(2)
بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر خەيرىگۈلدىن باشقا ھەممىمىز يەنە مىۋە -چىۋە دۇكۈندا جەم بولدۇق .ئەمەلدارلار ،بايلار ئۆز باللىرىنى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانسىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ناھىمىز ئۈچۈن يەنە ئون نەچچە سان ئېلىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ چاغلاردا پارە بېرىش ،پارە ئېلىش نورمال ئىش بولۇپ قالغان ئىدى .ئەمالدارلارنىڭ ،بايلارنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق ئىدى .ھەممە ئادەم پارا بېرىش ،پارە يىيىشنى نورمال ئىش دەپ قارايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى .
ئايقىز مانىۋىر ئمتىھاندىن ئۆتەلمەي مىۋە -چىۋە دۇكىنى تاقىلىپ قالغاچقا بىز قالغانلار كەچتە باغچىنى تەكرار قىلىدىغان جاي قىلىۋالغان ئىدۇق .باغچىدا ئورۇندۇق ،شىپاڭ، سىمۇنۇت شىرە بار ئىدى .كېچىلىرى چىراق ئۆچمەيتى.
ئايقىز بىلەن زۇلپىيە بىزنىڭ باگچىدا تەكرار قىلغانلىغىمىزنى ئاڭلاپ ئولارنىڭمۇ باغچىغا بېرىپ تەكرار قىلغۇسى كېلىپ كەتتى .
شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز باگچىغا ماڭدۇق .باگچىغا بېرىپ ئاۋال شىپاڭدا دۈگۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ گەپ ساتتوق . ئاندىن ھەر تەرەپكە تارققالدۇق .مەن ئايقىز ئولتاغان ئورۇنغا كېلىپ ،ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇررۇپ ،قولىنى تۇتتۇم .ئۇ قولىنى مەندىن تارتىۋېلىپ ،مېنى ئېتەردى : -مەندىن يىراق ئولتۇرۇڭ ! -تۇمۇچۇغۇم ،سىزگە نىمە بولدى ؟ ھى ھى ... -سەتلىگىنى ،بىز كۆرۇشمىگىلى قانچە كۈن بولدى ؟ -بىر ھەپتە بولدى .
-بىلىدىكەنسىز ھە ؟ يولدىن كۈندە نەچچە قېتىم ئۆتىسىز يۇ ،مايەدە بىر ئىنسان بارتى دەپ ،مېنى ئىزلەپ بىر قېتىممۇ كىرىپ قۇيمايسىزا ؟!
-كۈرۈڭ، ماۋۇ سۇال سوراقلارنى ؟ ئاياللار بىلەن ؟بىر ئۆمۇر بىللە ئۆتىدىغان ،توي قىلغان ئەرلەر قانداق چىدايدىغاندۇ ؟مېنى سىزنى كورۇشكە ئىنتىلمىدى دەمسىز ؟! بىراق ئۆيىڭىزگە قانداق كىرىمەن ؟ مەن كىرسەم ئۆيىڭىزدىكىلەر قانداق ئويلاپ قالىدۇ ؟
-ھىچقانداق ئويلىمايتى ، مەن ھەر كۈنى مىۋە چىۋە دۇكىنىغا كىرىپ ئۆرەم يالغۇز ئولتادىم ، سىزنى كۆپ قېتىم كۆردۈم .
-مىۋە -چىۋە دۇكىنىغا چىققان ئادەم نىمىشقا مېنى چاقىرمىدىڭ؟!
-نىمىشقا چاقىرىدىكەنمەن ؟ سىز مېنى دۆت دەپ تاشلىۋەتكەن تۇرسىڭىز ؟!
-مەن قانداقسىغا سىزنى تاشلىۋەتتىم ؟ -گۈلنۇرغا يېقىنلاشقىنىڭىزنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسىز ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋەلسپىتكە مىنگۈشۈپ ماڭغىنىڭلارنى كۆپ قېتىم كۆردۈممەن !
-ئىشىگىمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەشكە مىنگىشىۋالدىم شۇ !
-بۇرۇن نىمىشقا مىنگەشمىگەن ؟!
-ياپىر ،ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ! ئەسلىدە نەچچە ئايلا ماڭىدىغان ئىشتۇرسا ،ۋەلىسپىت ئېلىپ نىمە قىلارمەن دەپ ئويلاپ ،ۋېلىسپىت ئالماپتىكەنمەن ،ئەتىلا ۋەلىسپىتتىن بىرنى ئالمىسام بولمىغۇدەك .
-سەينارىڭىزدىكى ۋەلىسپىتتەك ،ئۇنىڭمۇ قۇيرىغىنى ئېلىۋېتەمسىز ؟ ھى ھى ...-ئايقىز كۈلگىلى تۇردى ،
-ئۇ ۋەلىسپىتنى كىم مىنەتى؟
-مەن مىنەتىم .
-نىمىشقا ئۇ ۋەلىسپىتنىڭ ئاقا جازىسى يوق ؟ -باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاپام مەلىدىكى قىزلارنى سۆررىسەڭ ،بۆرىگىڭ چىقىپ كىتىدۇ ،دەپ ئالدۇرۋەتكەن .
-بىزەڭ ،بۇندىن كېيىن مەندىن باشقا ئادەم بىلەن مېڭىپ بېقىڭچۇ قانداق قىلىدىكەنمەن !
ئايقىز شۇنداق دەپ يەلكەمگە بېشىنى قيدى شۇنداق قىلىپ ئايقىزنىڭ مەندىن ئالىدىغان ئىمتىھانسى ئاياغلاشتى .
ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە مەكتەپ بىزدىن باشتا فۇدو قىلىمىز دەپ پۇل يىققان بولسىمۇ ،دەرس بىرىدىغان ئوقۇتقىۇچىلار يېتىشمىدى دەپ فۇدونى توختاتتى .شونىڭ بىلەن ئالى مىەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلار باش پاناسىز قالدۇق .شۇنىڭ بىلەن مىۋە -چىۋە دۇكىنى بىزنىڭ كېچە كۈندۈزلۈك بارگاھىمىز بولۇپ قالدى .ھەممىمىز ئككى ئايدىن كېيىن بولىدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭ ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلماقتا ئىدۇق .مەن تارخ بىلەن جۇغراپىيەنى نوقتۇلۇق ئۈگۈنىۋاتاتىم .بىر كۈنى دۇنيا تارىخىنىڭ 2-قىسمىنى جوزىغا پاققىدە قىلىپ تاشلىدىم .ئايقىز چۆ-چۈپ كەتتى : -نىمە بولدى سىزگە ؟ -مەن ئەسلىدە تەبى پەنگە ئىمتىھان بەرگەن بولسام ياخشى بولاكەنتۇق .ئالدىنقى قېتىمقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىدا خىمىيەدە 90 ،پىزىكىدا 85 نۇمۇر ئالغانتىم ،بۇ قېتىمقى مانىۋىر ئىمتىھانىسىدا تارىختا 30 نۇمۇر ، جۇغراپىيەدە 40 نۇمۇر ئاپتىمەن .مەن تارىخىمدا بونداق نۇمۇر ئېلپ باقمىغان !مېنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوتۈشۈمدە ئۈمۈت يوق ! دۇكاندا ئايقىز بىلەن ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق . -ئۇنداق دىمەڭ جىنىم ،- ئايقىز ئورنىدىن تۇرۇپ ، بىر قولى بىلەن بوينۇمدىن قۇچاغلاپ ،يەنە بىر قولى بىلەن بېشىمنى سىلىدى ،-سىز مەن كۆرگەن ئاجايىپ قابىليەتلىك ئوقۇغۇچى ،سىز دونيا تارىخى ،تەبىي جوغراپىيە دىگەن دەرىسلىڭلەرنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان تۇرۇغلۇق ئۆزىڭىز ئۈگۈنۈپ ،ئۈگەنگىنىڭىزنى بىزگە سۆزلەپ بەردىڭىز ،مانىۋىر ئىمتىھانىسىدا باشقا پەنلەردىن يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىپ ،ئالدىنقى قاتاردىكىلەرگە قوشۇلۇپسىز ،يەنە ۋاقىت بارغۇ . تارىخ بىلەن جۇغراپىيەگە بەكاراق كۈچىسىڭىزلا چوقۇم يۇقۇرى نۇمۇر ئالالايسىز ! يارنىڭ تەسەللىسى قەلبىمگە ئۇمۈت چىراقلىرىنى ياقتى .مەن يادىلاش تەس كەلگەن تارىخ كىتاپنى يەنە قولۇمغا ئالدىم .
ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا ئاز قالغانچە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق .مەمەتجان بىلەن پولات ئۆيىگە قايتماي مىۋە -چىۋە دۈكۈننى ماكان تۇتۇپ ياتتى .مەمەتجانغا زۇلپىيە تاماخ توشۇيتى پولات بىزنىڭكىگە كىرەتى .بىر كۈنى پولات بىلەن بىزنىڭ ئۆيگەتاماققا كىرسەك ئانام سەيگە چىقىقىپ كېتىپ كىرمەپتۇ . پولات بىلەن ئىككىمىز ئازراق سەي قورۇپ، نان بىلەن يەپلا، چىفىپ تەكرار قىلماقچى بولدۇق .سەينىڭ بارى يوقى كىچىك بىر باغلام ياغ بەسەي بىلەن بىر باش سوڭ پىياز ئىكەن .پولات بىلەن ئىككىمىز بىر تەخسە سەي قورىدۇق .سەي ماڭا بىرخىل قاڭسىق ، بىتەم تېتىدى . -قانداق سەيدۇ بۇ ؟ تەمى يۇ بەسەيگە سەل ئوخشىمايدىغۈ ؟ -دىدى پولات . -ئىچكىرىنىڭ يۈ بەسىيى ئوخشايدۇ ، -دىدىم مەن . -ئالدىرىغاندا يەۋېرەيلى ! -دىدى پولات . ئىككىمىز سەينى يېۋېتىپ چىقىپ كەتتۇق . كەچتە ئۆيگە كىرسەم سىڭلىم كۈلىدۇ : -پولات بىلەن ئىككىڭلا ،مەن ئەكىرىپ قويغان ئوسمىنى سەي قورۈپ يەپ كېتىپسىلەر- ھە ؟ مەن بۇ گەپنى مىۋە -چىۋە دۇكىنىغا چىقىپ بىللە تەكرار فىلىۋاتقانلارغا دەپ بەردىم .ئايقىز ئىچىۋاتقان چاينى پۈركىۋەتتى .مەمەتجان كۈلۈپ ئورۇنداقتىن دومىلاپ چۈشتى ...ئىشقىلىپ كۈلمىگەن ئادەم قالمىدى. جىددى ئۈگۈنۈش داۋاملاشماقتا ئىدى .مەن تەبى جۇغراپىيەدىكى بەزى ئاتالغۇلارنى بۇرۇن زادى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم .توپتىكىلەر چۈشەنمىگەن يەرنى مەندىن سورايتى .ئەمما مەن چۈشەنمىگەن يەرنى چۈشەندۈرىدىغانغا ئادەم يوختى .مەن يەنە بىر تەرەپتىن كونا يېزىقچە خەت يېزىشنى مەشىق قىلىشىم كېرەك ئىدى .ئالدىراشچىلىقنىڭ دەستىدىن باش قاشلۇغۇدەكمۇ ۋاقىت يوق ئىدى . ئىيون ئېيى كىرىش بىلەن ھاۋا تېخىمۇ ئىسىپ كەتتى.دۈمباق يېرىلىدىغان كۈنلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى .ئابدۇراخماننى دادىسى مېنىڭ ئارقامغا ئورۇنلاشتۈرۈپتۇ .زۇلپىيەنى دادىسى مەمەتجاننىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ .ئايقىز ھەر ھالدا بىز بار مەيدانغا كىرىپتو . بىز ئالى مەكتەپ ئىمتىھاننى خوشنا ناھىگە بېرىپ بىرەتوق .خۇشنا ناھىگە كېلىپ، مەيدان كۆرگىلى باردۇق .بىز با مەيداننىڭ بىرىنچى قاتار بىرىنچى ئورۇنغا مەمەتجان ،ئۇنىڭ ئارقىسىغا زۇلپىيە ،شۇ قاتارننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورونغا ئابدۇراخمان ،ئۇنىڭ ئالدىغا مەن ،مېنىڭ تەرىپىمگە ئۇدۇل قىلىپ ئايقىز ئورۇنلاشتورۇلغان ئىدى . -ئىمتىھان ۋاقتىدا ماڭىمۇ قاراپ قۇياسىز جۇمۇڭ ! -دىدى ئايقىز مەن بىلەن كېلىۋېتىپ . -ئىمتىھان مەيدانى قانداق بولا ر ؟كوممىسسىيەلەر بەك چىڭ تۇتىۋالماس ھە ؟ ئۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ ،بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى دادامنىڭ دوستى ،بىز شۇلارنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق . ئۇ مېنى كومىسىيەلەرنىڭ ھەممىسىگە تاپىلاپ قويدى ،-دىدى . ئەتىسى كۈنى ئەتىگەندە تىل - ئەدىبىيات ئىمتىھانسىغا كىردۇق . مەن ماقالىنى يېزىپ بولۇپ تۇرشۇمغا ،جوزامغا توك قىلىپ بىر پارچە قەغەز چۈشتى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئايقىزكەن ،شۇ ئەسنادا كومىسسىيەدىن بىرسى مەن تەرەپكە كەلدى .ئەمدى چاتاق بولدى دەپ دەپ تۇرسام ،كومىسسىيە پارتا ئۈستىدە پۇرلاقلىق تۇرغان قەغەزنى كۆرمەسكە سېلىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ توختىدى ،ئاندىن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ يېنىمدىن كەتتى .مەن قەغەزنى ئاچتىم ،قەغەزگە "2-(1) (2)(4) سۇاللارنى يازالمىدىم "دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى .مەن ئۇ سۇاللارنىڭ جوۋابىنى يېڭى يېزىقچە ئىتتىك- ئىتتىك يېزىپ ئايقىزغا تاشلاپ بەردىم .سۇاللارنىڭ بىرىنچى بىتىنى توشقۇزۇشۇمغا راخمان" قەغەزنى پارتاڭنىڭ يان تەرىبىدىن ساڭگىلتە "دەپ پىچىر ىرلىدى . راخمانغا ئۇنى قىلىپ بېرىپ تۇرسام ،ئايقىز پەس ئاۋازدا چاقىردى .... ئەدىبىيات ،ماتىماتىكا ،خەنزۇ تىلى ،سىياسەت ئىمتىھانلارنى خېلى ئۆبدان بەردىم .ئەمما تارىخ بىلەن جۇغراپىيەگە كەلگەندە ئولتۇراپ قالدىم . يادىلىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىر بىرىگە ئۆخشۇشۇپ كەتكەچكە كاللامدا گىدىرماش بولۇپ كەتكەن ئىدى .مەن ئېنىق ئىسىمدە قالغانلىرىنى يازدىم . ئايقىز يازالىغانلىرىمنى سورىسا ،يېزىپ تاشلاپ بەردىم . يازالمىغانلىرىمنى سورىسا ، " بۇ سۇالنى تاشلاپ قويۇپ تۇردۇم "دەپ پىچىرلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئايقىز يانچۇغىدىن ھېلىقى ئۇششاق دەپتەرلەرنى چىقىرىپ ۋاراقلىغىلى تۇردى ... ناھايات تارت ،جۇغراپىيە ئىمتىھانىسىمۇ ئاياغلاشتى بۇ ئىككى ئمتىھاندا يازغان جوۋابىمنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ توغرا خاتالىغىغا بىرنىىمە دىيەلمەيتىم .
ئىمتىھاننى تۈگۈتۈپ يۇرتقا قايتقاندا توپتىكىلەر ھەممىمىز بىر ئاپتۇۋۇزدا ماڭدۇق . -ئىمتىھانمۇ تۈگىدى ،ئەمدى بىر يەرگە بېرىپ بىر چاڭ ئويناپ كىەلسەك بولاتى ، -د -مەنچىمۇ شۇنداق قىلماي بولمايدۇ . -چوڭ جىلغىغا بارايلى ،ئۇ يەرنىڭ مەنزىرسى گۇزەل ،ھاۋاسى سالقىن ، -قاچان ماڭىمىز ،باللا؟ -ئەتە بىر كۈن ئارام ئالايلى ،ئۆگۈنلۈككە سائەت ئوندا ھەممىڭلا بىزنىڭ ئىشىككە يىغىلىڭلار ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ماشىنا مەندىن .
ئۇنى دەڭ بونى دەڭ ئىككى كۈندىن كېيىن ھاۋاسى سالقىن ،مەنزىرسى گۈرەل چوڭ جىلغىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى مۇقۇملاشتۇرۇشتى . مەن ئايقىز بىلەن كوچا دوقمۇشىدا خوشلاشتىم . ئىككى كۈندىن كېيىن بىز سائەت ئونلار بىلەن ئابدۇراخماننىڭ ئىشىگىگە يىغىلدۇق .ئاپىرىپ ئەكىلىدىغانغا ئابدۇراخمان ئاكىسىنىڭ 10 كىشلىڭ بولكىۋاي ماشىنسىنى تۇغ كۇرلىماقچى بولغان ئىدى . فالغانلىرىمىىز يەيدىغان، ئىچىدىغانغا پۇل چىقارساقلا بولاتى . ئابدۇراخمان ئاكىسى بىلەن بولكىۋايغا ماي قاچىلىغىلى ماڭدى . نەرسە كېرەك ئالىدىغان پۇلنى پولات يىغدى .ئايقىز تېخى كەلمىگەچكە ،ئۇنىڭ ئۈلىشىنى مەن بېرىۋەتتىم .پۇلات بىلەن مەمەتجان نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى ماڭدى . ماشىنىمۇ كەلدى ،پولات بىلەن مەمەتجانمۇ نەرسە كېرەكلەرنى كوتۈرۈپ يېتىپ كەلدى .ئايقىز تېخىچە كۆرۇنمەيتى . ئابدۇراخمان سەيناسىدىن ئائىلىدە ئشلىتىدىغان چاققان بىر كاۋاپداننى ئېلىپ چىقتى . -ھەممىڭلار ماشىنىغا چىقىۋېلىڭلا ،كاۋاپداننى ئاندىن باساي ،-دىدى ئابدۇراخمان . -ماڭامدۇق ؟ -دەپ سورىدى زولپىيە . -ھەئە. ڭ-ئايقىز تېخى كەلمىگەن تۇرسا ؟ -ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىۋالايلى !
ماشىنا مىۋە -چىۋە دۇكۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى .زۇلپىيە ئايقىزنى چاقىرىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگەكىرىپ كەتتى .ھايال ئۆتمەي ،ئۆزى يالغۇز يېنىپ چىختى : -ئايقىزنى ئانىسى ئەتىگەندىلا ،قىزىل بايراق يېزىسىدىكى مومىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى دەيدۇ .
ماشىنا قوزغالدى . مېنىڭ كوڭلۈم لاسسىدە بولۈپ قالدى .تۆت ئايدىن بويان ئۆلەر تىرلىشىمىزغا قارىماي ئۈگۈنۈش قىلدۇق، بىرەر قېتىم كىنوغىمۇ بېرىپ باقمۇدۇق .مانە ئىمتىھان تۈگەپ ھەممىمىز ئېغىر يۈكتىن خالاس بولدۇق .توپتىكىلەر بىر چاڭ ئويناپ ھاردۇق چىقىرايلى دىسەك بۈگۈن ئايقىز يوق . ئايقىزنىڭ مومىسى ئاغرىپ تاتىپ قالغان بولسا ئانىسى ئۆيدە قالامتى .دىمەك مومىسى ساق سالامەت ،قىزىل بايراق يېزىسى دىگەن ئون كىلومېتىرلىق يول ،سىيگەن -چىشقاننىڭ ئور نىدابېرىپ كەلگىلى بولىدۇ .تۈنىگۈن بارماي ،ئەتە بارماي ،دەل بۈگۈن كەتكىنى قانداق گەپ ،؟ئىىمتىھان تۈگەپ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتامدۇ نىمە ؟ خىيالىمغا مەن ئۇنىڭغا تەلەپ قويغان چاغدىكى جوۋابى كەلدى .بۇ گەپنى ئىمتىھان تۈگىگەندە دىيشەيلى . ئۇ چوقۇم ئۈگۈنۈشتە ئۆزىگە ياردەم قىلىشىمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا ماڭا يېقىنلاشقان ھەم تەلىۋىمگە ماقۇل بولغان بولىشى مۇمكىن ،بولمىسا مەندىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەيدىغان ئادەم ،ئىمتىھان تۈگىشى بىلەنلا مەندىن قاچامتى .؟
مەندىن يىراغلىشامتى ؟ ...مەن گىدىرماش خىياللار بىلەن بىر كۈننى كەيىپسىز ئۆتكۈزۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئەتىسى كۈنى ئايقىزنىڭ ئۆيى بار قورو دەرۋازىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىليارت مەيدانىدا ئايقىزنىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىگىگە دىققەت قىلغاچ بىليارت ئوينىدىم .بۇ يەردە تۇرۇپ قارىسا ئايقىزلارنىڭ قىزىل رەڭلىك دەرۋازىسى كۆرۈنۈپ تۇراتى .كىرگەن چىققان ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولاتى .مەن شۇ يەردە تۇروپ ئايقىزنىڭ ئانىسىنى، سىڭلىسنى ،ئاكىسىنى نەچچە قېتىملاپ كۆردۈم .ئايقىزنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىمۇ مۇشۇ ئائىلىكلەر قۇروسىدا بولۇپ ،قورونىڭ يان تەرىپىدىكى ھۆكىمەت قارمىغىدىكى باققا قارايتى . ئايقىزنىڭ دادىسى بىر ئىدارىنىڭ باشلىغى ئىدى .ئىشتىن كەلگەندە بىر كىچىك ماشىنا ئۇنى ئەكىلىپ قوياتى .مەن ئايقىزنىڭ دادىسىنىڭ ئىشتىن كەلگەنلىگىنى كۆرۈپ ،بىليارت تەيقغىنى تاشلاپ ئۆيگە تاماققا ماڭدىم .
ئەتىسى كۈنى كۈنۈم يەنە بىليارت مەيدانىدا ئۆتتى .
ئۇ چاغلاردا بىليات ئويناش ئەۋجىگە چىققان ئىدى .ئەركەكلەرنىڭ ھەممىنى بىليارت مەيدانىدىن تاپقىلى بولاتى .پۇلات ،مەمەتجان ،ئابدۇراخمانلار مۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ بىليات مەيدانىغا يىتىپ كېلىشتى .مەمەتجان مەن بىلەن ئۈچ قول تۇتۇشقاندىن كېيىن ،بىليات تايىغىنى تاشلىدى : -مەن بېرىپ ئشىمنى قىلاي ئاداش ،بېرىپ باغ سۇغارمىسام بولمايدۇ .ئىمتىھان تۈگۈگەندىن كېيىن دادام ماڭا كەتمەننى تۇتقۇزۇپ قويدى ،بۇ كەتمەننى مۇشۇ چاپقانچە چېپىپلا كېتەمدىم تېخى ،خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ ،-دىدى مەمەتجان . -خاتىرجەم بول ئاداش ، سەن ئۆتۈپ كېتىسەن ! -خودايىم دىگۈنىڭ كەلسۇن! ۋاختىڭلا چىقسا باققا باراسىلە مەن كەتتىم . مەمەتجان كەتكەندىن كېيىن پۇلات گەنزىنى تاشلاپ مېنىڭ يىنىمغا كەلدى : -كىلە شۆھرەت ، ئىككىمىز ئوينايلى . -ئابدۇراخمان بىلەن نىمىشقا ئوينىمايسەن ؟ -ئۇ كەچكىچە مېنى ئۇتىۋالىدىكەن ! -ئۇنىڭ بىلەن مەن بىر تۇتۇشۇپ باقايچۇ . مەن بىليارتنى ئابدۇراخمان بىلەن ئوينۇدۇم .بىرىنچى مەيداندا مەن ئابدۇراخماننى ئوتىۋالدىم . پولاتقا : -قوققىچىلىگى يوقكەنغۇ ؟ -دىدىم . -ئۇ سېنى ئوينىتىپ قويىۋاتىدۇ ،-دىدى پولات كۈلۈپ . ئىككىنچى مەيداندا مەن توپنى چاچقىنىمنىلا بىلىمەن، ئابدۇراخمان ماڭا ئىككىنچى قېتىم توپ ئۇرۇش پۇرسىتى بەرمەي ھەممە توپىنى سولىۋەتتى .ئۈچۈنچى مەيدان ئويناشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى .ھەر قانداق ئادەمدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بولىدۇ دە ئەلۋەتتە . -كىلە ئىككىمىز بىر تۇتتۇشۇپ باقايلى ،-دىدى بايا ئابدۇراخماننىڭ توپ ئۇرىشىغا قاراپ تورغان بىرسى . -بەش كويدىن قويامدۇق ؟ -دىدى ئابدۇراخمان .
ئەتىسى كۈنى مەمەتجاننىڭ بېغىغا باردىم .زولپىيە بىلەن خەيرىگۇل شۇ يەردە ئىكەن
بىلەن مەمەتجان مانىۋىر ئىمتىھانىسىدىن كېيىن يۈرگەن ئىدى .خەيرىگۇلنى مانىۋىر ئىمتىھانىسىدىن كېيىن كۆرمىگەن ئىدىم .مەن ئۇ ئۈچەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ كۈننى چۈش قىلغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتتىم . ھەممىمىز ئۇنى قىلىپ، بۇنى قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتاتۇق .كىمنىڭ تەغدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى نەمەلۇم ئىدى.مەن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم ،كىلەر يىلى يەنە ئىمتىھان بېرەتىم .ئۆيدىكىلەر مېنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتالمايتى.دادامنىڭ ئىدارىسىدىن بىر ئائىلىدىن بىر پەرزەتنى ئىشقا ئالىمىز دەپ مدئاكامنى ئىشچىلىققا ئالغان ئىدى .ئۇمۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنم باللىرىنى ئاران باقاتى . چۈشتىن كېيىن مېنى بىر دوستۇم يوقلاپ كەپتۇ ،ئۇنىڭ بىلەن بىر مەلىلىك ئىدۇق ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمىزدىمۇ ئىزدىشىپ تۇراتۇق .ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋىلايەتكە كۆچۈپ كەتكەن ئىدى . كەچلىك تاماقتىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا : -مەلىدىكى قىزلاردىن ئىككى ئۈچنى يىغاي تانسىغا چىقايلىمۇ ؟ -دىدىم . -بولدى قىزلارنىمۇ يىغما ،تانسىغا چىقمايلى ،كىنو كورۇپ كېلەيلى، -دىدى . مەن دوستۇم بىلەن كىنوخانا ئالدىغا كەلدىم ،قىزىق كىنو بولسا كېرەك كىنوخانا ئالدىدا ئادەم كوپ ئىدى .مەن بېلەت ئېلىش ئۈچۈن بېلەت سېتىش ئورنىغا ماڭدىم . بىردىن ئۇ يەردە تۇرغان ئايقىزنى كورۈپ قالدىم ،مەن ئادەملەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم .ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرشۇمغا بىرسى ئايقىزنى : -جۈرە دەپ كىنوخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى . ئايقىزنىڭ بىر يىگىت بىلەن كىنوخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كورۈپ جان ئىمانىم چېقىىپلا كەتتى .ئۆزەمنى مىڭ تەستە تۇتىۋېلىپ بېلەتنى ئالدىم . كىنوخانىغا كىرىپ ،ئورنىمىزنى تېپىپ ئولتادۇق .كىنو باشلاندى .كىنو مېنى كۆرىۋاتامدۇ ،ياكى مەن كىنونى كۆرىۋاتامدىم ،ئۇخمايمەن . دوستۇم باشتىكى كىنونى كۆردى .ئارقىسىدىكى كىنونى ئازراق كورۈپ : -بۇ كىنو ئانچە قىزىمايدىكەن، كېتەيلىمۇ ؟ -دىدى . ئۆيگە كېلىپ، دوستوم بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدى .مەن يېڭىلسەممۇ تەب ئالمايدىغانلاردىن ئىدىم .باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى مەگرۇر كۆرسىتەتىم ."مەن نىمىشقا ئۆزەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا خار كۆرسىتىدىكەنمەن،ئۇ مېنى ئالدىغان بولسا ،مەن ئۇنىڭغا ئالداندىم دەپ بېشىمنى ساڭگىلتىپ يۈرەمدىم ؟ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن !مەن ئورنومدىن تۇرۇپ ،ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇردۇم . تاتمىدىن قەغەز قەلەم ئالدىم : ياخشىمۇ سىز ئايقىز مەن بۇ خەتنى خېلى بۇرۇنلا يازماقچى ئىدىم .چۈنكى گۈدەك بىر قىزنى ئالداۋاتقانلىغىمغا بەزىدە ۋىجدانىم يول قويمايتى .بىراق سىز بىلەن ئۇزۇقاراق يۈرۈپ داۋاملىق ئىچ پۇشۇغۇمنى چىقارغىم كېلىپ قالدى .ئامدى ئىمتىھانمۇ ئاياغلاشتى .ھەر قايسىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى .تۆت بەش ئاينىڭ ياغى مېنى زىرىكتۈرپ قويمىدىڭىز رەخمەت سىزگە . خەيرى خوش
مەن يانچۇغۇمدىكى خەتنى ئايقىزغا زولپىيەدىن كىرگۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ زۇلپىيەنى ئىزلىدىم . -ھەدەم بايا ،خەيرىگۇل ئاچام بىلەن چىقىپ كەتكەنتى -دىدى زۇلپىيەنىڭ سىڭلىسى. مەن زۇلپىيەنى چوقۇم مەمەتجاننىڭ بېغىدا دەپ پەرخز قىلىپ مەمەتجاننىڭ ئالمىلىق بېغىغا باردىم .پەرەز قىلغۇنۇمدەك زۇلپىيە شۇ يەردە ئىكەن . ئۆز ئارا تىشلىق سوراشقاندىن دىن كېيىن زولپىيە مەندىن : -ئايقىز كەلدىمۇ ؟ -دەپ
-كەپتۇ ،-دىدىم مەن كەيپىياتىمنى چاندۇرماي . -نەچچە كۈن بولدى ئۇنى كۆرمىگىلى ،جۇرە خەيرىگۈل ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ چىقايلى . -ئايقىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭلار بو خەتنى ئونىڭغا بېرىپ قويۇڭلار! زۇلپىيە بىلەن خەيرىگۇل خەتنى ئېلىپ ئايقىزنىڭ ئۆيىگە كەتتى .
كەچتە ئۆيدە ئولتۇراتىم دەرۋازا قېقىلدى . -چوقۇم شۆھرەت ئاكامنىڭ شاگىتلىرى,-دىدى ئەڭ كىچىك ئىنىم . -ماڭە ،سەن چىقىپ قاراپ باق !-دىدى ئانام ئۇنىڭغا . ئەڭ كىچىڭ ئىنىم دەرۋازىغا چىقىپ، قايتىپ كىردى : -دىدىمغۇ ؟ شۆھرەت ئاكامنىڭ شاگىتلىرىكەن .مەن ئايىغىمنى كىيىپ،سىرتقا چىقتىم .سىرىتتا زولپىيە بىلەن خەيرىگۇل توراتى ، - مېڭلا ئۆيگە كىرىڭلار . -مۇشەدىلا پاراڭلىشايلى . ھىلىقى كۈنى ئايقىز بىز بىللەن چوڭ جىلغىغا باراي دەپ تۇرسا ،ئىچكىرىدە ئوقۇپ تەتىل قىلىپ كەلگەن ئاكىسى ئۇنىڭغا "بۈگۈن يېزىغا مومامنى كۆرگىلى بارىمەن ،سەن بىللە بېرىشىپ بەر گىن "دەپ تۇرىۋاپتۇ .ئايقىز ئۇ ئاكىسىغا بەك ئامىراقكەن ،شۇڭا ئاكىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي ئۇنىڭ بىلەن كىتىپ قاپتۇ ..ئاخشام كىنوخانىدا سىزنى كۆرۈپتىكەن ،يېنىدا ئاكىسى بولغاچقا سىزگە گەپ قىلالماپتۇ .ئەتە ئەتىگەندە مەمەتجاننىڭ بېغىغا بېرىڭ .شۇ يەردە كۈرىشىدىغان بولدىڭلا . -خەتنى ئايقىزغا بەرمىگەنمىتىڭىز ؟! -بەردىم ،كەچتە ئوقۇيمەن دەپ يانچۇقىغا سېلىۋالدى . مەن لاسسىدە بولۇپ قالدىم . -بىز قايتايلى ،ئەتە ئەتىگەنلىككە باققا چوقۇم بېرىڭ . زۇلپىيە بىلەن خەيرىگۈل كېتىپ قالدى .مەن ئىشىك ئالدىدا يە يىغلىشىمنى ،يە كۈلۈشىمنى بىلەلمەي تۇرۈپ قالدىم . مەنمۇ ئالىيەنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرەتىم .ئۇمۇ مېنى ياخشى كورىدىكەن .بىراق ئىچ پۇشۈغۇمنى چىقىرىش ،ئۈچۈن سىز بىلەن يۈرگەن دىگەن جۈملىلەرنى ئۇ ھازىر ئوقىۋاتىدىغاندۇ !ئەتە ئۇ باققا بارمايدۇ ،بارسىمۇ مەن بىلەن ھىساپ كىتاپ قىلىشقىلى بارىدو
نىمە قىلاتىم خەققە ئۇنداق خەتلەرنى يېزىپ .مانە ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئويلىغاندەك چىقمىدى .ھەممە ئىش سەن ئويلىغاندەك چىقسا خۇدانىڭ نىمە ئىشى بو دۇنياغا؟ ئايقىزنى مەندىن قاشتى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئاكىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي بىللە كېتىپ قاپتۇ
مەن ئۇنىڭ موھابىتى دەپ قالغان يىگىت ئەمىليەتتە ئۇنىڭ ئاكىسىكەن .ھېلىقى خەتنى يازماي تۇرسامچۇ كاشكى ،خەتنى ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرەمەن ! مانا قاراپ تۇرۇپ ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزەمنى قارىلاپ قويدۇم ! قانداق ئاقارتقۇلۇك ئەمدى .... مەن گىدىرماش خىياللار بىلەن كېچىنى ئۇيقىسىز ئۆتكۈزدۈم . قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ئۇخلاپ قاپتىمەن ... -شۆھرەت ،ھەي شۆھرات ! ئانامنىڭ چاقىرشى مېنى ئويغىتىۋەتتى .مەن كۆزۈمنى ئاچتىم . ئانام يېنىمدا تۈرۈپتۇ : -تۇرە ئورنىڭدىن ! چۈشتىمۇ تاماق يىمەي ئۇخلىساڭ ،ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ ساكا! مەن چاچاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم : -ئاپا ، چۈش بولدىما ؟! -سائەت 12 بولدى . -تۈگەپتۇ ! مەن ئۆزەمنى ئورنۇمغا قايتا تاشلىدىم . -ماۋۇ بالا تولا ئۈگۈنۈپ ،ئېلىشىپ قالدىمۇ نىمە ؟ چاپسان تۇرۇپ تامىغىڭنى يە ! ئانام شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . چۈشتىن كېيىن مېنىڭ ھىچيەرگە چىققۇم كەلمىدى . كارۋاتتىن قوپماي ياتتىم . كاللام قۇپ -قۇرۇقلا بولۇپ قالغاندەك قىلاتى . بىر چاغدا پولات كېرىپ كەلدى : -ساڭا يارنىڭ مەكتۈبىنى ئېلىپ كەلدىم ! مەن غايىۋانە بىر ئۈمۈت بىلەن خەتنى ئوقۇدۇم خەت شۇنداق يېزىلغان ئىدى : كېچۈرۈڭ سىزدىن ئەخۋال سوراشنى مۇئاپىق كۆرمىدىم .چۈنكى سىز ئۇنىڭغا مۇناسسىپ ئەمەسسىز . سىز خېتىڭىزدە دىگەن گەپلەرگە مېنىڭ زادى ئىشەنگىم كەلمىدى . ئۇ چوقۇم مېنىڭ ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىگىمگە خاپا پولۇپ شۇنداق دەپ قويغان گەپ ،ئۇ ، ئۇنداق ئادەم ئەمەس دەپ ئويلاپ، بۈگۈن ئەتىگەن مەمەتجاننىڭ بېغىغا بېرىپ سىزنى يېرىم كۈن ساقلىدىم . بىراق سىز كەلمىدىڭىز .گېپىڭىز راستكەن !ھۇ ئىپلاس ..... خەتنى داۋاملىق ئوقۇشقا رەپتىم بارمىدى .ئۇ مېنى نىمە دەپ تىللىسىمۇ ھەقلىق ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئايقىز بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزكە" بايانات" ئېلان قىلىپ ئايرىلىپ كەتتۇق .
ئالى مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى .ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەي قالدى :ئايقىز ئىجتىمائى پەن بويىچە ئككىنچى بولغان ئىدى !مېنىڭ مەمەتجاننىڭ ،راخماننىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرھال بولۇپ ،ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتى .زۇلپىيەنىڭ ،پولاتنىڭ ،گۇلنارنىڭ نەتىجىسى بەكلا تۆۋەن ئىدى .ھەممىمىز ئايقىزنىڭ شۇنچە يۇقۇرى نۇمۇر ئالغانلىغىغا ھەيران قالدۇق . ھەركىم ھەرياڭزا گەپلەرنى قىلىشتى .مېنىڭ خىيالىمغا ئۇ تەييارلىۋالغان ھېلىقى يانچۇققا سالغىلى بولىدىغان سوال جوۋاپ خاتىرسى كەلدى . ئايقىزغا بىرىنچى تۈركۈمدە مەن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان N ئۇنۋىرسىتىدىن چاقىرىق كەپتۇ ! مەمەتجانغا ،ماڭا ،ئابدۇراخمانغا ئوتتۇرا تېخنىكۈمدىن چاقىرىق كەلدى . ئەڭ ئاخىرىدا زۇلپىيەگە N ئۇنۋىرسىتىدىن ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چاقىرىق كەلدى .پولات بىلەن گۇلنارغا ھىچ يەردىن چاقىرق كەلمىدى .مەن پولات ،گۇلنار ،خەيرىگۇللارغا "روھىڭلارنى چۈشۈرمەي كىلەر يىلى يەنە ئىمتىھان بېرىڭلار !"دىدىم .
سىنتەبىر نىڭ باشلىرى ئىدى بىر كۈنى دوقمۇشتا ئايقىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم .ئۇ مەن بىلەن قىزغىن سالاملاشتى ئاندىن : -ئايقىزغا ئاكىس ساۋاغداشلىرىڭ بىلەن ئۈزىۋال دەپ بىر تۈپ ئالمىنى بېرىپتىكەن ، ھازىر ئولار باغدا ئالما ئۈزىۋاتىدۇ ،سىزمۇ كىرىپ بىر يەشىك ئۈزىۋېلىڭ،- دىدى . مەن" بولدى رەخمەت ."دىسەم ئۇ "ئايقىزغا كۆپ يەردەم قىلدىڭىز ،ياخش كۆڭلۈمنى قايتۇرماڭ !" دەپ تورىۋالدى .شۇنىڭ بىلەن مەن نىسىپ بولمىغان قېين ئانام بىلەن باققا كىردىم .ئايقىز بىر قانچە قىز ساۋاغدىشى بىلەن چوڭ بىر تۈپ ئالمىغا چىقىۋېلىپ ئالما ئۈزىۋېتىپتۇ .زۇلپىيەمۇ شۇ يەردە ئىكەن .ئايقىزنىڭ ئانىسى ماڭا بىر يەشىكنى تۇتقۇزۇپ قويدى . مەن پەستىكى قولۇم يەتكەن يەردىكى ئالمىلارنى ئۈزۈپ يەشىككە تاشلىدىم . -شۆھرەت ،ئۈستىگە چىقىپ ئۈزۇڭ ،پەستە ئالمىنىڭ ئۇششاقلىرى قالدى ،-دىدى . زۇلپىيە . -ھەممىسى ئوخشاشتۇ ؟ -ئۈستىدە ئوبدانلىرى باركەن . مەن " ئۈستىگە چىقاي بەلكىم ئايقىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالارمەن دىگەن ئوي بىلەن ئالمىغا چىقتىم .ئايقىز يېنىمدىكى شاختا ئىدى .مەن ئايقىزغا قارىدىم ،بىراق ئۇ مەن تەرەپكە يۈزلۈنۈپ تۇغان بولسىمۇ مېنى كۆرمەيۋاتقاندەك ئالمىسىنى ئۈزىۋەردى .مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزدۈم . -ئوھوش قىزلا ،بۇ ئالما پەقەت ياخشى ئەمەسكەن،چۈشۈڭلا قىزلا ،باشقا ئالمىدىن ئۈزەيل -دىدى ئايقىز . -ئاكاڭ مۇشۇ ئالمىدىن ئۈزۈڭلا دىگەن تۇرسا ؟ -قايسى ئالمىدىن ئۈزگىنىمىزنى بىلەمتى .چۈشۈڭلا قىزلا باغدا شۇنچە ئالما تۇرسا موشۇ ئالمىغىلا ئسىلىۋالامتۇق!
ئايقىز ،زۇلپىيە ،مەمەتجان،ئابدۇراخمانلار سىنتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مېڭىپ بولدى .مەن ئۆكتەبىر بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ماڭاتىم . ئەتە ماڭىمەن دىگەن كۈنى مەن پولات ،گۇلنار ،خەيرىگۈللەر بىلەن خوشلۇشۈپ كەلدىم .پولات بىلەن گۇلنار مەمۇرلۇق ئىمتىھانىسىغا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ
كەچقۇرۇن مەمەتجان ،ئايقىز ،زولپىيەلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى باللىرىغا تەييارلىغان خالتىلىرىنى ئەپ كەپتۇ .
خالتىلار بىر بىرىدىن چوڭ بولۇپ ئايقىزنىڭ خالتىسىلا ئون كىلودىن ئاشاتى .ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بىرىدىغان يەنە بىر پەلتۇمۇ بار ئدى .
مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەكتەپكە ئورۇنلاشتىم .
ئەتە دەرس باشلىنىدۇ دىگەن كۈنى يېڭى ساۋاغداشلىرىم بىلەن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقتىم .
ئايقىز بىلەن بۇنچە تىز ئۇچرۇشۇپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم .دۆڭ كۆرۈك سودا سارىيدا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئايقىزنى كۆرۈپ قالدىم .ئۇ ئىككى قىز بىلەن قولتۈقلۇشۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن . ئۇ چاچلىرىنى بودرە قىلىۋالغان بولۇپ ،ئۆزىگە ياراشتۇرۈپ گىرىم قىلىۋالغاچقا تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى .مەن نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق ،ھىچ بولمىغاندا ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا خالتا ئەۋەتكەنلىگىنى دەپ قوياي دەپ ئويلاپ ،ئايقىز تەرەپكە قاراپ ماڭدىم . ئايقىز مېنى كۆرۈپ دەسلەپ تېكىرقىدى ،كېيىن قوشمىسى تۇرلۈپ ،مەندىن يۈزىنى ئۆرىدى .ھەمرالىرىنى تارتىپلا يان تەرەپتىكى بىر ئارلىققا كىرىپ كەتتى .
ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرمچىنىڭ يايلاققا مائىل ھاۋاسى بىردىن ئۆزگۈرۈپ ،بوران چىقىپ ،ھاۋا سوۋۈپ كەتتى . بىر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ياتاقتا كىتاپ ئوقۇپ ئولتارسام ئىشىك چېكىلدى . -كىرىڭ ! ئىشىك ئېچىلىپ ياتاققا ئايقىز بىلەن ئىككى قىز كىرىپ كەلدى . مەن ئايقىزنى كۆرۈپ مېنى يوخلاپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ خوش بولۇپ كەتتىم : -ۋاي كېلىڭلا ! قېنى ئولتۇرۇڭلا . ئايقىز بىلەن دوستلىرى كارۋاتقا كېلىپ ئولتاردى . مەن شىرەنى سۈرۈپ ،تاتمىدىن ياتاقتىكىلەر پۇل يىغىش قىلىپ ئالغان تەخسە ،پىيالىلەر نى ئالدىم . نان توقاچ ،يەل يىمىش دىگەندەك نەرسىلەرنى شىرەگە تىزىپ ،ئەمدى چاي قۇياي دەپ تۇرسام ئايقىز
ئورنىدىىن تۇردى : -بولدى ،ئاۋارە بولماڭ ،بىز قايتىمىز ،ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن پەلتۇ قاپتۇ .شۇنى ئالغىلى كەلگەن . مەن ئۇنىڭ كېلىش مەقسىدىنى ئاندىن بىلدىم .پەلتۇنى قانداق قىلىپ ئۇنتۇپ قالغاندىمەن .مەن چامداندىن پەلتۇنى ئالدىم .ئايقىز پەلتۇنى قولۇمدىن ئېلىپ ئىشىككە ماڭدى . -نەگە ئالدىرايسىز ،بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭساڭلا بولمامدۇ ؟ -..... ئايقىز كەتكەندىن كېيىن مەن تېرىكىپ كارۋاتنىڭ پۇتىغا بىرنى تەپتىم .
بىر شەنبە كۈنى مۇنچىدىن چىقىپ ياتاققا كىرسەم ياتاقتا زۇلپىيە ئولتۇراپتۇ .ئۇنىڭ مەكتىۋى بىلەن بىزنىڭ مەكتەپ يېقىن ئىدى . -مەمەتجاننىڭ مەكتىۋىگە بىللە بېرىپ كىلەيلى دەپ ،- كەلدىم دىدى زۇلپىيە مەن بىلەن تىچلىك سوراشقاندىن كېيىن . -مەنمۇ شۇ يەرگە بارايمىكىن دەپ تۇرغان . زۇلپىيە بىلەن ئىككىمىز ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۈپ مەمەتجان ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە ماڭدۇق . - يېكىندا بىر يۇرتلۇق كونا ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋالىدىكەن ،سىزمۇ ئولتۇراشقا چىرايلىغاراق قىزدىن بىرنى يىتلەپ بېرىڭ ، ئاقىز بىرسى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ ،-دىدى زۇلپىيە . بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىگۈم سەل ئېچىشقاندەك بولدى . شۇنداقتىمۇ چاندۇماي : - ۋايجان، يۈرسە يۈرمەمدۇ ،ئەرگە تىگىۋالسىمۇ كىمنىڭ كارى ،-دىدىم . ئولتۇراش بولغان كۈنى ئايقىز مۇھابىتى بىلەن مەيداندىن چۈشمەي تانسا ئوينىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ مۇھابەت تۇتىۋالغانلىغىنى قىرىمغا ئالمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋلدىم . كېيىن ئاڭلىسام ئايقىز ئۇ مۇھابىتى بىلەن ئايرىلىپ كېتىپتۇ .
ئۈچ يىلدىن كېيىن مەن ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرتقا قايتىپ كېلىپ خىزمەت تەخسىماتىنى كۈتتۈم . ئايقىزمۇ تەتىل قىلىپ كېلىپ ئۆيىدە ئىدى. ئۆيدىكىلەر يېشىڭ چوڭۇيۈپ كەتتى بۇ يىل تويىڭنى قىلمىساق بولمايدۇ دىدى .پولات ئايقىز بىلەن ئىككىڭلارنى ئۇ ياخشىلاشتۇرۇپ قوياي دەپ تۇرۋالدى . مەن ئايقىزنى ساقلىبىسام مەيلى ئدى ،شۇڭا پولاتنىڭ ئايقىز بىلەن سۆزلىشىشىگە قوشۇلدۇم . پولات ئايقىز بىلەن كۆررۈشكىلى كىرىپ كېتىپ ،سالپىيىپ يېنىپ چىقتى . -نىمە دەيدۇ ؟ -شۇنچىدىن ياخشىلاشماپتۇق ئەمدى ياخشىلاشمايلا قويايلى-دەيدۇ ، -ئۇنىڭ ئاچچىغى تېخى يانمىغان ئوخشايدۇ ؟ -دىدى پولات . -بۇ ئاچچىق ئەمەس ،-دىدىممەن . -ئەمسە نىمە ؟
- ئاداۋەتكەئايلانغان مۇھابەت .