مىليونگۈل قاتىللىرى

ـ مىليونگۈل قاتىللىرى ـــ


(كەترەن)


ــ مىليونگۈل قونالغۇسىدىكى ھەربىر قاتىل ئۆزنامىنى بىرخىل گۈل ئىسمى بىلەن ئاتىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەسلى ئىسمى، چىراي تۇرقى، تۇرار جايى ھەرقانداق كىشىدىن سىر تۇتۇلغان. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىربىرىنىڭ ئىسمىنى،كىملىكىنى سوراشمايدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ نىقابىغا كەشتىلەنگەن ھەرخىل گۈللەر، كەترەن، ھەشقىپېچەك، ئالوي، ئەتىرگۈل، غۇنچىگۈل، قارا كۈركۈم .......ئارقىلىقلا بىربىرىنى پەرق ئىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئىنتايىن خۇپيانە ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ كىملەرنىڭ قانداق ئۇسۇلدا پۇلنى كىمگە تاپشۇرۇپ قانداق ئۇسۇلدا قاتىللارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىدۇ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ـــ

كىشىلەر پەقەت شۇنىلا بىلىدۇكى، مىليونگۈل قاتىللىرى مەخسۇس بايلارنى، چوڭ ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرىدۇ، ئەلۋەتتە بۇمۇ باشقىلارنىڭ ئاشۇ كىشىنى ئۆلتۈرگۈزۈش ئۈچۈن يۇقىرى باھا چىقىرىش بەدلىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ ـ

شۇڭا ئادەتتىكى پۇقرالارغا مىليونگۈل قاتىللىرى ئانچىلىك قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلمايدۇ، چۈنكى ھىچكىم ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل چىقىرىپ نامراتلارنى ئۆلتۈرگۈزۈشنى خالىمايدۇ دە ـــ

ــ كەترەن ـــــ مىليونگۈل قاتىللىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق، ماھارىتى ئەڭ ئۈستۈنى بولۇپ قاتىل ياللاپ ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى ياللاشنى ئاَرزۇ قىلىدۇ، لىكىن قاتىلنىڭ داڭقى قانچە چوڭ بولغانسىرى ياللاش ھەققى شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ، كەترەننىڭ ۋەزىپىنى يۈز دە يۈز ئورۇندايدىغانلىقى، چاققانلىقى، ماھارىتىنىڭ تەڭداشسىز ئۈستۈنلۈكى ئۇنىڭ باھاسىنىمۇ شۇ دەرىجىدە ئۈستۈرۋەتكەن، ــ

ـــ بۈگۈن يەنە كۈنگە جۈمە، كىشىلەر جۈمە نامىزىدىن يېنىپ كۆڭۈللىرى يورۇپ پايتەخت يەكەننىڭ كوچىلىرىغا تاراپ تىرىكچىلىرىنى قايتىدىن باشلاپ كېتىشتى، باي غوجاملار بولسا بۈگۈن كېچە يەنە كىملەرنىڭ گۈلقاتىللارنىڭ قولىدا ئۇ دۇنياغا ۋاقىتسىز كېتىدىغىنىنى قىياس قىلىشىپ دەككە دۈككىدە بۈگۈن كېچىنىڭ تىزراق ئۈتۈپ كېتىشىنى ئاللاھتىن تېلىمەكتە َــَ

دەل مۇشۇ پەيتتە شەھەرنىڭ مەلۇم بىر بۇرجىكىدە گۈلقاتىللارمۇ ئادىتى بويىچە يېغىلىپ بۇ ھەپتە تىزىملىككە چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئادرىسىنى شۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە ياللانغان قاتىلغا تاپشۇرۇپ ئالدىن بېرىلگەن تىللالارنى ئۈلەشتۈرۈۋاتاتتى، بۇ ھەپتە تىزىملىككە ئىككى كىشى چۈشكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرى ئوردىدىكى تۇتقاۋۇل بەگ ئىدى، ئۇ

كەترەنگە تاپشۇرۇلدى، كۆپچىلىك ھەممىسى تاراپ كىتىشتى، گۈلقاتىللارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۇلار ھەرقانداق چاغدا بىر بىرى بىلەن ھەمكارلاشسا، دوستلاشتسا بولمايتتى، پەقەت ھەر جۈمە كۈنى نىقابلىنىپ مۇشۇ كونا قازناققا كىلىپ پۇل ۋە تىزىملىكنى ئېلىپ چىقىپ كىتەتتى، كەترەن باشقىلار ھەممىسى تاراپ كىتىشكەندىن كىيىن ئاستا نىقابىنى ئالدىدە تامغا يۈلىنىپ يەردىلا ئولتۇردى، پۈتۈن شەھەردە نامى چىقسا كىشىنى تىترەك باستۇرىدىغان بۇ ۋەھشى قاتىل ئەمەلىيەتتە ئەمدىلا 20ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش بىر يىگىت ئىدى، ئۇ خىيالچان كۆزلىرىنى تور قاپلىغان تورۇسقا تېكىپ باش ئاخىرى يوق خىياللار ئارىسىدا شۇڭغۇماقتا ....

16ياش ۋاقتىدا تۇنجى قىتىم تاغىسىغا ئەگىشىپ ئوغۇرلۇققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قىلىپ تاغىسىنىڭ باينىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن قايناۋاتقان ياغقا تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ بولسا قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ سىنچىلاق بارمىقىنىڭ كېسىۋىتىلگەنلىكى، كىيىن باينىڭ ئۆيىگە باينى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەن گۈلقاتىلنىڭ ئۇنى قوتۇلدۇرۇپ ئىلىپ چىققانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن مىليونگۈل قونالغۇسى دەپ ئاتىلىپ قالغان مۇشۇ كىچىك قازناق ۋاستىسى ئارقىلىق قانچىلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى .....

توغرا، يەنە ھىلىقى مىنى قۇتقۇزغان مامكاپ تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتتى، بەلكىم ئۇ تۇتۇلۇپ قىلىپ قاتتىق قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەندۇ، ھەييي ...

كىشىلەر بىزنىڭ كىملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىمىزنى بىلىدۇ، لىكىن بىز ئۆلۈپ كەتسەك ھىچكىم بىلمەيدۇ، بەلكىم ئۆلگەنلىكىمىزنى بىلىسە تۇپراق بېشىمىزغا بېرىپ چوڭ تەرەت قىلىپ قويىشى مۇمكىن، كىم بىلىدۇ تىخى، بۈگۈن كېچە تۇتقاۋۇل بەگنىڭ قورۇسىدا جېنىمنى سېلىپ بېرەمدىم .....

ئۇ شۇلارنى ئويلىغاچ ئورنىدىن لىككىدە قوپتى، شۇئان ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم تاسادىپى يارلانغان سول پۇتى زىڭڭىدە ئاغرىپ ئاغرىق پۈتۈن بەدەنگە تاراپ كەتتى، ئۇ بىردەم جىمجىت تۇرۇۋىلىپ ئاندىن چىشىنى چىشلەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى ....

... يېرىم كېچە. ئەتراپ شۇنچىلىك قاراڭغۇ.

تۇتقاۋۇل بەگ قورۇسىدا مۇھاپىزەتچىلەر قاراۋۇللۇقتا تۇرماقتا، كەترەن بولسا تۇتقاۋۇلنىڭ باغ تەرەپتىكى تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈش ئۈچۈن قارچىغا تىرنىقى باشلىق ئىنچىكە ئارغامچىسىنى ئېگىز سوقما تامغا نەچچە قىتىم ئېتىپمۇ تۈزۈك ئېلىنمىغاچقا باشقا ئامال ئىزدەۋاتاتتىَ

ـــ پۇتۇم ساق بولسىغۇ كاشكى، بۇنچىلىك سوقمىدىن .....

ئۇ يىنىدىن قوش شەمشىرىنى چىقاردى ھەم تازا كۈچەپ سەكرەپ ئوڭ قولىدىكى شەمشەرنى سوقمىغا سانجىپ كىرگۈزدى، ئاندىن بەدىنىنى بېلەكىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئۈستىگە كۆتۈرۈپ ئاندىن سول قولىدىكى خەنجەرنى كۈچەپ سوقمىغا ئۇردى ....

ئۇ قورۇغا يىنىك سەكرەپ چۈشكەندىن كىيىن ئەتراپنى كۆزىتىپ غۇۋا جىنچىراق يورۇقى چۈشىۋاتقان بىر ئۆيگە دىققىتىنى ئاغدۇردى، ھەم مۈشۈكتەك يىنىك قەدەملىرى بىلەن ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇ پەنجىرە يىنىغا كىلىپ ئاستا ئۆي ئىچىگە قارىدى، ئۆي ئىچىدە تۇتقاۋۇل بەگ شۇنچە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي بىر چوڭ قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى خاتىرلەۋاتتاتتى، كەترەن ئەتراپقا سەپسېلىپ قاراپ قاراۋۇللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دەرۋازا تەرەپتە ئىكەنلىكىنى كۆردى دە ئاۋايلاپ ئىشىك تەرەپكە يىقىنلاشتى . شۇنچە كۆپ ئادەم ئۆلتۈرگىنىگە قارىماي ئۇنىڭ يۈرەكلىرى بۇ قىتىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى دە ئىشىكنى تېپىپلا ئۆي ئېچىگە بىسىپ كېرىپ تۇتقاۋۇل بەگكە پىچاق ئۇردى .، ئاندىن دەرھال ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقتى، لىكىن كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە ئۇنى قاتتىق چۆچىتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا 20نەچچە گۈلقاتىل قولىدا قىلىچ نەيزە تۇتقانچە ئۇنىڭغا دېۋەيلەپ تۇراتتى، ئۇ نىمە ئىش بولغىنىنى بىلىپ بولغىچە بىرى ئاتقان ئۇچقۇر پىچاق ئۇنىڭ سول مۈرىسىگە سانجىلدى َـ...

كەترەن دەرھال ھوشىنى تېپىپ ئۆي ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ پەنجىرىنى بىرنى تېپىپ پاچاقلىۋەتتى ھەم باغ ئىچىگە قاراپ ئوقتەك يۈگۈردى، بۇ چاغدا گۈلقاتىللارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى، ئۇ قوغلاپ كېلىۋاتقان ئۈلۈمنىڭ ۋەھىمىسىدىنمۇ ئىشقىلىپ كۈچەپ يەرنى بىرنى تېپىپلا سوقمىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، سوقمىدىن ئۆتۈپ كوچا بويلاپ يۈگۈرۈپ دەرۋازا ئالدىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى ھەم ئازراق بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلدى، شۇتاپ گۈلقاتىللار ئىز بىسىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى، ئۇلار ئاتقان نەيزە پىچاقلار گاھى تەگمەي گاھى سۈركىلىپ كەترەننىڭ بەدىنىدە ئون نەچچە يارا ئېغىزى قالدۇرۋەتتى، ئۇ ھالسىزلانغانىدى، شۇنداقتىمۇ ياشاشقا بولغان ئۈمىد ئۇنىڭ پۇت قوللىرىغا يوشۇرۇن كۈچ بەرمەكتە ئىدى، ئۇ مەھەللىدىن قېچىپ قىچىپ تاغ باغرىغا كەلدى ھەم كىچىك بىر ئۆنكۈرگە كىرىۋالدى، گۈلقاتىللارمۇ تىزلا يېتىشتى ھەم ئۆنكۈرنى قاتمۇقات مۇھاسىرگە ئالدى، ئاندىن ئۈچ قاتىل ئۇزۇن نەيزىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆنكۈر ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بىردەمدىن كىيىن كەترەپ ئۆنكۈردىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ چىقتى، ئون نەچچە نەيزە قىلىچ ئۇنىڭغا بىرلا ۋاقىتتا سانجىلدى، ئاندىن قاتىللار ئۇنىڭ جەسىدىنى تاغ قاپتىلغا ئەكىرىپ كۆمۈۋەتتى ــــ

ــ ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە ئۇدۇل ھىلىقى كىچىك قازناققا قايتىپ كەلدى ھەم ھەممىسى ئولىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ خوجايىنى ھېسابلىنىدىغان يۈزىنى نىقابلىۋالغان سىڭا كۆزلۈك قېرىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق ئىشىتتى:

ــ كۆپچىلىك، بۇ قىتىم ئوردىنىڭ مۇئاۋىن تۇتۇقبېگى پۇل چىقىرىپ ئىككى ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا بۇيرىغان، بىرىنچىسى باش تۇتۇقبەگ، ئۇنىڭ جېنىنى كەترەن ئالدى، ئىككىنچىسى كەترەن، ئۇنىڭ جېنىنى كۆپچىلىك، يەنە بىز ئالدۇق ـــ

ھەممىمىزگە ئايان، مۇئاۋىن تۇتۇقبەگ دانا كىشى، ئۇ باش تۇتۇقبەگنى ئۆلتۈرگۈزۋەتكەندىن كىيىن ئۆزى باش تۇتۇقبەگلىككە ئۆستۈرۈلدۇ، لىكىن ئۇ يەنە باشقا بىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ كەترەننىمۇ ئۆلتۈرگۈزدى، كەترەننىڭ جېنىغا تۇتۇقبەگ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ يۈز ھەسسىگە باراۋەر باھا قويدى، ئەلۋەتتە بۇ ھەممىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر خەجلىشىگە يېتىدۇ، لىكىن شۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلاركى تۇتۇقبەگ ھازىردىن باشلاپ بىزلەرگە باش، ھەرگىزمۇ ئارىمىزدىكلەرگە باھا قويۇپ يۈرمەيدۇ، كەترەن دىگەن ھارمىينىڭ بۇرۇندىن كۆپچىلىكنىڭ ئوقىتىنى تارتىۋالدىغان ئادىتى بولغاچقا كۆپچىلىكمۇ بۇ ۋەزىپىنى جاندىللىق بىلەن ئورۇندىدى، قېنى ئەمىسە، ماۋۇ تىللالارنى ئۈلۈشىۋىلىڭلا ـََــ

كۆپچىلىك تىللالارنى ئۈلۈشكەندىن كىيىن تىزلا تاراشتى، نىقابلىق قېرى ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇنى ھەشقىپېچەك نىقابلىق پالۋان تۇتۇۋالدى، قېرى دەرھال ئۇنىڭغا سەپسالدى ھەم قان ئېقىۋاتقان سول مۈرىسىگە قاراپ سەل سۈر باستى:

-- پۇلنى ئاز كۆرسەڭ يەنە بېرەي ـ

ئۇ دەرھال نىقابىنى ئېلىۋىتىپ قېرىنى يەرگە يىقىتتى ھەم خەنجىرىنى تەڭلەپ تۇرۇپ:

ــ بايا ئۆڭكۈردە قاراڭغۇدا ھەشقېپېچەكنىڭ تىلىنى كىسىۋالدىم ھەم ئۆز نىقابىمنى ئۇنىڭغا تاقاپ ئۆڭكۈردىن چىقىرۋەتتىم، ئاندىن ئۇنىڭ نىقابىنى تاقاپ نۇرغۇن پۇلنىمۇ ئالدىم، ساڭا دەپ قوياي، كەترەن ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس، مىليونگۈل قاتىللىرى تېخىمۇ شۇنداق، --

دەپ ۋارقىرىدە خەنجەرنى ئۇنىڭ بېشىغا سانجىدى ــ

شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر مىليونگۈل قاتىللىرىنىڭ باشلىقى ئۆلتۈرۈلۈپ تاراپ كەتكەنلىكتەك مىش مىش خەۋەرلەرنى ئاڭلىدى، ھەم راست دىگەندەك كىيىن قاتىللىق دېلولىرىمۇ ئىنتايىن ئازىيىپ كەتتى، َـَ

كەترەن ئېسىملىك قاتىلمۇ ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلدى ــ

يازغۇچىلار كۇلۇبىدا تارقىتىلدى

(ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرما.) ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ





1408 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:05:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-18 0:04:58 ……
yazmilirgizni ukup siz bilan xundak paraglaxkum kaldi
2015-9-4 17:03:54 adila
ijadqanlikka iga yahxi qikiptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ