قىساس - بىرىنچى باب لالە
بىرىنچى باب لالە
ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك بار ماغدۇرىنى ئىككى پۇتىغا يىغىپ تەسلىكتە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ كېتىۋاتقان لالە ئۇزۇن لىفىتتىن چىقپ ئۇزۇن كارىدورنى كېسىپ ئۆتۈپ كارىدورنىڭ جەنۇبىدىكى 2601.نومۇرلۇق ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە لالەنىڭ ھېلىلا پۇتلىرى ئالمىشىپ يىقىلىپ چۈشىشىدىن ئەنسىرەپ لالەنىڭ ھاۋا رەڭ قول سومكىسىنى بىر بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى دانە يانفوننى ئالغان قولىنى لالەنىڭ كەينىدىن خۇددى ئايىقى يېڭى چىققان بوۋاق بالىنىڭ يىقىلىپ چۈشىشىدىن ئەنسىرەپ كەينىدىن سوڭدىشىپ كېتىۋاتقان ئانىسىغا ئوخشاش كەينىدىن تاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان شياۋ جاڭغا سۇندى.دەسلەپتە ئۇنىڭ كەينىگىمۇ ئۆرۈلمەي قولىنى سۇنىشىدىن سەل مەڭدىگەن شياۋ جاڭ بىر نەچچە دەقىقىدىن كېيىن تۇيۇقسىز ئېسىنى يىغقاندەك بىلىكىگ ئۆتكۈزىۋالغان ھاۋا رەڭلىك قول سومكىسىنى ئالدىراپ لالەگە سۇندى.ئادىتى بويىچە سومكىنىڭ يان تەرەپتىكى كىچىك يانچۇقىدىن ئۇزۇن بارماقلىرىنى سېلىپلا بىر دانە جىرىڭلاپ تۇرغان خۇددى سومكىسى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى زىننەت قوڭغىرىقى ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەچچە تال ئاچقۇچنى تارتىپ چىقاردى ۋە ئاچقۇچنى ئىشىككە سېلىپ بىلىكىدىكى بار كۈچىنى بارماقلىرىغا يىغماقچى بۇلىۋاتقاندەك كۆزىنى يۇمۇپ سەل تۇرىۋېلىپ بېشىنى يېنىك سىلكىگىنىچە ئاچقۇچنى تولغىدى.
ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭلا شىياۋ جاڭغا تونۇش،ئەمما ئادەتتىكىدىن سەل قېنىقراق بىر يېقىشلىق پۇراق ئۆي ئىچىدىن تاراپ چىقىپ شياۋ جاڭنىڭ نېرىپلىرىنى غىدىقلىدى.
—بۇ لالەنىڭ ئۆيىگە چاچىدىغان ئەتتىرىنىڭ پۇرىقى —دېيىشەتتى بەزىلەر.
—ياقەي،بۇ پەقەت شىنجاڭدىنلا چىقىدىغان بىر خىل چاينىڭ پۇرىقى،تاغام شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن چاي دەل مۇشۇنداق پۇرايدۇ،—دەيتتى كىمدۇر بىرى قەتئىي قىلىپ.
—سىلەر بىلمەيسىلەر،بۇ دېگەن شىنجاڭدىلا ئۆستۈرلىدىغان ئۈستىقۇددۇس نىڭ پۇرىقى ،بىز باشلىق بىلەن شىنجاڭغا بارغاندا چەكسىز كەتكەن ئۈستىقۇددۇس ئېتىزىغا بارغان……پاھ،ئۇ جاينىڭ گۈزەللىكىنى دېمەيلا قويۇڭلار،مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۈستىقۇددۇس دېڭىزى…ياق،دېڭىز ئۇنچە گۈزەل ئەمەس…ھە راس،يەنە ھېلىقى كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان پۇرىقىچۇ تېخى…—كۆپچىلىك تەسۋىلەر ئارسىدا مەست بۇلۇپ چەكسىز كەتكەن ئۈستىقۇددۇس ئېتىزلىقىدا خىياللىرى بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقاندا كىرىپ كەلگەن بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئاۋازى ئۇلارنى خىيال قوينىدىن تارتىپ چىقىراتتى:
—قۇرۇق پاراڭنى ئازراق قىلىپ ئىشىڭلارغا مېڭىڭلار،ھېلى لالە كەلسە بىر ئايلىق مۇكاپات بىراقلا يوق شۇنىڭ بىلەن،—ھېلى ئۆزىگە باتناۋاتقاندەك،ھېلى كۆپچىلىككە تەھدىت سېلىۋاتقاندەك گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان بۇ ئاۋاز قۇلاق پەردىسىگە ئۇرۇلغىنىدا ھەممەيلەن خۇددى بۇيرۇق بېرىلگەن ئەسكەرلەردەك شىپپىدە توختاپ ئۆز ئىشىغا كىرشىپ كېتەتتى.چۈنكى ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭلا ئەمەس،مانا ماۋۇ گۈلدۈرمامىدەك سۆزلەيدىغان بۆلۈم باشلىقىنىڭمۇ بارغانسېرى لالەنىڭ مەسلىھەتىسىز بىر ئىشلارنى قارار قىلمايدىغانلىقىنى،بۇلۇپمۇ مالىيەگە ئائىت ئىشلاردا ئۇنۇڭدىن خېلى تەپ تارتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.دېمىسىمۇ كىم ئويلىغان،ئۈچ يىل ئىلگىرى پەقەت تەربىيلەش ئوبىكتى بۇلۇپ بۇ شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن يىراق شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ كىچىككىنە قىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە ئۇۋالچىلىق،كەمسىتىشلەرنى كۆرمىگەنگە سېلىپ ھەممىنىڭ كۆزىچە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن بۈگۈنكى بۇ مەركىزىي شەھەرگە جايلاشقان خەلقئارالىق شىركەتنىڭ تۆت مالىيە نازارەتچىسى ياردەمچىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قېلىشىنى،يەنە كېلىپ ئۆز ۋەزىپىسىدىن باشقا شىركەتنىڭ روسچە،ئېنگىلىزچە تەرجىمانى بۇلۇپ قېلىشىنى…شۇ چاغدا ھەممەيلەن تىتىلداپ بۇ چوڭ خېرىدار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى ئۇنۋېرستىتلاردىن ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتكەندە لالەنىڭ ئانچە راۋان بولمىسىمۇ ئۆز مەقسىدىنى تۇيۇقسىز قەدەم تەشرىپ قىلغان بۇ كۆك كۆز،سېرىق چاچلىق “گىگانىت” كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ بىر چوڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىنى…ئۇنىڭ ئېنگلىزچىنى بىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلەتتى،چۈنكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئېنىگىلىزچە ھۆججەتلەرنى ئالدىغا بىر “خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە لۇغەت”نى قويىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقىنىنى ئۇلار كۆپ قېتىم كۆرگەن،ئەمما لالەنىڭ بۇ ئىشىنى ئۇلار ئەستايىدىللىق، كەمتەرلىك دەپ چۈشىنىشەتتى.ئەسلىمۇ ئۆزلىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر “غەيرىي تىل”دا سۆزلىشىدىغان بۇ قىزنىڭ ئورتاق تىلدىكى قىسمەن ىاتالىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ناھايتى راۋان بۇلىشىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشىدىغان ئۇلار كېيىن ئۇنىڭ يەنە ئىككى چەتئەل تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى،ئادەتتىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ قايىل بولماي تۇرالمايتتى.ئەمما …بىرلا يېرى،بەزى بەزىدە قانداقتۇر ئۇلار چۈشەنمەيدىغان ئاھاڭلارغا غىڭشىپ سالغىنىدا بىلىنەر بىلىنمەس ھىمىرلىپ ئۇنىڭ كۈلۈمسىرشىدىن دېرەك بېرىدىغان ئېغىزىدىن باشقا كۈنبويى قاپىقى ئېچىلمايدىغان بۇ “مۇز تەلەت”قىزدىن ھەممىسى تەپ تارتىشاتتى.ئالدىنقى قېتىم بۆلۈم مۇدىرى ئۈچ كۈن رۇخسەت سوراپ قويۇپ بەش كۈن يوقاپ كەتكەندە سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىككى كۈندە رۇخسەتسىز يوقاپ كەتكىنىنى بىلىپ ئۈچ ئايلىق مۇكاپاتىنى بىراقلا تۇتىۋالغاندىن كېيىن ئۇلار بۇ “قەرەرلىك بومبا”دىن تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىدىغان بۇلۇپ كېتىشكەنئىدى…
شۇ خىياللار بىلەن ئەسىر بۇلۇپ تۇرغان شىياۋ جاڭ ئېسىنى يىغقىنىدا لالە ئىشىكتىن كىرىپ قارا رەڭلىك پاكار پاشنىلىق ئايىقىنى ساپما كەشكە ئالماشتۇرۇپ ئىشىكنى يېپىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى.لالە ئىشىك يېپىلىپ قىيا ئوچۇق ھالەتكە كەلگەندە ئىشىك يوچۇقىدىن سۇنۇلغان قولدىن تېلفۇننى ئېلىپلا “سوغاق سۇ ئىچمە،قايناق سۇنى مۇزلىتىپ ئىچ،دورا يېيىشنى ئۇنۇتما،بەك بىئارام بولساڭ ئىشخانىغا تېلفۇن قىل…“دېگىنىچە ئۆزىگە نېمىلەرنىدۇر تاپىلاۋاتقان شىياۋجاڭنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ گۈپپىدە ئىشىكنى ياپتى…
2015.12.19 ——كاكتۇس——




916 قېتىم كۆرۈلدى kaktus128 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-17 1:52:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-25 17:52:30 تۇرسۇنجان
بۇ ئەسەرنى ئاۋازلىق قىلساق بولامدۇ 1390044626
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ