۆزلىرىگە قاراۋېتىپ قاپاقلىرىنىڭ مىدىراۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھاياجاندا ئۆزەمنى ئاران بېسىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بارماقلىرىمۇ سەل - پەل مىدىرلىدى ، ئېغىزىمغا قانداق كەلدىكىن چاقىردىم :

- پەرىدە … كۆزىڭىزنى ئېچىڭ … بۇ مەن . …

ئاخىرى بار ...........





3381 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-14 23:11:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-21 11:21:37 ياشار
ياخشى يېزىلغان ئ‍ەسەركەن
2016-1-22 2:33:05 دىلكەش
بەك ياخشى يىزىپسىز ئاكا
2016-1-15 18:17:49 بەخىت
ئ‍ابدىقەييۇم metro ئەپەندى قۇلىڭىز غا دەرت كەلمىگەي تىزراق يازاسىز بەك ساقلىتىۋەتمەي
2016-1-15 18:15:04 بەخىت
ئ‍وجون ما ئەسەرنى بىر كىچىدىلا كۆرۈلۈشى 1000 دىن ئېشىپ كىتىپتۇ
2016-1-15 14:50:37 ئابلمىت
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ھەممىسىنى دىگۈدەك ئوقۇپ چىقتىم، سىنارىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىپ ئىكرانغا چىقىرىلغان بولسا بەك ياخشى بولغان بۇلاتتى.
2016-1-15 14:33:30 ahmat
bak yahxi yeziliptu, man bak yakturdum dawamini tezrak awatigizlar
2016-1-15 2:56:24 ئادىل
asselamu alaykom man bu hikayigiz ni bak mu kizkip okwatiman bak yahxi yizip siz kolgiz da dat barmisun biz lada xaraet bolgan bolsa muxu hikayigiz ni kino kilip ixlisikan dayman mitro apan de rahmat biz la sungan asaerlirigiz ga
2016-1-15 1:44:21 ناۋا
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بولسا ھەممىنى بىراقلا يوللىغان بولسىڭىزلار بەك ياخشى بولاتتى كەينىگە تولىمۇ تەقەززا بولۇپ كەتتم قولۇڭىزلارغا دەرت كەلمىسۇن قېرىنداشلار
2016-1-15 1:19:42 سەمەتجان
ۋاھ ۋاھ نىمدىگەن قالتىس!! شۇندا ئىسىل ئەسەرنى بىزلەرگە سۇنغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، قوللىرىڭىز تالمىسۇن، كۆپ رەھمەت،
2016-1-15 1:12:49 dilxat
man asarlirigizni bak yahturup okuyman
2016-1-15 1:08:42 jinim
Kizip.katigu.....
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ