مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان ، بىر ئېرىقنىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچكەن ،كىچىك ۋاقتىمدا كىم ئۇنى بوزەك قىلسا مېنىڭ جېدىلىم شۇنىڭ بىلەن قالاتتى ،بەلكىم مۇشۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەتمىدۇ ؟
مەن ئۇنى تولا خىيال قىلدىغان بۇلۇپ قالغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى ، بىراق ئۇ ماڭا قانداق قارا ؟مەن بۇيىل ئەمدى تېخى 16ياشقا كىردىم بۇ باللقتىكى قىزىقىشمىدۇ ؟كاللام قايمۇقۇپ كەتتى .
بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىر مەكتەپ،بىر سىنىپ ، بىر پارتىدا بىللە ئوقۇپ كەلگەن ئىدۇق ، تاھازىرغىچە ئۆزگىرىپ باققىنى يوق ، بەلكىم مەڭگۈ شۇنداق بۇلۇشنى تىلەيمەن .
بۈگۈن ئۇ مەندىن سوراپ قالدى :
-ھەي قارا ،ئاۋۇ ئابدۇغېنى قانداقراق بالا ؟ئۇسەن بىلەن بىر ياتاقتىغۇ ،
-ھە شۇنداق ،نېمە بولدۇڭ سوراپ قاپسەنغۇ ، ئۇنى ياخغى كۆرۈپ قالمىغانسەن ؟
-ياخشى كۆرۈپ قالسام بولمامدۇ ؟
-ياق بولمايدۇ ،مەن تۇرغان يەدە خەققە قاراپ نېمە كەپتۇ .
-سەن يە ئۇنىڭدەك كېلىشكەن بولمىساڭ يە؟!
كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ قالدى ، دېمىسمۇ ئابدۇغېنى قويۇق دولقۇنسمان چېچى ،قاپقاراقېشى ،يېڭىدىن خەت تارتقان بۇرۇتى بىلەن ئەرلەر گۈزىلى بۇلۇشقا لايىق ،بىراق مەنمۇ ئۇنچىۋالا سەت ئەمەسقۇ ،.
پۈتۈن بىركۈن كاللامغا دەرىسمۇ كىرمىدى ،كۆڭلۈم يېرىم ،ئۇ مەندىن سورىدى -:
-نېمە بولدۇڭ ؟
-مەن بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .
-كىمنى ؟
-سېنى .
-چاقچاق قىلمىغىنە، -ئۇ دومسايدى ،ئەجىبا ئۇ مېنىڭ ھېسىياتىمنى چۈشەنمىدى .
كۈنلەر كەينى كەينىدىن ئۆتۈپ كەتتى ، دىلبەر كۈندە ئابدۇغېنىنىڭ غېمىدە يۈرەتتى ، مەن بولسام ئۇنىڭ ، كۈنلەر بەكمۇ تېز ئۆتۈپ كەتتى ، ئابدۇغېنى بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ھېچقانداق قىزلار بىلەن ئارلاشماي ، ئىزچىل تىرىشىپ ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر مەكتەپكە ئۆتتۈم ، بىراق قېرىشقاندەك دىلبەر ئۆتەلمىدى .
ئاتا ئانامنىڭ قاتتىق زورلاشلىرى بىلەن دىلبەردىن ئايرىلىپ ئالى مەكتەپكە يول ئالدىم ، مەن ئابدۇغېنى بىلەن يېقىن دوسلاردىن بۇلۇپ كەتتىم ، دىلبەر دەسلەپ بىزنىڭ ياتاق نومۇرغا تېلفون قىلاتتى ، ئۇ بىرىنچى بۇلۇپ مېنى سورايتى ،بىراق مەن تېلفوننى ئېلىشىمغا قېرىشقاندەك ئابدۇغېنىنىڭ ئەھۋالىنى سورايتى ،بەزىدە ئابدۇغېنىغا ئۆچمەنلىك قىلاتتىم ،يەنە بەزىدە ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم .
بىزكېلىپ ئۈچىنچى يىلى دىلبەردىن تېلفون كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى ، ئابدۇغېنى بەزىدە قىز دوستۇڭ تېلفون قىلمايدىغۇ دەپ مېنى تېرىكتۈرەتتى ،ئەمما ئۇ دىلبەرنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيتى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتا ئانامدىن كەلگەن خەۋەردە دىلبەر ئاتا ئانىسنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا توي قىپتۇ ،قاتقان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم ،ئاتائانامنىڭ ئوبدان ئوقۇ ، ئۆزەڭنى ئاسىرا دېگەن گەپلىرمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى .
بۇ قانداق تەغدىر ،ئەجىبا ئىنسانلار ئۆز مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەي ئۆتەمدىغانمىدۇ ،دىلبەرنىڭ پاك سۆيگۈسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى ، مېنىڭمۇ شۇنداق بولدى ، دىلبەرنىڭ ئابدۇغېنىغا بولغان سۆيگۈسى سىر بۇلۇپ قالدى ،ئابدۇغېنى سېچنېمىدىن خەۋەرسىز ،مېنىڭمۇ شۇنداق بولدى دىلبەر خەۋەرسىز ،مەن دىلبەرگە بولغان سۆيگۈمنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىغا دەپنە قىلىۋەتتىم .
2016-يىل 9-سېنتەبىر
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن ،
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى سورايمەن .
794 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-10 0:34:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-14 21:04:25 | شەبنەم |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،قۇلىڭىزغا دەرد بەرمسۇن ! سەل كۆپرەك يېزىڭ ئاخىرى بارمۇ يە؟ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|