ئاشىق مەشۇق جەسەت (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 3-قىسىم

ئاشىق مەشۇق جەسەت

 (ۋەھىمىلىك ھىكايە) 3-قىسىم


ئايال جەسسەت چوڭ بىر تىنىق تىندى بۇ تىنىقتىن بەدبۇي پۇراق نەپىسىم بىلەن تەڭ ئىچىمگە كىرىپ كەتتى بىردىنلا مەندىكى قورقۇنۇچ يۇقاپ شۇنداق يىنىكلەپ كەتتىم ئۇنىڭ ھىكايسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئاستا كىلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم .
ئۇ خىقىرغان ئاۋازدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،
ئۇ يىگىت ھەقىقەتەن تەدبىرلىك ئىكەن ، ئۇ ماڭا سىزنى ئالماقچى بولغان يىگىتنى رايىدىن قايتۇرمىز دىدى مەن ھەيران بۇلۇپ قانداق چارىڭىز باركىن دەپۈسورىدى ئۇ يىگىت يېنىدىن كىچىك بىر تۇمارنى ئالدىدە بۇنى بوينىڭىزغا ئېسىۋالسىڭىز ئۇ يىگىتنىڭ كۆزىگە 100 ياشلىق مومايدەك كۆرۈنىسىز دەپ ماڭا سۇندى مەن قۇلۇمغا ئېلىپ كۆينىكىمنىڭ يىپىنى چىقىرىپ بوينۇمغا ئېسىۋالدىم ئۇ يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ مەن قايتاي ئۆيدە كىسەلچان ئانام بار ئىدى دەپ خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.
مەنمۇ ئاتقا مىنىپ چاپتۇرغان پېتى ئۆيگە باردىم ۋە دادامغا تويغا قۇشۇلدىغانلىقىمنى تويدىن بۇرۇن بوغۇزى يىگىت بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قۇيۇپ ھۇجىرامغا كىرىپ كەتتىم .
ئەتىسىلا يىگىت كەپتۇ ، مەن چۈمبەل ئارتىپ ئۇ يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقتىم بىز باغ ئايلانغىلى چىقتۇق ، لىكىن چۈمبىلىمنى پەقەت ئېلىۋەتمىدىم يىگىت چۈمبىلىڭىزنى ئېلۋېتىڭ دەپ يالۋۇغىلى تۇردى مەن ياق دەپ نازلانغان قىياپەتكە كىرۋالدىم، ئىچىمدە ئۇ يىگىتنىڭ بەرگەن تۇمارى ئۈنۈمىنى كۆرسەتسە ئىدى دەپ تىلەك تىلەپ كەتتىم .
ئاخىر ئۇ يىگىت چۈمبىلىمنى قايرىۋەتتى يىگىت مىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى قاراپ تۇردۇم يىگىت ھاپىلا -شاپىلا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى نىمىش بولغىننى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە ھېلىقى يىگىتنىڭ《بۇنى تاقىۋالسىڭىز 100 ياشلىق مومايدەك كۆرۈنىسىز 》دىگەن گىپى ئېسىمگە كەلدى بۇ ئىشتىن بەك خۇش بولدۇم باغدىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرسەم دادام ئاچچىقلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ ھۇجۇرا ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم دادام ، قانداقسىگە مومايدەك كۆرىدۇ بىر ئوبدان چىرايلىق پەرىزارتتەك تۇرمامدۇ بۇ بەگنىڭ ئوغلىنىڭ كۆزى چاتاقمۇ نىمە دەپ ۋايساۋاتقىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ھېلىقى ئوتۇنچى يىگىتكە بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم.
كەچلىقى ئۇخلاي دەپ ياتقىنىمدا ھېلىقى ئوتۇنچى يىگىت كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم .
بىر كىچىنى تۈنەپ ئاران تاڭ يورۇتتۇم ئوتۇنچى يىگىتنى ئىزدەپ ناشتىلىق يىمەستىنلا ئېتىمغا مىنىپ دەريا تەرەپكە قاراپ چاپتۇردۇم .
دەريا بۇيىغا كىلىپ ئەتراپقا بىرمۇ -بىر قاراپ چىققان بولساممۇ ئۇ يىگىت كۆرۈنمەيتى شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى كۈنى بىز ئولتۇرغان جايغا كىلىپ ئولتۇردۇم .
ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىت ساقلىدىم بىراق ئۇ يىگىت كەلمىدى ئىچىم سىقىلىپ ھىلقى ناخشامنى ئېيىتتىم تۈنجى كۈنىدەك ئۇ يىگىت ناخشامنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرگەچ ئالدىمدا پەيدا بولدى.
‌سالام -سائەت قىپ بۇلۇپ بىز يەنە پاراڭلاشتۇق ئۇ يىگىت ، ھە ئۇماق قىز قانداق بولدى تۇمار كۈچىنى كۆرسەتتىمۇ ؟ دەپ سوردى.
‌مەن خۇشاللىقىمدا ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم ئۇ يىگىت، ھە ياخشى بوپتۇ ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسىز؟ دەپ سوردى .
‌مەن تۇمشۇقۇمنى ئۇشلايتىپ تۇرۇپ ، قەلبىمدىكى شاھزادىنى ساقلايمەن شۇ دەپ يەرگە قارىۋالدىم ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ تۇرۇپ ، مەن سىزنى كۈزتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى قەلبىڭىزدىكى شاھزادە بۇلۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن دەپ مۇھاببەت ئىزھار قىلدى مەنمۇ قۇشۇلدۇم تېزلا مۇھاببەت ھىكايىمىز باشلاندى .
‌ئاردىن 1 يىل ئۆتكەندە بىز دەل شۇ دەريا بۇيىدا سەيلە قىلۋاتقان ئىدۇق ئاسماندىن بىر چوڭ يۇلتۇز بىزنىڭ يېنىمىزغىلا چۈشتى سەپ سېلىپ قارىسام ئۇ بىر ئۆي ئىكەن ئۆيبىڭ ھەممە يېرى تۆمۈر بۇلۇپ ئەتراپى بىنەپشە نۇر چىقىرىپ تۇراتتى.
‌قورقىغان ھالدا يىگىتىمنىڭۈقولىنى تۇتۇپ ئاسماندىن چۈشكەن ئۇ ئۆيگە قاراپ تۇردۇم ئۇ ئۆيدىن ماشىنا ئادەملەرگە ئوخشاش ئادەم سۈپەت بىر نەچچەيلەن چىقىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىلىپ تىزلاندى ئۇلار مەن بىلمەيدىغان تىلدا گەپ قىلۋاتقان ئىدى .
‌مەن ھەيران بۇلۇپ قاراپ تۇردۇم . ئەسلى ئۇلار يىگتىمگە تىزلانغان ئىكەن يىگتىم مەن چۈشەنمەيدىغان شۇ تىل بىلەن ئۇلارغا گەپ قىلۋاتاتتى ;
‌بۇ دەقىقىدە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئەسلا بىلمەي قالدىم ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر ئۆي ئاسماندىن چۈشتى ئىچىدىن بۇلارغا ئوخشىمايدىغان مەخلۇق چۈشتى كىلىپلا ئۇلار سوقۇشۇپ كەتتى مەنمۇ ئۇلارنىڭ چىقارغان نۇرى بىلەن قانچىلىك يىراقلىققا ئۇچۇپ كىتىپ قانچىلىك ۋاقىت ھوشۇمدىن كەتكىنىمنى بىلمەيمەن.
‌كۆزۈمنى ئاچسام يىگتىمنى كىيىن چۈشكەن ئۆيدىن چىققانلار تۇتىۋاپتۇ يىگتىم ماڭا ، مەن سىزگە بەرگەن تۇمار بىلەن مىنى قۇتۇلدۇرالايسىز ئۇ بىر خاسىيەتلىك تۇمار ئوتتۇرىدا بىر كۇنۇپكا بار ھەر كۈنى ئۇنى ئوت قالقۇنىغا 10 مىنىۇت قاقلىسىڭىز ئۇنىڭغا ئىنىرگىيە تۇلۇقلىندۇ ھەم كۈچلىندۇ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىردى مەن نىمىش بولۋاتقىننى چۈشەنمەستىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم ئۇ يەنە ئىسىڭىزدە بولسۇن سىز ئۇ تۇمارنى بوينىڭىزدىن ھەرگىز ئېلىۋەتمەڭ تىنىڭىز ئۆلسىمۇ روھىڭىز ھايات قالدۇ دىيشىگە ھىلىقى مەخلۇقلار ئۇنىڭ بېشىدىن ئىتتىرگەن پېتى تۆمۈر ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر كۈچلۈك بولغان سۆسۈن رەڭلىك نۇر بىلەن غايىپ بولدى .
‌ئايال جەسسەت  ۋىقىلداپ يىغلاپ كەتتى مەن ئۇ جەسسەتنىڭ بوينىغا قارىسام ئۈچ بۈرجەكلىك چوڭلۇقى 1 ياشلىق بوۋاقنىڭ ئالقىنچىلىك كىلدىغان ئوتتۇردا بىر ئوت يالقۇننىڭ رەڭگدە نۇر چىقىرىپ تۇردىغان نەرسە بوينىدا ئېسىقلىق تۇراتتى.
‌مەن ، سەن دىگەن تۇمار بوينۇڭدىكى يورۇقلۇق چىقىرىپ تۇردىغان نەرسە شۇمۇ دەپ سورىدىم;
‌ئۇ يىغسىنى توختىتىپ ، ھە ئە مۇشۇ شۇ دەپ جاۋاپ بەردى.
‌داۋامى داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا……
ئەسەر ئاخىرنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ
1840323190ئۈندىدار





545 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-1 10:35:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ