كونا جايدىكى كونا تىلەك
ھېكايە
بىر قارا سايە يول بويىنى ياقىلاپ، گاھى توختاپ، گاھى دۈمچەكلەپ كىلىۋاتاتتى، يازنىڭ مەيىن شامىلى يۈزىنى سۆيۈپ ئۆتەتتى، ئاسماندا يۇلتۇزلار ساناقسىز چاقنىماقتا، يولدا ماشىنا ئۈزۈلۈپ قالماي ئۆتۈپ تۇرماقتا، قارا سايە ئالدىغا قاراپ ئاستا-ئاستا كىتىپ باراتتى، ئۇ ئەسلى بىر ياشانغان بوۋاي بۇلۇپ،تاشلاندۇق بىر كونا باغچىنى نىشان قىلىپ ماڭماقتا ئىدى. ئۇ ھالسىراپ(ھۈمۈدەپ) ئاران دىگەندە باغچىغا كىرىپ قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپنى خىرە كۆرىدىغان كۆزلىرى بىلەن كۆزەتمەكتە، باغچىدىكى بەزى كوچا چىراغلىرىنىڭ گاھ يېنىپ، گاھ ئۆچۈشى كىشىگە بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ بېرەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلدى-دە، سەل ئالدىرغىنىچە ھاسىسىنى تىرە- تىرىمەستىنلا، بىر قېرى دەرەخ تۈۋىدىكى ئورۇندۇق تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئورۇندۇق ئالدىغا كىلىپ، ئورۇندۇققا ھەم ئۇ قېرى دەرەخكە تويماستىن نەزەر تاشلايتى، بۇ ئۇرۇندۇقنىڭ ئەتراپى شۇنداق پاكىزكى، كىشىگە مەسچىھىت ھويلىسىغا كىرىپ قالغاندەكلا تۇيغۇ بېرەتتى، ئۇ كىلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋېلىپ يېنىدىكى بوش يەرنى سىلاشتۇرۇپ، ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ دەرەخ تۈۋىگە كىلىپ دەرەخنى ئايلانغاچ، زەڭ سېلىپ قاراشقا باشلىدى. بوۋاينىڭ چىرايىغا تۇيۇقسىز كۈلكە يۈگۈردى، ئۇ دەرەخ غولىغا ئۇيۇلغان ئىككى ھەرىپنى قايتا- قايتا سىلايتى، تويماي قارايتى ھەم كۆزىگە ئىسسىق ياشلار ئالاتتى. ئۇ يەنە ئارقىغا يېنىپ ئورۇندۇق بار تەرەپكە كىلىپ ئولتۇردى ھەمدە چوڭقۇر ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆمدى. كۆز ئالدىدا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ يامغۇردا بىر-بىرىدىن مەڭگۈ ئايرىلماسلىق ئۈچۈن ۋەدە-قەسەمياتلارنى ئىچىشىپ ، جېنىنىڭ بارىچە بىر-بىرىسىنى قۇچاقلاپ تۇرغانلىرىنى، قەھرىتان قىشتا ئاق قارلارنى ئېتىشىپ ئوينىغانلىرىنى، باھار پەسلىدە ئېچىلغان ئەڭ چىرايلىق گۈللەرنى سوۋغا قىلىشقانلىرىنى، ئايدىڭ كېچىلەردە ئاقار يۇلتۇز كۆرگەچ، تىلەك تىلەش ئۈچۈن بىر بىرىگە يانداش ئولتۇرۇغىنىچە تاڭ ئاتقانلىقىنىمۇ تۇيماي قېلىشقانلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى ھەمدە شۇ ياشلىقتىكى گۈزەل كۈنلەرنى ، جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان رەنانى ئەسلەپ، چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋېلىپ ئاسمانغا قارىدى، سۆيگەن يارى بىلەن مۇشۇ كونا جايدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى ئاشۇ ئاخشامنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ رەنا بىلەن كەلگۈسىدىكى شېرىن خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، رەنانىڭ ناۋادا بىزگە بىرەر كېلىشمەسلىك كىلىپ قالسا، مۇشۇ كونا جايدا رەنانىڭ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئېسىگە ئالدى، بۇ كونا جاينىڭ ھېلىمۇ پاكىز تۇرغىنىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلاتتى، يەنە شۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاخشامنى ئەسلىدى، رەنانىڭ دادىسى بىر توپ كىشلەرنى باشلاپ كىلىپ ئۇنى ئۇرۇپ رەنانى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغاندا، قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشۇپ زادىلا قۇيۇپ بەرمىگەنلىرىنى، رەنانىڭ دادىسى كالتەك بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتكەنلىكىنى، ئۇنى چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلاپ قۇيۇپ كەتكەنلىرىنى، رەنانى ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ كۆرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئەتىسى رەنانىڭ تويى بولىدىغانلىقىنى، ئەمدى ئۇنى قايتا ئاۋارە قىلماسلىقنى ئېيتقانىدى، ئەنە شۇ سۈرەتلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇ شۇ ئىشتىن كىيىن ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، يەنە قىرىق يىلدىن كىيىن، يەنى مۇشۇ كۈندە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ چوڭقۇر ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، كەلگەن يولى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى رەنا بىلەن دولقۇن قوغلىشىپ، كۈلىشىپ ئوينىماقتا ئىدى. توساتتىن يىراقتىن بىر ئاۋاز ئاڭلانغانىدى، بىرسى بوۋاينىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك قىلدى، بوۋاي شۇ زامان ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى، ئۇ دەرەخلەر ئارىسىدا بىر كۆلەڭگىنى كۆرگەندەك قىلدى-يۇ يەنە كۆزلىرىنى قىسىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى، ئۇ يەنە بوۋاينىڭ ئىسمىنى چاقىردى، ئۇ دەل رەنانىڭ ئاۋازى ئىدى. بوۋاي رەنا دىگىنىچە، خۇددى ياش ۋاقىتلىرىدەك ھاسىنى تاشلاپ ، جېنىنىڭ بارىچە رەنا تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى، رەنامۇ جېنىنىڭ بارىچە دولقۇن دەپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچچە دولقۇن تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى، ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇددى ياش ۋاقىتلىرىغا قايتقاندەك ھېس قىلىشاتتى، ئۇلار دەل ھېلىقى دەرەخنىڭ ئاستىغا كەلگەندە ئۇچىرشىپ، چىڭ قۇچاقلاشقاندا كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى، شۇ ئەسنادا، كۆزلىرىدىن يامغۇر كەبى قۇيۇلىۋاتقان ياش تامچىلىرى بىر - بىرىنىڭ مۈرىلىرىنى بويلاپ چۈشەتتى، بىردەم شۇنداق تۇرۇپ سەل خىجىلچىلىق ھېس قىلىشقاندەك بولدى-دە، ئۆزلىرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشتى،ئۇلار ئاستا كىلىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى، ئۇلار بىر- بىرىگە تويماي قارايتى، بوۋاي رەناغا بۈگۈن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنى بىر كۈنمۇ ئېسىدىن چىقارمىغانلىقىنى، ھەر قېتىم ئاقار يۇلتۇز كۆرگىنىدە، رەنانىڭ بەختىنى تىلىگەنلىكىنى ئېيتتى، رەنامۇ ھەر كۈنى مۇشۇ كونا جايغا كىلىپ، ئۇنى ساقلىغانلىقىنى، سۈپۈرۈپ، تازلاپ، بۇ كونا جاينى قىرىق يىلدىن بۇيان توپا باستۇرماي، ئەسلى ھالىتىدەك ساقلىغانلىقىنى ئېيتتى، رەنا بوۋايدىن ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا، بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ توي قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. رەنا ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن كۆزىگە ئاچچىق ياش ئالدى، بوۋايمۇ رەنادىن يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا، ئۇ توي كۈنى يولدىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، يولدىشىنىڭ زەھەر سودىگىرى ئىكەنلىكىنى شۇ ئىشتىن كىيىن بىلگەنلىكىنى، مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆزىنىڭمۇ توي قىلمىغانلىقىنى، ئۆزىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى. بوۋايمۇ رەنانىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مارجان كەبى تۆكۈلۈپ كەتتى، ئۇلار بىر- بىرىنى چىڭ قۇچاقلاشتى ئوتتۇرسىدا بىر مەھەل جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، تۇيۇقسىز بىر ئاقار يۇلتۇزنىڭ ئاسماننى كېسىپ چۈشىشى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزىۋەتتى، ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قۇيۇشتى، ياش ۋاقىتلىرىدا تىلەيدىغان تىلەكلىرىنى يەنى مەڭگۈ بىللە بۇلۇشنى تىلىدى، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ بىر-بىرىنى يۆلىشىپ، ئاستا- ئاستا كۆزدىن يىراقلاشقا باشلىدى، ئۇلار ئارقىدا قالدۇرغان ھەر بىر چىراغ ئۆچۈپ قالماقتا ئىدى، ئاسماسماندىكى يۇرۇقلۇق چېىۋاتقان بارچە يۇلتۇزلار چۈشمەكتە ئىدى، ئۇلار باغچىدىن ئايرىلىپ، بىر جۈپ قارا سايە تاشلىغىنىچە، نەلەرگىدۇر كۆزدىن غايىپ بۇلۇشقانىدى، بۇ كونا باغچىنىڭ ھەممە چىراغلىرى ئۆچۈپ، ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈردى، ئەنە شۇ پەيىتتە، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ ئۇلارنى نىيەتلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاللىبۇرۇن ئاقار يۇلتۇز بۇلۇپ مۇھەببەت دۇنياسىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى.
قەلەمدە : ئەيسا (ئويغاق)
1694 قېتىم كۆرۈلدى |
oYGaK |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2015-8-5 19:06:01 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-25 17:40:41 |
Gulpiya |
Harmigaysiz bak yahxi yiziliptu dawamlik gayrat kilip yana Yahxi asrlarni yollixigiz ni umut kilima 加油 |
2016-3-23 17:15:18 |
قەلبىنۇر |
بەك ياخشى يېزپسىز تېخمۇ تىرشىڭ گۇ گۇ غەيرەت قىل |
2015-9-20 16:26:39 |
nurali |
bakla yahxe yezepsez rahmat |
2015-9-4 21:35:33 |
surya |
yahxi asarlani yiziliptu.kuplap yahxi asarlani awatigl |
2015-8-14 1:56:41 |
نادىرە |
akikatan sihri kuqi ba asarkan bak yahxi yizkiptu |
2015-8-14 1:51:09 |
ئويغاق |
asrimni yahturup okganlikiglarga rahmat aga yizigqilik jahatta yaki baxka ixta pikirlaxmakqi bolgan kirindaxlirim bolsa undidar numrim :1156855619 |
2015-8-12 13:57:14 |
mamatjan |
ياشلىقىمنى ئەسلەتتى،بەك تەسىرلىك يىزىلىپتۇ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قىرىندىشىم |
2015-8-8 22:44:39 |
گۈلنار |
بەك تەسىرلەندىم |
2015-8-7 9:48:42 |
مۇنىرە |
بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يېزىپتۇ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن |
2015-8-5 23:49:54 |
مۇخلىسە |
ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ، ساۋاقدىشىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ ئەسەر يېزىشىغا تىلەكداشمەن، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن. |
2015-8-5 22:55:17 |
amannisa |
hakikatan bak yahxi yizep tu |
ئىنكاس يېزىڭ