ئازابلىق مۇھەببەت - ھىكايە

ئازابلىق مۇھەببەت - ھىكايە


قىزىل تۇمان


    ئىنسان دېگەن شۇنداق بۇلامدۇ؟ دائىم يوقاتقان چاغدا ئەسلەيدۇ. مەنمۇ، ئۇنى يوقىتىپ قويغان ئىدىم. ياق ، مەن ئۆز بەختىمنى يوقاتقۇچى. ئۆز بەختىمنى ئۆزۈم نابۇت قىلغۇچى ھېسابلىنىمەن. بەزىدە ئۆزۈمگە بەكمۇ نەپرەتلىنىمەن. يەنە بەزىدە ئۆزۈمگە ئېچىنىمەن. مەن بەكمۇ ئازابلىنىۋاتىمەن. قايسى بىر يىگىت ئازابلانمايدۇ؟ ئۆز سۆيگىنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بىلەن توي قىلسا ، قايسى بىر  يىگىت ئازابلانمايدۇ؟ ئىختىيارسىز خىياللىرىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن سەھرا تۇرمۇشۇمغا كەتتى.
مەن تۇنجى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندىم. ئۇ چاغلاردا مەن ئاران يەتتە ياش ئىدىم. ئۇ مەندىن بىر  سىنىپ يۇقىرى ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ  دەرسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. بىراق بالىلىق خىيالىمدا ئۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن، ئويناشمۇ يوق ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلدىم.  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇغانىدى. بىراق بۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ خىيالىمدا يوق ئىدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ ئالىي مەكتەپكە كەتتى. مەن بولسام توپىلىق سەھرادا قالدىم. ھەر سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز  كۆزۈمنى يۇيۇپ ئاپام تەييارلاپ بەرگەن ناشتىلىقنى قىلىپ قويلارنى ھەيدەپ ئېتىزغا يۈرۈپ كېتەتتىم.  ئۇرۇلۇپ بولغان بۇغداي ئېڭىزىدا قوي باقاتتىم. ئۇ چاغلاردىمۇ ئۇ خىيالىمدا يوق ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغىچە بىر ئىككىسى بىلەن ئارىلىشىپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغان ئىدىم. ئۇ چاغلاردىمۇ ئۇ خىيالىمدا يوق ئىدى. ئۇنداق بولسا ئۇ خىيالىمغا قاچاندىن باشلاپ كىردى؟ دەل ھېلىقى كۈنى .
ئۇ كۈنى ھاۋا بۇلۇتلۇق ئىدى. مەن موتسىكلىتتا ئاچامنىڭ ئۆيىگە ئاپام بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن ماڭغان ئىدىم. يولدا ئۇنى كۆردۈم. ئۇ پىيادە كېتىۋاتقان ئىدى.بىردىنلا خىيالىمدا ئۇنى ئېلىۋېلىش خىيالى تۇغۇلۇپ قالدى. مەن ئاستا موتسىكلىتنى توختاتتىم. ۋە ئۇنى مىندۈرۋالدىم. يولدا ماڭغاچ ئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى. مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئۆيىنى بىلەتتىم.شۇڭا ئۇنى ئۆينىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويدۇم. ئۇ ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كۈلۈپ كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى شۇنچىلىك ئوماق ئىدى . نېمانداق قىسقا كالتە چاچلىرى. قاپقارا قاشلىرى. مامۇقتەك ئاق يۈزلىرى قوللىرى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ خىيالىمغا كىرىۋالدى. توۋا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ؟ ئۇنىڭ ماڭا رەھمەت ئېيتىپ قايرىلىپ كۈلۈپ قويۇشغا قارىغاندا  ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ؟ كاللام گادىرماچ ئىدى. ئارىلىقتىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئاپام مېنى ئاچامنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا گەپ قىلىپ قالدى. مەن ماقۇل بولۇپ ، ئۆيدىن چىقتىم. ئاچامنىڭ ئۆيگە كېلەي دېگەندە. يەنە ئۇ ئۇچراپ قالدى.ئۇنىڭدىن نەگە بارغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ دادىسىغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى ئېتىزغا بارغانلىقىنى دېدى. مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئۇمۇ ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇنى يەنە ئارىلىق يېقىن بولسىمۇ ئۆيگە بارغۇچە ئېلىۋالدىم.  ئارىلىقتىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئەڭ يېقىن ئاغىنەم ئىلھام ساقچى مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى. ۋە ئۇزۇنغا قالماي يېزىمىزدىكى ساقچىخانىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۈندە تېلېفوندا پاراڭلىشاتتىم. ئۇ مەندىن كۈندە ئەھۋال سوراپ ھارمايتى .بىز ھەپتىدە بىر ئولتۇرۇپ پاراڭلىشاتتۇق ، چۈنكى بىز كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئەقىدەمۇ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. ئۇ يېزىمىزنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيتى . مەن بەزىدە بالىلار بىلەن يېزىغا باراتتىم. ھەر قېتىم يېزىغا بارغاندا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالاتتىم. ئۇ ماڭا يەنە ناھايىتى ئىللىق سالام قىلاتتى. ئۇ ناھايىتى مۇلايىم ئەخلاقلىق چوڭ بولغان ئىدى. كۈنلەر بىر  بىرىنى قوغلىشىپ، ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى خىيالىمدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم. ياكى ئۇنىڭغا، يېقىنلىشالمىدىم. بەزىدە ئويلاپ قالاتتىم. ئۇ دېگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن، مەندەك  سەھرالىق تومپاينى ياراتمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ سەھراغا توي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە بەزىدە كۆڭۈل دېگەن كۆڭۈل.ئەگەر ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بولسا بۇلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. سەھرالىق بولسام نېمە بولۇپتۇ؟ ئۇ خىزمىتىنى قىلىۋەرسە.مەنمۇ يېزا بازاردىن تۈزۈك بىرەر ئىش تېپىپ قىلسام بولىدىغۇ دەپ ئويلايتتىم. ھەش پەش دېگۈچە نەۋرە سىڭلىممۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپلا، يېزىلىق دوختۇرخانىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. نەفىسە ئەقىدە بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ قوپۇپ ئىشلىدى.  مەن پات پات نەفىسە بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ھەر قېتىم پاراڭلاشقاندا ئەقىدەنى سورايتىم . ئاخىرى مەن ئەقىدەنىڭ تېلېفون نومۇرىنى، ئۈندىدار نومۇرى ۋە QQ نومۇرىنى قاچىلىۋالدىم.بىز يېقىن تونۇشلاردىن بولۇپ كەتتۇق. بارا بارا بىز مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىدىغان بولدۇق. پاراڭلىرمىز ئۈزۈلۈپ قالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . بىز خېلى ئۇزۇن مۇشۇنداق ئالاقە قىلىپ يۈردۈق . بىر كۈنى كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بەردى .ئۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن ئىدىم. مەن QQدا ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغان ئىدىم. ئۇ ماڭا چاقچاق قىلماڭ. بۇ مۇمكىن ئەمەس. دېسىمۇ  مەن پەرۋا قىلمىدىم. ئاخىرى ئۇ مېنى QQدىن يۇيىۋېتىپتۇ. قايتا قايتا قاچىلىغان بولساممۇ، بىراق ئۇ قاچىلانمىدى . ئۈندىداردىنمۇ چىقىرىۋېتىپتۇ. تېلېفون نومۇرۇمنىمۇ قارا تىزىملىككە تىقىۋېتىپتۇ.  شۇ كۈنى كەچتە مەن نەفىسەگە تېلېفون ئۇردۇم. نەفىسە ماڭا ئەقىدەنىڭ كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يېرىملىقىنى ئېيتتى.  مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ نەفىسەگىمۇ تېلېفون ئۇرمىدىم . قىسقىسى ئۇنى ئەمدى ئاۋارە قىلماسلىقنى ئويلاپ قالغان ئىدىم . ئارىلىقتىن ھەپتە ئۆتكەندە ماڭا، ئۇنىڭ نومۇرىدىن تېلېفون كەلدى.  كۆڭلۈم بىر خىل دەككە -دۈككىدە تېلفوننى ئالدىم ،تونۇش مۇلايىم ئاۋاز يىغلامسىراپ تۇرۇپ ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى .
-سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، بىر سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن .
مەن ئىچ ئىچىمدىن خوشال بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم . ئۇنىڭغا پەقەت، رەھمەت دېگەن بىر  ئېغىز گەپنىلا  قىلالىدىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز تەرەققىي قىلدى.  بىر كۈن تېلېفونلاشمىساق كۆڭلىمىز ئۇنمايتى . بىز شۇ تەرىقىدە ئالتە ئاينى ئۆتكۈزۋەتتۇق . ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن مېنى قوبۇل قىلغانلىقى  ئىدىيەمدىن قەتىي ئۆتمەيدۇ.  بىراق مەن بۇنى كوچىلاپ سوراپ يۈرمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىمنى خۇشاللىق بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتاتتىم. لېكىن بۇ كۈنمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇنىڭ  ئاتا ئانىسى ۋە مېنىڭ ئاتا ئانام قەتىي قوشۇلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۆچ ئاداۋىتى بارئىكەن ، شۇ ئۆچ ئاداۋەت  بىزنىڭ پاك سەمىمىي مۇھەببىتىمىزنى نابۇت قىلدى.  مەن ئاپامنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا  توي قىلماقچى بولدۇم. مەن، ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇردۇم. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن نېمىشقا؟ دەپ قايتا قايتا سورىسىمۇ ئۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب بېرەلمىدىم. ئۇ توختىماي يىغلايتتى. مەنمۇ يىغلىدىم. لېكىن نېمە ئامال.؟ ئاپام مەن توي قىلمىسام، ئۆلۈۋالدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا تەھدىت سالغان ئدى . چوڭلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ مەن قانداقمۇ بەختلىك بولالاي؟ لېكىن ئەقىدە ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى، ھەقىقەتەن پاك مۇھەببەت ئىدى. بىز بىر  بىرىمىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتۇق . بىراق مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدىم . مەن ئىچىمدە ئويلايتتىم. بەرىبىر توي قىلساممۇ ئۇزۇن ئۆي تۇتمايمەن. بۇياقتىن توي قىلىپ ئۇياقتىن ئاجرىشىمەن . ئاجرىشىپ بولۇپلا چوقۇم ئەقىدە بىلەن توي قىلىمەن.  بىراق بۇ خام خىيال ئىدى. مەن توي قىلدىم. تويۇمغا قەستەن قولداش قىلمىدىم.  چۈنكى ئەقىدەگە تەسەللىي بېرىدىغان بىر  ئادەم بولۇشى كېرەك.  مەن ئەتە توي بولىدۇ دېگەن كۈنى ھەممە گەپلەرنى ئىلھامغا دېدىم .ئىلھام ئاچچىقلاپلا كەتتى.
- كاللاڭنىڭ سۈيى بارمۇ ؟ سەن ساراڭمۇ ؟ بىكاردىن بىكار بىر قىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماقچىمۇ ؟ مەن سېنىڭ ئاغىنەڭ بولغاندىكىن بالدۇرراق ماڭا دېسەڭ ، مەن ئۆزۈم ئاتا ئاناڭنى قايىل قىلاتتىم ئەمەسمۇ ؟ سەن ساراڭكەنسەن ؟
ئۇ توختاپ قالدى . مەن ئۇنىڭغا يېلىنىپ ئورنۇمدا ئەقىدەگە تەسەللى بېرىشىنى ئېيىتتىم . ئۇ قوشۇلدى .
توي باشلاندى ، مەن توي قىلغىنىم بىلەن كۆڭلۈم ئۇنىڭدا ئىدى ، مەن توي كۈنىدىن باشلاپ ئايالىمغا سوغۇق مۇئاملە قىلدىم ، ئەقىدە بىلەن بۇرۇنقىدەك پاراڭلىشالمىدىم ، ئۇنىڭ تېلېفونى پەقەت ئۇلانمايۋاتاتتى. ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتۈپ مەن ئايالىمدىن ئاجىراشتىم ، كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. ئەمدى ماڭا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. مەن ئەقىدەنىلا ياخشى كۆرىمەن ،  مەن ئەقىدەنى ئىزدەپ باردىم. بىراق ئىزدەپ بارغاندىكى مەنزىرە كۆڭلۈمنى بىر  قىسىما  قىلىپ قويغان ئىدى . چۈنكى ئۇ ئىلھام بىلەن بىللە چىقىۋاتاتتى.  مەن ئىلھامنى چاقىردىم. ئەقىدەمۇ ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلدى. مەن ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم. ئۈچەيلەن بىر  ۋاق تاماقنى بىللە يېدۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەن ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى  ئۇلارغا دېدىم. ئۇلار ئۇنچە پەرۋا  قىلمىدى.  نېمىشقا ؟ دەپ سورىشىپ ھەيران قالدى. مەن ئىلھامنىڭ ئالدىدا ئەقىدەنىڭ قولىنى تۇتتۇم. ئۇنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  ئاجراشقىنىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇ دەررۇ قولىنى تارتىۋالدى ،ۋە ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيىتتى .
-مۇرات ، بىز ئەمدى مەڭگۈ بىللە بولالمايمىز. سىز كېچىكتىڭىز. مەن ھازىر باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرىمەن. سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنى تاشلاپ باشقا بىرسى بىلەن  توي قىلغان ئىدىڭىز. مەنمۇ ئەمدى سىزنى تاشلاپ باشقا بىرسى بىلەن  توي قىلىمەن. سىزمۇ مەن تارتقان ئازابنى تارتىپ بېقىڭ. مەن ئازابلىنىپ يۈرگەندە ئىلھام ماڭا زور تەسەللىي بەردى. ئىلھاملا ماڭا ئىچ ئاغرىتتى. مەن ئىلھامنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. دېسەم دېمىسەم ئۇمۇ  مېنى ياخشى كۆرىدۇ.  شۇڭا مۇرات مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. دېدى .
ئىلھام گەپ قىلماي ئولتۇراتتى ، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. ئىلھام ماڭا تەستە ئېغىز ئېچىپ،
- ئاداش بىزگە رازىلىق بەرگىن. مەن ئەقىدەنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. دېدى .
گەپ سۆز قىلماي سىرىتقا ماڭدىم ، چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا ئۇلار تەرەپكە قايرىلىپ دېدىم .
-بەخىتلىك بۇلۇڭلار ،
سىرتقا چىقتىم. سىرتتا سىم سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى.  يامغۇردا ئۆي تەرەپكە شۇنداق تېز يۈگۈردىمكى ھېچقانداق كۈچ مېنى توسۇپ قالالمايتتى. ئىختىيارسىز چۈشۈۋاتقان ياشلىرىمنى يامغۇر تامچىسى يوشۇرۇپ قالاتتى. ئۆيگە قانداق كەلگەننى بىلمەيمەن. ئۆيگە كىرىپلا ھۇجرا ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى يېپىۋالدىم. ۋە يوتقانغا كىرىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم . بۇ ئازاپنى كىمدىن كۆرىمەن ، ئاپامدىنمۇ ؟ئۆزەمدىنمۇ ؟ ئەقىدەدىنمۇ ؟  ئىلھامدىنمۇ؟ ياكى كاج تەقدىردىنمۇ ؟  ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلايتتىم. ئۇ راستىنلا مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ. ئىلھام ئۇنىڭغا قانداق سېھىر ئىشلەتكەندۇ. بىردىنلا كۈنلىرىمنى شۇنچىلىك مەنىسىز ئۆتۈۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولۇمغا باغاق تاپشۇرۇۋالدىم. باغاقتا ئەقىدە بىلەن ئىلھامنىڭ  توي كۈنى بېكىتىلگەن ئىدى.
بۈگۈن توي ،مەن زور چىدام غەيرەت بىلەن تويغا قاتناشتىم ، تويدا ئۇنى كۆردۈم ،ئۇ ئاپپاق توي كۆينىكى كىيگەن بۇلۇپ ، ناھايىتىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭدىن پەقەت كۆزۈمنى ئۈزەلمەيۋاتاتتىم. يۈرۈكۈم بارغانسېرى ئاجىزلاۋاتقاندەك. تىنىقلىرىم  بىردىنلا توختاپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولۇۋاتاتتىم.  يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. بىراق ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ سورۇندا ھاراق ئىچىۋاتقانلارنىڭ قاتارغا قېتىلدىم. ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم بۈگۈن ئىچىپ چىقىۋاتاتتىم. ھاراق شۇنچىلىك ئاچچىق بولۇپ، كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ قالغان ئىدى ، تاماكىنى شورىغان ۋاقتىمدا بېشىمنىڭ قېيىشلىرى كۆزلىرىمدىن ياشلارنىڭ قۇيۇلۇشى بىلەن بەكمۇ بىچارە تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدىم .ئىلھام بۇھالىمنى كۆرۈپ مېنى تاتتى مەن ئۇنى بىلىپ بىلمەي قاتتىق سىلكىشلىدىم ، ۋە ئۇنى تىللىدىم .
-ئاغىنەم تۇرۇپ ماڭا خىيانەت قىلدىڭ ، يوقال مېنىڭ سەندەك ئاغىنەم يوق .
ئۇ كەتتى ، تويمۇ كۆچۈرلۈپ كەتتى ، مەن مەس ھالەتتە موتوسىكىلىت مىنىپ يىقىلىپ چۈشتۈم ، ھەم قاتتىق يارىلاندىم ، ھەش پەش دېگۈچە كېسەل كارۋىتىدا بىر يىل ياتتىم. بۇ بىر يىل بەكلا تەستە ئۆتتى.  مەن ساقايدىم . مەن ئەقىدەنىڭ بەختىنى كۆردۈم. ئۇلار بالىلىق بولغان ئىدى. ئىلھاممۇ دەرىجىسى ئۆسۈپ رەسمىي ساقچى بولغان ئىدى. ئەقىدەمۇ  رەسمىي دۆلەت كادىرى بولغان ئىدى. لېكىن مەن ئىلھام بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. ھەتتا ئۇ ئۆيۈمگە مېنى يوقلاپ كەلگەن دەپ تىللاپ چىقىرىۋەتكەن ئىدىم. ئويلىسام قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى خاتا ئىكەن . مەن بۈگۈن خاتالىقىمنى تونۇپ ئۇلارغا تېلېفون قىلدىم. ھە م ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مېھمان قىلدىم .   تاماق يېيىش جەريا نىدا مەن ئۇلارغا ناماقۇل بولدۇم. ۋە چىن كۆڭلۈمدىن ئۇلارغا بەخت تىلىدىم.
شۇنداق بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى تارتتى. مەن شۇ تارتقان گۇناھلىرىمنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتىم ، ھەممە ئىش ئۆز جايىدا ھەل بولدى.ئاغرىغان كۆڭۈللەر تەسەللى تاپتى. ۋاقىت يەنىلا ئۆز جايىدا كېتىپ باراتتى. بىزمۇ ئاي ئىشلىتىپ بىر  يىغىلىش قىلىپ ھېيت بايرامدا  ھېيتلىشىپ ئۆتۈۋاتاتتۇق. نەفىسەمۇ توي قىلغانىدى. ئۇمۇ ئۆز بەختىنى تاپقان ئىدى ، پەقەت مەنلا يەنە ئازاپ ئىچىدە يالغۇز ياشىماقتا ئىدىم .
     





599 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-17 19:57:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ