بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 7-قسىىم

بۈيۈك ئاشىق 

(پوۋىسىت) 2-بۆلۈم 7-قسىىم

ئاپتۇرى تۇرغۇن سايرامى


ئىشىكتىن بىرى ئاستا قەدەم بىلەن كىرگەندەك قىلدى·
ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام پەرى ئىكەن ئۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، ئۇ ئاستاغىنە كىلىپ يېنىمدا ئولتۇردى ·
ئۇ گەپ باشلىدى،《ئۇنى ئۇرۇپ ياخشى قىلدىڭىز ھەقىقەتەنمۇ كۆزۈم كور بۇلۇپ قاپتىكەن ئەينى ۋاقىتتا سىزنى ھازىرقىدەك چۈشىنىپ بۇلالمىغان ئىدىم ، لىكىن سىزنڭ ياخشى يىگىىت ئىكەنلىكىڭىزگە ھەقىقەتەن ئىشىنەتتىم شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈمنى سىزگە ماس كىلەلمەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم چۈنكى مەندە سىزنى ئېشىپ چۈشكىدەك پەزىلەت يوق سىزگە قايسى تەرپىمنىڭ ياراپ كەتكىننى بىلمىدىم · قانچە رەت سىزگە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ بۇ دۇنيادا مەندەك بەخىتلىك قىزلاردىن يەنە قانچىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ ئەمما مەن ھازىر ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلۋاتىمەن رەھمەت قەدىرىمنى ھۆرمىتىمنى قىلغىنىڭىزغا 》ئۇ يەنە كۆز يېشى قىلدى مەن ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ قۇياي دىدىميۇ لىكىن قۇلۇمنى يۈزىگە تەككۈزەلمەي قالدىم بىر كۈچ ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتۈشكە دەۋەت قىلسا يەنە بىر كۈچ قۇلۇڭنى تارت دەۋاتقاندەك مەن نە قىلارىمنى بىلمەي ئىچىمنى ئاغىرتىپ ئولتۇردۇم توساتتىن ئاغزىمدىن چىقىپ كىتىپتۇ《بولدى كۆزىڭىزنى ئاسىراڭ يىغلاۋەرمەڭ مەن بۇرۇن سىزنى قەيسەر ھەر قانداق ئىش بولسۇن قەيسەرلىكىڭىزنى بويسۇندۇرالمايدۇ دەپ ئويلايتىم مەن سەۋەپلىك بۇنداق كۆز يېشىڭىزنى ئاققۇزىۋەرسىڭىز مەن چىدىمايدىكەنمەن ھەم بەك خىجىللىق ھېس قىلدىكەنمەن بۇنداق قىلماڭ ، نىمىنى قىل دەڭ قانداق ياردىمىم كېرەك بولسۇن ماڭا دەڭ مەن سىز ئۈچۈن تەييار تۇرۇپتىمەن ئەمما بىر شەرتىم بار چۇقۇم مىنى كۆرگىنىڭىزدە يۈزىڭىزدە ياش ئەمەس كۈلكە بولسۇن شۇندىلا مەنمۇ خۇشال بۇلىمەن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدۇ بىراق ئەتە ھايات بولساق بىز يەنە بۇ زىمىندا پۇت دەسسەپ تىك تۇرىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىنى كۈلكە بىلەن قارشى ئېلىشىمىز بۈگۈننى قەدىرلىشىمىز كىرەك ، ھەرگىزمۇ ۋاقىتنى ئۆتمۈشنى ئەسلەش بىلەن سەرىپ قىلماسلىقىمىز كىرەك بۇ بىر قانچە يىلدا مەن ھەر بىر ۋاقىتنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىپ يەتتىم بۈگۈن ئېرىشكىنىمىزنى ئەتە يوقۇتۇپ قويىشىمىز مۇمكىن ئىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىشكىنىمىزنىڭ قەدىرنى قىلۋالساق كىيىن چۇقۇم پۇشايمان قىلمايمىز 》شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا قارىدىم ئۇ زورىغا كۈلۈپ قۇيۇپ ماقۇل دەپ يەرگە قارىۋالدى ·
ئۇ 《بايا سىز ئابلىكىمگە دىگەن گەپنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم دىگەنلىرڭىز بەكمۇ توغرا خۇددى مىنىڭ ئىچىمگە كىرىپ چىققاندەك گەپ قىلدىڭىز نىمىشقا ھەر قېتىم كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى تېپىۋالىدىغانسىز بۇرۇنمۇ مەن ئويلاپ دىيەلمىگەننى تېپىۋالاتتىڭىز ھازىرمۇ شۇنداق قىلۋاتىسىز مەن ئۆتمۈشكە قايتىپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدىم · بۇرۇن سىزنى ياخشى كۆرگەن ئەمما ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى سىزمۇ ھېس قىلىپ بوپسىز بىراق ھازىر …》 دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى·
ھازىر نىمە ئاخىرنى دىمەمسىز؟
سىز كەمدىن كەم تېپىلدىغان يىگىت سىزنى ھازىر تۇلۇق چۈشۈنۈپ يەتتىم سىزدىن ھەر تەرەپلىمە پەزىلەت ۋە جۇشقۇنلۇقنى تاپقىلى بۇلىدۇ سىزگە مەن ماس كىلەرمەنمۇ ھە ، ئۇ شۇنداق دەپ تۇمشۇقىنى ئۇشلايتىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى·
مەن- ئەخمەق قىز نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز ، ماس كىلەرمەنمۇ دىگەن نىمە گەپ ئۇ …مەنمۇ ئادەم تىلىمىزمۇ دىلىمىزمۇ ئوخشايدۇ بىراق سىز بەك ئوماقراق شۇ دەپ ھىجىيىپ كۈلدۈم ئۇ نازلىنىپ ئەسكى دەپ مۆرەمدىن ئىتتىرىپ قويدى·
بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ سىرتقا چىقتۇق قەلبىمدىكى خۇشاللىقنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئاجىزلىق قىلاتتى كوچىدا كىتىپ باراتتۇق نەچچە رەت ئۇنىڭغا قاراپ قۇياتتىم .
《نىمە ئادەمگە ئوغۇرلۇقچە قاراۋېرسىز قارىغۇڭىز بولسائوچۇق ئاشكارە قارىمامسىز ئادەمنى خىجىل قىلماي 》دەپ تۇمشۇقىنى ئۇشلايتىپ باشقا تەرەپكە قارىۋالدى.
مەن 《پەرىدە سىز قەلبىمدىكى پەرىشتەم سىزنى ئەمدى يوقۇتۇپ قۇيۇشنى ھەرگىز خالىمايمەن مىنى يالغۇز قويماڭ بۇلامدۇ بولمىسا بەك ئازاپلىندىكەنمەن سىزسىز ئۆتكۈزگەن كۈنلۈرۈمنى زىمىستان دەپ بىلىمەن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى كۈتكەن باھار بەكمۇ تەستە كەلدى قەلبىم ئىللىشقا باشلىدى  》ئۇ ئېغىزمنى قولى بىلەن توسىۋالدى ھەمدە《ئەمدى بىزنى ئايرىيدىغىنى ئۆلۈم ئۇندىن باشقا سەۋەپ بىزنى ئايرىۋتەلمەيدۇ ھاياتىمنى سىزگە تاپشۇردۇم سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈنۈمنىڭ ئۆزى بىر بەخىت دەپ بىلىمەن سىزنى نۇرغۇن رىيازەتتە قالدۇردۇم بۇندىن كىيىنكى ئۆمۈرۈمنى ، مۇھاببىتىمنى سىزگە بېغىشلايمەن  》ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دىگەندە يۈركۈم سىرتىغا چىقىپ كەتكىلى ئازلا قالغان ئىدى ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلغان ئىدىم ئۇ بېشىنى ئاستا مۆرەمگە قويدى ئۇ ماڭا يۆلەندى دىمەك مەن ئۇنىڭ تۈۋرىكى مەن ھاياتلام بۇلدىكەنمەن ئۇنى ئۆزۈم بىلەن تەڭ مەزمۇت تۇرغۇزىمەن چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم كەلگۈسۈم ئارمانىم ۋە ھاياتىم ئۇنىڭ ھەر بىر كۈلكىسى مىنىڭ يۈركۈمنى ياشارتىدۇ ماڭا زوق بېغىشلايدۇ ;
شۇ كۈندىن باشلاپ بىز قايتا مۇھاببەت ھىكايىمىزنى باشلىدۇق ھەر كۈن شۇنداق خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتىۋاتقان ئىدى .
بىز يۈرگىلىمۇ نەچچە ئاي بۇلۇپ قاپتۇ بىرەر قېتىمۇ كۆڭۈلسىزلىك بولمىدى ئارلىقىمىزدىكى ھۆرمەت بەك ئۈستۈن ئۇ مىنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ مەنمۇ شۇنداق ئارلىقىمىزدا ھېچبىر بوشلۇق يوق
مانا بۇ مەن ئارزۇ قىلغان مۇھاببەت مەن تەقەززا بولغان مۇھاببەت قانچىلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرغىنىم ئېسىمدە يوق قانچىلىك نەتىجە قازانغىنىممۇ ئسىمدە يوق
ئېسىمدە قالغىنى ھازىرقى زور نەتىجەم بۇ نەتىجەمدىن بەكمۇ سۈيۈنىمەن .
نىسىپ قىلسا روزا ھېيت ئىچىدە ئىككىمىز ئىللىق ئائىلە قۇرىمىز مىنىڭچە نىسىپ قىلدۇ چۇنكى باشتىن ئاخىر ئۇنىلا تەلەپ قىپ كەلدىم ئۇنىلا كۈتتۈم نىيتىمنى گۈزەل قىلدىم .
ھەقىقى مۇھاببەتكە ھەممىلا ئادەم شۇنچىلىك تەقەززا بۇلىدۇ ئەلۋەتتە ئۇ ئۆزى كىلىپ قالمايدۇ بەلكى ئۆزىڭىز قۇرۇپ چىقىسىز بىرسىنىڭ قولىنى تۇتقان ئىكەنسىز دىمەك سىزنىڭ بولدى پۈتۈنلەي بولمىسىمۇ قەلبى مېھرى سىزنىڭ بولدى .
مۇھاببەت ئۇيۇن ئەمەس ئۇيۇن كۆرۋالغانلارغا ئۇيۇن ،سىز قانچىلىك مېھىر بەرسىڭىز شۇنچىلىك مۇھاببەتكە ئېرىشىسىز.
نۇرغۇن ئاشىق مەشۇق ھىكايىسىنى ئاڭلىدىم ئۇقۇدۇم كۆردۈم بەزىسى شۇنچىلىك مېھىرلىك قۇرغان بولسا ئازغىنە خۇشاللىقنى دەپ قەلبىنى يوقىتىدۇ ئادىمىيلىكنى يوقىتىدۇ ۋىجدانىنى يوقىتىدۇ بۇ يوقۇتۇش سىزنى ھاياتتەك كۆرسەتكىنى بىلەن تىرىك جەسسەتكە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ.
دوسلۇرۇم مۇھاببەت بىلەن نەپرەت ئېنىق ئايرىلشى كېرەك بەزىلەر مۇھاببەت بىلەن نەپرەت قوش كېزەك دىيىشىدۇ ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس مۇھاببەت بىلەن قوشكىزەك بولغىنى گۈزەللىك سىز قانچە چىرايلىق بۇلۇڭ قانچىلىك كىلىشكەن بۇلۇڭ قانچىلىك باي بۇلۇڭ ياكى قانچىلىك ئەقىللىق مۆتىۋەر كۈچلۈكلەردىن بۇلۇڭ قەلبىڭىزدە مېھىر بولمىسا سىز بەربىر بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە قېلىشقا تىگىشلىك مېھىرىڭىز ئىللىقلىققا تولمىسا نەپرەت سىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بۇلغۇسى …
مېھىرلىك بولسىڭىز مېھىر سىزنى ھەقىقى بوستانلىققا باشلايدۇ .
ئادەمدە مېھىر چەكلىك ھەر بىر مەۋجۇتلۇققا بىرلا مېھىر باردۇر سىز قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز ئۆز ئورنىدا ئىشلەتمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويغىنىڭىزدا بىلمەستىن زىمىستان سىزنىڭ دۇنيارىڭىزغا ئايلىنىدۇ .
شۇڭلاشقا ھاياتلىقىڭىزدا مېھىرلىك ياشاڭ .
خەيىر ئوقۇرمەنلىرىم بۇ ھىكايە ئەمدى ئاخىرلاشتى ئەمدى يېزىلمايدۇ شۇڭا مەيلى ياخشى چىقسۇن مەيلى ياخشى بولمىسۇن مەندىن ھەرگىز رەنجىش بولمىسۇن .
قەلبىمنىڭ ئەڭ يالغۇزلۇق ۋاقىتلىردا سىلەردەك ئوقۇرمەنلىرىم ماڭا ھەمراھ بولدى دەپ ئويلايمەن سىلەر بولمىساڭلار مەن بۇ ھىكايەمنى ئەسلىيەلمىگەن بۇلاتتىم .
ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن شۇنداقلا ئۆزۈمگىمۇ ، خەيىر ئامان بۇلۇڭلار…
     





215 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-27 21:59:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-4 23:59:14 مۇختەرجان
بۇ ھىكايىڭىز ماڭا بەك يارىدى مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھىكايە بۇ سىز يوللىغان كۈندىن باشلاپ ئوقۇغىلى تۇرۇپتىم ئەمدى ئاخىرلىشىپتۇ بەخىتلىك بولۇڭلا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ