قاراڭغۇ ئورمان 21 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

21- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

- نىمە لېكىن ؟

- بىز ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن گىن بىلەن يەر شارىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ گىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە، ئەقىللىق، مۇلايىم ھايۋانلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققان ئىدۇق، ئۇ ھايۋاناتلارمۇ پەرۋىش باسقۇچىدا ناھايتى ياخشى ئۆسۈپ يىتىلۋاتاتتى. لېكىن شۇ ھالقىلىق پەيىتتە بىز بىخەستەلىك قىلىپ تەجرىبە رايونىنىڭ مۇداپىئە سېستىمىسىغا سەل قاراپتۇق. شۇ چاغدا بىر توپ ئادەملەر تاسادىپىي رايونغا كىرىپ قېلىپ، تەققىق قىلىش، يىتىشتۈرۈش، پەرۋېش قىلىش مەركىزىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇلارغا ئۇ جاي غەلىتە بىلىنىپ بەزى ئۈسكىنىلەرنى ئوغۇرلىماقچى بولغىنىدىن مەركەز سېستىمىسى قالايمىقانلىشىپ، ھايۋاناتلارنىڭ گىنىدا يەنە خەتەرلىك ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولۇپ، پۈتۈن ئورمان دەۋزەخكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مايمۇن بىلەن گىنى بىرلەشكەن ھايۋانلار چوڭلاپ ھېلقىدەك مەخلوقلارغا، بۆرە بىلەن بىرلەشكەن گىندىكى ھايۋانلىرىمىز يىرتقۇچلارغا، يەنە سىلەر كۆرۈپ باقمىغان بەزى تۈردىكى، ھەرخىل ۋەھشى ھايۋانلارغا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئۆزگۈرۈش شۇنداق تىز يۈز بەرگەچكە، بىز بايقاپ ئالدىنى ئالغۇچە مەخلوقلار ئۇ جايلارنى ئىگەللەپ تېخىمۇ قالايمىقان قىلۋېتىپتۇ. ھەتتا كىرگەن ئادەملەرنىمۇ يەۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئامال قىلالمىدۇق. ھەتتا تەجىرىبە مەركىزىگە نەچچە قېتىم بېرىشقا ئۇرۇنساقمۇ، بىز ئاز ، مەخلۇقلار كۆپ بولغاچ قاتتىق جەڭلەرنى قىلىپمۇ ئۇ جايغا بارالماي يېرىم يولدىن چىكىنىپ كەلدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدا بىزنىڭ بۇ قاتناش قورالىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى، يول باشلاش، ئالاقىلىشىش، سىگنال تارقىتىش، قوزغىتىش سېستىمىلىرى بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكىنىسىنىمۇ شۇ مەخلوقلار كاردىن چىقىرىپ تاشلىدى. بولماي بىز ئۇلارنى چىكىندۈرۈپ ئەتراپقا مۇداپىئە پەردىسى شەكىللەندۈردۇق. ھەتتا ئۇلارنى يوقۇتۇشقا پىلانتىمىزدىن ئېلىپ كەلگەن ھاشارەتنىمۇ قويۇپ بەردۇق. ئۇ سىلەرنى قوغلىغان قۇڭغۇزلار توپى شۇ. بىز بۇيەردىن ئايرىلىپ بۇ جاينى ۋەيران قىلىشنىمۇ ئويلىدۇق، لېكىن ئۈسكىنىمىز بۇزۇلغان، قاتناش قورالىمىزنى قوزغىتىشقا ئامالسىز، رىمۇنىت قىلىش ئورنى شۇ مەركەزدە بولغاچ، يا قايتىپ كىتەلمەي، يا پىلانىتىمىز بىلەن ئالاقە قىلالماي تۇرۇپ قالدۇق. پىلانىتىمىزدىكىلەر بىزنىڭ بۇنداق خەتەرلەرگە ئۇچۇرغىنىمىزنى بىلمەيدۇ چۈنكى بۇ جايدىكى نەچچە ئون يىل ئۇ يەرنىڭ قىسقىلا بىر ۋاقتى بىلەن تەڭ، ئۇ يەر بىلەن بۇ يەر شارىنىڭ ئارلىغىمۇ يىراق بولغاچ ھازىر بىزمۇ قاپسىلىپ تۇرماقتىمىز ، پىلانتىمىزدىكىلەر كەلگۈچە يە ئامان قالىمىز ياكى ئىنىرگىيەيىمىز تۈگىسە ئۆزىمىز پەيدا قىلغان مەخلوقلارنىڭ قولىدا ھالاك بولىمىز ئەھۋال موشۇنداق.

 قارا كىيىملىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ بىزگە قارىدى.

 - ئەمىسە بىز قانداق قىلىمىز ؟ بىزمۇ سىلەردەك قۇتقازغۇچى ئادەملىرىڭلەر كەلگۈچە بۇ جايغا قاپسىلىپ تۇرماسمىز ،- دەپ سورۇدۇم ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا .

- سىلەر يەر شارى ئىنسانلىرىنىڭ بىزنىڭكىدەك ئىنىرگىيە كىيىمىڭلار ھەم ئىنىرگىيە سۈمۈرىدىغان ئىقدىدارىڭلار يوق. بىزنىڭ بۇ كىيىملىرىمىزدە بىز جان كەچۈردىغان، سىلەرنىڭ يىلىڭلاردا يۈز يىل يەتكۈدەك ئىنىرگىيە مەنبەسى بار. سىلەرچۇ ، يىمەكلىك ، سۇ ئىستىمال قىلمىساڭلار ئۈلۈپ قالىسىلەر ، ھازىر سىلەردە بار بولغان يىمەكلىك چەكلىك، ئۇ تۈگىسە قانداق ھايات كەچۈرىسىلەر؟ ئەگەردە سىلەرنى ئۇخلىتىۋەتسەك بۇ قاتناش قورالىمىزنىڭ ئىنىرگىيەسى تۈگەپ قالسا يەنىلا بىر بولسا ئاچلىقتىن ئۈلىسىلەر ، بىر بولسا مەخلوقلارغا يەم بولىسىلەر ، ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

 - ئەمىسە قانداق قىلىشىمىز كىرەك ؟ - ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۋاتاتتى.

 - بىرلا ئامال بار ، ئۇ بولسىمۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ، مەخلوقلار بىلەن جەڭ قىلىش، تەتقىقات مەركىزىگە كىرىپ بىز ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىش، شۇنىڭدا بىزمۇ قايتالايمىز، سىلەرمۇ قايتالايسىلەر، بۇ جاينىمۇ كۆزدىن يوقۇتالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق.

 ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولىشىغا ئۇچار جىسىمنىڭ بىر يىرىدىن غەلىتە بىر خىل سىگنال كىلىپ شۇنداق غەلىتە بىر ئاۋازدا غەلىتە سۆزلەر ئاڭلاندى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىككسى جىددىيلەشكەنچە بىر - بىرى بىلەن شۇنداق تىلدا بىر نىمىلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن بايقى قارا كىيىملىك بىزگە قاراپ :

 - قارىغاندا ۋاقتىمىز ئاز قالغاندەك تۇرىدۇ ، قاتناش قورالىمىزنىڭ ئىنىرگىيەسى يەر شارى ۋاقتىدا ئەللىك سائەت يىتىدىكەن ،- دەپ چۈشەندۈرۈپ قويدى .

 - ئەمىسە بىزنىڭ ئەللىك سائەت ۋاقتىمىز قاپتۇ دە ،- دەپ چۆچۈپ كەتتى قاھار، ئاندىن ماڭا قاراپ سورىدى ،- ئاداش قانداق قىلىمىز؟

 مەن ئەتىراپىمدىكىلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتۇم، ئۈچ قىز ، تۆت ئەر ، ئىككى سىرتتىن كەلگەن مىھمان ، ئادەم سانىمىز كۆپ بولغان بىلەن جەڭگە يارايدىغىنىمىز يەنىلا ئاز ئىدۇق. ئۇلار مېنى نىمە دەركىن دىگەندەك ئېغىزىمغا قاراپ ئولتۇرىشاتتى .

 - سىلەرچە قانداق قىلساق بولار ، جەڭ قىلساق بولارمۇ ؟ياكى موشۇ جايدا مۈكۈپ تۇرساق بولارمۇ؟

 ئۇلار بىردەم جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتىشتى ، بۇ ھەقىقەتەن تاللاش تەس ئىش ئىدى. جەڭ قىلغاندا دەۋزەخكە ، مەخلۇقلارنىڭ ئارسىغا قايتىشقا توغىرا كىلىدۇ ، تەلەي كەلسە سايمانلارنى ئېلىپ چىقىپ ئامان قالىدىغان گەپ ، ئەجەل توشقان بولسا يە پارچىلىنىپ شۇلارغا يىمەكلىك بولىدىغان ئىش، يە قېنى شۇلار تەرپىدىن شۈمۈرۋىلىندىغان ئىش، ياكى بولمىسا ئىسكىلىتكە ئايلىنىپ قالىدىغان ئىش. بۇ يەردە ساقلىسا تەلەي كەلسە موشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا قۇتقۇزۇشقا تاشقى پىلانىتتىن ئادەم كىلىپ قالسا قۇتۇلدىغان، ئەگەر كەلمەي قالسا پۇرسەت كەتكەننىڭ ئورنىغا باشتىكى ئەھۋالغا ئوخشاش ھالاك بولىدىغان گەپ

. ئۇلار بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن قاھار ئېغىز ئاچتى :

 - ئۆلۈمنى ساقلاپ ياتماي تىرشقان ياخشى، مەن جەڭ قىلىشىنى تاللىدىم .

 ئۇنىڭ كەينىدىن نىجات ، روشەنگۈلمۇ جەڭ قىلىشنى تاللىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن پەرىدە بىلەن مەپتونئايمۇ بىزمۇ جەڭ قىلىمىز دەپ ئاۋاز قوشتى. لېكىن ھامۇتئاخۇن بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىم ئولتۇراتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ بېقىپ گەپ - سۆز قىلمىدۇق.

 - ئەمىسە ،- دىدىم مەن بۇ ئىشنى بېكىتىپ،- جەڭ قىلايلى ، قىزلار قالسۇن ، ئەرلەر جەڭگە چىقايلى !

گېپىم تۈگىمەيلا پەرىدە بىلەن روشەنگۈل تەڭلا تۇرۇپ كەتتى .

 - نىمىشقا بىز قالىمىز ،- دىدى روشەنگۈل يوقىرى ئاۋازدا ،- مەن دىگەن ساقچى ، مەن بۇ يەرگە جەڭ قىلغىلى كەلگەن ، مۆكۈپ ياتقىلى ئەمەس .

 ئۇنىڭ كەينىدىنلا پەرىدە مۇلايىم ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى :

- سىلەر جەڭ قىلساڭلار بىز بۇ يەردە خاتىرجەم تۇرالامدۇق، بىزمۇ سىلەرگە ياردەملىشەيلى،  بىزنى ئايرىپ قويماڭلار !

مەن بۇلارنىڭ قارارىمغا قارىشى چىققىنىدىن ئاچچىقلىدىم -دە دەرھاللا رەدىئە بەردىم .

- ئۇ دىگەن جەڭ مەيدانى، ئوينايدىغان جاي ئەمەس، ھەممىڭلار مەخلۇقلارنىڭ ۋەھشىيلىگىنى كۆردىڭلار ، بىز ئۇ يەردە جەڭ قىلامدۇق ياكى سىلەرنى قوغدامدۇق ؟

 روشەنگۈلنىڭ جاھىل مىجەزى تۇتقاندەك قىلاتتى ، مەن ئاچچىقتىن ۋاقىرغان بولسام ئۇ مەندىنمۇ بەك ئاچچىقلىغاندەك ۋاقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى :

 - مەنمۇ جەڭ قىلالايمەن ، قىز بالا دەپ ياراتمايۋاتامسىز ؟ مېنى سىزنىڭ قوغدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، مەخلوقلارنى سىز يوقىتالىسىڭىز مەنمۇ يوقىتالايمەن ، مېنىڭ بارغىنىم بارغان …

 ئۇنىڭ جاھىللىغىدىن ئۆزەمنى باسالماي قالدىم، ئاچچىغىم غۇژژىدە تۇتتى، ئاچچىقتىن قىزىللىق يۈزۈمگە چىقتى. بۇ مېنىڭ بۇيرۇغۇمغا بوي سونما ، تەڭ تۇرۇش ، كۆزگە ئىلماسلىق دەپ ئويلىغىنىمچە ۋاقىردىم :

- سىز … !!! 

 مېنىڭ ئەلپازىمدىن ئاچچىغىمنى بىلىدىغان پەرىدە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قولۇمغا ئېسىلدى -دە پەس ئاۋازدا مېنى بېسىپ :

- نىمىشقا ۋاقىرايسىز ؟ قىزبالىغىمۇ شۇنداق ۋاقىرامدۇ ،- دىدى مۇلايىملىق بىلەن.

 مەن ئۆزەمنى تەستە تۇتۇپ ئاچچىغىمدا سىرتقا چىقىپ كەتتىم. ئەتىراپ شۇنداق جىمجىت ھەم سالقىن شامال كىلەتتى ، بۇ كىچىك بوشلۇقتىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلار شۇنداق چىرايلىق چاقناپ تۇراتتى ، ھەتتا ئاقار يۇلتۇزدىن بىرى ئورمانلىقنىڭ ئۈستىگە بىر سىزىق تارتىپ ئۆتۈپ كەتتى . مەن ئۆزەمنى بېسىپ يىنىكلىك قىلىپ قويغىنىمنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم كەينىمدە يىنىك بىر ئاياق تىۋېشى ئاڭلاندى -دە پەرىدە يېنىمغا كىلىپ ماڭا قارىغىنىچە ئۈن - تىنسىز تۇرۇپ قالدى . بىز بىردەم ئۈن - تىنسىز تۇرغاندىن كىيىن ئاستا سورۇدۇم :

- نەچچە يىلنى قانداقراق ئۆتكۈزدىڭىز؟

ئۇ بېشىنى پەس قىلىپ ئالدىغا قارىۋالدى. بەلكىم كۆڭلىدە ئۆتكۈزگەن موشۇ ۋاقىتلارنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

- ياخشى ئەمەس ، ھەر ھالدا بولىدۇ ؟ سىزچۇ ؟

 ئۇنىڭ ھارغىن جاۋابىدىن كۆڭلىدىكى ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى .

 - مەنمۇ ھەرھالدا ياخشى ،- دىدىم مەنمۇ پەس ئاۋازدا ، مېنىڭ بۇ ياخشى دىگەن سۈزۈمنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان ئازاپلىرىم ئۆزەمگە ئايدىڭ ئىدى. ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ يەنىلا مەن بۇرۇن سۆيگەن ، شىرىن چاغلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن پەرىدە ، لېكىن ھازىرچۇ ؟ ئۇنىڭ كۆڭلىدە كىم بار ، ھېلقى پۇلدارمۇ ؟ ئۇلار نىمىشقا توي قىلمىغاندۇ ؟ كاللامدا ھەرخىل سۇئاللار كىزەتتى .

- نىمىشقا توي قىلمىدىڭىز؟

بۇ سۇئالنى قانداقلارچە سوراپ سالغىنىمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم . ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراۋەتتى ھەم ئاستا سورىدى .

- قانداق بىلدىڭىز؟

- ئارخىپىڭىزدىن ، يوقاپ كىتىپسىز شۇڭا مەن…،- گەپنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتىم .

 - ھېلقى كۈنى نىمىشقا ماڭا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمەيلا كىتىسىز؟

 مەن گەپ قىلمىدىم .

- بىلىمەن قانچىلىك ئازاپلانغىنىڭىزنى، لېكىن مېنىڭ قانداق ئازاپلارنى تارقىنىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ؟

ئۇ شۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ئاۋازى تىتىرەپ چىقتى ، ئۇ ئاستا يېشىنى سۈرتكەندەك قىلدى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى بارلىق سۆزلىرى پارتىلاپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى .

- بىلەمسىز مەن سىزنىلا سۆيگەن ،- مەن ئۈن - تىنسىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم ،- سىز بىلەن ئارلىغىم يىراق بولسىمۇ سىزنىلا ، پەقەت سىزنىلا ئويلايتتىم.  كىيىن بۇ ئىشىمنى ئانام سىزىپ قاپتۇ. ئەسلى ئۇلار مېنىڭ توي ئىشىمنى ئاللىقاچان بىر دوستىنىڭ ئوغلى بىلەن قىلىشقا دىيىشىپ بولغان ئىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ ئازابىم باشلاندى، ئۇلار مېنىڭ سىز بىلەن ئالاقە يولۇمنى توسىدى، شۇندىمۇ ئوغۇرلىقچە سىزگە خەت يېزىپ تۇردۇم .

- ئەمىسە بۇ ئىشلارنى نىمىشقا خەتتە دىمەيسىز؟

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .

- دىسەم بولمايتتى ، چۈنكى سىزنىڭ ئۆگۈنىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمايتتىم، بۇ ئىشقا قارىشى چىقىپ ئانام بىلەن سوقۇشتۇم. ھەتتا تەتىللەردە ئۆيدىن چىقىپ يېزىغا دوسىتلىرىمنىڭكىگىمۇ بېرىۋالدىم. لېكىن دادامغا بۇ ئىشىم ئېغىر كەلدى، ئۇنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى بولغاچقا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، مەن دادام ئۈچۈن ئانام بىلەن بولغان تىركىشىشنى توختاتتىم. لېكىن يۈرۈگۈم ئازاپتىن ، كۆزۈم ياشتىن قۇرۇپ باقمىدى. دائىم سىزنىلا ئەسلەيتتىم، يېنىمدا بولىشىڭىزنى،مۈرىڭىزگە بېشىمنى قويۇپ تازا يىغلىۋېلىشنى شۇنداق سېغىندىم . كىيىن ئۇ ئوغۇل بالا بىلەن زومۇ - زو كۆرۈشتۈم. مەن ئۇنىڭدىن بىزار بولغانچە ئۇ كەينىمدىن چىقمايتتى. ئۇنى قوغلىۋەتسەم ئانام ئارقىلىق ماڭا بېسىم قىلاتتى. شۇ كۈنلەردە مەكتەپكە بېرىۋېلىپ بىر ئاز تېچلاندىم، سىزگە خەت يازسام ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي بۇ ئىشلارنى دەۋېتىشتىن ئەنسىرەپ خەتمۇ يازالمىدىم. شۇ قېتىمقى تەتىلدە سىز كىلىدىغان بولدىڭىز ، مەن زور ئۈمىتلەر بىلەن سىزنى ساقلىدىم، كەلسە چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلۇدۇم. لېكىن سىزنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىڭىز يىقىنلاشقانچە قانداق دەرمەن دەپ قورقۇشقا باشلىدىم. ئاخىرى سىز كەلدىڭىز ، سىزنى شۇنداق قۇچاقلاپ كۆرۋالغۇم كەلدى. لېكىن ئەتراپىمدا ئانام كۆز - قۇلاق بولىۋاتاتتى، جۈرئەت قىلالمىدىم. قەھۋەخانىدا دىمەكچى بولغانتىم، ھېلىقى ئوغۇل بالا پەيدا بولدى. ئۇ ھەتتا مېنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشۇمنى نازارەت قىلىپ تىلفۇنمۇ تۇتقۇزغان ئىدى، - ئۇ بىردەم جىمىلىپ كەتتى.

 مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم، ئۇ ئۈنسىز يىغلاۋاتاتتى. مەن ئۈزەمنى باسالماي ئۇنى تارتىپلا باغرىمغا باستىم، بۇ چاغدا يۈرۈگۈم پۇشايمان، ئازاپتا تىتما - تىتما بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۈن چىقىرىپ يىغلىۋەتتى ھەم مېنى ئىتىرىپ، «ئەمدى تاشلىۋىتىڭە ، يەنە تاشلىۋېتىڭە » دىگىنىچە مەيدەمگە مۇشلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقنايتتى ، ئەتراپتىكى قورقۇنۇچلۇق ئورمان ئەمدى شۇنداق گۈزەل كۆرىنىشكە باشلىدى…

 … داۋامى بار…





6682 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-16 22:04:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-29 1:32:31 yasinjan
بۇ ئ‍ەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ پۈتۈن قىسمىنى ئ‍ۇقۇپ چىقتىم مېنىڭ ئ‍ۇيۇم ئ‍ەگەر مۇمكىن بولغان بولسا بۇ ئ‍ەسەرنى ۋوللىۋوتنىڭ كىنولىردەك فانتازيىلىك كىنو ئ‍ىشلىگەن بولسا ئ‍ىشىنمەنكى چۇقۇم كۈرۈلۈش نىسپىتى يۇقىرى داڭلىق كىنو بۇلۇپ چىقاتتى . مېنىڭ بۇ تەكلىپىمنى ئويلىشىپ بېقشىڭلارنى ئ‍ۈمۈت قىلمەن
2016-2-6 12:47:23 gulbahar
dawamini tizraj yollisigiz boptukan. bak yahxi yizliptu
2016-1-29 11:16:04 yosuf
yaz gu qi apandi taxkipilant addam liri sizni ilip kax migan du biz sizni kutkaz gili baram duh ya ...... dadi giz nig sala mat likinig tiz rak as li ga kil xi ni ti lay man a
2016-1-29 10:31:10 yaprak
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-1-28 22:35:56 san sez
Yanq. Okusam . 21 . Bak . Okup . Kattem . 22kismi . Kaqanrak . Qeka . Ettek . Ettek . Qeksa . Bolitte . 2kozum . 8bolap . Kutwatedu ras . Gap
2016-1-25 18:39:42 ئىلھامجان
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئاخىرىغا تەقەززا بوپكەتتىم·
2016-1-24 21:04:02 قۇدىرەت
ئاخىرىنى يازمايدىغان ئوخشايدۇ
2016-1-24 19:21:42 مۇھەممەت
شۇنداق بېرىلىپ ، قىزىقىپ ئ‍ۇقىۋاتاتتىم ،…ئالدىمدىكى ئوخشىغان بىر قاچا تاماق تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم …شۇڭا ھەرقايسى قوللىغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ تەقەززاسى بويىچە داۋامى تېزراق چىققان بولسا…
2016-1-23 22:13:10 ئالىمجان
بۇنۇڭ ئاخىرىنى قاچان ئ‍ەۋتىسز
2016-1-23 18:38:41 قار لەيلسىلەيلسى
ھۇرمەتلىك يازغۇچى ئ‍ەسىرڭىزنىڭ كىينكى قىسمنىى قاچان يىزىپ يۇللايسىز ،
2016-1-23 17:13:24 ئ‍ەلى
مېترو قاراڭغۇ ئ‍ۇرمان 21 نىڭ ئ‍اخىرنى تېزراق يولساڭلا بۇلاتتى ئ‍وقۇشقا بەك تەقەززا بولۋاتمەن .
2016-1-23 13:33:23 艾则孜
Met ro apan de karaggu orman degan asar ne bak yah tudum . Dadegez neg salamat lekeneg baldurak aslega kel xene umut kel ma yanemu hay rat keleg..
2016-1-23 9:45:42 Yegana yaprak
Karaggu ormanneg aherne tezrakyollecagla boptekan man bak yahturup okuytum ahre uzlupkalde
2016-1-23 3:23:52 ئۇيغۇرۇم
داۋامىنى تىزەرەك يۇلىغان بۇلسىڭىز ،،،،،
2016-1-22 23:50:43 مىسكىن ئ‍اي
داۋامىچۇ مىترو ئ‍اكا
2016-1-22 22:15:46 askar
heli. Boldi. Ahiri. Kaqan. Qika. Dap. Kutwat kili. bak. Yahxi. Yezlip. Tu.
2016-1-22 20:18:39 يۈسۈپجان
مەن 21قىسىمى گىچە ئ‍وقىدىم بەك ياخشى يىزىلىپتۇ داۋامىنى يۇلاپ بەسەڭلا كىنۇقىلپ ئ‍شلىسە ۋۇلىۋۇتنىڭ كىنولىردە چىقاتتى ئ‍ابدۇرېقىپ ئ‍ەپەندى تەسەۋۇرغا بەك بايكەنسىز.
2016-1-22 19:41:09 دىلكەش.
ئاكا داۋامى قاچان چىقىدۇ.... دادىڭىزنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن..بۇ ھېكايە بەك ياخشىكەن داۋامىنى تېزراق يازغايسىز رەھمەت سىزگە.
2016-1-22 19:00:24 ئ‍ارزۇ
ئ‍ەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مېترو دادىڭىز ئ‍اغىرىپ بالنىستقا كىرىپ قاپتۇ ،دادىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئ‍ەسلىگە كىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .
2016-1-22 17:03:35 ayixa
ahiri kaqan qikdu man bir hapata boldi ahrni ukuxka takkazza bup kutwatma
2016-1-22 2:47:20 دىلكەش
داۋامى قىنى ؟؟؟
2016-1-22 0:34:39 باھادىر
مەن بەكلا ياقتۇردۇم.يازغۇچى تەسەۋۋۇرغا بەكلا بايكەن.ئاخىرنىڭ تىزرراق يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلمەن. يازغۇچى قولىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
2016-1-22 0:19:25 ئ‍ابدۇللا
ئ‍اخىرى قېنى
2016-1-21 23:36:23 abdikadir
dawami kaqan qikidu dostum
2016-1-21 23:20:38 سەبىر
»قورقۇنۇشلۇق سىرلىق رايون« ، »يوقالغان قوشۇن « لارنىغۇ تەقەززالىق بىلەن ئ‍اران ئ‍وقوپ تۈگەتسەك ، » قاراڭغۇ ئ‍ورمان « غا نىمە بولغاندۇ؟
2016-1-21 9:08:37
bak yahxi yezlptu dawamng tizrak qikxni umut ..klman
2016-1-21 1:35:35 گۇلقىز
ئاخىرچۇ؟،، شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ، قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-1-21 1:35:33 گۇلقىز
ئاخىرچۇ؟،، شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ، قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن
2016-1-21 1:26:30 رىزۋان
داۋامىنى تىزراق يۇللانغان بۇلسا بەك ياخشى بولاتتى
2016-1-21 1:22:09 arpat
yahxi yezilip tu xu amdi ahirini yulli watsigiz bak sahlap kattuk hi hi
2016-1-21 1:22:03 مىرزات
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ 21-قىسىم بىلەن تۈگىدى ئاخىرى قاچان چىقىدۇ؟
2016-1-21 0:48:41 mardan
karangu urman digan hikayining davami kini
2016-1-21 0:36:02 مېھمان
مېترو ئەپەندى، ئاخىرىغا كۆپ تەقەززا بولدۇق. سىز بولسىڭىز مېترو بېكىتى ياساش بىلەن ئاۋارىمۇ قانداق؟ ئاخىرىنى يازمىدىڭىزغۇ؟😛😝
2016-1-21 0:16:46 مۇنىرە
داۋامى ھەجەپ چىقمايدا
2016-1-21 0:01:26 رۇفىنە
قاراڭغۇ ئورمان 22 قىسمىنى يوللىمامسىلەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ قۇلۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن
2016-1-20 23:59:59 رەھمان
قاراڭغۇ ئورمانىڭ داۋامى ئ‍ۈزۈلۈپ قالدىغۇ،،؟
2016-1-20 23:55:28 habiba
yahxi yezilhanliki uqun bak kizikip okihantim lekin ahiri yokapla katti kunda kaqta karayman yoh kaqan qikidu takat kilalmayla kaldim
2016-1-20 23:04:25 gulruh
Ahiri tizrak qikkan bolsa ha
2016-1-20 22:16:52 xukrat
Assalammu alaykom dawamini qakkarah yaolligan bolsaglar
2016-1-20 22:01:45 مۇقەددەس
داۋامى تېزراق يوللانسا بوپتىكەن ،كۈندە ئۈچ قېتىم تەكشۈرمەن
2016-1-20 21:52:43 شاھ
داۋامىنى قاچانلىققا يوللايسىلە ،بىز بەك تەقەززا بولۇپ كەتتۇق ـ
2016-1-20 20:46:16 azmat
bak yahxi yezilip tu dawa mini tizrak yollan gan bolsa t
2016-1-20 17:30:56 sofiya
bakyahxi,yizlip tu,japa,qakting,lar,rahmat,
2016-1-20 17:30:46 sofiya
bakyahxi,yizlip tu,japa,qakting,lar,rahmat,
2016-1-20 17:05:21 ئ‍ابدۇللا
بەك ياخشىياخشى بەك ياخشىياخشى
2016-1-20 14:20:28 kahar
dawamini tizirak yollisagla boptikan
2016-1-20 2:01:54 mawlan jan
bak kaltis yizilip tu bul sa dawamlik awatip turgaysila rahmat silararga japa tat tiglar
2016-1-20 0:20:45 دىلمۇرات
قاراڭغۇ ئورمان دىگەن ئەسەرنىڭ داۋمىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن
2016-1-19 18:58:54 پەرىدە
نەچچە كۈن بولدى داۋامىغا تەشنا بوپ كەتتۇق☺
2016-1-19 13:14:48 گۈلىستان
بۇنىڭ ئاخىرىنى تىزراق يوللىساڭلا بۇلاتتى بەك تەقەززا بوپ كۈتىۋاتىمە
2016-1-19 12:27:04 زۇلخۇمار
سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن !تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئ‍ەسەرلەرنى يېزىشىڭىزنى ئ‍ۈمۈدئ‍ۈمۈد قىلمەن !قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !
2016-1-19 12:04:46 تەنھا
قاراڭغۇ ئورمان دىگەن ئەسەرنىڭ ئ‍ايغى قاچان يۇللىن دۇ
2016-1-19 11:16:56 gulbar
dawamini tizrak yolisagla boprikan
2016-1-19 1:21:06 ئارزۇ
تەسسەۋۇرغا بايكەنسىز 👍ئاپىرىن سىزگە……داۋاملىق تىرىشىڭ ……قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن 😘😘😘
2016-1-19 0:03:57 xabnam
nimAnqa dawami qikmAydu bu hikAyini sAklAp uykum kammas bopkAldigu
2016-1-18 23:27:41 توغراق
مەن سېز نىڭ ھېكايېللېرېڭېزغا خۇمار بولوپ قالدىم قولېڭېزغا دەرت بەرمىسۇن قېرېندېشېم
2016-1-18 23:20:10 xadiman kiz
man kaysi yarni qaksak elani qakan bolodihanlikini zadi bilalmidim
2016-1-18 22:44:55 abdusalam
ahirini yollisaglaqu ya man bak tiz okuwattimmu
2016-1-18 15:42:44 xaripa
bak yahxikan dawamini tizarak yolisanglar bulatti
2016-1-17 18:12:34 خۇمار
ياخشى بوپ تۇ يازغۇچى تەسەۋۋۇر غا ناھايىتى بايكەن . مۇشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ يىزىلىشىنى كۈنلەر نىڭ بىرىدە بولسا سىنارىلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن.
2016-1-17 0:11:30 ranagu
bak yahxi yeziliptu,
2016-1-16 23:58:09 bahtiyar
davamini tezirak yollisagla buptikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ